ximal
كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 12

شازادەم شېئىرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ئاتا

شازادەم تۇردىنىياز


ئاتا،
شۈمەيسەن بىر بوردا ناننى تالاي رەت،
يىللار سىنى شۈمىگەندەك،
ئەندىكىسەن تۇرۇپ-تۇرۇپلا
سىنى بىركىم چاقىرغىنىدەك.
چىقماقچى بۇلىسەن يولغا،باغلارغا...
ئەمما،
تاپالمايسەن ئىشىكىنى شۇدەم،
ئولتۇرۇپ قالىسەن
ئۈستۈڭگە تاغ يۈكلەنگەندەك.


قارايسەن كىملەرنىڭدۇ يۇلىغا ،ئۇزاقتىن -ئۇزاق.
قۇياش ھەمرا،شامال ھەمرا...
يانچۇققا تولغان تاتلىق تۈرۈملەر،
قۇچاقتا ئۇخلاۋاتقان ئارزو-ئۈمۈدلەر.
ئوۋلاپ كىتەر سىنىڭ مەيلىڭنى،
توپ-توپ يۈرگەن چۈمۆلىلەر.
شۇچاغ
قاناتلىنىپ زەبەردەست يىگىت،
ئۈزمەكچى بۇلىسەن تالاي يۇلتۇزنى.
مارجان تىزىپ ساناق-ساناقسىز
ئىسىپ قويغۇڭ كىلەر نەۋرەڭ بوينىغا،
سۆيۈپ قويسا سىنى چوككىدە...
چۈشلەر ئارا سەيلە قىلىسەن ،ئاتا جىممىدە.


                                       
                                                 2012-يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شازادەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 16:44  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  110
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 988
تۆھپە : 50
توردا: 113
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 11:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېردىن يۈرىكىم  پۇچۇلىنىپلا كەتتى. قەددى تاغدەك، مىھرى دىڭىزدەك ئاتا - ئانىلار  پەرزەنىتلەر  ئالدىدا ھەر ۋاقت ئەزىز بولغاي!
سىزگە ئۇتۇق  تىلەيمەن. مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن شاھزادەم، يۈرەكلەر، قەلبلەر سەگىپ تۇرسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېردىن يۈرىكىم  پۇچۇلىنىپلا كەتتى.

سىزگە شۇنچىلىك تەسىر قىلغان بولسا مەن تۇلىمۇ خوش ،سەھەر ! قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئاجرىتىپ يازمامنى كورگىنىڭىزگەھەم بەرگەن ئىلھامىڭىزغا كوپ رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 18:07:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         شاش ئاتا

تۆت تامدىن بوران ھۇۋلايدۇ،
چاشقانلار يۈگۈرۈشۈپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ،
قازان-قۇمۇچ ،سۇپرا-ئەمبەل،
مۇڭ باسىدۇ،غەمگە پاتىدۇ .
خىجالەتتە بىر جۈپ ساپما كەش،
ئېغىر تىنىپ دۈم بۇپ ياتىدۇ.
ئۆمۈچۈكلەر گۈلەڭگۈچ ئۇچۇپ ،
چۈمۆلىلەر بەزمە قۇرىدۇ.
ئاشقان تاماق،چىچىلغان سەينى،
چىۋىن غۇجام ئۇۋلاپ ياتىدۇ.
ئىگىسىز بالا يالغۇز بۇ ئۆيدە،
يىغلاپ-يىغلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ،
كۈن چىققاننى تۇيماي قالىدۇ...


ۋاي شۇچاغقا نەلەردە ئاتا؟
مەسۈم بالا پەقەت چۈشىدە
ئاپىسىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ،
بۇغۇلۇپ -بۇغۇلۇپ يىغلاپ قالىدۇ.


ئېھ،بويتاق تۇرمۇش،يىتىملىك ھايات،
خاس بەختىمگە ئىكەك سالىدۇ.
كۆزلىرى ياش نەلەردە ئايال،
بالام -بالام دەپ پەرياد ئۇرىدۇ.
ئەقىل تىپىپ قاچان شاش ئاتا،
پەرزەنتىگە داۋا بۇلىدۇ...؟


                                                

                                                                  2011-يىل



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 17:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كونا مۇنبەردىكى بىر قىسىم يازمىلىرىمنى بۇيەرگە ئىلىپ كىردىم .بۇندىن كېيىن داۋاملىق يازغانلىرىمنى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللايمەن .كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدى   پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ،ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىشىنى  ئۈمۈت قىلىمەن.



    تۇپېلىق يول   



بۇندىن يىگىرمەيىل مۇقەددەم،

ئۇشۇققىچە تۇپا كېچىپ،

چۇرقىرىشىپ ،يۈگرىشىپ،

ئەگرى جىگدە بوينىغا ئېسىلىپ،

ئۆرلەڭ بۇلاققا نان چىلاپ ،

ئېتىزلىقتىن قۇناقلار ئۇشتۇپ يەپ،

غەمسىز بالىلىقتا ،

تۈگىمەس چۆچەك سۆزلەپ،

تەرلەپ-پىشىپ،

تۇپىلارنى يۈزلەرگە سۇركەپ،

پادىشاھتەك چاغلاپ ئۆزىمىزنى

بەختىيارلىق ئىلكىدە ماڭغان ئۇ يولدىن .





يىگىرمەيىلدىن كېيىن

ئەگرى جىگدىنىڭ قالماپتۇ ئېزى.

قارنى يېرىق جۈجەم كەتكەندۇ نەگە؟

ئۆرلەڭ بۇلاقلار كۆزى ئېتىلىپ ،

قۇناقلىقلار جاي بېرىپتۇ ئۈزۈمگە.

پەقەت شۇ توپېلىق يوللا

سۆزلەپ بۇلالمىغان چۆچىكىنى سۆزلەپ ،

يارداڭلارنىڭ ئېڭىكىنى يۆلەپ،

چوڭقۇر ئويغا چۈككەن ئاپامدەك،

غېرىپسىنىپ قاپتۇ چۆلدەرەپ.




بۇ يولدا ئۇشۇققىچە تۇپا كېچىپ كىتىۋېتىپ،

ھىس قىلدىم ئۆزۈمنى ئاپام باغرىدا.

ئاپامنىڭ باغرىدەكلا يۇمشاق تۇپېنى،

ئۇچۇملاپ ئېلىپ پۇرېدىم ئاستا.

ئاپامدىنمۇ تۇپا ئارلاش ھىد كىلەتتى،

چۈنكى،ئاپام ھارماس-تالماس دېھقان ئىدى.

مەڭزىمدىن سېرغىدى ئىككى تامچە ياش،

تاپالماي ئۆزۈمگە سىرداش،دوسىت-ئاداش.

نان جىگدىنى يەنە ئېزلىدىم،

ھېسلىرىمغا قىلاي دەپ قاياش...



**************************************



بۇ تۇپېلىق يولدا

تۇپا تىخىمۇ كەتكەن كۆپىيىپ.

ئۆستەڭ بۇيىدىكى ئاق تېرەكلەر،

مەجنونتاللار،سۆگەتلەر،

ئۆركەش ياساپ ئاققان سۇلار،

كەپسىز بېلىقلار،

چىپار پاقىلار...

ھەممە بۇندىن كىتىپتۇ تىزىپ.

مەن ئاپامدىن ئايرىلغاندەكلا،

ئىھ! بۇ يولمۇ قاپتۇ ئايرىلىپ.

تالايلارنى ئۇزاتقان بۇ يول،

بۈگۈن قاپتۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.

يول بىلەن تەڭ چۆچەكلەر ئارا،

قالغۇم كەلدى مەڭگۈ كۈمۈلۈپ.



**************************************



قۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ بۇلاقتىن،

قۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ ئۆستەڭدىن،

يۇقاپ كەتكەن قېرى جۈجەمدىن،

پاقىلاردىن،بىلىجانلاردىن،

ئەسلىمەمدىكى ھەممە،ھەممىدىن...

ئەسلى ئىزدەيتتىمكەن ئاپامنى.

تاپالماستىن بۈگۈن بىرىنى ،

چەكسىز يىتىم سەزدىم ئۆزۈمنى.

ئېھ!شۇ تۇپېلىق يولدىن ،

ئۈزگۈم كەلمەس ئەسلا مېھرىمنى.

ئۇچۇملاپ ئېلىپ يۇمشاق تۇپېدىن،

قايتا ھىدلىدىم ئاپام ھىدىنى...



ئازغۇن  



سەھەر پەيتى ئۇچىدۇ تۇمان،

سارغايغان ياپراقلار ئەگكەن بېشىنى.

سالپايغان ئوت-چۆپلەر كۆزلىرىدەياش،

ئىزلەپ نىجاتلىق قاقار پېشىنى.

ئەلەم بىلەن ئېغاڭلار دەرەخ،

ئۇنۇتماقچى بەلكىم ئۆتمۈشنى...



سارغايغان ياپراقتەك سېرىق چاچ بىر قىز،

توزىغان پەيدەك كىلەر تىۋىشسىز.

غۇنچىلار باش ئىگىپ بەرمەيدۇ سالام،

ۋە بەلكىم يوللامۇ ئەزەلدىن قارام.

ياش تۈكەرھېلىدىن-ھېلىغا ئاسمان،

يۇيماقچى بۇ ئىزنى بەلكىم پاك-پاكىز...





قارايدۇ ئاسمانغا گاھى-گاھىدا،

"تىلەيدۇ ،تۇيۇقسىز ،كاتتا  مۆجىزە.

تىلەيدۇ ،يۇقالسا دەقىقە ئىچرە،

يا ھىچكىم بىلمىسە،تۇغۇلسا قايتا.

بۇلغانغان جىسمىدىن شۇنداق ئايرىلىپ،

پاك روھى ئاسمانغا قارار تېپىلسا..."



سارغايغان ياپراقتەك سارغايغان ئاسمان.

زېمىن تىپ-تىنىچ ،تاغلار سۈكۈتتە.

كەچكۈزنىڭ شامېلى چالىدۇ پۇشتەك،

ئانا ئاشۇ دەم بەلكىم سەجدىدە.

تۈمەنمىڭ ئىلتىجا ياغدۇرۇپ قىزچاق ،

يېقىلدى بەلكىم زېمىن كۈكسىگە!



بىر ئايالنىڭ ئېقرارى





سۆيۈش نېمە، سۆيۈلۈش ؟بىلەلمىدىم ئەزەلدىن،

ياشاش ئۈچۈن يانچۇقنى توملىساملا كۇپايە.

بالا ،ئەرنى نىم قىلاي بۇيۇنتۇرۇق بوينۇمغا،

ھەشەم-دەرەم ئارتۇقچە بولدى سۇقماي ساپايە.



ياشلار شۇمكەن ،قاقۋاشكەن ئەپلەيدىكەن كارۋاتقا،

ھېچ بولمىسا قاۋاقتا زورلايدىكەن رومكىغا.

يانچۇقتا يوق بىر تىيىن ھالى چوڭكەن ،بولدىلا...

تۇتاي زادى چوڭ بېلىق يەمچۈك سالماي قارماققا.



ساقالمەنلەر بەك سادىق چىقار چاپسان يانپاشقا،

يانچۇقى توم، كۈڭۈلچەك ،ئېشىنىدۇ كۆز ياشقا.

تۇتقۇزماستىن قۇلۇمنى،يۇلۇپ ئېلىپ پۇلىنى،

تىكىۋېتەرمەن ئايلىنىپ ،سۇن ۋۇكۇڭدەك قونچاققا.



بۇلغىمايمەن ئېسمىمنى ،بۇلغىمايمەن جىسمىمنى،

ئۆلتۈرمىدىم ئادەممۇ يا بولمىدىم بۇلاڭچى.

نېچۈن كۆيسۇن ۋىجدانىم دورىمىسام ھايۋاننى،

ئۆزى خالاپ بەرگەنگە بۇپ قالامدىم قۇيمىچى؟



نېمە دىسە دىمەمدۇ ،كۆرەلمەسلەر سۆزلەيدۇ،

بىرنى ئىككى قىلماقنى جىمى ئادەم ئويلايدۇ.

يىلىنمايمەن ھېچكىمگە باقالماستىن جېنىمنى،

پۇلنى بەرگەن قېرىلار شۈكرى دەيدۇ ،ئۆلمەيدۇ.



ئويناپ -كۈلۈپ ياشايمەن،ئىككى كۈنلۈك ئالەم بۇ،

ياشاپ بولغان قېرىلار ھۇشۇرىنى ئارمامدۇ؟

مەن ئاشۇنداق ئالمىسام قىيامەتتە جاۋاپسىز،

دۈشكەللىنىپ ،خارلېنىپ ياشىغانغا تويمامدۇ؟



ساقال تاراپ قېرىلار،قىزچاقلارغا كۆز تاشلار،

مېنىڭ بارلىق گۇناھىم ئاشۇلارغا بۇپ كەتسۇن!

خېللىماستىن خېلىنى ،چاغلىماستىن ئۆزىنى ،

ئارقامدىن ئەگەشكەنلەر جاجىسىنى يەپ كەتسۇن!



ھېچ كىشىگە قەرزىم يوق،ھېچ كىشىگە ئەرزىم يوق،

قېسىنمايدۇ ھەم تىلىم ،مەردۇ -مەردانە ياشايمەن.

كىم ياشىسا مېنىڭدەك چۈشىنىدۇ ھاياتنى،

بۈگۈندىلا مەن بارغۇ ئەتەچۈن ياش تۈكمەيمەن!



قورقۇنچاق ئىسيان



نەرە تارتىپ ھۇۋلىساشامال،كائىناتنى قىلىدۇ قامال،

قۇشۇمىنى تۈرەر كۈك ئاسمان،قىنى،نەدە، كۈن ساھىپجامال؟

زەردە بىلەن ئېغاڭلار دەرەخ،يۇپۇرماقلار تاپىدۇ زاۋال،

تىلىپ ئۈتەر زىمىن باغرىنى بۇلۇت ئانا ياش تۈكسە تال-تال.

قۇرت-قۇڭغۇز،كەپتەر ۋە پاختەك ،ئۇۋىسىغا كىردى ئېھتىمال،

جۇغۇلدايدۇ، تىترەيدۇ تەنلەر ،قىش قەلبكە تاشلىسا سۇئال،

چاك كەتكەندۇ بەلكىم بۇچاغقا ۋاپا دىگەچ يۈرەك ئېھتىمال.

شۇ غەزەپتە تىترەيدۇ زىمىن،تىترەر ھەتتا كۈك ئاسمان غال-غال.

.............................................................................................

ئۇنتۇپ كەتسەم ھەممە -ھەممىنى ،شەخسىيىتىم تاپقاندەك ۋىسال،

كەچكۈز پەيتى يۈرۈكۈم چاقماق،...چۈشسەم دەيمەن بۇلۇپ ئاپئاق قار.

كۈلەلىسەم ھەمدە ئارمانسىز،ۋىسال نەدە كۆرۈنسە غىل-پال،

ئىسيان قىلىپ كىلەرمۇ ئەتەم ،خۇشاللىقتىن ياسىسام گەر سال.

..............................................................................................

سەۋىر قىلىپ كۈتتۈم كۈنۇ-تۈن ،مۆجىزىنى ئاللادىن پەقەت،

بىلەلمىدىم مەن يا گۇناھكار ؟شۇڭا ماڭا باقمامدۇ بىررەت.

يۈرەك يىغلار،يۈزۈمدە كۈلكە ،ھىچكىمگە يوق بىر زەررە نەپرەت،

خەيىرلەشسەم شۇنداق دۇنيادىن ،يا باشقىلار تاپارمۇ نۇسرەت.

ئۆز-ئۆزۈمنى بەزلەپ ياشىدىم ،سەپەر ئىتىم ھاردى بىتاقەت،

كۆيگەنلىرى كۆيگەن تۇغاچتەك ،تەڭسىز ئالەم ،بىۋاپا پەلەك.



1.چەكسىز سېغىنىش

(شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتى بىناكارلىق قۇرلۇش فاكولتىتى قۇرلۇش بىناكارلىق 96-يىللىق2 -سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم ھەم ياتاقداشلىرىمغا  بېغىشلايمەن.)



ئىسىڭدىمۇ ئون يىل مۇقەددەم ،

خوش دېيىشكەن ئاشۇ ياتاقلار .

گۇۋاھ بولۇپ ئىسسىق ياشلارغا،

مۇڭغا چۈكۈپ قالغان قاراقلار.



ئۇچقۇر ئاتتەك كەتتۇق ئايرىلىپ ،

يۈدۈپ نى-نى ئەسلىمىلەرنى .

كۆز ياشلارغا مىلەندى جىيەك ،

ئۇنتالماي ئاھ رەستە،گۈللەرنى .



ئون يىل كېيىن باغرىمدا جۈپ گۈل ،

بەرق ئۇرۇپ چاچتى خۇش پۇراق.

بىلەلمىدىم ھالىڭنى بۇدەم ؟

سۈرىتىڭگە قارايمەن ئۇزاق .



سەن شەھرىڭدە يۈرەر سەن بەلكىم ،

سېغىنغاندا ئەلبوم ۋاراقلاپ .

نامېزىڭدا قىلامسەن دۇئا ؟

كۆرىشەيلى ،كەل تۇراي ساقلاپ .



2.ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار



بىرتال شاختا كۈلگەن چېچەكتەك ،

شىرنە ئىزدەپ يۈرگەن ھەرىدەك ،

ئۇيۇشقان بىز بەشتال بارماقتەك ،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار .



بىرتال سېركول ،بىرتال ئۈچۈرگۈچ ،

بىر قېرىنداش،بىرتال  ئۇچلىغۇچ ،

قىقاس سالار ئۇچۇپ گۈلەڭگۈچ ،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار .



شەربەت تېتىپ بىر پىيالە چاي،

شىكەر تېتىپ بىر تۇغرام نان ،ۋاي،

ياتاق قايناق مەشرەپ لاي-لاي-لاي،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار .



سەپەرلەردە پەقەت بىزلا بار،

ناخشا -ئۇسۇل ،كۈلكە بىزگە يار ،

قولتۇقلىشىپ ماڭساق كوچا تار ،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار .



ئىزلار قالدى تۇرپان ،كورلىدا ،

باشئەگىمدە، ئازاق ،ئاتۇشتا ،

سەمەندىكى ئاشۇ ياتاقتا ،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار .



جەنوبى تاغ قالغان قىيالماي ،

خوشلاشتۇق بىز  ئىلىمگە قانماي ،

يىگىرمە يەتتىدۇق كەلگەن ئايرىلماي،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار ،



يىلتىزلىرى تۇتاش ئورمان بىز،

ئۇستاز چاچقان چەكسىز ئارمان بىز،

ھەريەردە بىز،بىردەك دەرمان بىز،

ئەستىن چىقماس شۇ گۈزەل چاغلار.



3.رېتىمسىز يۈرەك



چۈشلىرىمگە بولىسەن مېھمان ،

قارچۇقىمدا قاتتى سۈرىتىڭ  .

تۇيغۇلىرىم مۇڭدىشار پىنھان ،

بەك سېھىرلىك جۈپ قارا كۆزۈڭ .



قانچە ۋاقىت قانداق ئۈتتىكىن ؟

چۈشلەر ئارا قىلىشىپ سەيلى .

ئەسسلىمىلەر نەگە مۆكتىكىن ؟

تۇنۇش ھېسلار كەلگىنە  مەيلى.



باغۋىنى سەن بەلكىم گۈل باغنىڭ ،

جۈپ قۇلۇڭدا ئاچقاندۇ چېچەك.

مېھمىنى سەن ھەر سەھەر تاڭنىڭ  ،

ئەسلىمەسكە يوق ئامال بۆلەك .



يېتەلمەيمەن ئەسلا تېگىگە ،

بۇ نېمە ئىش، نېمە كارامەت ؟

ئېغىنايمەن بەخىت ئىلكىدە ،

چىن سۆيگىدىن ئىلىپ ھارارەت .

لېكىن يەنە سېنى چۈشىسەم ،

رېتىمىنى بۇزىدۇ يۈرەك ؟


                                          ھەمرىيىڭ


            

             ھەمرايىڭدىن ئايرىلغان دەقىق ،ئالەم ساڭا بولدى كۇمپەيكۇم،

             ئىسەدىدىڭ ،بوزلىدىڭ ھەتتا  ،يەتمەي پىغان،يۇقاتتىڭ خۇدۇڭ.

             ئوغۇل -قىزىڭ مەسۈم-ناتىۋان،نالە -زارى-ئەييۇھانناس"ئاللا"!

             كۆرۈنمىدى ئالەم كۆزۈڭگە،ئوقياكەبى ئېگىلدى قەددىڭ،

              ئەمما شۇچاغ قەسىرىڭ تامان ،ئۇچۇپ ،ئەگىپ يۈرەر ھەمرايىڭ.



             تۆت نەزىرى تۈگىدى مانا ،ئۇرۇق -تۇققان تارقاشتى بىر-بىر،

             ئۇچۇرما قۇش بولغان بالىلار،ماكانىغا ئۇزايدۇ ئاخىر.

             تەنھا كۈلبە ،غېرىپ خانىدا،ئۇھسىنىسەن گاھى-گاھىدا،

             قازان -قۇمۇچ ياتار مۇڭلىنىپ ،ھويلىلىرىڭ تىلسىملىق "قەسىر"

              ئىشىك ياقىلاپ ،تۈڭلۈك مارىلاپ ،يۇقلاپ تۇرار سىنى ھەمرايىڭ.



              چىكىلىدۇ ئاچچىق تاماكا ،ۋۇجودىڭنى چىرمايدۇ ئىسلار،

               لۆمىلدەيدۇ كۆزلىرىڭدە ياش،ھەر ھەپتىدە كەلسە بالىلار.

                يۇيىلىدۇ كىر -قاتلار بىر-بىر،تازلىنىدۇ ھويلا ئاراملار،

               تەييارلىنار مەززىلىك تاماق،جەننەت ساڭا مۇشۇ مىنوتلار،

               قەلبىڭ تامان سايە تاشلايدۇ ،مەدەت بېرىپ كۈلۈپ ھەمرايىڭ.



               لايىق ئىزلەپ يۈرەر بالىلارئۆيلىمەك بۇپ سىنى قايتىدىن،

               چىپىشىدۇ تۇققانلار ھەريان ،يوق بۇنىڭدىن سىنىڭ خەۋرىڭ .

                چاقماق چاقار ،يەرلەر پېقىرار.....ئەمما،سىنى يەنە مۇڭ باسار،

                نىمە دەيمىز ئالەم ئىشىغا .....باغىقىنى تارقاتتىڭ توينىڭ،

                ئەمما شۇدەم كۆزۈڭ ئالدىدىن كىتەلمىدى سۆيگەن ھەمرايىڭ.



               تويمۇ بولدى،"ئاپا"مۇ كەلدى،كۈلدى قازان ، سايرىدى ئەمبەل،

               چىھىرىڭگە كۈلكە يۈگۈرۈپ بۇلۇپ قالدىڭ زەبەردەسىت ،تەمبەل.

               بالىلىرىڭ بولدى خاتىرجەم ،شۇڭغۇپ كەتتى تۇرمۇش قوينىغا،

               سۆيدى "ئاپا"سىنى ،ۋە لىكىن سۆيەلمىدى نەۋرەڭنى تۈگەل،

                چۈشلىرىڭدە باش -كۆزۈڭ سىلاپ ،تەسەللىلەر بەردى ھەمرايىڭ.



                كېلىنىڭگە ئاچمايدۇ قاپاق،نەۋرىلىرىڭ يۈرەلمەس يايراپ،

                قىزلىرىڭنىڭ كۆزلىرىدە ياش ،ئەگەر "ئاپا"كەتسە ھەر قايناپ .

               توخۇ ،مۈشۈك ،ئىتنىڭ ھالى ۋاي،قۇنۇپ قالسا ئۇلار ناۋادا،

               تۇپراق بىشى يەنە بىر ماكان ،ھېيت -ئايەمدە كەلگەندە يۇقلاپ .

              "كەچۈر"دەيسەن ئاستا پىچىراپ ،زۇۋان سۈرمەس ئەمما ھەمرايىڭ .



              يىرتىلدىغۇ ياققاڭ نەچچە رەت،تىل -ئېغىزغا ئالدى تەپ- تارتماي،

            "خەپ-خەپ"دىدىڭ مۇشلاپ بىششىڭغا،"ئەستەغپۇرلا "ھەي "ئەستەغپۇرۇللا "

             يول بولسۇن دەپ ئېيتتىڭ تالاي رەت ،بۇلىۋالدى ئەمما گاس-گاچا،

              ئىككى يىلدا ئاقاردى چىچىڭ ،ئۈزۈلمىدى قولدىن تاماكا ،

               زەنجىر ئىسلار بوينىڭدا تامام،خىيالىڭدىن ئۇچار ھەمرايىڭ .



              "ئەسكى خۇتۇن--جانغا ئىكەك"دىدىڭ ئەمما، ئايرىلالمىدىڭ ،

              سۆيۈپ ئۇنى پەپىلەپ باقتىڭ ،بىراق يەنە ئوڭشىيالمىدىڭ .

              چىشنى چىشلاپ ياشاپمۇ باقتىڭ ،كۆرۈنمەستىن كۆزۈڭگە ھىچنىم،

              باش ياستۇققا يەتكەن چىغىڭدا ،تاپالمىدىڭ قىنى ئۇ خىنىم ؟

              روھىڭ تامان ئوزۇق ئەكىلىپ چىدام بەردى يەنە ھەمرايىڭ.



بەربات بولغان مۇھەببەت



تۇختىماس قەلبىمدە شىۋىرغان ھۇۋلاپ،

سۆيگۈمنىڭ باغلىرى تۇڭلىدى قاتتىق.

نەلەرگەيۇقالدى باھار چۈشەكەش،

ئۈمۈدلەر ھالسىرار ئىزلەپ نىجاتلىق.



كەچكۈزدە ئۈششىگەن ياپراققا ئوخشاش،

ھىسلىرىم تۇنجۇقۇپ كىردى ئۈچەككە .

بىلمەيمەن شەبىستان كىلەرمۇ ياكى...

تۇيغۇمنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم لەھەتكە.





                      ئۆتمۈشىمدىن ھىكايەت






ئانام بىزدىن ئايرىلىپ بولدى ئالەم قاراڭغۇ،

مۇسىبەتتىن مۈكچەيدۇق پارە بولدى يۈرەكلەر.

تۇختىمىدى دەقىقە پاراۋۇزى دەۋىرنىڭ،

ئۆلمىگەنكىن ياشىدۇق ئەمما تالدى بىلەكلەر.



ئۆتتى شۇنداق تۆت-بەش ئاي،ئۆتتى ھەتتا بىر يىلمۇ،

چوڭقۇرلاشتى سېغىنىش ،ئىسەدىدۇق ئەلەمدە.

يەڭگىمەكچى يەڭگەممۇ ئايال زاتى يوق ئۆيدە،

تۇشمۇ-تۇشتىن ئاتلاندۇق جان ئاتامنى ئۆيلەشكە.



ھىدى كەتمەي ئانامنىڭ كىرپىكىگە تۇپا قونماي،

ئۆگەي ئانام ئاستىغا سىلىپ قويدۇق يىكەنداز.

چىدىمىدۇق ئاتامغا جاپا چەكتى بىر ئۆمۈر،

"ئەمدى خۇشال ياشىسۇن"دىدۇق بۇلۇپ زۇۋانداز.



ئۆتتى شۇنداق ئاي-كۈنلەر كۆزدىن ياشلار قۇرمىدى،

تەن بەرگەنتۇق تەقدىرگە تەقدىر ئەمما كۈلمىدى.

يانغىن چىقتىن ئۇچقىندىن ئۆگەي ئانام كۆنمىدى،

قۇيۇپ بىزنى بالاغا...ئاتامغا ھىچ كۆيمىدى.



ھەركۈن ،ھەرخىل،ھەرياڭزا خۇي چىقاردى،يانمىدى،

ئۇرۇق-تۇققان،خۇشنىنى ياتلاشتۇردى ھارمىدى.

يالغان دىسەك گىپىنى دەرھال بىزگە دۆڭگىدى،

ئىككى ئادەم ئالدىدا ئۇيۇن قويدى چانمىدى.



يەڭگە بىلەن قىزلارنى ئۇرۇشتۇردى رومكىدەك،

ئەركەك ئىتنى تۇغدۇردى ھەتتا ئۇستا باخشىدەك.

چىداپ ئۆتتۇق ئەلەمگە،دەريا بولدى ھەسرەتلەر،

ھامان ئۈستۈن "خان ئانام"جەڭدە شەھەر ئالغاندەك.



ئارا كۈندە ئۆيىگە قاتراپ-قاتراپ ھارمىدى،

ئاتام كۆزىنى بۇيىدى چىنىپ قالسا ھۈنەرلەر،

"ياق"دىيىشكە ئامالسىز،بىچارە "قۇل" جان ئاتام،

ھەتتا"جاھان ئۇرۇشى"يىلدا نەچچە يۈز بېرە.



پاتقۇزمىدى سىڭلىمنى ،ھەتتا كىچىك ئىنىمنى،

تەزدۈرۋەتتى ئاچامنى،ئۇرۇق-تۇققان قاياشنى،

يەڭگەم بىلەن ئاتامنى ھاياسىزچە چاپلاپتۇ،

ھەتتا تىنىچ قويماپتۇ قەبرىدىكى ئاپامنى.



بۇۋام -مۇمام "تىگى پەس"،"خان"ئانامنىڭ ئاغزىدا،

ئۆزى گويا پەرىشتە،ئاتام بوپتۇ"پاھىشە،"

تۆت-بەش ئەرنى بىكارلاپ كەلگەن ئىكەن بۇ ئۆيگە،

تۆت-يېرىم يىل ئۆي تۇتۇپ يارىتىپتۇ "مۆجىزە".



غەزەپلەنسە تۇشقانمۇ چىشلەر ئىكەن ئادەمنى،

قول تۇتۇشتۇق بەش بالا ،چىڭ باغلىدۇق بۇ بەلنى،

"سۈلىھ،بىتىم"كار قىلماي،"مۇز تاغ"كەبى چىڭ قاتتۇق،

سەتلەشسەكمۇ مەيلىكى يۇقاتساق دەپ"جادى"نى.



سۇغاق جەڭلەر ئىككى-ئۈچ ئاي سوزىلسىمۇ ھارمىدۇق،

بۇلغانسىمۇ نامىمىز،چىڭ قوغدىدۇق تالمىدۇق.

ئاخىرى كەتتى بۇ"ئانا"ئەسلى ئانا بولمىغاچ،

ئاتام تاندى بىزنىڭدىن نۇزەمبىللا تانمىدۇق.



ئۆگەي ئانام ئارقىدىن كىتىپ قالدى ئاتاممۇ،

نۇمۇستىن بىز ئۆلمىدۇق ئۆلتۈرەيلى دىسىمۇ.

بىر كىچىدە جان ئاتام،كىچىك ئاپام ئاينىپتۇ،

"داپ"چىلىپتۇ ئۇ خۇتۇن ،ئوينىمايمىز دىسىمۇ.



بەش بالىنى بەش تەرەپ،،سەرسان قىلدى،سەرگەردان،

ئۈزۈلمىدى رىشتىمىز،زىددىيەتلەر تېرىسىمۇ.

قايتىپ كەلدى جان ئاتام،ئۈندىمىدۇق بىزلەرمۇ،

خۇشال ئاچتۇق قۇچاقلار،كۆزدىن ياشلار ئاقسىمۇ.



ۋاقىت ئادىل دورىگەر پايلىمايدۇ جاراھەت،

سېغىنىۋدۇق ئاللاغابەردى مانا كارامەت.

ئۆگەي ئانا دەردىنى كۆرمىگەنلەر بىلمەيدۇ...

قالدى ئىشلار ئەمدىكى بىر ئاللاغا ئامانەت.



                ئىزلەيمەن جاۋاپ                                 





سۇغاق كېچە شامال ھۇشقىتار،

لەپىلدەيدۇ كۆكتىن ئاپئاق قار .

جىمجىت تۇرار كوچا چىرىغى،

سوغاققىنە نۇرتۆكۈپ تال-تال.

ئەلەم بىلەن يىغلايدۇ قاتتىق ،

ئېغاڭلىغان دەرەخلەر زار-زار.

ماكانىنى تاپالمىغان مەسىت،

كاسىلدايدۇ ، تىترەيدۇ غال-غال.

ھەتتا ھەمراھ بولمايدۇ ئاڭا،

كوچىدىكى چۈمۆلىمۇ ، بەس!!!

كىملەرنىدۇ توۋلايدۇ تىنماي،

ئەمما كىمدۇر بۇندا ئەيىپكار؟

........................................



ھاسىرايدۇ ، ئۆكسۈيدۇ ئاچچىق،

ئەلەم بىلەن ئەخلەت ساندۇقى.

يەتمەس ئۇنىڭ دەردىگە ھەتتا،

يېقىن دوستى تازىلىق ئىشچىسى.

قۇسۇقىغا چىدىيالماي مەستنىڭ،

قۇسۇۋەتتى ئۇمۇ مەستتەكلا،

يۆلىۋالدى مەستنى ئۇ تېخى،

تاڭ ئاتقۇچە دەرد ئېيتىپ ئاڭا.

شۇدەقىقە بۇشۇكتە بۇۋاق،

بەلكىم يىغلار ئەنسىز قىقىراپ.

بەلكىم شۇچاغ بىچارە ئانا ،

ئىنساپ تىلەپ ياتقاندۇئۇيغاق.

بەلكىم شۇچاغ بىچارە ئايال ،

ئىزلەپ مەسىتنى يۇرەريالاڭئاياغ.

بىراق

تۇختىمىدى بۇندا شىۋىرغان

نىدالارنى بىلمىدى ھىچكىم.

پەقەت قاراپ تۇرار بۇچىراغ،

تالايلارنى ئۇزاتقان بەلكىم...



                                                  خەتنە توي

                                                   ( ھىكايە)


    بۇ كەنىت ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ قەدىمدىن تارتىپ كىچىك -كىچىك ئىلىپ-ساتارلار ئۈزۈلمىگەچكە بازار تۈسىنى ئالغان بۇلۇپ ھازىر تىخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى.

   بۇ بازارنىڭ شەرىق تەرپىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ،مەكتەپ ئەتراپىغا كىچىك -كىچىك ماگزىنلار ،ئاشخانا ،لەمپۇڭچىلار قاتار-قاتار جايلاشقان ئىدى.جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەمدى بۇ مەكتەپنىڭ شەرق تەرەپىگە بىرسى-بىرسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندەك 20 مىتىر ئارلىققا ئىككى رېستۇران قەد كۈتۈردى.

   كۈز كىرىشى بىلەنلابۇ يەر تىخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. دىھقانلار قوللىرىدىكى ئىشلىرىنى تىزرەك تۈگىتىپ بۇرۇن كەڭرى كەتكەن ھويلىلىرىدا ئۈتكۈزىدىغان بۈشۈك توي،خەتنە توي،چوڭ تويلىرىنى بۇيەرگە ئىلىپ كىلىپ بۇ يەرنى تىخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۋاتقان ئىدى.ئىككى رېستۇراننىڭ مەرىكە تىزىملاش دەپتىرى قاتار رەتكە تۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ .ھەممە قىش كىرگۈچە مەرىكىسىنى تىزرەك قىلىۋىلىشنى ئويلايتتى.شۇ قاتاردا قايسىدۇر بىر ئەترەتنىڭ مۇدىرى بۈگۈن بۇ" دىيارىم "رېستۇرانىدائوغلىنىڭ خەتنە تويىنى قىلىۋاتاتتى.ياندىكى رېستۇراندىمۇ توي بولسا كېرەك ئادەم كۆپ ئىدى.رېستۇران ئالدىدىكى ئالتە مىتىر لىق ئاساسى يولدا چوڭ-كىچىك ماشىنىلار،ئىككى چاقلىق-ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتلار،ئاندا -ساندا ئىشەك ھارۋىلىرى،پىيادىلەر ،ۋېلىسپىتلىكلەر ئۇچقاندەك ئۈتۈشۈپ تۇراتتى.ھەممە ئالدىراش ئىدى.رېستۇران ئىچىگە كىملەردۇر كىرىشىپ ،كىملەردۇر چىقىشىپ تۇراتتى.رېستۇراندا قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنلا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.

    بۇ شان -شەرەپلەرنىڭ ئىگىسى ،خەتنە تويى بولغان بالا بىششىغايارىشىملىق دوپپىسىنى ،ئۇچچىسىغا كاستىيوم-بۇرۇلكىنى كىيىپ،گالىستۇكلارنى قاتتۇرۇپ تاقىۋالغان بۇلۇپ قارىماققا چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەكلا كۆرىنەتتى.ئۇ خۇددى بۇيەردە نىمە ئىش بۇلىۋاتقاندىن خەۋرى يوقتەك رېستۇران ئالدىدىكى كەڭرى سەينادا ئاداشلىرى بىلەن يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتاتتى.بۇ بالىنىڭ ئاتىسى كەلگەن-كەتكەن مىھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە،ئاپىسى بولسا توزدەك ياسانغان قولداشلىرى بىلەن بىللە بىردەم "جۇۋاپتىلا "غا يۈگۈرسە،بىردەم ئۇتتۇرىدا كىپىنەكتەك پىقىراپ پۈتكۈل سورۇننى ئالقىنىغا ئالغان ئىدى.رېستۇران ئىچىدە ئادەم دىڭىزى دەۋرەيتتى.كىم نىمە دىدى،نىمە داۋاتىدۇ،كىم كىمنىكىنى ئاڭلاۋاتىدۇ بىلگىلى بولمايتتى.ئاپا ئاداشلىرى بىلەن ئويناپ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۈتۈرۈش بىلەن ئاۋارە،ئاتا خوش كەتتىلەر ئارىسىدا قالغان كۈڭۈللەرنى ئىلىش بىلەن قاينايتتى.بۇ يەردە ھاياتلىق تۇختاپ قالغاندەك،ھەممە ئۆز ئىزىدا پىقىراۋاتقاندەك ،باشقا ھەممە نەرسە ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

-ۋاي...جا...ن...،-چىقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇز قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ۋاي،كىمنىڭ بالىسىدۇ ،بۇ؟-

-ھەي،نىمە بوپتۇ؟-كوچىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلار چۇرقىرىشاتتى.بىردەمدە بۇيەرنى قاپقارا بىر توپ ئادەملەر ئورىۋىلىشتى.رېستۇراندا مۇزىكا ئەۋجىگە چىققان ،بۇ ئىش بىلەن ھىچكىمنىڭ ھەپسىلىسى يوقتەك قىلاتتى.

كىمدۇر بىرى ئىڭىشىپ بالىنى قۇلىغا ئالدى.قىپ-قىزىل قان ئىچىدە ياتقان بالىنىڭ قۇشۇمىلىرى تۈرۈلگەن،جاۋغىيىدىن قان سىرغىپ تۇراتتى،بايا يېڭىلىقىدىن پارقىراپ تۇرغان كاستىيۇم بۇرۇلكىسى ئىسسىق قان بىلەن بويالغان،گىلاستۇكى پۇرلىشىپ، ئۇنىڭ ئېزىلگەن تېنى ئاستىدا قالغان ئىدى...




                                     قىمارۋاز



         __ ھىم، مىنى نان قىپى دەيسىنا تىخى.قاراپتۇر،بۇگۈن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام !ما باقى دىگەن قۇڭالتاقنى كۆر تىخى،باقى لاۋبەنمىش ...قىتىۋىلىشلىرى باركە...مەن شىركەت قۇرۇپ لاۋبەنچىلىك قىلغاندا بۇ قۇڭالتاق تىخى ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيەتتى.نەچچە ئون مىڭ يۇئەننى دۇمۇلۇتۇپ يۈرگەندە ماڭقىسىنى ئېقىتىپ نان تىلەپ يۈرگەن ھاراملىق!ئەمدى قارا،"پۇلى بار نوچى ئوينايدىغان نەرسە بۇ!" دەپ كېتىشلېرىنى.

بۇگۈن تازا بىر ئۇتۇپ خۇتۇن دىگەن دەللىنىڭ كوزىگىمۇ ،ما باقى دىگەن ماڭقىنىڭ كۆزىگىمۇ تىقمايدىغان بولسام پۇل دىگەن مانا دەپ....خۇتۇننىڭ گىپى ھەجەپ جىنىمدىن ئۈتتى."_يارىماس،نان قىپى ...سەن ياخشى ئاتا بولغان بولساڭ ئوغلۇڭ يوقسۇزلۇقتىن سۇلاققا كىرەتتىمۇ_"دەيدا .يا ئۇ شۇمنىڭ قۇلىنى يىتىلەپ باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا مەن تىقىپ قويمىسام.سۇلاقتا ياتقانغا نىمە بۇلاتتى.پۈتۈن ئادەم بۇلىدۇ شۇ.ئوغۇل بالا پىشىلىدۇ.ما خۇتۇننىڭ ئۇششاق گەپلىرىنى "كالىنى ساتمايەي...تۇغۇتلۇق قىزىڭغا قايمىقىنى بېرەتتىمەي...ئاتا-ئاناڭغا سۈتىنى بېرەتتىمەي..."دەپ كىتىشلىرىچۇ ئىچىمنى پۇشۇرۇپ.قايماق يەمدۇ...سۈت ئىچەمدۇ ...ئەرگە بەرگەنكىن تىپىپ يىگۈزسە بۇلىدۇ دا،ئېرى دىگەن لامزەللە...

نىمە كارىم .بۈگۈن سورۇندىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىۋەتمىسەم ما ياسىن لاۋبەن دىگەن ئىسىمنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋىتىمەن...خەپ!...__ئۇ ئۆز -ئۆزىگە سۆزلىگىنىچە پۇتىدىن  بىششى تېنەش مۈدۈرلۈپ،سەنتۈرلۈپ قورو ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى__دە ،قورودا كۈزەتچىلىكتە تۇرغان ئوننەچچە ياشلاردىكى بالىغا قاراپمۇ قويماي ئۇدۇل گەمىگە چۈشتى.

گەمەئىچى 100ۋاتلىق ئىلىكتىر لامپىسىدا يۇپيورۇق يورۇپ تۇراتتى.بۇ يەردە ھەممە نىمە تەل،يەيدىغان دەمسىز...ئىچىدىغان،چىكىدىغان دەمسىز...ھۆل__قۇرۇق،ئىسسىق_سۇغوق،ئاتتىمانام شىرەگە لىق تۇشقان ئىدى.يەنە ئۈچ بۇرادەر كىيىنىش جەھەتتىن كوپ پەرقلەنمىسىمۇ ياش قۇرامىدا روشەن پەرق باردەك قىلاتتى. ئاق سېرىق بۈدرە چاچ كەلگىنى 25-26ياشلاردا ،تەمبەل قاراماتاق كەلگىنى 33-34ياشلاردا ،ما ئورۇق چاشقان بۇرۇتى دەل ئەكسىچە 50ياشنىڭ ئۈستىدە بولسىمۇ ياسىن لاۋبەندىن باشقىسىنىڭ خۇتۇن-بالىسىنىڭ تايىنى يوق ئىدى.بۈگۈنى توي قىلىپ ئەتىسى ئاجرىشىپ يۈرەتتى.ما بۈدرە چاچ بولسا تىخى توي قىلمىغان لىكىن ئۇنىڭ ياشلىقىغا قارىماڭ ،ئوننەچچە يىلدىن بۇيان دوسىت تارتىشىپ،مەيدىسىگە تەڭ مۇشىتلىشىپ كەلگەن ئۈلپەتلەردىن ئىدى.ما قورو جاينىمۇ ئامەت ئوڭ كەلگەندە ئۇتۇپ ياساپ-تۈزىۋالغان .

        ياسىن لاۋبەن كىلىشى بىلەنلا يىمەكلىكلەرگە ھۇجۇم باشلاشتى.ئاندىن تىزلا نازۇ-نىممەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ سورۇننى باشلاپ كىتىشتى.ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش داۋاملىشىپ پۇللار بىردەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىردەم بۇنىڭ ئالدىغا دۆۋلىنەتتى.

تاڭ ئاتاي دىگەندە ياسىن لاۋبەن كالا ساتقان ئىككى مىڭ يۈئەننى پاك-پاكىزە ئۇتتۇرۇپ تۈگەتتى.ئۇتتۇرغاندىمۇ ھەممىنى يەنە باقىغا ئۇتتۇرغان ئىدى.ئۇئۇتتۇرغىنىنى تەن ئالغۇسى كەلمىسىمۇ ،سورۇندىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ يانچۇق قۇرۇقدالغاچقا ئىلاجىسىز ئورنىدىن تۇرۇپلا كەتمەكچى بولدى.شۇ چاغ چاشقان بۇرۇت گەپ قىلىپ قالدى.

__ۋاي،ئۇكاموي!ئۇيۇن ئەمدى قىزىغاندا نەگە باراتتىڭ ؟پۇلۇڭ بولمىسا مانا، باقى لاۋبەن تۇرۇپتۇ.قەرز ئالساڭ بولمىدىمۇ؟ئۇنداق كەيپىمىزنى ئۇچارمىغىن،كىم دىسە ياسىن لاۋبەن دەپ ئەل-يۇرتقا داڭقىڭ بار .2000يۈئەن سەن ئۈچۈن نىمىتتى.بىردەمدە غازاڭ يىغقاندەك يىغىۋالىسەن پۇل دىگەننى....

      ھىچكىمنىڭ ئۆيلىرىگە قايتقۇسى،سورۇننى ئاياغلاشتۇرغۇسى كەلمىگەندەك قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن ياسىن لاۋبەن كىچىككىنە ئويلىنىپ تۇرىۋىتىپ:

__بۇپتۇ،ئوينىسام ئوينىدىم ،مانا بۇيىل ساق قىرىق بەش ياشقا كىرىپتىمەن .ھىچنىمىدىن يانمىدىم.ئوغۇل بالائەركەكمەن.مۇنداق بولسۇن بىر قىتىمدا ھەممىنى ئاياغلاشتۇرايلى.قۇشۇلساڭلار مەن ئويناي بولمىسا مەن كەتتىم__.ئۈچى بىر-بىرىگە قاراشتى،مەڭدەشتى ئارقىدىنلا جانلىنىپ سۆزلەشتى.

__ئېيتە،قانداق ئاياغلاشتۇرىمىز؟_ئۈچى تەڭلا تىكىلدى ئۇنىڭغا.

__مۇنداق بولسۇن،__دىدى ئۇ:__بىرلا قىتىم تاشلايلى.مەن ئۇتسام سىنىڭ بۇ قورو -جايىڭ ،بارلىق پۇللۇرۇڭ مىنىڭ بۇلىدۇ.

__مەن ئۇتسامچۇ؟__سورىدى بۈدرە چاچ ئالدىراپ.

__سەن ئۇتساڭ ...__ئۇ سەل ئىككىلەنگەندەك تەلەپپۇزدا:__مىنىڭمۇ قورو -جايىم سىنىڭ...

__ياق ،مەن  ئوينىمايمەن __دىدى بۈدرە چاچ :__سىنىڭ قورو-جايىڭ پۇلغا يارامتى__ئۇ ،تۇرۇپلا ئەقىل تاپقاندەك ئۇنىڭغا قارىدى.__خالىساڭ...مەن خالىساڭ دىدىم جۇمۇ ،ئۆيۈڭدىكى قىزىڭنىمۇ قۇشۇپ دوتىك.

ياسىن لاۋبەن غۇچچىدە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ دەماللىققا ئۆزىنى تۇتىۋالماقچى بولغاندەك ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇراپ:__ساڭا يەنە ئۇتتۇرۋىتىشىمگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن!__دىدى-دە؛__ھىساپ!ئەكە قۇلۇڭنى!__دەپ قول ئۇزاتتى.قالغان ئىككەيلەن دەرھال ئارىغا چۈشتى.

__بولدى قىلىڭلىرەۋاي!نىمە دەيدىكى دىسەم .ھىلى پۇشايمان ئالىدىغان قاچا يوق بۇلۇپ قالىدۇ جۇمۇ.مۇشۇ زاماندىمۇ قىزىنى،خۇتۇنىنى دوغا تىكەمدۇ كىشى.

__سەن ئارلاشما ئاكا،__دىدى بۈدرە چاچ__ياسىن ئاكا ،يىنىۋالساڭمۇ مەيلى ،ئىشىك ئۇچۇق.لىكىن ئىش تۈگىگەندە يىنىۋالمەن دىسەڭ مەن يول قويمايمەن جۇمۇ__ئۇ كۈرەڭلىگەندەك ئىككى تەرەپىگە چايقىلىپ قۇيۇپ ئاستا ئورنىدىن قوپتى.

__گىپىمدىن يىنىۋالسام ئوغۇل بالا بولماي كىتەي!سەن سېرىق تۈك بىلەن ئىلىشىپ يىڭىلىپ قالسام سەت ئەمەسمۇ؟ئاكاڭنىڭ قانداقلىقىنى ھىلى بىلىپ قالىسەن.قىنى باشلايلى!سىلەر ئىككىڭلار گۇۋاچى بۇلۇڭلار.

__ياق...ياق...تۇختاڭلار.ھازىر ئېغىزدىكى گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى تىل خەت يىزىپ ،قول باسايلى.رەسمىيلىشىپلا كەتسۇن!__گەپ ئۇزارغانچە ياسىن لاۋبەن تېركىپ ،تىترەپ كىتىۋاتاتتى.ئىشلار تىزلا پۈتتى.يىراقتىن مەزىننىڭ بامداتقا ئەزان توۋلىغىنى ئاڭلاندى.

__يا پىرىم مەدەت!...

__ۋاي،!...

__ئەستەغپۇرۇللا!...__ياسىن لاۋبەن ئولتۇرغان ئورنىدا بىشىنى چاڭگاللاپ، پىتىپلا قالدى.

__تۇڭگۇز تەلىيىڭ باركەن جۇمۇ باقى!...

__جاپا تارتمايلا خۇتۇنلۇق بۇلدۇڭدە ،كىسپۇرۇش!...

__ۋاھ،...ھا!ھازىرنىڭ ئۆزىدە نەقلەشتۈرەمدۇق؟...__ئۇلار ئۇزۇن-قىسقا دەسسىشىپ ياسىن لاۋبەننىڭ قوروسىنىڭ كەينىگە كەلگەندە،بامداتقا تاھارەت ئىلىۋاتقان روزىخان ئالدىدا موگودەك ئۈنگەن ئۈچ ئەرنى كۆرۈپ ئىشتىنىنى تارتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا "ۋاي!"دىگىنىچە ئارقىغا ئۇچتى.بۈدرە چاچ ئۇنى كۆرمىگەندەك ئۇتتۇرلا ئۇلارنىڭ قىزى ياتقان ئۆيگە قاراپ ماڭدى.قالغان ئىككىسى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىمۇ قانداق پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق غايىپ بولدى.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 18:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇملۇق چۈشى


ئوت قوينىدا كۆيىۋاتقان تال-تال قۇم،
پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتىدۇ.
چۈشلىرىدە سان -ساناقسىز يۇلتۇزنى،
ئەتىدىكى چۆچىكىگە قاتىدۇ.

نازلىنىدۇ كۆك قەھرىدە تۇلۇن ئاي،
گاھى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پاتىدۇ.
كىلەلمەيدۇ تېنەپ قالغان شاماللار،
پاناھ ئىزلەپ تۇغراقلاردا ياتىدۇ.

قەيەرلەردە كۆي تۈكىدۇ كولدۇرما؟
كۈتۈپ -كۈتۈپ قۇم  قارچۇقى قاتىدۇ.
سىزىپ چىقتى پاتمۇچۇقلار خەرىتە،
ئەمدى بەلكىم بۇ يەرلەردىن كۈچىدۇ.

ئىچى پۇشۇپ چاپان سالدى يىلانلار،
ئوت كۆيىدۇ يۈرىكىدە چاراسلاپ.
باغاشلايدۇ مېھرى بىلەن قۇملۇقنى،
قۇم يېرىلدى ئىزتىراپتا قاراسلاپ...




               بالىلارغا بىر قانچە قۇشاق



                   سۇئال

ئاپا نىېمىشقا ئاسمان يىغلايدۇ؟
كەلمىگەنمۇ يا ئۇنىڭ ئاپىسى؟
ئاپا نېمىشقا شامال يۈگرەيدۇ؟
يۈتۈپ كەتكەنمۇ ئۇنىڭ بالىسى؟

تاغلار نېمىشقا ئاق رۇمال ئارتتى؟
ئۆلۈپ كەتكەنمۇ ئۇنىڭ مومىسى؟
سۇلار نېمىشقا ئۆزىنى ئاتتى؟
كېتىپ قالغانمۇ زېمىن بوۋىسى؟

نېمىشقا ئاپا زېمىن تىترەيدۇ؟
زۇكام بولغانمۇ، يوقمۇ دورىسى؟
ياغلىقىڭنى بەر ئوراپ قۇيايچۇ،
يالغۇز نېمىشقا يوقمۇ جورىسى؟

ئاپا يۇلتۇزنى سانىيالمىدىم،
شۇنچىلىك كۆپمۇ ئۇنىڭ ئۇكىسى؟
ئاپا قۇياشقا قارىيالمىدىم،
سانجىلدى نېمە كۆزۈم ئاغرىدى؟

ئاپا بىلگۈم بار ھەممە- ھەممىنى،
ئېيتقىنا يوقمۇ ئالەمنىڭ چېكى؟
مىنگەشسەم دەيمەن ئاينىڭ بوينىغا ،
ساقلاشقا بارمۇ ئۇنىڭ تاقىتى؟...

ئۇيۇنچى بالا

ئۈچ بۈرجەك، تۆت بۈرجەك، بەش بۈرجەك،
گۈللەر تۈكۈلدى.
بېر،ئىككى ،ئۈچ...
دوستلار قېتىلدى.

ھۇررا،ھۇررا يۈگرەيلى،
ساغلام بولسۇن تېنىمىز.
غاچ-غۇچ قارنى دەسسىسەك ،
يايرايدىكەن كۈڭلىمىز.

ئاپا-ئاپا ئېشىك ئاچ  ،
قۇلۇم تۇڭلىدى.
ئاكا-ئاكا چانا بەر،
باغرىم قانمىدى.

قېنى-قېنى توشقانلار،
قوغلاپ تۇتايلى.
غەلۋېر تىگىگە دان چاچقىن ،
قۇشقاچ تۇتايلى.


ئاتا-ئاتا ياساپ بەر ،
ماڭا قار بۇۋاي.
ئوينايدىغان بالا يوق،
ئىچىم پۇشتى ۋاي-ۋاي-ۋاي.

قونچاق بىلەن مەن بىللە


قونچىقىم قونچاق،ھەجەپ بەك ئۇماق،
ساپسېرىق چېچى، كۆزلىرى ئويناق.
ئاپا سۈت بەرگىن تىزراق بول تىزراق،
بۆشۈكتە قوزام ئۇخلىماس يىغلاپ.

ئاشنى سېپ قويدۇم ئاغزىغا ئەمدى،
ۋايجان نېمىشقا يۇتمايدۇ زادى؟
ئاپا تىزراق بول ئەللەي ئېيت ئەللەي،
قانچە تەۋرەتسەم يۇمۇلماس كۆزى.

ئاپا ھەي ئاپا كەتمىگىن ئۇنداق،
چۆچىكىڭنى بىر ئېيتىپ بەرگىنە!
قونچۇقۇم بىلەن ئۇخلاپ قالايلى،
تاتلىق بەك تاتلىق ئۇيقۇ بەرگىنە!



قوزىچاق

قوزىچىغىم قوزىچاق،
سەكرەۋەرمە تاق-تاق-تاق.
كەل يۈگرىشىپ ئوينايلى،
تۇتالامسەن؟ياق،ياق،ياق...

قوزىچىغىم قوزىچاق،
كەل تاپايلى تېپىشماق.
يا سەكرەيلى ئارغامچا،
يا ئوينايلى لىڭگىرتاق.

قوزىچىغىم قوزىچاق،
ساڭا بېرەي ئاقبالداق.
مەن ئوينايمەن تۇپۇمنى ،
تالاشمىغىن ياق،ياق،ياق...

قوزىچىغىم قوزىچاق،
سەكرەۋەرگىن تاق،تاق،تاق.
كەمپۈت ئالاي ماگزىندىن،
ئەگەشمىگىن ياق،ياق،ياق...

قارلىغاچ

ۋىچىر -ۋىچىر قارلىغاچ،
كەل بۇلايلى بىز ئاداش.
لەگلەك بىلەن تەڭ ئۇچسام،
بۇلالامسەن سەپەرداش.

ۋىچىر -ۋىچىر قارلىغاچ،
كەل بۇلايلى بىز ئاداش،
چىقايلى بىز يۇلتۇزغا ،
نەدە ئىكىن ئاي،قۇياش؟

ۋىچىر -ۋىچىر قارلىغاچ،
كەل بۇلايلى بىز ئاداش،
ئۆيۈڭ نەدە؟ئاپاڭچۇ...
ئەنسىرمىسۇن دەپ قوي راسىت!


ۋىچىر -ۋىچىر قارلىغاچ،
كەل بۇلايلى بىز ئاداش،
ئارمانلىرىم كۆپ مېنىڭ ،
بولالامسەن جۈر قولداش؟


ۋىچىر -ۋىچىر قارلىغاچ،
كەل بۇلايلى بىز ئاداش،
ئوينىمامسەن ،ھاردىڭما؟
ئەتە كەلگىن ئەمسە راسىت!!!



بىلىق

پىلتىڭ _پىلتىڭ بىلىقىم،
كەل قۇلۇمغا چىققىنە.
مارجان ئاساي بوينۇڭغا،
گۈلنى قىساي قانتىڭغا،
قۇيرۇقىڭغا قۇياشنى ،
ئولتۇرغۇزۇپ قويغىنا.

پىلتىڭ_ پىلتىڭ بىلىقىم،
سۇنىڭ ئاستى بارلىقىڭ.
دوست بولغۇم بار سەن بىلەن،
بىلىق بولسام ھەم بەلەن،
دىڭىزلارغا قوشۇلساق،
يۇلتۇزلارغا ئېتىلساق،
قۇلولىگە چىرمىشىپ ،
قۇملۇقلارغا چېچىلساق.

ۋاي،ۋاي،ۋاي !
بىلىقىم بىلىق.
سىنى كۈتتۈم كۆل بۇيىدا،
گۈلنى تىزدىم قاتار_قاتار،
باشلاپ بارغىن مەھەلەڭگە،
تاقىتىم تاق،
ۋاي تاقىتىم تاق!


                      گۈل-چېچەك

گۈل-چېچەك ھەي گۈل-چېچەك،
بېغىمدىكى گۈل-چېچەك.
گۈل-چېچەككە شەيدا بۇپ،
ئەگىپ يۈرەر كىپىنەك.

گۈل -چىچەك ھەي گۈل-چېچەك،
خۇش-پۇراقلىق گۈل چېچەك.
يامغۇر ياغسا يۈزىگە ،
كۈلۈپ يايرار گۈل-چېچەك.



          ئارمان


مىنىڭ قىنىپ ئوينۇغۇم بار،
قۇشقاچلارنى قۇغلىغۇم بار.
مېنىۋېلىپ تاي ئۈستىگە،
يايلاقلاردا يايلىغۇم بار.
كۈتۈرۋالسام قوزىلارنى،
يىتلىۋالسام بوتلاقلارنى.
قاپقان قۇرسام تۇشقانلارغا،
چۇخچىلۋاتسام بۇلاقلارنى.

قوغلاشمىسا دەپتەر-كىتاب،
تاپشۇرۇقلارقالسا ئۇخلاپ،
چۈمۈلۈپ باقسام كەڭ دەرياغا،
تۇتالمىسا ھىچكىم قۇغلاپ.
مىنىڭ قىنىپ ئوينۇغۇم بار،
بالىلىقتا يايرىغۇم بار.
سۇلانمىسام قەپەزلەرگە.
بۇلبۇل كەبى سايرۇغۇم بار.

ئاپا دىمە مىنى كەپسىز،
دادا قاپاق تۈرمە زادى.
سىزىپ چىقسام دەيمەن پەقەت،
غەم-غۇسسىسىز بىر يەر شارى!



كۈز كېرىپتۇ مەلەمگە.


         
شىلدىر -شىلدىر يۇپۇرماق،
شىۋېرلىشارنىمىنى؟
شامال يۇرەر قۇغلۇشۇپ،
بىلەلمىدىم سىرىنى.
ماكان ئىزلەپ قۇشقاچلار ،
چۇرۇقلىشار شاخلاردا،
ئاسمان يىغلاپ ھەسرەتتە،
ئۇزاتماقچى كىملەرنى؟


چۈمۆلىلەر ئالدىراش،
قۇشون يۈتكەر سەپ،سەپ،سەپ.
نەگە ماڭدى ھەرىلەر،
ئۇچۇپ ئۈتەر لەپ،لەپ،لەپ.
قۇياش ئاغرىپ قالغانمۇ،
ھۇجرىسىدىن چىقالماس.
سۇچۈمۈلەي دىگەنتىم،
تىترەپ كەتتىم ۋاي،راست-راست.
ئەمدى بىلسەم مەلەمگە،
كۈز كېرىپتۇ تۇڭلىماس.




يامغۇردىكى مەن


ۋىچىر-ۋىچىرقۇشقاچنى،

ئاتالمىدى رەگەتكە،

كۇسۇرلىشىپ چاشقانلار ،

يا باشلىماس ئۆيىگە.

يالغۇزقالدىم دالىدا،

ھەمرا پەقەت شاماللار.

دورىدىمۇ يا ئاسمان،

ياش تۈكىدۇ جىمجىتلا.


