ximal
كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 0

ئاشقۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىزلا شاپىلاق تەگكەن مەڭزىمنى سول قولۇم بىلەن سىلىغاچ ئورنۇمدىن تۇردۇم، تومۇز ئاپتىپىدا قالغان ئادەمدەك پۈتۈن بەدىنىم نامەلۇم بىر تۇيغۇ تەپتىدە يېقىمسىز قىززىشقا باشلىدى، بەلكىم، بىر گۇناھكار بولسام كېرەك.ئۇنىڭ كۆيدۈرگۈچى نىگاھلىرى ئالدىدا مېنىڭ ھەيرانلىق كۆزلىرىم ھىچنىمە ئەمەس ئىدى، بىغەم ۋاقىتنىڭ ئوڭايسىلاندۇرۇشىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك مەنىسىزلا ئۇنىڭغا قايتا قارىدىم، ئەمما ئۇ پەرۋاسىزلارچە كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، سول قولۇم ھىلىھەم شاپىلاق تەگكەن مەڭزىمنى سىلاۋاتاتتى، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قەدەم تېۋىشلىرىغا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتقىنىمدا بولسا ئۇنىڭ قاپقارا، توم ھەم ئۇزۇن چېچى مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك تولغىنىۋاتاتتى، ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن ئادەمدەك لەۋلىرىمنى يالىدىم، ئېغىر تېنىقلىرىم ھازىرقى ھالىتىمگە گۇۋاھچى بولالايتتى، ئۇنى توختاتماقچى بولدۇممۇ ئەمما نىيىتىمدىن ياندىم.
ئۇ يېراقلاپ كۆرۈنمەي قالدى. نېمىنىدۇر ئەسلىمەكچى بولغاندەك قىلاتتىم، ئەمما خىياللىرىم باش-ئاخىرى يوق ئاللىقانداق نەرسىلەرگە چىرمىشىپ قېلىۋاتاتتى، ئاستالا ئىزىمدا ئولتۇردۇم، ئۇنىڭ ئاياغ تېۋىشى يەنىلا قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيۋاتاتتى، چاچلىرىنىڭ تولغۇنۇشى نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ماڭا نامەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ مېنى بىر شاپىلاق سالغىنى ھەقىقەتم مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىممۇ ھەقىقەت.
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەشكە تىرىشىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئويلاشنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم، يۈرۈكۈم مېنى تىللاۋاتسىمۇ كارىم يوق ئىدى، ئۇنى چۈشلىرىمدە كۆرگىنىمدە مەڭگۈ ئۇخلاشنى تىلەيتتىم، چۈشلىرىمدىلا ئۇنىڭغا ھەممە سۆزۈمنى ئېيتالايتتىم، تۇيغۇلىرىمنىڭ ئاچچىق چوقانلىرى بىلەن كارىم يوق، ئۇنى سېغىنالىساملا مەن خۇشال ئىدىم، ئۆزۈمنى ئاشىق سانىيالمايتتىم، چۈنكى مەن ئاشىق ئاتالغۇدەك ھىچنىمە قىلمىغان ئىدىم، ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ئۇنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قىز ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم.
قولۇمنى مەڭزىمدىن چۈشۈردۈم، قىزىشىپ، ئىچىشىۋاتقان مەڭزىمدىن رازىمەنلىكنى سېزىۋاتاتتىم، بەلكىم، كۈتكىنى شۇ بولسا كېرەك، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىساممۇ يېتىشەلمەيتتىم، بەلكىم، مەڭگۈ يېتىشەلمەيتتىم، ئارىلىقىمىز بەكلا يېراقتا ئىدى، ئۇنى تونۇماسقا سېلىۋالماقچى بولغان بولساممۇ قاملاشتۇرالمايۋاتاتتىم، ئۇنى ئويلاۋاتقىنىمنى پەقەت تەن ئالمايتتىم، ئۇنى چۈشلىرىمدە كۆرگەنلىكىمدىن خۇش بولساممۇ ئىقرار بولمايتتىم، ئۇنىڭ ئۈچۈنلا سوقۇۋاتقاندەك خائىن يۈرەكلەرنىڭ تېۋىشلىرىنى ئۆزۈملا بىلىپ قالاتتىم. كۆزلىرىم نېمىشقىدۇر ھەممىلا يەردىن ئوخشاش بىر سىمانى ئىزلەيتتى...
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەۋاتىمەن، چۈنكى مەن ھازىر يالغۇز ئەمەس ئىدىم، يېنىمدىن ئورۇن ئالغان ئاشۇ سۆيگۈگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتىم، كۆزلىرىم ئۆزۈمگە تىكىلگەندە ئۆزۈمگە قايتا سەپ سالاتتىم، قاپقارا يوغان كۆزلەر، قويۇق ۋە قارا چاچلار، پاكارغىنا بوي، بەستىگە كەڭرى-كۇشادە كەلگەن كېيىملەر، كۆكرەكنى كېرىپ يوغان چامداپ ماڭىدىغان چىرايىدىن تاتلىق سۈر چىقىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ قەلبى قاپقاراڭغۇ، سۆيگۈسى تۇنجۇققان، يۈرىكى نە بىر گۈلخاندا كۆيسىمۇ قىلچە تارىمايدىغان ئىللىقلىقتا ئىدى، بەلكىم، مەن بىر ئاشقۇن، ناشۈكۈرلۈكتە چېكىگە يەتكەن بولسام كېرەك، ھىچنىمىنى ھىچنىمىگە باھانە قىلغۇم يوق ئىدى، ئۆزۈمدىن ھەم ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ھەقلىق ئەمەس ئىدىم، ئەمما ھەممىدىن رازى بولمايتتىم، رەببىمنىڭ بەرگەنلىرىگە شۈكرى قىلىۋاتساممۇ يەنىلا توختىماي داۋراڭ سېلىپ تەلەپ قىلغۇچى ئىدىم.... چېكىدىن ئاشقان بىر ناشۈكۈر ياكى بىر يېڭىلگۈچى ئاشقۇندۇرمەن، لېكىن تەن ئالغۇم يوق، يۈرۈكۈمنىڭ نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم، ئۇنىڭغا يول قويماسلىقنى ئويلىغان بولساممۇ بۇ مېنىڭ ئەركىم ئەمەس ئىدى.
كۆزلىرىم ئوچۇق تۇرسىمۇ ھىچنىمىنى كۆرگۈسى يوق، ئېغىزىم بولسا ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمەيدۇ، چۈنكى مەن مەھرۇم بولغۇچى، يېڭىلگۈچى ئىدىم، ئۇنىڭ ماڭا ئاخىرقى قېتىم دېگەن سۆزلىرى شۇ ئىدى، ئاشۇ ئاخىرقى پەيتلەردە ئۇ ماڭا ئىشەنمەي قويدى، بەلكىم، بىر گۇناھكار بولسام كېرەك...
ئاشىق سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن، سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشنىڭ قىممىتىنىمۇ سۈرۈشتۈرگۈم يوق، ئۆزۈمگىلا يول قويۇشنى خىيال قىلغانىدىم، قاچانلاردا قەلبىمگە سىڭىپ كىرگەن ئوتلارنى سۈرۈپ چىقارغۇم تېخىمۇ يوق، بىلەتتىم، بىر يۈرەككە ئىككى ئوت پاتمايدۇ، يۈزۈمگە تەگكەن بىر شاپىلاق ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى-يۇ يەنە ئۆزۈم بىلگەننى قىلىشنى ئويلاۋاتاتتىم.
