ximal
كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 3

ئابدۇلىتىپ: ئۇ «ئۆيدىن» كەلگەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 560
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                        
                                   ئۇ << ئۆيدىن>> دىن كەلگەن

                                            ئابدۇلىتىپ ئىمىن

   - شۇنچە يىراق يەردىن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ، ئاپتوبۇستا ئۇنتۇلۇپ قالسا  تاكسىدا ئولتۇرۇپ  كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ  ئېلىپ كەلگۈدەك قانچىلىق قىممەتلىك  نەرسىكىن دىسەم  بىر چاڭگال چىلىغان سەي ئىكەنغۇ، دەرۋازا ئالدىغا چىقسا  تاكسى كىرا قىلغاننىڭ ئورنىغا  بىر پاتمان ئالغىلى بولار.
_ ياق، بۇ چىلىغان سەي دەرۋازىدىن چىقسىلا  كوچىدىن ئالغىلى بولىدىغان سوغاق سەيگە ئوخشىمايدۇ، بۇ، چىلىغان سەي ئەسلى يۇرتتىكى ئۆيدىن شەھەردىكى قېرىندىشىمىزغا  مەخسۇس تەييارلىنىپ ئېلىپ كېلىنگەن، ئۇنىڭدا بىزنىڭ كۆڭلىمىز، مېھرىمىز، ھۆرمىتىمىز بار.
                                        **       **         **        
شۇنداق، بۇ ئاددىغىنە چىلىغان سەي <<ئۆي>>دىن كەلگەن، ئەمما، يىراق سەھرادىن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ،  تاغ - داۋانلار  ئېشىپ مەخسۇس ئاتىلىپ كەلگەن، ئاتا – ئانام، قېرىنداشلىرىم  تۈجۈپىلەپ تەييارلىغان، قېرىنداشلىق مېھرىنى  بەرگەن، ئىخلاس بىلەن ئەجىر سىڭدۈرگەن.  ئىللىق مېھرىنى،  ئۆم – ئىناقلىق سېھرىنى سۇنالىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ  چېھرى كۈلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ تەمى ئۆزگىچە،  مېھرى يەتكىچە . شۇڭا دەيمەن،  ئۇ <<ئۆي>>دىن كەلگەن.
بۇ چىلىغان سەي ئاتا – ئانامنىڭ، ئىنى – سىڭىللىرىمنىڭ ئەقىدىسىنى ، مېھرىنى، ئۈمىد – تىلەكلىرىنى ئېلىپ كەلگەن.  ئۇلار مېنىڭ تاغلىرىم، ئۇلار مېنىڭ  باغلىرىم، ئۇلار مېنىڭ قاناتلىرىم، ئۇلار  مېنىڭ بايلىقىم، ئۇلار مېنىڭ بارلىقىم. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى ئادەملىكىمنى تۇنۇتۇپ تۇرىدۇ. مېھىر - ۋاپاسى  دىلىمنى سۈيۈندۈرىدۇ، ئۈمىد چاچقۇلىرى يوللىرىمنى نۇرلاندۇرىدۇ، تىلەكلىرى مەدەت -  ئىلھام  بېرىدۇ.
ئۇ <<ئۆي>>دىن كەلگەن. ئۇ، ئانا يۇرتنىڭ سالىمىنى ، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن  شۇ ئەزىز تۇپراقنىڭ مېھىرلىك ھىدىنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ، شۇ خىلۋەت مەھەللىدىكى،  كىچىككىنە ئېقىن بويىدىكى سەبىيلىكنى،   گۈزەل ۋادىدا ماللارنى ئوتلۇققا قويۇپ بېرىپ ، تاشلاردىن ۋاقىتلىق ئوچاق ياساپ،  باققىلى ئېلىپ چىققان قوي، ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرىنى سېغىپ قاينىتىپ  يار قىسىلچاقلىرىدىن  ئېلىپ كاۋاپ قىلغان  قۇچقاچ گۆشلىرىنى تالىشىپ يىگەن، يالىڭاچ چېپىشىپ، سۇلار چېچىشىپ ئوينىغان غۇبارسىز بالىلىقنى ئەسلىتىپ، شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلدۈرگەن .
ئۇ <<ئۆي>>دىن كەلگەن. باغلاردا مەشرەپ قىزىتقان،  چىرىڭ ئۈزۈمنى باھانە قىلىپ قىزلارغا مۇھەببەتنامە سۇنۇشقان تاتلىق ياشلىقنى ئەسلىتىپ كەلگەن.  
ئۇ <<ئۆي>>دىن كەلگەن. شۇنداق سېھىرلىك ، شۇنداق مېھىرلىك، شۇنداق خىسلەتلىك، شۇنداق قىممەتلىك. ئۇنىڭ مېھرىنى، خىسلىتىنى، قىممىتىنى ئەسلا ھېچنىمە بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ ھېچنىمىگە تەڭ ئەمەس، ھېچنىمە ئۇنىڭغا تەڭ ئەمەس، ئۇ،  ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈستۈن، ھەرقانداق نەرسىدىن قىممەتلىك، چۈنكى، ئۇ << ئۆي>>دىن كەلگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇلىتىپئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 12:47  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1505
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 375
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلىغان سەيگە باغلاپ مىھرى ئىسسىق ئۆيلىرىمىزنى ، شۇ ئۆيلىرىمىزدىكى قەدىردان ئەزىزىلىرىمىزنىڭ يارقىن سىماسىنى سىزغان قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 665
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1202
تۆھپە : 2
توردا: 297
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىڭىزدىن باشقىچە بىر خىل ئىللىق مېھىر (ئۆي مېھرى)بالقىپ تۇرىدىكەن. بەرىكەتلىك بولۇڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 560
تۆھپە : 0
توردا: 76
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               سىزلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغىنىمدىن  ىۇش بولدۇم ، رەخمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش