ئىزدە تور لۇغىتى
تورئىملاچىسى
باش بەت قىلىڭ
ساقلىۋېلىڭ
تىزىملىتىش
كىرىش
قولاي تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
كۆرگەزمىخانا
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
تور تېلىۋىزىيسى
›
مۇنبەر
›
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رايونى
›
پىروزا
›
توقۇناق بالا ( ھېكايە ) ئابدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
124
|
ئىنكاس:
3
توقۇناق بالا ( ھېكايە ) ئابدۇلھەق ئابلېز
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇلھەق
ئابدۇلھەق
توردا يوق
UID
2019
يازما
61
ھوقۇقى
1
真实姓名
(ئابلەق ئابلېز )
نادىر
0
جۇغلانما
316
تىزىملاتقان
2012-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-1
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 316, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 684 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
2019
يازما سانى:
61
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
255
تۆھپە :
0
توردا:
15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-11-1
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:18:14
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توقۇناق بالا
ئاشۇ كۈنىدىكى ئىشنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ.‹‹ئادەم دېگەنگە ياخشىلىق قىلىدىغان زامان ئۆتۈپ كېتىپتىمۇ نېمە! خەپ، ئەمدى ياخشىلىق دېگەننى قىلماسمەن جۇمۇ، ئىچ ئاغرىتىپ قويساڭ ئۆزۈڭ قالغۇلۇققا قالىدىكەنسەن...››دېگەنلەرنى ئويلاپ چىشلىرىم ئىختىيارسىز غۇچۇرلاپ كېتەتتى. ئىلگىرى يۈز بەرگەن خېلى- خېلى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ، بىراق ئۇ ئىشنى ئۇنتۇشقا شۇنچە تىرىشىپمۇ زادىلا ئۇنتۇيالمىدىم
.
ئۇ كۈنى باشلىقىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى يېزىغا جىددىي بىر ئىشنى بېجىرگىلى ماڭغانىدىم. يېزىغا ئەگىلىدىغان دۇقمۇشتىكى بېكەتكە كېلىشىمگىلا 70 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئېگىز بوي، دۈمچەكرەك كەلگەن، قارامتۇل بىر ئادەم ماشىنىنى توسىدى. ئۇ قولىدا يېرىم خالتا بىرنەرسىنى كۆتۈرۈۋالغان، يەنە بىر قولىدا دەرەخ شېخىدىن ياسىۋالغان ھاسىنى تايىنىۋالغان بولۇپ، ھېلىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى
.
‹‹
بوپتۇلا، كۆتۈرۈۋالغان نەرسىسىمۇ ئېغىردەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قاپتۇ››دېگەنلەرنى ئويلىدىم-دە، ماشىنىنى بىرچەتكە توختىتىپ، ئۇنىڭغا ماشىنىنىڭ ئالدى ئىشىكىنى ئېچىپ بەردىم. ئۇ مىڭ تەستە ماشىنىغا جايلىشىۋالدى
.
-
ئۇھ، بەك ياخشى قىلدىڭىز، ماشىنىڭىزغا سېلىۋالمىغان بولسىڭىز، يەنە نەۋاققىچە ماشىنا ساقلاپ تۇراتتىمكىن- تاڭ
!
ئىچىمدە بىر ئاجىز، ياشانغان ئادەمنى سېلىۋالغىنىمغا خوش بولۇپ، ماشىنىنى قوزغىدىم. كېتىۋېتىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى سورىغاندىن باشقا، ھېچنېمە دېمەي ئۆز يولۇمغا مېڭىۋەردىم. ئۇمۇ كەمسۆز ئادەم بولسا كېرەك، ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي، خالتا بىلەن ھاسسىسىنى تىزىغا قويۇپ، سىرتقا قاراپ ئولتۇردى
.
يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، گەپ-سۆز قىلمايلا ماشىنىنى توختاتتىم
.
-
ئۆيىمىز ئالدىمىزدىلا، ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز، مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار،- دېدى بوۋاي يېلىنغان قىياپەتتە
.
‹‹
بوپتۇلا، بىردەمدىلا ئاپىرىپ قويمايمەنمۇ! دېمىسىمۇ ئۇ دىڭپوسلاپ مېڭىپ ئۆيىگە قاچانمۇ يېتىپ بارار... ياخشىلىق قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلاي...›› دېگەنلەرنى ئويلاپ، ماشىنىنى يەنە قوزغىدىم
.
ئۇ يەنە ئالدىمىزدىلا دەپ كۆرسەتكەن مەھەللىگىمۇ يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ يەنە
:
-
كېلەيلا دەپ قالدۇق، ئالدىمىزدىلا،- دېدى
.
تىتىلداپ كېتىۋاتاتتىم. ئىچىمدە:‹‹يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىلا چۈشۈرۈپ قويسام بوپتۇكەن، باشلىقىم ساقلاپ ئاچچىقلاپ كېتىۋاتقاندۇ، ئەمدى تازا دەككەمنى بېرىدىغان بولدى- دە››دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئالدىمىزدا يەنە بىر مەھەللە كۆرۈندى،‹‹ئەمدىغۇ كەلگەندىمىز›› دېگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قارىدىم
.
-
ئەنە ئاۋۇ چەتتىكى ئۆي شۇ
.
ماشىنىنى ئەگىم- ئەگىم، تار، ئېگىز-پەس كوچىلاردىن ئايلاندۇرۇپ، ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە مېڭىۋەردىم
.
ئۇنىڭ ئۆيى تار كوچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بولۇپ، ئېتىزلىققا تۇتاش ئىدى. ماشىنىنى ئەپلەپ مۇۋاپىق بىر يەرگە توختاتتىم - دە، ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم
:
-
قېنى تېزرەك چۈشسىلا، ئىشىم ئالدىراشتى
.
ئۇ ئاستا ماشىنىدىن چۈشتى
.
ئۇ ماشىنىدىن چۈشىشىگىلا ئىشىكنى يېپىۋەتتىم- دە، ماشىنىنى قايتىدىن ئوت ئالدۇرۇپ مېڭىشقا تەرەددۇتلاندىم
.
دەل شۇ چاغدا بوۋاي بىر نېمىگە پۇتلاشتىمىكىن،‹‹گۇپلا›› قىلىپ يېقىلىپ چۈشتى
.
ئىتتىك ماشىنىدىن چۈشۈپ يۈگۈرگۈنىمچە ئۇنىڭ يېنىغا باردىم
.
-
ھوي، نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟
كەينىمدىنلا ئاڭلانغان بوم، يوغان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم. كەينىمدە قورسىقى يوغان، قارامتۇل، پاكارراق بىرى مېنى ھازىرلا ئۇرىدىغاندەك ئەلپازدا تۇراتتى
.
-
ئۇ ئۆزى يېقىلىپ چۈشتى،- دېدىم ئالدىراپ تېنەپ
.
-
نېمە؟ ئۆزى يېقىلىپ چۈشتى؟ تولا يالغان سۆزلىمىگىنە
.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئاتىسىنى يۆلىدى. ياردەملەشمەكچى بولۇپ قولۇمنى ئۇزىتىشىمغا، ئۇ غەزەپ بىلەن سىلكىۋەتتى
.
-
ماڭەۋا نېرى
.
-
ئۇ راستتىنلا ئۆزى پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى، ئاتاڭنى بۇ يەرگە ھەقسىز ئەكېلىپ قويدۇن تېخى،- دېدىم جىلە بولۇپ
.
-
بولدى، تولا ئۆزۈڭنى ئاقلىما، ماشىناڭغا چىق، دوختۇرخانىغا ئاپار
.
-
نېمە، دوختۇرخانىغا؟
!
-
شۇنداق، دوختۇرخانىغا. ئاتامنىڭغۇ سالامەتلىكى شۇنداق ياخشى ئىدى. ئەمدى مېڭىسى سىلكىنىپ كەتتىمۇ، يۈرىكىدىن چاتاق چىقتىمۇ كىم بىلىدۇ؟ شۇنداق بولۇپ قالىدىغان بولسا، كۆرىسەن تېخى
.
ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم ۋە بوۋايغا قارىدىم. ئۇنىڭ بايىقى چىرايى يوق، كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋېلىپ قىسقا- قىسقا. ىڭرايتتى. ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتتىم. ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋېلىپ ئۇ ئادەمگە يېقىنلىدىم
.
-
قېنى ئاكا، راست گەپنى قىلە، مەن سېنى ئىتتىرىۋەتتىممۇ؟
بوۋاي گەپمۇ قىلماي، گېپىمنى چۈشەنمىگەندەك بايامقى ئەھۋالدا تۇراتتى
.
-
ئاكاۋۇي، جېنىڭ چىقىپ كەتسىمۇ ئەر كىشىدەك گەپ قىلە بىر
...
بوۋاي يەنىلا جىممىدە تۇرۇۋالدى. بۇلار بىلەن ئېيتىشىۋېرىپ كېچىكىپ قالسام، باشلىقنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ كېتىدىغىنىم ئېنىق ئىدى. شۇڭا بوۋاينىڭ ئوغلىغا
:
-
جىددىي ئىشىم بار ئىدى، بېرىپلا كېلەي،- دېدىم
.
-
نېمە، نېمە دەۋاتىسەن، كىمىڭنى ساراڭ چاغلاپ قالدىڭ، سەندەك شەھەرلىكلەرنىچۇ ئوبدان بىلىمەن
.
ئېغىزىمنى ئۆمەللىدىم-يۇ، توختاپ قالدىم. ئېغىزىم ئېچىلىپ كەتسىلا ئۇنى سەت تىللىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم. بۇنىڭدا جېدەل تېخىمۇ چوڭلاپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ۋارقىرىشىپ يۈرسەم بولمايتتى
.
-
بولىدۇ، ئاتاڭنى تەكشۈرتۈپ كۆر، چاتاق چىقسا ماڭا تېلېفون قىلغىن،- دېدىم ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ۋە يېنىمدىكى بار- يوقى 300 يۈەن پۇل بىلەن ئىسىم كارتۇچكامنى ئۇنىڭ يوغان قولىغا تۇتقۇزدۇم
.
-
ناۋادا چاتاق چىقسا ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن، بوش چاغلاپ قالما مېنى
.
ئۇ شۇنداق دەپ ئاتىسىنى يۆلىدى. ئۇ ئادەم ھېچنېمە بولمىغاندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ پۇتلىشىپ يۇمشاق قۇمغا يېقىلسا نېمە بولماقچىدى؟! ياخشىلىق قىلغىنىمغا مىڭبىر پۇشايمان قىلدىم. ماشىنىغا چىقىپ ئۇلار تەرەپكە قارىدىم
.
ئۇلار بىر- بىرىنى يۆلەشكىنىچە ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى
.
ئازاب، ئۆرتىنىش ئىچىدە ماشىنىنى ئوت ئالدۇردۇم
.
____
ئابدۇلھەق ئاداش، خەت كىرگۈزگۈچنى بىر ئالماشتۇرۇپ ئۆلچەملىك يۇنىكوت ئۆلچىمىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىڭ. ئەلپىداندا ئۇرۇلغان ئەسەرلىرىڭىزنى يۇنۇكوتقا ئايلاندۇرۇۋېلىڭ.
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
ئېلى ياسىن
ئېلى ياسىن
توردا يوق
UID
502
يازما
35
ھوقۇقى
1
真实姓名
ئېلى ياسىن
نادىر
0
جۇغلانما
574
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-15
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 574, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 426 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
502
يازما سانى:
35
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
539
تۆھپە :
0
توردا:
46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-11-15
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:35:01
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداش ئابدۇل ھەق، سىزنىڭ بۇ ھېكايىدە ئىپادىىمەكچى بولغان ئىدىيىڭىز ‹‹تۇقۇناق بالا››غا قالماسلىق ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم قىلماسلىق كېرەك دېگەنلىك بۇلامدۇ قانداق؟ھېكايىنى ئۇقۇپ مەن ئاشۇنداق ھېس قىلدىم، بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ قالغان شوپۇرلار ئەمدى ئۇنداق ياشانغان ئادەمنى كۆرسە ماشىنىسىغا چىقىرۋالماي كىتەرمۇ ئەمدى؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ئەدەبىيات دېگەن بۇنداق ئىدىيىنى تەرغىپ قىلماسلىق كىرەكتە؟ يەنە بىر گەپ ،بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ مۇنبەردىكى ‹‹ شالتاق›› ناملىق ھېكايە بىلەن بەك ئوخشۇشۇپ كىتىدىكەن،خۇددى <<بىر تۇغقان قوشكىزەك >> لەر دەك... بۇ ئوخشاشلىق مېنى ھەيران قالدۇردى ... (
forum.php?mod=viewthread&tid=4287&extra=page%3D3
)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېلى ياسىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 19:19
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
نازپەرى
نازپەرى
توردا يوق
UID
958
يازما
38
ھوقۇقى
1
真实姓名
ئاتىگۇل ئەخەت
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-22
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 210, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 790 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
958
يازما سانى:
38
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
172
تۆھپە :
0
توردا:
41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-10-22
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 21:41:27
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. خۇددى ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ ئۆزۈمدەك، شۇ خىل ئەھۋالغا ئۆزۈم دۈچ كىلىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم.
ئېلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن !
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
باھارگۈل
باھارگۈل
توردا يوق
UID
2141
يازما
30
ھوقۇقى
1
真实姓名
باھارگۈل زىياۋدۇن
نادىر
0
جۇغلانما
585
تىزىملاتقان
2012-9-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-16
دائىملىق ئەزا
دائىملىق ئەزا
, جۇغلانما 585, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 415 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
2141
يازما سانى:
30
نادىر تېمىسى:
0
تېللا:
555
تۆھپە :
0
توردا:
48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى:
2012-11-16
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 00:19:11
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، ئاچامنىڭ يولدىشىمۇ بۇرۇن بىر ئاغىينىسىنىڭ ئاتىسىنى دوختۇرغا ئاپىرىپ كىلىمەن دەپ ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋېتىپ شېغىللىقتا موتوسىكىلىتى تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن ، كىسەلنىڭ ئەسلىمۇ قان بېسىم كېسىلى بار ، 80 ياشقا كىرگەن بوۋاي ئىكەندۇق ، جان ئۈزدى . گەرچە ئاغىينىسى توغرا چۈشەنگەن بولسىمۇ يېزنەمنىڭ يۈرىكىدە داغ بوپ قالدى ، يېڭى ئالغان موتوسىكىلىت ئىدى ، مىنىشكە رايى بارماي سېتىۋەتتى ، تېخى مەرھۇمغا ئاتاپ نەزىرمۇ قىلىپ بەردى .
بىلىم بەخت سائادەتنىڭ بەلگىسى .
نادانلىق بارلىق جىنايەتنىڭ يىلتىزى .
جابدۇق ئىشلىتىش
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن
كۆرگەن سەھىپە
شېئىرىيەت
"خانتەڭرى " تور ژۇرنىلى
ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار
يېڭى كىتابلار تەكچىسى
تەرجىمە ۋە ئەسلىي ئەسەر
ئوبزور - مۇھاكىمىلەر
نەسىرلەر
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家网
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش