ximal
كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 2

ئابدۇلىتىپ: سۈپسۈزۈك ئايدىڭدا تېپىرلار يۈرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 560
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            سۈپسۈزۈك ئايدىڭدا تېپىرلار يۈرەك

                                                           ئابدۇلىتىپ ئىمىن

شۇ كېچە بىر خىلۋەت چايقىلار كۆيۈپ،
جۈپ سايە سىرغىيدۇ مۇھەببەت تۆكۈپ.
جۈپ ئىزدىن ئۈنەر چوغ، يېقىلار ئورمان،
بىر جۈپ قۇش چۈش كۆرەر دەممۇ-دەم ئۆكسۈپ.

قۇلىقىم شىۋىرلاپ رىۋايەت سۆزلەر،
ھاياجان يېيىلىپ كۆزۈمدە ئۈزەر.
شاماللار تېنىمدە ئوينىسا ئۇسۇل،
قەلبىمنى سېغىنىش كۈيلىرى سۆيەر.

سۈپسۈزۈك ئايدىڭدا تېپىرلار يۈرەك،
ئەسلىمە ئىچىدىن يار ھىدى ھىدلاپ.
مىڭ كۈتۈش بەرقىدە چاقنار تەلپۈنۈش،
نەۋ قىران چاغلىرىم ئۆتەر يىل ساناپ.

ئەپ كەتتى شۇ كۈتۈش جۇشقۇن ياشلىقنى،
ۋە لېكىن ئۆگەتتى ۋاپا، خاسلىقنى.
مۇھەببەت سەپىرى تاۋلىدى ھەردەم،
قەلبىمگە نەقىشلەپ سۇمبۇل چاچلىقنى.

ئۆتەرمەن كۈن ساناپ ، ئىزلىرىڭ ماراپ،
يۈرەكتە يوق ئارام  تېنچلىق سوراپ.
ئاھ  پەرى ، تۇت قولۇم، كۆيسىمۇ تېنىم.
بويۇڭغا گۈل تىزاي ، مېھرىمدە ئوراپ.

ئۆتتى ئاھ ، ...كەتتى ئۇھ ، مۇشەققەت ، ئازاپ،
يۈرەكلەر گۈل پۇراپ ئويناقلاپ كېتەر.
مۇزلىدى ئىچىلمەي ھىجراننىڭ چېيى،
كۆزۈمدىن ئوخچار نۇر-ھاياجان تېپەر.

قۇچاقلا<<ئېھ يېشىل بەخت،ئېھ ئايدىڭ كېچە!>>
بۇ دەمگە  سىڭمەكتە  ئۈمىت ، ئەقىدە.  
ئاھ ، بۇلاپكىسىدا مۇھەببەتتىن كۆز ،
مۇقەددەس كېچە، مۇسەللەس كېچە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  92
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 190
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىز بەرىكەت تاپسۇن !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1202
تۆھپە : 2
توردا: 297
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سۈپسۈزۈك ئايدىڭدا تىپىرلار يۈرەك»
بۇ ماۋزۇنى بەك ياقتۇردۇم.لېرىك ھېسلارغا تويۇنغان شېئىرلىرىڭىزنى دائىم سۇنۇپ تۇرغايسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش