بالا باققۇچى قىز
ئادىلجان قادىر
ئۇخلىتىپ بۇپ غەمسىز بوۋاقنى،
مۈگىدەيسەن بۆشۈك تۈۋىدە.
چىرقىرىغان بوۋاق ئاۋازى،
چۆچىتىدۇ كۈندە ۋە تۈندە.
مەجبۇرلىقتا تەۋرىنەر بۆشۈك،
پەپىلەيسەن ئەللەي كۈيىدە.
«ئېلىپبە»نى تۈگەتمەي تۇرۇپ،
مۇھتاجلىقتىن بوپ قالدىڭ«ئانا»
يارىمايدۇ«ئاچاڭ»غا ئىشىڭ،
قىلغان ئىشىڭ دائىما چالا.
تەكرار-تەكرار بۇيرۇقلاردىن ھەم،
يۈرەكلىرىڭ بولماقتا يارا.
ھەۋەسلىنىپ قارايسەن مۇڭلۇق،
مەكتەپلەرگە ماڭسا بالىلار،
كۆرگۈڭ كىلەر داداڭ،ئاناڭنى،
ئىش قاينىغان ئېتىزلار ئارا،
ئۇلار بىلەن يۈرگەنلىرىڭنى.
يۈرىكىڭگە چېتىلغان بۆشۈك،
تەۋرىنىدۇ كېچە ۋە كۈندۇز،
مەجبۇر ساڭا بۆشۈك ۋە تۆشۈك،
روھىڭ شۇڭا ئاجىز تىنىمسىز.
كىچىك تۇرۇپ قالدىڭ ئوقۇشسىز،
ئەي بىچارە بالا باققۇچى قىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىجاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 13:18