ximal
كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 0

كىلىنچەك ئولتۇرىدىغان رىكشا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  949
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 14:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
娶新娘的车  川端康成

《读者》2012年第19期

كىلىنچەك ئولتۇرىدىغان رىكشا
چۈەندۈەن كاڭچېڭ ( ياپونىيە)

قار ياغقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇغا ئارقا ھويلىدىكى قۇمۇچلۇقتىن مەكتەپ  ھويلىسىغا يىقىلغانىدى.  بالىلار ئۇنى ئېلىپ قىلىپ بېقىپ تىرىلدۈرۋالدى. ـ مۇشۇ ئىشتىنمۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ۋىنچۈەن  كەنتىنىڭ نەقەدەر گۈزەل، كىشىلىرىنىڭ  نەقەدەر سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
    بۇ كەنىتتە پەقەت بىرلا رىكشا بار بولۇپ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ كۈلىكىلىك ئىدى. قارىماققىلا  150جىڭدىن  ئېغىر كىلىدىغان بىر ئەر رىكشىدا ئولتۇرغان بولۇپ،  بويى پۇرچاقچىلىكلا كىلىدىغان بىر ئائىلە ئايالى رىكشىنى ئېرغاڭشىتىپ تارتىپ كىتىۋاتاتتى. بۇ تېخى كۈلىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ ئەرنىڭ  پۇتىنىڭ كېسىلى بار، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى رىكشىغا سېلىپ يۇيۇندۇرغىلى ئارشاڭغا ئەكىتىۋاتاتتى. بۇ ئائىلىنىڭ چوڭلىرىغۇ زاڭلىق قىلىپ ئەيىبلەندى،  بىراق بالىلارنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىغا كۈلمەي تۇرالمايتتى. بالىلىرى كۈلۈشۈپ، مەسخىرە قىلىشىپلا قالماي يەنە كەپسىزلىك قىلىشاتتى.  بالىلار ئۇ قىزقارلىق رىكشىغا ئەگىشىپ،  ئىككى تەرىپىدىن ئايرىلماي،  ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىپ ماڭاتتى:
-ھەي، كاتسىگور
-بۇ چۈمۆلىنىڭ  ئۆچ ئالۋاستىسىنى سۆرىگەنلىك ئەمەسمۇ؟
دەسلىپىدە، بۇ ئايال خوجايىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلغان، خىجىلمۇ بولغان،  تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق  دەپ  ئويلاپ،  جىمجىت كۆز يېشىمۇ قىلغانىدى.  بىراق كۈنۈپ قالغاندىن كېيىن، بۇلارغا پەرۋا قىلمايدىغان بولدى. چۈنكى ھەر كۈنى مۇشۇنداق قىلاتتى، دائىم مۇشۇنىڭ ئۈچۈن  ئاچچىقلىنىۋېرىشقىمۇ بولمايدۇ دە ئەلۋەتتە.
بۇ ئايال ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە  ئېرىنى رىكشىغا ئولتۇرغۇزۇپ  ئارشاڭغا ئاپرىپ ئەكىلەتتى.
ئۇنىڭ ئېرى مۇشۇ بىزنىڭ كەنىتنىڭ تېغىدا ياغاچ كېسىپ توشىۋاتقان يېرىم يولدا  ياردىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بېلىنى زەخمىلەندۈرۋالغانىدى. بەدەن سىرتىدىكى يارىلار ساقايدى، بىراق پۇتى  دەسسىيەلمىدى.  ئارشاڭغا چۈشسە ياخشىلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، بىراق تاغ جىلغىسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارشاڭغا بېرىش ئۈچۈن  بىر كىلومېتىر يولنى بېسىشى  كېرەك ئىدى. چوپچوڭ بىر ئەر كىشىنى يا كۆتىرىپ، يا ھاپاش قىلىپ ئەچىقالمايتتى.
شۇ سەۋەبلىك،  ئۇ ناھايىتى يىراق بولغان  پويىز ئىستانسىسى كوچسىدىن بۇ كونا رىكشىنى سېتىۋالغانىدى. بۇنىڭدا ئېرنى ئارشاڭغا ئاپىرىپلا قالماستىن،  يەنە تېخى ئېرىگە ئۆزى تا ھازىرغىچە  تېرىغان يەرلەرنىمۇ كۆرسىتىش ئۈچۈن  ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولغان ئېرى  ئولتۇرغان رىكشىنى سۆرەپ ئاپىرىپ كۆرسىتەتتى.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ناھايىتى چوڭ پاتپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى. بەلكىم تاغ جىلغىسى قۇرۇپ كېتىدىغاندەك پىژغىرىم ئىسسىق بولۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. باشلانغۇچ ئىككىنچى يىللىقتىكى قىز ساۋاقداش مەيداندا ئايلىنىپ يىقىلىپ قالغانىدى. جىددى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، قىز ساۋاقداش ھوشىغا كەلدى. لېكىن ئۇنى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك  ئىدى،  شۇڭلاشقا  ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ  قويۇشى كېرەك. مۇشۇ ۋاقىتتا تاختاي دەمدۇ، كۆتىرىپ ئاپرىپ قويىدىغان ئادەم دەمدۇ،  لېكىن،  ئۇ يەردىن تاختاي تاپالمىدى.
-بۇنى قىلماق ئاسان  دېدى ھېلىقى ئايال  مەكتەپكە كىلىپ. :- مېنىڭ رىكشىمغا ئولتۇرسىلا بولمىدىمۇ؟
- توغرا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ  ياخشى چارە ئىكەن،  رەھمەت،  بۇنىڭغا  بىر ئەركىشى  ھارۋىنى سۆرىسىلا بولىدىغۇ دېدى.
-ئەر كىشى؟  چوڭ گەپ قىلدى دېمەڭلار،  بۇ رىكشىنى تارتالايدىغاندىن بۇ كەنىتتە پەقەت مەن بىرلا دېدى  ئايال روھلۇق  كەيپىياتتا.
شۇنىڭ بىلەن  ئۇ  كېسەل بولۇپ قىزنى  رىكشىغا سېلىپ،  مەكتەپتىن يۈگۈرگەن پېتى ئايرىلدى. بۇ ئايالنىڭ  دىيشىچە، ئۇنىڭ نەزىرىدە،  بىر قىزىنى ئولتۇرغۇزۇپ سۆرەپ مېڭىش  ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن،  قەلبى پاك  بالىلارمۇ  قاتتىق تەسىرلەندى،  ھېچكىممۇ ئۇنى رىكشا تارتىدۇ دەپ مەسخىرە قىلىشمايدىغان بولدى.
پەقەت بۇلا بولماي، كېيىن  بالىلار بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالسا،  مەكتەپ چوقۇم  ئۇنى بىر قېتىم چاقىرتىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن  بالىلارمۇ  بۇ رىكشىنى تېخىمۇ  سۆيۈملۈك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ئارشاڭنىڭ داۋالىشى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ پۇتىنىڭ  ئاغرىقى ساقايدى. لېكىن ئۇنىڭ  زەخمىلەنگەن پۇتى مەڭگۈ دەسسىيەلمەس، ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى  مۇشۇ ئايال بىلەن  قىزىغا قالدى. ئېرى  ئۆيدە ئولتۇرۇپ پەقەت سىۋەت توقۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلاتتى.
نەچچە يىللاردىن كېيىن،  يولدىشىنىڭ سىۋەت توقۇش ماھارىتى بارغانسېرى ئېشىپ،  سېۋەتلەرنى تېخىمۇ نەپىس  توقۇيدىغان  بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ تۇرمۇشقا  ئازراق ياردىمى بولغان بولسىمۇ، بىراق  ئايال  چوقۇم  ئىككى ئادەمنىڭ  ئىشىنى قىلىش كېرەك ئىدى. يەنە تېخى  ئۇنى داۋاملىق ئارشاڭغا ئاپرىپ  ئەكىلەتتى. شۇ سەۋەبلىك  ئۇنىڭ ئېشى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا ئىدى.   ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىنى شۇنچىلىك جاپادا چوڭ قىلدى،  ئىش قىلالايدىغان بولدى،  لېكىن بۇنى دەپ  ياتلىق قىلماي بولمايدۇ دە،  يەنە بىر ئوغلى بار بولۇپ ئۇ تېخى كىچىك ئىدى.
بۇ قىزىنىڭ توي قىلىپ ياتلىق بولۇشى بىردىنبىر ئاجايىپ شەكىلدە بولدى. قىز  پۈتۈنلەي  توي قىزىدەك  ياسانغان،  رىكشىدا ئولتۇرغان ئىدى.  ئاپىسى ئۇنى ئۆز  قولى بىلەن  رىكشىدا ئولتۇرغۇپ  ئۇزىتىپ قويدى. كەنىتتىكىلەر ئەلۋەتتە كۈلدى. لېكىن بۇ قېتىمقى كۈلكە بۇرۇنقى كۈلكىلىلەرگە  ئوخشىمايتتى. ئازىراقمۇ مەسخىرە قىلىش  نىيىتى يوق، بەلكى  پۈتۈن  ۋۇجۇدى بىلەن  بەخىت تىلەش ئىلكىدە خۇشال خۇرام  تەبرىكلەش كۈلكىسى بولدى.
بۇ خىلدى ئۇزىتىش ئۇسلۇبى ـ بۇ  قەدىمىي كەنىتتە،  ئاددىي ساددا  ئانىنىڭ  قىزىغا بولغان  تولۇپ تاشقان مۇھەببىتى بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشى شەكلى بولۇپ، بەلكىم  يەنە بىر قېتىم يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى،  بۇ  پۈتۈن كەنىتىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ،  دەلىلى بولۇپ قىلىش سۈپىتىدە،  شۇندىن كېيىن،  توي قىلماقچى بولغان ئائىلىلەر دائىم ئۇ ئايالنى ياردەمگە چاقىرىپ  ئۇنىڭ رىكشىسى بىلەن  كىلىنچەكنى  ئەكىلىۋالىدىغان بولدى.
شۇڭلاشقا،  بىلىپ-بىلمەيلا،  كىشىلەر ئۇ ئايالنىڭ قەدىمىي شەكىلدىكى رىكشىسىغا ناھايىتى  چىرايلىق بولغان « كىلىن يۆتكەيدىغان رىكشا» دەپ ئات قويۇپ قويۇشتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارى پەقەت  كىلىن يۆتكەشلا ئەمەس، كېسەل يۆتكەش، يارلانغان بالىلارنى يۆتكەش، ئەيتاۋۇر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ئايالنىڭ رىكشىسى بىلەن ئۆيلىرىگە ئاپىرىشپ قويۇشاتتى.  بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ھەممىسى چوڭ بولدى.  
بەزى ياشلار يەنە:- ئاچىمىز  ياشىنىپ قىلىپ  مىدىرلىيالماس بولۇپ قالغاندا،  مەن  ئۇنى ئۆزۈمنىڭ  ماشىنىسدا ئولتۇرغۇزىمەن،  ئۇنى ئارشاڭغا ئاپىرىمەن،  بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغىنىم دەيتتى.

گۈلجەننەت مۇھەممەت تەرجىمىسى



下雪天,鹿从后院的竹林跌到小学校的院子里了。学校的孩子们把它活捉住之后养熟了。——就凭这件事,大体上明白了这个温泉村的山如何青,人情如何美了。
这个村,只有一辆人力车,而且很滑稽。
看起来足有150斤重的一个大汉坐在车上,一个豆大的小个子家庭妇女摇摇晃晃地拉着车走。   
“这可不是笑话。大叔腿有毛病,所以大婶只好那么拉着他去洗温泉的呀!”
家长虽然这么叱责,可是孩子们对于这可笑的事儿还是不能不笑。有的孩子不仅仅笑,而且还要干些淘气的事。
孩子们跟着那个滑稽的人力车,不离左右,吵吵嚷嚷地喊:
“喂,瘫子胜五郎!”
“这不是蚂蚁拉着讨厌鬼么?”
开头,主妇还有些难为情,脸还红一阵,觉得遗憾而悄悄地流过眼泪,但是习惯了之后就毫不在乎了。因为每天都这个样子,总不能为了这个每回都生气吧。
这主妇每天早晨和傍晚让丈夫坐在车上拉着他去温泉。
丈夫是抬着本村山上伐的木材往山外运的半路上,从崖上跌下来,挫伤了腰。外伤不久就好了,但是腿站不起来。洗温泉能见好吧……但是到达山溪边上那个温泉总有一公里之远,一个大汉子,既不能把他抱去也不能背去。
因此,她从遥远的火车站所在地的街上买了这辆旧人力车回来。
不仅上温泉能够去了,即使丈夫说去看看以往自己种过的地,主妇也能拖着分量很重的车把丈夫拉去。
小学校发生了很大的骚动。大概是因为碰上了山溪也快要干涸的炎热天气了吧。小学二年的女生晕倒在操场上了。经过急救立刻就醒过来了,但是必须带她去医生那里,所以得先送她回家。这就需要问板啦,抬的人啦,但是哪里也找不到门板。
“这事好办极啦!”主妇赶到学校来这么说。“坐我的车去不就行了么?”
“不错,真是个好主意。谢谢。就便求一个男的给帮忙拉车好不?”
“求一个男的?我可不是说大话,能拉人力车的,这个村只有我一个人!”她很神气地这么说。
而且,把那病女孩子放在车上之后,她居然开始小跑起来。
确实如这位主妇所说,从她的角度来说,拉个女孩子根本不算回事。自从这件事以后,纯洁的孩子们很受震动,再没有一个人笑她拉人力车了。
还不仅如此,后来孩子们有个什么事的时候,学校一定求她出一趟车,因此,孩子们对于这辆人力车更加感到亲切了。
因为温泉的疗效,她丈夫的疼痛止住了,但是挫伤的腿却永远也不能活动自如了。农活全靠这位主妇和她的女儿,丈夫就专门在家里编竹篮什么的。
三年五载之后,随着丈夫的竹编手工越来越精,尽管生活上有些帮助,但是主妇却必须干两个人的活,而且还得用车拉着他去温泉,所以她的劳动的确够重的了。况且,好不容易把姑娘抚养大,能干活了,可是又不能不嫁出去。姑娘有一个弟弟可是不小呢。
这姑娘出嫁的形式却奇妙绝伦。女儿完完全全新嫁娘打扮,坐上人力车,她母亲亲自拉着车送去。村民们当然笑口大开。不过这次的笑和以前的笑不同。一丝一毫嘲笑的意思也没有,而是满怀祝贺之意的兴高采烈之笑。
这个送亲行列——在这古老的山村,充满淳朴的母女之爱的送亲行列,恐怕不会有第二份吧。村民深为感动的佐证便是,从此之后,结婚的人家总是求主妇帮忙,用她的人力车迎娶新娘。
所以,不知不觉之间,人们为主妇那辆古老的人力车起了一个很美的名字:“娶新娘的车。”
它的全部功能还不只娶新娘,有闹病的或受伤的孩子,全是用主妇那辆车往家送。如今,他们都大了。
有的年轻人就说:
“大婶年纪老了不能动了时我就让她坐上我的车,带她去温泉,作为我们的回报。”

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلجەننەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 14:44  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش