قايناق سۇ
مىكرو ھېكايە
ئادىلجان قادىر
ئەركىن لەيلى بىلەن توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان بۇلسىمۇ تازا ئەپ ئۆتەلمەيۋاتاتتى،ئەركىن خېلى مەسئۇلىيەتچان ،ئىشەنچىلىك ئەر بولسىمۇ،لەيلى كۈندە دىگۇدەك ئۇنىڭدىن قاخشاپلا يۈرەتتى،«پۇل تېپىشقا قىزىقمايسىز،تۈزۈكرەك كىينمەيسىز،دوسىت-دۈشمەننىڭ ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ؟»دىگەندەك باھانىلار بىلەن ئەيىپلەيتى،ئۆزى بولسا قاتارچاي،ئولتۇرۇشلاردىن قالمايتى،ئازغىنە شۇ مائاشىنىڭ ھەممىسىگە دىگۇدەك كىيم كىيپ ياسىنىپ يۈرەتتى،بۇ كىچىك ئائىلە بولسا ئەركىننىڭ ئاددى ساددىلىقىدىن تىجەلگەن خىراجەت بىلەن چۆگىلەيتى.
ئەركىن بالىلىق بولۇشقا بەكمۇ ئالدىرايتى،لىكىن،لەيلى بولسا«بالىلىق بولساق پۇل كىتىدىغان گەپ،نەدىمۇ ئىشىپ-تېشىپ تۇرغان پۇلىمىز بولسۇن،ئەڭ ياخشىسى پۇل تاپقاندا ئاندىن بىر گەپ بولسۇن»دەپ قۇيۇپ پەرۋاسىز يۇرۇپ،شەھەرلىكلەرنىڭ ئۇسسۇلى بويىچە ئۆزىنى چەكلەپ يۈرىۋاتاتتى،ئەركىن بولسا ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ،كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ،پات-پات ھاراق ئىچىدىغان،كىچە-كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بولىۋالدى،لەيلى بولسا بۇنىڭغا پەرۋاسىز ئىدى.....
ئەركىن ئۆز ۋاقتىدا لەيلىنىڭ دادىسىنىڭ كىچىككىنە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق خىزمەت تەقسىماتىدا ئۆزگىرىش ياسىغان ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن لەيلىنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىق ئىدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەركىن تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالدى،لەيلى بولسا،«خىزمىتىم ئالدىراش،ۋاقتىم بەك قىس»دىگەندەك باھانىلەر بىلەن ئاندا-ساندا قۇرۇق قول كىلىپ يوقلاپ تۇرغاندىن باشقا،ئۇنىڭ ھالىدىن پەقەت خەۋەر ئالمىدى،ئەركىن ئۇنىڭدىن يەنىلا ئاغرىنمىدى،بىركۈنى لەيلى چىرايلىرى تاتارغان،كېچە-كىچىلەپ ئۇخلىمىغان ئادەمدەك ھارغىن ھالدا ئۇنى يوقلاپ كەلدى،«ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟»دەپ سوغۇققىنە ئەھۋال سوراپ قۇيۇپ،كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مۇگىدەشكە باشلىدى،ئەركىن شۇتاپتا قاتتىق ئۇسساپ،لەۋلىرى گەز باغلاپ كەتكەنىدى،لەيلىنىڭ بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ تەڭلىشىنى تولىمۇ ئۆمۈد قىلاتتى،تۇيۇقسىز سايرىغان يان تېلفۇننىڭ ئاۋازىدىن چۇچۇپ ئويغانغان لەيلى ئىتتىك ئويغىنىپ يان تېلفۇنىغا قارىدى،دە-«مەن ئەتە يوقلاپ كىرەي!» دەپ قۇيۇپلا،تېز قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى،ئەركىننىڭ لەۋلىرى گەز پېتى قالدى......
شۇ كۈنى ئەركىن بەكمۇ ئۆمۈدسىزلەندى«بىر ئىستاكان قايناق سۇ قۇيۇپ بىرىشكىمۇ يارىمىغان خۇتۇننى نىمىمۇ قىلارمەن؟»دىگەنلەرنى ئويلىدى-دە،دەرھاللا بىرقارارغا كەلدى،«ئاجرىشىپ كىتىش كېرەك،توغرا،بىرئىستاكان قايناقسۇ.......»
شۇنىڭ بىلەن ئەركىن بالنىستتىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،باشقىلارغا داۋراڭ سالمايلا ئاجرىشش رەسمىيتىى بىجىرىلدى،ئىككىيلەن ئۈن-تىنسىزلا ئاچا يولغا مېڭىشتى.....
بىركۈنى ئەركىن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان پەيىتتە يان تىلفۇنى سايراپ كەتتى،بۇ تېلفۇن ئۇنىڭ مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان دوستىدىن كەلگەن ئىدى،«ۋەي!ئەركىنمۇ سەن؟نىمانداق بىغەم نىمە سەن!ئايالىڭنىڭ بەدىنىگە قايناقسۇ تۆكۇلۇپ كىتىپ بالنىستا يېتىۋاتسىمۇ كىلىپ قويمايسەنغۇ؟ئۇنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ خەتەرلىك،بەدىننىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قايناقسۇدا كۆيۈپتۇ،دەرھال كەل جۇمۇ!مەن بەك ئالدىراش،سەن كەلگەندە كۆرىشەيلى!خوش!»دوستى شۇگەپلەرنى قىلىپ ئالدىراشلا تېلفۇننى قويىۋەتتى،دىمىسمۇ،دوست-بۇرادەرلىرى ئەركىننىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىدىن تېخى خەۋرى يوق ئىدى.
ئەركىننىڭ دوختۇرخانىغا لەيلىنى يوقلاپ بېرىشقا رايى بارمىدى،كىيىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈستۇرۇپ ئەينەن ئەھۋالنى بىلدى،مەلۇم بولدىكى،لەيلى ئەركىن بالنىستا ياتقان كۈنلەردە تېپىشىۋالغان ئاشنىسىنىڭ ئۆيىدە،ئاشنىسىنىڭ ئايالىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ شۇ ئايال تەرىپىدىن،قىپيالىڭاچ بەدىنىگە قايناق سۇ چېچىلىپ كۆيدۈرلۈپتۇ،بۇگەپنى ئاڭلىغان ئەركىننىڭ يۈرىكى قايناق سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئېچىشىپتۇ..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىجاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 13:17