مۇھەببەتسىز ياشىماق قىيىن
تۇرسۇن جامال باغۋەنى
مۇھەببەتتىن تۆرەلگەن دۇنيا،
تىمسالىدۇر ئادەم ۋە ھاۋا.
مۇھەببەت ئوت دىلدىكى لاۋا،
مۇھەببەتسىز ياشىماق قىيىن.
خۇددى زىندان سۆيگۈسىز كۆڭۈل،
ياكى سۇسىز قۇرۇپ كەتكەن گۈل.
گۈل بولمىسا دۇنيا دېگەن چۆل،
مۇھەببەتسىز ياشىماق قىيىن.
مۇھەببەتسىز ئېچىلماس بەختىڭ،
مۇھەببەتسىز تىكلەنمەس قەددىڭ.
يەردە يەكسان ئۇنىڭسىز تەختىڭ،
مۇھەببەتسىز ياشىماق قىيىن.
بۇ شېئىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولغاي. شېئىردىكى بەزى سۆزلەر كەم يېزىلىپ قاپتىكەن مەن يوقۇرقىدەك تولۇقلاپ ئوقۇدۇم.