ximal
كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 1

بىز ۋە فىليەتون [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 803
تۆھپە : 1
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ۋە فىليەتون

رۇزى كېرەم يارى

جاھاندارچىلىقنىڭ بوران – چاپقۇنلىرى سىزنى پىرقىرىتىپ باشلىرىڭىزنى قايدۇرۇپ ھالسىراتقىنىدا ، بەزىدە تۇيۇقسىز ئاڭلىغان بىرەر گەپ – سۆزلەر ، ئۇچرىغان ۋەقە ياكى ئىشلار سىزدە ھېسداشلىق ياكى قايىل بولماسلىق ، نارازىلىق ھېسلىرىنى ئوخچۇتۇپ ، كىملەرگىدۇر كۈيۈنۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ ، كىملەرگىدۇر نارازى بۇلۇپ ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ «خوپ بۇپتۇ !» دىگىنىڭىزدە ، ئۆزىڭىزدە قاچانلاردىندۇر باشلاپ ئاجىزلاپ قالغان بىر تۇيغۇنىڭ تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ قالغانلىقىنى ، كۆڭلىڭىزنىڭمۇ «بۇلۇت كەينىدىن چىققان ئايدەك» ۋاللىدە يۇرىغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلىپ قالىسىز !

سىز گېزىت – ژورناللاردىن ياكى كىتاپلاردىن «كارامەت ئۆتكۈر تىل ، ئاچچىق كىنايە ، يۇمۇرىستىك سىموۋۇللار» ئارقىلىق ، ھەق – ناھەق ئۈستىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ، ناھەقچىلىقنى قاتتىق قامچىلىغان ، گويا سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى دېمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى دىگەندەكلا يېزىلغان ماقالىلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا بىردىنلا ھاياجانغا چۈمۈپ ئەتراپىڭىزدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ناچار ئىش خاھىشلارنى ئاستا – ئاستا كۈرۈپ يېتىپ ، سىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان گادىرماچ خىياللار تۇغۇلغان بولغىيتتى ياكى شۇنداق «چويلىدا توختىمايدىغان» گەپلەرنى قىلىدىغان «مەمەدانلار» غا قاتتىق خاپا بۇلۇپ كەتكەنسىز ياكى «ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىش»نى ئويلىماي ، «باشقىلارنىڭ ئىشى» غا ئارلىشىپ يۈرۈيدىغان «بەغەرەزلەر» گە «جاھاندارچىلىق سەنئىتى» دىن ئازراق بولسىمۇ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولغانسىز ! شۇنداق ، ھازىر «ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلماي» ، تەپ تارتماستىن خەقلەرگە «پەشۋا ئاتىدىغان خولىگەدەنلەر» خېلى كۆپىيىپ قالدى . بۇپتۇ دەپ ئۇلارغىمۇ يول قۇيۇپ باقمامسىز ! بەلكىم ، ئۇلارمۇ «تۇمشۇقىغا يىگەندە» جىمىپ قالار !

مەن فىليەتون دىگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا لوغەت ئاقتۇرۇپ باقمىدىم . شۇڭا پىشىقەدەملەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلدى . ئۇنداق بولسا فىليەتون دىگەن نېمە ؟
دەۋرىمىزدىكى لۈشۈنشۇناس ، تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئاكىنىڭ 1998 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى قايتا نەشىر قىلغان «لۈشۈن فىليەتونلىرى توپلىمى» غا يازغان كىرىش سۆزىدە «فىليەتون – ئەسلى فىرانسوز تىلىدىكى سۆز بۇلۇپ ، لوغەت مەنىسى – كۈندىلىك تۇرمۇشنى مەزمۇن قىلىپ ، ئۆتكۈر تىل بىلەن يېزىلغان ماقالىدۇر. كەڭ مەنىدە – فىليەتوننىڭ ئۆزى پارچە تەسىرات ، قىسقا مۇلاھىزە – ئوبزور ،  ئەنزار ، ھەجۋى ، مەسخىرە ، كىنايە دىگەن مەنىداش سۆزلەرنى ، ھەتتا (لاتىنچە) پىروزا ، ساتىرا دىگەن سۆزلەرنى ، (ئېنگىلىزچە) ئېساي دىگەن سۆزنى ، (گىرىكچە) مىتافورا دىگەن سۆزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .»(يوقارقى كىتاپ . «تەرجىماندىن» 5 – 6 – بەتلەر) دىيىلگەن .
بۇ سۆز ياكى ئاتالغۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قاچان كىرگەن ؟ يوقارقى كىتابتا يەنە «تارىختىن مەلۇم بۇلۇشىچە فىليەتون سۆزى 30 – يىللاردا ئۇيغۇر خەلقى زامانىۋى مەدەنىيەتتىن بەھىرلىنىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ، روس ، ئۆ‍زبېك ، تىلى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن بۇلۇپ ئۇيغۇر خەلقى بۇلۇپمۇ زىيالىيلار ئىچىدە خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان .» دىيىلگەن (يوقارقى كىتاپ . 6 – بەت)
يوقارقى قۇرلاردىن مەلۇمكى فىليەتون دىگەن بۇ ئاتالغۇ تىلىمىزغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى زىيالىيلار ئارقىلىق قېرىنداش مىللەتلەردىن قۇبۇل قىلىنىپ ئۆزلەشكەن . بۇ يەردە يەنە بىر سۇئال تۇغۇلدى : ئىلگىرى بىزدە مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەر بولغانمۇ ؟
جاھان ئەدەبىياتى سەھنىسىدە ئۆز جۇلاسىنى نامايەن قىلىپ تېخىچە سەلتەنىتىدىن قالمىغان ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە مەزكۇر ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ئەسەرلەر ھەقىقەتەن كۆپ . ئەجداتلىرىمىز ئاساسەن سىموۋۇللاشقان ئوبرازلار يارىتىلغان ئاچچىق كىنايىلىك شېئىرى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ ئوي – پىكرى ۋە پەلسەپەۋى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەپ ، ئۇلارنى «ھەجۋىلەر» دەپ ئاتاشقان ياكى ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت – نەپرەتلىرىنى نەسىرىدىن ئەپەندى ، سەلەي چاققان ، موللازەيدىن لەتىپىللىرى ، ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ، يۇمۇر – چاقچاقلىرى تەركىۋىگە سىڭدۈرىۋەتكەن . بەلكىم ، «فىليەتون» دىگەن ئاتالغۇدا ئەسەر يېزىشنى لوتپۇللا مۇتەللىپ باشلىغان بۇلۇشى مۇمكىن . بىراق ، ئابدۇقادىر داموللىنىڭ پەلسەپەۋى پىكىرلەر بىلەن تۇيۇنغان ، ئۆتكۈر قاراتمىلىققا ئىگە بىر قاتار ماقالە – ئەسەرلىرى بىزنىڭ سۆزىمىزنى تېخىمۇ بەك قۇۋۋەتلەپ تۇرۇپتۇ . قىسقىسى ، ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ ژانىر ئۆزىنىڭ ئاممىبابلىقى ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئاساسى بىلەن مۇۋاپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇرغان .
ھازىر بىزدە فىليەتون بارمۇ ؟ تەرەققىياتى قانداق بۇلىۋاتىدۇ ؟
ھازىر بىزدە فىليەتون يېزىش تەدرىجى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ . «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كىيىنىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەۋزەل شارائىتتا ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىدا تەدرىجى گۈللىنىپ ئەدەبىيات ، تارىخ ، پەلسەپە ، موزىكا ، ئېتىكا ، سەنئەت ... قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇنلىغان ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، تېيىپجان ئېلىيوۋ ... باشچىلىقىدىكى بىر ئەۋلات ئالىملارنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى ، جاپالىق ئەجرى ۋە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېتنىك مەدەنىيىتى جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان «كۈمۈلگەن ئاچقۇچ» لار قېزىپ چىقىرىلىپ ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىگە تۇنۇتتى . 90 – يىللاردا ئەختەم ئۆمەر ، مەمتىمىن ھوشۇر ، يالقۇن روزى ... قاتارلىقلار روھىيىتىمىزدىكى ، ئەخلاقىمىزدىكى رېئال مەسىلىلەرنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىپ بىزنى سەگەكلەشتۈردى .

ھازىر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ماقالە – ئەسەرلەردە فىليەتونلۇق خۇسۇسىيەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . لېكىن ، بۇنداق ماقالە – ئەسەرلەر ياكى فىليەتونلار ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ . بىز قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا نەزەر سالساق ، بۇلۇپمۇ خەنزۇلاردا فىليەتون ژانىرىنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەنلىكىنى ھەم ناھايىتى كەڭ بىر ئېقىم بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز .    لۈشۈندىن باشلانغان فىليەتونچىلىق دەسلەپكى ئازاتلىق كۆرىشى يىللىرىدا خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئازاتلىق ئىشلىرىدا قانچىلىك كۈچلۈك رول ئوينىغان بولسا ، 85 – يىللاردا تەيۋەندە كۆتۈرۈلگەن «لۇڭيىڭتەي قۇيۇنى» مۇ ئوخشاشلا «جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاش» تا ئوخشاشلا كۈچلۈك «يانغىن» پەيدا قىلغانىدى . ھازىرقى فىليەتون قىزغىنلىقىمۇ دەل ئەشۇ دەۋىردىكى ئۇمۇمىي ھالەتتىن ئەلۋەتتە تۆۋەن ئەمەس .
لۈشۈن ئەپەندى ياپۇنىيىدە دەسلەپتە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ يۇرتداشلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ، ئۇلارنى ئاغرىق ئازاۋىدىن قۇتقۇزماقچى بولىدۇ . بىراق ، بىر قېتىملىق كىنو كۈرۈش پۇرسىتىدە ئۇنىڭ ئىدىيىسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ ، «روھى جەھەتتىكى كېسەلنى داۋالاشنىڭ جىسمانىي كېسەلنى داۋالاشتىن مۇھىم » ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يېتىپ ، ئەدەبىيات ئۆگىنىپ جۇڭگو خەلقى – قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىنى ، روھىنى قەلىمى ئارقىلىق «داۋالاپ ساقايىتماق» چى بولىدۇ . لۈشۈن ئەپەندىنىڭ مەيلى ئەدەبىياتنى تاللىشى بولسۇن ياكى ئەدەبىياتتا فىليەتون ژانىرىنى تاللىشىدا بولسۇن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ . لۇڭيىڭتەي خانىمنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى «يوقىرى مائاش ، ئېسىل تۇرمۇش شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ» تەيۋەندىن ئىبارەت «سېفلىس بولغان ئانا» غا قايىتىپ كىلىپ ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن فليەتون ژانىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە شۇنچە كۆپ قارشىلىقلارغا باش ئەگمەي ، بىر «يانغىن» نى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۇنىڭ لۈشۈنگە ئوخشاشلا بىر ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت روھىنىڭ يۈكسەكلىكى ...
مەيلى لۈشۈن ياكى لۇڭيىڭتەي بولسۇن ياكى ئابدۇقادىر داموللا ، لوتپۇللا مۇتەللىپ بولسۇن ئۆز دەۋرىدە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان سۆزلىرىنى سۆزلەپ ، ناچار ئىدىيە – كۆز قاراش ، ئېغۋاگەرچىلىك ، ناچار ئىللەتلەر ۋە شۇنىڭدەك «تۈرلۈك مەنىۋى ئۆسمىلەر» نى داۋالاشتا ھەق – ناھەق ئۈستىدە تىك تۇرۇپ ، ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ، خەلقنى ئويغۇتۇشقا ئۆز قىممىتىنى تۇنۇپ ، ئۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىشگە جۈرئەت قىلىشقا يېتەكلىشى ھەربىر قەلەمكەشنىڭ ، ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەنىۋى ماياكى بۇلۇشى كېرەك !

توختى باقى ئارتىشى ئاكا تەرجىمە قىلغان «لۈشۈن فىليەتونلىرى»(1 - ، 2 – قىسىم ) ، «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ ؟» ، «ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس»(1 - ، 2 – قىسىم) قاتارلىق سەرخىل ئەمگەكلىرى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ۋە قەلەمكەشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى . تەسىرى زادى قانچىلىك بولدى ؟ بۇنى مۆلچەرلىمەك تەس . ئۇنداقتا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئارىسىدا فىليەتون ژانىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟ ئەگەر بولسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
ھەق گەپنى قىلغاندا بىزنىڭ مەدەنىيەت كىرزىسى ، ئەخلاق كىرزىسى ، روھى كىرزىس قاپلىغان تىنىمىزدە نۇرغۇنلىرىغان يارىلار ئىششىپ ، شەلۋەرەپ تۇرۇپتۇ . بۇ جاراھەتلەرنى دۇرا - قىياملار بىلەن داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس . جاراھەتلەنگۈچىلەرنى پەقەت خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ مەيدانغا ياتقۇزۇپ ، ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا ، ھەقىقەت ۋە ۋىجداننىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىغا ئېلىپ ، تىلدىن ئىبارەت ئۆتكۈر پىچاقتا جاراھەتنى ئاستا – ئاستا يېرىپ ، ئەقىل سۈيى بىلەن يۇيۇپ ، ئىمان – ئېتىقاد مەلھەملىرىنى ئوبدان سۈرۈپ ، مەسئۇلىيەت داكىسىدا راۋۇرۇس پۇختا تاڭغاندىلا ئاندىن سەللىمازا ساقىيىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق ئىكەن بىزدە فىليەتون ژانىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەلۋەتتە زۆرۈرىيىتى بار .
ئەمما ، ئاپپاق غوجىدىن ئىبارەت مەلئۇننىڭ روھى جەھەتتىكى ئاياغ – ئاستى قىلىشىدىن ئەمدىلا باش كۆتۈرگەن خەلقىمىز ياڭزېشىن ، شىڭ سىسەيدىن ئىبارەت جاللاتلارنىڭ ئالقىنىدا ئاق تېرورلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى . ۋەتەن ئازات بۇلۇپ ئەمدىلا قۇياش پارلىشىغا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت تەتۈر قۇيۇندا قاتتىق ئۇچۇغدالدى . روھى جەھەتتىن ئەمدىلا تەسەللىيگە ئېرىشىۋاتقان خەلقىمىز ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن زەربىلەر ئالدىدا تېڭىرقاپ «يۈرەكئالدى» بۇلۇپ ، ئۈنلۈك گەپ قىلىپ بىھۇدە ۋاقىراشتىنمۇ قورقىدىغان ؛ يول ماڭسا سايىسىدىن ئۈركۈيدىغان ؛ يوغانراق چىچىپ قويسىمۇ باشقىلارغا دۆڭگەيدىغان ، ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ، باشقىلارنىڭ ئازغىنە ئىشىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ، ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن باشقىلارغا چاقىدىغان ؛ ئۆز- ئارا ئىشەنمەيدىغان ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدىغان ؛ ناھەقچىلىككە ئۇچرىسىمۇ بۇپتۇ دەيدىغان ، باشقىلارنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغىنىنى كۆرسە تاماشا كۆرىدىغان ؛ .... غا ئوخشاش بىر تالاي يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرىۋالدى . بۇنداق بىنۇرمال پىسخىك روھى ھالەتلەر ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ قارا سايىسىنى تاشلاپ تۇرىۋاتىدۇ . شۇنداق ئەھۋاللار سادىر بولغان ئىكەن جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسىزلىق ، قانۇنسىزلىق ، يولسىزلىق ، ئادالەتسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ، چىرىكلىك ، ۋىجدانسىزلىق ، غورورسىزلىقلار ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ، «چىش يېرىپ» ھەق – ناھەق ئۈستىدە سۆزلەيدىغانلار چۇقۇملا يەنە لۈشۈن ، لۇڭيىڭتەيدىن ئارتۇق كۈن كۆرمەيدۇ . لېكىن ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك . ئۈمىد بولغانىكەن ھامان ماڭغۇدەك يول چىقىدۇ . ھازىر مۇشۇنداق ھەق – ناھەق تۇيغۇسى بار ، غورۇرلۇق ، يىراقنى كۆرەر بىرقىسىم ياشلار فىليەتون ئىجادىيىتى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ . مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشى ياكى مۇمكىن بولسا ھەممە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر بەيگە سورۇنىنىڭ بۇلۇشى بىزنىڭ فىليەتون يېزىقچىلىقىمىزنى يەنىمۇ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈسى !
بەزىلەر بىزنىڭ تۇمشۇقىمىزغا يىيىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ . «مەيلى شۇنداق بولسىمۇ ، مەن باشقىلار يامان كۆرىدىغان ، ياراتمايدىغان ، ئەبجەش ، شالغۇت ، بولمىغۇر ماقالىلەرنىڭ ئەۋىج ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» ھەممەيلەن تەڭ باراۋەرلىكنى ياخشى كۆرىمىز . « ... شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر شەيئىي سەل باشقىچەرەك بۇلۇپ قالسا ، بەزىلەر ئۇنى دەرھال قىرقىپ ، تەكشىلىۋېتىش ئۈچۈن قىلىچ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ . بۇپتۇ ، چىخوپنىڭ ‹خۇمسىلارنىڭ ئاغزىدا ماختىلىپ يۈرگەندىن كۆرە ، ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ ئۆلگەن ئەلا› دىگىنىدەك شۇنداق خۇمسىلار بىلەن تۇتىشىمەن ... »(لۈشۈن . يوقارقى كىتاپ .3 - ، 4 – بەتلەر)
قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ فىليەتون ژانىرىدىكى دادىللىقى ۋە تەرەققىياتى بىزنى ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ ، ئەجداتلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ . ئۆزىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلىپ ، روھىيىتىمىزنى پاكلاشقا يېتەكلەيدۇ .
مىللىتىمىز روھى كىرزىس ، مەدەنىيەت كىرزىسى ، ئەخلاق كىرزىسى ئىچىدە تۇرۇپ قالدى . ئەجداتلاردىن قالغان ئېسىل ئەنئەنىلەر بىزگە ۋاقتى ئۆتكەن كېرەكسىز نەرسىدەك بىلىنىدىغان ، مەدەنىيەت گېنىمىزغا يات نەرسىلەر بولسا بىزگە تۇيدۇرماستىن سىڭىپ كىرىپ ، بوشلۇقلارنى ئىگەللەيدىغان «مودا دەۋىر» داۋاملىشىۋاتىدۇ . بىز روھى گادايلىق ، ئازغۇنلۇق ، ئىچىدە تەدرىجى مىللەت ئۆزلۈكىمىزنى يوقىتىۋاتىمىز . مۇشۇنداق بىر ئۆتكۈنچى دەۋىردە دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىپ ، مىللىي مەدەنىيەت ، مىللىي ئەخلاق ، مىللىي روھنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا «ئىللەت تۈزەلمىسە ، مىللەت تۈزەلمەس» دەيدىغان بايراق ئاستىغا يىغىلىپ ، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى زۆرۈر بۇلىۋاتىدۇ .
فىليەتون – ئەڭ كۈچلۈك قاراتمىلىقى ، تېما ئەركىنلىكى ، روشەن خۇسۇسىيەت ۋە ئۆزگىچە ئاساسى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن روھى ئۇزۇق بولالايدۇ . بۇ يەنىلا قەلەمكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ بۇرچ ، غورور ، ۋىجدان تۇرغۇسى بىلەن قانداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقىرىشىغا باغلىق !

2008 – يىل 1 – ئاي
كورلا .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2273
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 620
تۆھپە : 0
توردا: 77
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 00:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما بۇلۇپتۇ، مۇلاھىزە ناھايىتى ئەتراپلىق، ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەزمۇن بار ئىكەن.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
  يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                          -«دانالار خەزىنىسى»دىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش