تەرسا ئاشىق
(شېئىر)
گۈل پەسلىدە سۆيگۈ شېخىمنى،
پالتاڭ بىلەن چاناپ بېرەيمۇ ؟!
چوغ ئىچىدە ئوتۇڭغا قاقلاپ،
مۇز دەۋرىدە قالاپ بېرەيمۇ ؟!
تاتىراڭغۇ ،قانسىز لېۋىمدىن،
ئىچ-ئىچىمگە قاناپ بېرەيمۇ ؟!
دەريا-دەريا ئاققان يېشىمدا،
ئىشقى دېڭىز ياساپ بېرەيمۇ ؟!
كىرپىكىمنى يۇلۇپ چىشىمدا،
قارچۇقۇمنى كولاپ بېرەيمۇ ؟!
قوۋرىغامنى ئامبۇردا قايرىپ،
يۈرىكىمنى يوناپ بېرەيمۇ ؟!
تىرنىقىمدا گۆشىمنى پەشلەپ،
سۆڭىكىمنى غاجاپ بېرەيمۇ ؟!
مىخ پەشنەڭدە تەشتىڭ ئۆپكەمنى،
ساڭا ئازراق ئازاپ بېرەيمۇ ؟!
تىزىمغىچە قالدى ئىزلىرىم،
ئىز توپامنى يالاپ بېرەيمۇ ؟!
كانىيىمغا كەپلەشتى ھىجران،
تەقدىرىڭگە قاداپ بېرەيمۇ ؟!
بىر-بىرىدىن تەرسا كۈنلىرىم،
ساڭا بۈگۈن ساناپ بېرەيمۇ؟!
يوقالغىن يار! يوقالغىن!! يوقال!!!
ئەمدى شۇنداق جاۋاپ بېرەيمۇ ؟!
توختاپ تۇرە! رەزىل ئاشىقىم،
ئېتىم يوۋاش،باغلاپ بېرەيمۇ؟!
چۆيۈن ئەمەس مېنىڭ يۈرىكىم،
مۇھەببەتلىك ھايات بېرەيمۇ؟!
تۇرىسەن يار نىمە جىممىدە ؟،
كەچمىشىمنى دادلاپ بېرەيمۇ؟!
ياكى بايا دىگەنلىرىمنى ،
يەنە قايتا يادلاپ بېرەيمۇ ؟!
مەنبە: مەمەتجان ئابلەت يازغان.
2012-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنى يېزىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەمەتجان ئابلەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 16:15