ximal
كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 8

ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2269
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 13:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەمەس

(   غەزەل     )


كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئەمەس،
خاپا قىلار دوستمۇ بەزەن ۋە لىكىن  ئۇ ئۆچمەن  ئەمەس.


دەرت تۆككەندە بىرسى ساڭا يايرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ،
زاڭلىق قىلما قىنى كىملەر يار دەردىدە دەرتمەن ئەمەس؟


ھەزەر ئەيلە غەيۋەتكوردىن ياتلاشتۇرار تۇغقاننىمۇ،   
كۆزدىن يوقات دەللال دىگەن ئادەتتىكى شۇمپەن ئەمەس.


قەدىرلەپ ئۆت دىھقاننى سەن قولدا بار بەخىت ئەڭگۈشتىرى،  
چۈشەنسەڭ ئۇ بىر گۆھەركى ئاددىيلا بىر كەتمەن ئەمەس.

   
بىر ئېش قىلساڭ ئەجىر قىلغىن بەلنى باغلاپ ۋايسىماستىن،  
ھەر قانداق بىر گۈزەل مۇھىت مۇشەققەتسىز كەلگەن ئەمەس.

  
تۇغۇلىدۇ زەردارلارمۇ ئەل قاتارى جۈپ قول بىلەن،
ئەجىر قىلىپ باي بولغاندۇر ئاللا جىق قول بەرگەن ئەمەس.


قوي باققانلار گۆش يەيدىكەن ،ئوڭدا ياتقان قۇرۇق ھاۋا،  
ئەزەلدىن كىم ئازغان تىكتى ئۇ يەردىن گۈل تەرگەن ئەمەس.


ھورۇنلۇقنىڭ پاتقىقىغا پىتىپ ياتقان ئادەملەرنىڭ،
ھاياتىدا قولى تۆت تال يارماقنىمۇ كۆرگەن ئەمەس.


ئش ئەمگەكتە بەدەن ساغلام،تۇرار نىرى كىسەللىكتن.  
زەئپلىكنى،مەينەتلىكنى ھىچبىر كىشى سۆيگەن ئەمەس.

  
ئەجىر قىلماي مۇمكىن ئەمەس ئامۇت تىلەش سۆگەتلەردىن،
بۇنى بىلگەن ئەقىللىق زات بىردەم بىكار يۈرگەن ئەمەس.


سەۋەپ قىلساڭ سۇ توختايدۇ بەزى چاغدا سىۋەتتىمۇ،   
سەۋەپسېزلا قاقاس چۆلدە گۈل-گىياھلار ئۈنگەن ئەمەس.

ئىلىم ئەھلى ياقتۇرمايدۇ ئەزەلدىنلا تاماشىنى،
دانىشمەنلەر غاپىللاردەك پاراغەتلەر سۈرگەن ئەمەس.

چىقىشالماس ئالىم پەقەت ئۆز ئۆمرىدە زالىم بىلەن،   
توغرا يولدا ماڭغان  كىشى خاتا يولغا كۆنگەن ئەمەس.


قۇلاق سالغىن بۇ نەسىھەت ئەسقاتىدۇ ھامان بىر كۈن،  
ئاقىل كىشى نەسىھەتنى قۇرۇق گەپ دەپ بىلگەن ئەمەس.  


            نۇر ئەھمەدجان روزى(سۇلتاننۇر)                  2012-يىلى13-سىنتەبىر       (ئۈرۈمچى)  



بۇمىنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تۇنجى يوللىغان ئىجادىي تىمام،ئۇستازلارنىڭ كۆپرەك تەلىم

بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



ھەسەت-داۋاسىز بىر درد،ئۇ بىر ئوتتۇركى ئۆز نۆۋېتىدە ھۆل-قۇرۇق ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1016
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 106
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 14:30:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!

بەك ياخشى چىققان شېئىركەن !!! تۇنجى توللىغان تېمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن !!! لىكىن ئىملاغا سەل دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدىكەن !!!

ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 15:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا  قېرىندىشىم.ئىلھاملىرىڭىزغا بەركەتلەر بولسۇن،قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1067
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەدىرلەپ ئۆت دىھقاننى سەن قولدا بار بەخىت ئەڭگۈشتىرى،  
چۈشەنسەڭ ئۇ بىر گۆھەركى ئاددىيلا بىر كەتمەن ئەمەس.


مۇشۇ بىيىت كۆڭلۈمگە بەك ئەرزىدى دەڭە ،قىرىندىشىم. بەرىكەت تىلەيمەن قەلىمىڭىزگە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1016
تۆھپە : 5
توردا: 100
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزىلىڭىزدىكى ئادىمىيلىك خىسلەتكە يىتەكلەش ئىددىيىسى مىنى سۆيۈندۈردى. ياخشى چىققان تۇنجى يوللانمىڭىز بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت يولىڭىزغا ئامەت يار بولسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2390
تۆھپە : 19
توردا: 502
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 21:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك. تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1220
تۆھپە : 6
توردا: 162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 22:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭىزدە ئارۇز ۋەزنىنىڭ تەلەپلىرىگە بەكرەك دىققىت قىلغايسىز . ۋاقتىڭىز بولسا ئارۇز ۋەزنىنىمۇ ئۈگۈنىپ قويۇڭ .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2269
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 16:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،كۆپرەك كۆرسەتمە بىرەرسىلە.

ھەسەت-داۋاسىز بىر درد،ئۇ بىر ئوتتۇركى ئۆز نۆۋېتىدە ھۆل-قۇرۇق ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2226
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 536
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 22:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېىرىڭىزدىكى ئوي - پىكىر ناھايتى ياخشىكەن  ، لىكىن رېتىمغا ياخشى چۈشمەپتۇ .  غەزەلنى ئامال با راۋان قىلىشقا تىرىشىڭ ..   سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن دوستۇم ..............

ئاقالماس ناتىۋان ئەركەك زامانلاردىن - زامانلارغا ،         قىلىچتەك سانجىلىپ ئۆتكىن نېجىس شەيتان ،قاۋانلارغا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش