كىملەر ئۈچۈن
پاتىگۈل يۈسۈپ (ئايتۈرك)
كۆڭۈل خانەڭ غىرىپ شۇنچە، سوغۇق شۇنچە،
كۆزلىرىڭگە ياشلار ئالدىڭ كىملەر ئۈچۈن.
پاك سۆيگۈنىڭ ئاسمىنىنى باسسىمۇ جۇد،
ئەقىدەڭنى چىڭ ساقلىدىڭ كىملەر ئۈچۈن.
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بىر شۇ كۈتۈش،
كۆل بويىدا قالدى ئىزىڭ كىملەر ئۈچۈن.
مەجنۇنتاللار كۆز يىشىڭدا سۇغۇرۇلدى،
پىنھان بولدى تالاي سىرىڭ كىملەر ئۈچۈن.
ھەر بىر چۈشۈڭ ئايلانغاندا بىر كۆپۈككە،
لەۋلىرىڭنى چىڭ چىشلىدىڭ كىملەر ئۈچۈن.
تۈن كىچىدە تولۇن ئاينىڭ باغرىن ئىزىپ،
ھەسرەتلەرنى باغاشلىدىڭ كىملەر ئۈچۈن.
كىملەر كىتىپ، كىملەر كەلدى بۇ ھاياتقا،
ئارمان يەپلا ئۆتتى كىملەر، كىملەر ئۈچۈن.
بىرسى باغدا نىگار بىلەن كۈن شاد خۇرام،
بىرسى ئۆلدى ئاھ جىنىم، دەپ كىملەر ئۈچۈن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 15:29