مېنىڭچە، بۇ شېئىرغا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك:
1. تېكىسىت قىسمىدىمۇ ماۋزۇسى يېزىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئەقەللىي ساۋات.
2. ئاپتورى يېزىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاپتورسىز ئەسەر بولمايدۇ( ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە).
3. ھەممە سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرا بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھەر بىر تاۋۇش ۋە سۆزلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماي بولمايدۇ.
ئاق ئاتلىق شاھزادە
روزى ياسىن دىلپاك
ھىدلىرىڭنى ئېلىپ كەلسە شاماللار،
پۈتۈن دۇنيا گۈل پۇرايدۇ ئامىرىقىم.
بېلىق بولۇپ ئۈزۈپ كەلسەڭ دەريادا،
ئېقىنلارغا تاشلاغلىقتۇر قارمىقىم.
قىر بېشىدا ئولتۇر غاندا مۇڭدىشىپ،
قۇلقىڭغا پىچىرلايمەن كۈلدۈرۈپ،
يۈزلىرىڭنى يەڭگىل مۇتاپ بەزدە،
ناخشا ئېيتىپ خىياللارغا چۈمدۈرۈپ.
يۈرۇگىڭنى ئوغىرلايمەن ئاخشامدا،
چۈشلىرىڭگە كىرىۋېلىپ بىر تاتلىق.
قەلبىڭدىكى كىيىكلەرنى ئوۋلىغان،
ئاق ئاتلىق بىر شاھزادە مەن سۇمباتلىق.
ئاپتورغا سەمىمىي تەكلىپ:
قىزىلدا بوياپ، ئاستىغا سىزىپ قويۇلغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىملاسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ باقسىڭىز. چۈنكى ئانا تىلمىزنىڭ ئىملاسىغا ھۆرمەت قىلىشمۇ، قەلەم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ساۋات جۈملىسىدىندۇر.