ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ................
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۆھرەت ئەلرازى
بۇزۇلمىسۇن كۆڭلۈڭ دىلبىرىم ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
ئاھ ئۇرمىغىن ھەرگىز دىلبىرىم ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
كۈلۈپ بەرگىن ماڭا ھەر كۈنى ،
ھەمرا بولغىن سەھەر ھەم تۈنى .
ئاڭلانمىسۇن ھەسرەتنىڭ ئۈنى ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
ئېچىنمىغىن قاراپ ھالىمغا ،
ھەمراھ بولما بولدى ۋايىمغا .
كۆڭۈل بەرگىن يېڭى يارىڭغا ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
ئاھ ئۇرمىغىن يۇلۇپ چىچىڭنى ،
كۆزلىرىڭدىن تۈكمە يېشىڭنى .
« سەنسىز» زەھەر دىمە ئشىڭنى ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
ئوخشاتمىغىن مېنى باشقىغا ،
نالە تۆكمە ئاي ھەم قۇياشقا .
بىرىپ يۈرمە قەۋرە بىشىمغا ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
ئوقۇپ يۈرمە يازغان خېتىمنى ،
ئۇنتۇپ كەتكىن ئەمدى ئىتىمنى .
قۇچاقلىما قەۋرە تېشىمنى ،
ئەجەل مېنى كەلگەندە يوقلاپ.
2012 _ يىلى 9 _ ئاينىڭ 21 _ كۈنى ... جۈمە .. غۇلجا ..
چ چ : 1441136189
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرازى0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 14:27