ئارمانىم سەندە
(ناخشا تىكسىتى)

ئەسكەرتىش:بۇ تىكسىت -يىتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى رىھىمجان ئابدۇقىييۇم تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن.مۇنبەردىكى دوستلارنىڭمۇ كۆرۈپ باھا بىرىپ قويۇشى ئۈچۈن تولۇق تىكسىتنى مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.تەكلىپ -پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.رەھمەت.
ئارمانىم سەندە
يۈزۈم شەلپەر تىلىم، گاچا، سىنى كۆرگەندە،
يۈرەك ۋولقان تىنىم سىماپ يىقىن كەلگەندە.
ئۇخلىساملا كۆز ئالدىمدا ئويغانغاندا يوق،
بىر كىلىپ كەت ئەي نىگارىم خىيالىم سەندە.

ئويناپ كىتەر يۈرەكلىرىم سەن خۇش كۈلگەندە،
سەن تامانلا كىتەر كۆڭلۈم خىيال سۈرگەندە.
سىنى كۈتۈپ ئۆتەر كۈنۈم مىڭبىر تەسلىكتە،
كەلگىن جانان ۋېسال تاپاي ئقبالىم سەندە.

سىنى كۈتۈپ تۇرغاچقا مەن دائىملا غەمدە،
سەنچۈن يىغلاپ قۇرۇمايدۇ كۆزلىرىم نەمدە.
تاپارمەن دەپ كىزىپ يۈردۈم شەھەرمۇ-شەھەر،
تاپالمىدىم لىكىن سىنى نىشانىم سەندە.

سىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتسام كەچتە سەھەردە،
ئاڭلىمايسەن لىكىن نىگار يىراق شەھەردە.
ماغدۇرسىزمەن سىنى سۆيۈپ سۆيگۈم ۋېسالسىز،
نىمجان بولۇپ قالدىم نىگار دەرمانىم سەندە.

جۈپ يارالغان تاق ئەمەستۇر ھىچقاندق بەندە،
سەندەك قىزغا كۆيىدىغان يۈرەك بار مەندە.
قانداق قىلسام ۋېسالىڭغا يىتەرمەن يارىم،
زەپ سىغىندىم سىنى كۆرۈش ئارمانىم سەندە.
-نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر