شېئىرلار (2)
ئەكرەم ئابدۇمىجىتقۇمچاقلار
يېتىم قالغان ئېسىمنىڭ كېچىدىكى بالىلىرى
پۇۋلىمەكتە بۇۋايلارغا
چېكىپ قۇۋەت تاماكىسىنى.
نەم تاقىلارنىڭ ئاراشلىرىدا
لەپىلدىتەر جەسەتلىرىم
بۇلتۇرقى روھىمنىڭ بايراقلىرىنى.
ئۆتكەنكى كۈنى
خېمىر يۇغۇرىۋاتقان چۈمىلىلەر
سۆزلەشتى چىڭگىزنىڭ يۈرۈشلىرىنى.
چۈشلىرىنى سۈپۈرىۋاتقان قاغىلار
كۆرۈپتىمىش مەھمۇت قەشقىرىنى.
مەيدىسىگە ئۈرۈپ ئىچىشىۋاتقان توشقانلار
سادىر دەرمىش ئۆزلىرىنى.
ئۆزلىرىچە سۆزلەپ يۈرىدۇ.
قېنى؟!
لەقۋا لايلارنىڭ مۇھەببىتى،
سۇسىز سايلارنىڭ جاراھىتى،
تەتۈر تاغلارنىڭ بۈركىتى.
قېنى؟!
شەھەردىكى يىلانلار،
يېزىدىكى قۇمچاقلار...
بالىلىقنى ئەسلەش
ئۆيىمىز ھازىرقى ئۆيىمىزنىڭ ئورنىدا ئىدى.
بالىلار كېلەتتى ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىغا
رامزان ئېيىتقىلى.
ئۇخلىغىلى.
بالىلار ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ،
كېلىدۇ ئەمدى
تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالغىلى.
چۆجىلىرىم ھازىرقى چۆجىلىرىمنىڭ بوۋىسى ئىدى،
بىر تال سازاڭنى تالىشاتتى،
سازاڭ ئۇچۈن يامغۇر ياغاتتى.
ئەمچىكى يوق مىكياننىڭ
قوينىغا كىرىۋالاتتى.
چۆجىلىرىم ساقىلىنى چۈشۈرۈپ،
كېلىدۇ ئەمدى
رېستۇرانلاردا ئوينىغىلى.
خىياللىرىم ھازىرقى خىياللىرىمنىڭ يىلتىزى ئىدى،
ئالما ئوغۇرلاپ كېلەتتى،
كەپتەر پىشۇراتتى.
ماڭقىسىنى يېڭىغا سۇرتۇپ،
سىر قىلىۋېتەتتى.
خىياللىرىم ساقىلىنى چۈشۈرۈپ،
كېلىدۇ ئەمدى
رىئاللىق ئۇستىدىن ئەرىز قىلغىلى.
باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى شېئىر
پازنىڭ تاشلىۋەتكەن تاماكىسىدىن،
رامبۇنىڭ قەھۋەلىرىدىن،
ۋېرگىنىيەنىڭ ئۇپا قۇتىسىدىن،
ئاراگۇننىڭ دورا سومكىسىدىن،
شېئىر ئىزلەپ يۈرۈمەن.
ناتايىل ۋېسىتنىڭ يانچۇقلىرىدىن،
قارا يۇمۇر چۈشەر تورۈكلاپ.
برىتۇن
رىيالىزىمنى
ئاتار باشتىن ھالقىتىپ.
دۇم بولغان سۆزلەدىن تۆتىنى ئېلىپ
تىزىمەن قاتار.
ھەش-پەش دېگۈچە بولىدۇ تەييار
بىر مىسرا شېئىر
دادانىزىمدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 16:39