بولدى، خىياللار قوينىدىن ئۆزۈمنى تارتاي، كىم مېنى تەۋەككۈل دەرياسىغا چۆمۈلمىسۇن دەپتىكەن؟ ئاشۇ كۈنلەرنى ئويلىماسلىق قولۇمدىن كەلمەيتتى، ئاشۇ چاغلاردا ماڭا يول قويۇلمىغان ئىدى، نېمىشقىدۇر باشقىلار بەھرىمان بولۇۋاتقان ئاددىي خۇشاللىقلاردىن مەن مەھرۇم ئىدىم، نېمىشقىدۇر تاللاشتىن بۇرۇن ھەممە ئىشلاردا مەن تەۋەككۈلنى ياقلىساممۇ رەت قىلىناتتىم، ئاجىزلىقىمدىن ئەمەس ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ ئۈچۈن خاتا قەدەم بېسىشتىن ئەنسىرەيتتىم، ئەمما ئاخىرىدا ھىس قىلدىم، نېمىشقىدۇر باشقىلارغا يول قويۇلۇۋاتقاندا ماڭا مەغلۇبىيەت يولىنىڭ تاللاپ قويۇلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئاخىرقى قېتىم ئۇنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساممۇ ماڭا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەزەلدىن مەھرۇم بولغۇچىغا يوللار راۋان بولغان ئەمەس.
ھەممە ئىشلار تۈگىدى، ئاشۇ بىر شاپىلاق ھەممىنى ئاياقلاشتۇردى، بەلكىم، ئەمدى قايتىشىم كېرەكتۇ، ئەمما بۇ مېنىڭ ئەركىم ئەمەس، يۈرۈكۈم ماڭا بويسۇنمايدۇ، خىياللىرىم بەكلا بەڭۋاش، ئارمانلىرىدىن مەھرۇم بولغان سۆيگۈلەر بولسا مېنى ياراتمايدۇ...
ئۆزۈمگە يول قويۇش بەلكىم ئاخىرقى تاللىشىم بولۇشى مۇمكىن، سۆيگۈ قايناملىرىدا تەمتىرىگەن چاغلىرىم يەنىلا شۇنداق تاتلىق ئىدى، بۇ سىرلارنى يۈرەكنىڭ ئەڭ پىنھان قاتلىرىغا يۇشۇرۇشقا رازىمەن، كۆزلىرىم كۈلگەن بىلەن قەلبىم يەنىلا شۇنداق سوغۇق، كىممۇ بىلسۇن، ئۇ مېنى ساختىپەزگە چىقارغان ئىدى، بەلكىم راستتۇر، شۇنداقلا ئۆتۈپ كېتەي، كۆزلىرىم يەتكىلى بولمايدىغان نىشاندا، قەدەملىرىم ئايىغى چىقماس يولدا....
سول قولۇم يەنىلا شاپىلاق يېگەن مەڭزىمنى سىلاۋاتىدۇ، ئويلىرىمنى يۇغۇشتۇرىۋىتەي، ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنىڭ مېنى مازاق قىلىشى ماڭا ئالەمچە راھەت، قەدەم ئىزلىرىدىن ئۇنىڭ ھىدلىرىنى پۇراۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم "قار مەلىكەم" دېگەن ۋاقتىمنىڭ قاچانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ گەپنى مەڭگۈ يوقاتقۇم يوق. ماڭا قىلىنغان ھاقارەتتىن قورقمايتتىم، ئەمما ئاخىرقى دەقىقىلەردە يۈز بەرگەن ئىشەنچىسىزلىك ۋە روھىي قالايمىقانچىلىقتىن ئەڭ قورقاتتىم، نېمە بوپتۇ؟ ئۇنىڭدىن چوڭ ئىشلار يۈز بەرسە ئەمدى قورقۇپ نېمە قىلاتتىم؟ كىممۇ مېنىڭكىنى راست دەيتتى؟
توغرا، يېڭىلگۈچىنىڭ گېپى قاچان ئىتىبارغا ئېلىنغان؟ بۇ ئۆزۈم تاللىغان يول، بىر ئۆمۈر پۇشايمىنىم بولمىسىلا مەن يەنىلا ھەممىگە رازى ئىدىم، بىر ئاشقۇن ياكى بىر گۇناھكارنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردىكى تۇيغۇلىرىنى كىملەرنىڭدۇر چۈشىنىشىنى خالىمايمەن....
كۆزلەر، سۆزلەر ۋە دىللارنىڭ ھىچنىمە دېگۈسى يوق، ماڭا تەگكەن بىر شاپىلاق ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلاندى خالاس....

merwayit.net/مەرۋايىت ئەدەبىيات بلوگى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش