شاماللارغا پىچىرلاش
كۈلرەڭ تۇمانغا پۈركەنگەن كېچە،
يامغۇرمۇ ئىرىنىپ ياققان سىمىلداپ.
ئازاپلىق بىر ئىستەك قورۇيدۇ مېنى،
كۆڭۈلسىز ئەلەملىك خىياللار تامچىپ.
قۇياش بالىقىپ تاڭ ئاتتى ئاخىر،
تاقەتسىز تۇردۇممەن شامالنى كۈتۈپ،
يېنىمدىن ئامالسىز ئەگىپ ماڭدى ئۇ ،
چۈنكى،
پىچىرلاپ سورايمەن سېنى سېغىنىپ .
مەۋسۇمسىز ھىسلارنىڭ قوينىدا تۇرۇپ،
سۈرتتۇممەن ئۇھسىنىپ كۆزياشلىرىمنى .
ھەم تىڭشاپ تۇرىدۇ شاماللار ھارغىن،
سۈپسۈزۈك مىڭ دۆۋە ھەسرەتلىرىمنى .
يۈرەكنى تىلغايدۇ مەيىن پىچىرلارش،
پىغانلىق ناخشىلار ،مىسلىسىز كۈتۈش.
تۇرىمەن ھېلىھەم تەئەججۈپ بىلەن،
بىر قۇچاق ئازاپنىڭ تىگىدە مەيۈس .
سەن كەتتىڭ، ئارقىدىن كەتتى يۈرىگىم،
پىچىرلاپ مۇڭداشقاچ ئىزلىرىڭ بىلەن.
كۆمۈلگەن بەرگىلەر قوينىدا تۇرۇپ،
قارايمەن قىزغىنىپ گاھى يۇشۇرۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايشەمگۈل بارات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-25 17:23