ئاپا-دادا سەن نەدە،

بۇۋا-مۇما سەن نەدە؟

جاھاننامە ئەينىكى،

ئېشلىمىدى بۇيەردە...

شاماللارغا ئەگىشتىم،

ئاداشلارنى تاپاي دەپ،

كۈنلۈك قىلدىم شاخلارنى،

شاختىن -شاخقا قۇناي دەپ.


                                            قوزام قاچان كىلىسەن؟
     
                                                            (نەسىر)

كېچە مەن ئۈچۈن يارالغانمىكىن دەيمەن . ياستۇقنى مەشۇقۇم دېسەم ئىشىنەمسەنكىن -تاڭ! تاڭ ئاتقۇچە يوتقان -كۆرپە تولغىنىدۇ،ياستۇقۇم ئېسەدەيدۇ. كېچە بۇغۇلۇپ قالدى...قان ئېقىۋاتىدۇ قان!...جان چىقىۋاتىدۇ ...جان!
    زېمىن بىلەن ئاسمان تولغۇنۇپ تۇرۇپ قۇياشنى تۇغدى. دېڭىزلار ،دەريالار ھەتتا كىچىك ئېرىقچىلارمۇ ئۇماققىنە بىلىقلارنى تۇغدى.يۇپۇرماقلار گۈللەرگە ھامىلدار ،چىچەكلەر غورىغا...قۇرت-قۇڭغۇز، پاشا-چىۋىن... ھەممىسىنىڭ تولغىقى تۇتتى...
    سېنى كۈتمەكتىمەن، قوزام ! كۈتكىنىمگە بىركۈن ،بىر يىل ئەمەس، ئون يىل بولدى! بىركۈنى بىر قۇدىرەت پۈتۈلسە، بارلىق مەۋجۇداتقا ئاتا- ئانىلىق پۇرسىتى بەرگەن ئاللاھ سېنى ماڭا ئەۋەتسە ...پەقەت بىر قېتىم ،بىر قېتىملا ئانىلىق ھېسلىرىغا چۈمۈلۈپ باقسام ...تاشتەك قاتقان، مېھىر ئوخچۇپ تۇرغان كۆكسۈمنى گىلاستەك ئېغىزىڭغا بىر تىقسام ... قېنىپ-قېنىپ بىر ئەمسەڭ...يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمۇ؟...
    سېنى كۈتمەكتىمەن، قوزام ! ياستۇقنى قۇچاقلاپ يېتىپ، تىمتاس كېچىنىڭ باغرىغا پېتىپ، ھالسىزلىنىپ،چاپلىشىپ...
     ئاتاڭ باغرى قان، ياراتماقچى تۈمەن -تۈمەن جان ،بىراق، يوق ئىمكان ... جۈپ كۆزلەردە ياش پەقەت، يۇلۇڭغا قاراپ قالدۇق بالىجان!


    شۇنداق ھەسەت قىلغۇم كېلىدۇ، گاھى ، پۈتكۈل مەۋجۇداتقا ، باغرىدىن يۇلۇپ ئېلىۋالغۇم كېلىدۇ بالىسىنى. بالام دېگەنلەرنىڭ تىلىغا ئوت قويغۇم كېلىدۇ، ئوت! كاۋاپ بولدۇم، كاۋاپ بۇلۇپ كەتتىم بالا دەردىدە ...
    ئۈنسىز سۆزلەيمەن ياستۇقۇمغا، قۇچاقلايمەن كۆز ياشلىرىمنى .ئېيتالمايمەن يۇلتۇزغا -ئايغا، پاچاقلىيالماي چۈمپەردىلىرىمنى.
قوزام ،سۆزلىگۈم كىلىدۇ پەقەت، پەقەت ساڭىلا ، ئاتاڭ ئىككىمىز تىكىلمەكتىمىز يوللىرىڭغا. ئۇنىڭ قەدىمى مىڭ پاتمان، قاچقۇسى كەلمەيدۇ؛ مىنىڭ ئۈمىدىم دەريا ،يانغۇم كەلمەيدۇ.
كەل قوزام...كۆزۈمنىڭ نۇرى قاچمىسۇن!
ئاتاڭ بېلى تىلىپ قاتمىسۇن!
سەن بىلەن تەڭ كىرىپ كىتەيلى جەننەتكە .



                                ھايات
   
                             مۇقەددىمە

نىكاھ__ئۇ،بەخىت،
نىكاھ__ئۇ ،تەخىت،
نىكاھ__بىر تەقدىر ،تىلسىملىق قەسىر.

                      (1)

بىر مۇلايىم،خىياللارغا باي قىز، كۈڭلى -كۆكسى كەڭ مۇھەببەتكە شاھ قىز،شەرمى-ھايا ،تارتىنچاقلىق  سۆيگۈ -ھەۋەسلىرىگە كىشەن بۇلۇپ ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئىلاجىسىزلىق قەبرىسىگە كۈمىۋەتكەن قىز.
ھەممىگە پەرۋاسىز،تەقدىرگە چارىسىز، ۋىسال-ئۈمۇت تىلەكلىرىنى يۇلتۇزلارغا سۆزلەپ،تۇرمۇش قىيانلىرىدا تىنەپ -تەمتىرەپ يۇرگەن قىز.تۇيۇقسىز ھاۋا ئۇچۇق چاققان چاقماقتەك،تۇمۇز ئىسسىقتا ياغقان مۆلدۈردەك ،تۇرمۇشنىڭ تەلۋە بورىنى بۇ قىزنى ئورىدى رەھىمسىز.
تەقدىرگە تەن بېرىپ،گۈزەل ئارمانلارنى كۈڭلىگە پۈكۈپ،قەبرىدىكى سۆيگۈ ھىسلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ،دادىل قەدەم بىلەن كىرگەن ئىدى نىكاھ-توي قەسىرىگە.
بىراق...
بىراق...
مېھمانلارنى چىللاپ قويۇپ،قەسىرنى گۈللەرگە پۈركەپ قويۇپ،بۇ توي بۆشۈكىدە قالدى تۇنجۇقۇپ.
چۈنكى يىگىت، قىز كۈتكىنىنىڭ ئەكسى،بەڭباشلارنىڭ سەركىسى،جەمىيەتنىڭ داشقىلى ئىدى.
قىز ئالدانغان،كۆزلىرى ياشقا تولغان شۇنداقتىمۇ ئاخىرقى بىر قەدەمنى باسمىغان ،تۇمەن-تۈمەن قىلتاقلارغا ئېلىنمىغان دانا قىز ئىدى.
نىكاھ سۇغا چىلاشتى،دۈشمەنلەر ھەسرەتتە ياقا يېرتىشتى،دوستلار مەلھەم ئۈچۈن ھەريان چىپىشتى.
قىز خاتالىقى ئۈچۈن ئۆكۈندى،ئازاپلاندى لېكىن  خۇشال ئىدى.چۈنكى بۇ نىكاھنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قېلغىلى بولمايتتى.
قىز ھەسرىتى يۈزىنىڭ تۈكۈلگىنى ئىدى.بىراق ،بۇ بەخىتسىز نىكاھ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ئىدى.
ئاتا-ئانا،ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدى.ھەرئىشتا رايىغا باقتى.چۈنكى مەجبورى نىكاھ ئاقىۋەت ھەممىنى ھەسرەتتە قويغان ئىدى.شۇڭا بۇ نازۇك قىزنى ئايىماق بۇلاتتى.كىملەردۇر ئىشىك چەككەندە،يۈزى قىلىن ئەلچىلەر قايتا-قايتا كەلگەندىمۇ ئۇنىڭغا ھىچنىمە دىيەلمەيتتى.
قىز كۆل سۈيىدەك تىپ-تىنىچ ئىدى،پەرۋاسىز ئىدى.ھەتتا پۇتلىغان ئۆگەي ئانىسىغىمۇ نەپرەتسىز ئىدى.ھامان باشقىلارغا خۇش تەبەسسۈم ئاتا قىلاتتى.ھىچقانداق ئىش يۈزبەرمىگەندەك،بارلىق ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك.

                                                      (2)

يۈگەنسىز كۈنلەر ئايلارنى قوغلۇشۇپ،باھار قىشنى قوغلۇشۇپ ،قىز ھاياتىدىمۇ جۇتتىن كېيىنكى قۇياش پارلىدى.
قىز ئەڭ ئازاپلانغاندا،ھەسرەت چەككەندە،نىشانسىز قالغاندا ئۇ قىزغا ئۈن-تۈنسىز ھەمرا بولدى.مۇشكۈلاتقا ئۇچرىغاندا تۆۋرۈك بولدى.قىسقىغىنە ئاتمىش كۈندىن كېيىن تاساددىپىيلىقتىن ئاستىن-ئۈستۈن بولغان توي مانا ئەمدى باشقا بىرى بىلەن بولدى.
قىز غالىپلارچە مەلىكىدەك ياسىنىپ مەردانە يېگىت بىلەن ۋىسالغا يەتتى.ئاسمان -زېمىن ئاپىرىن ئېيتتى.ئاي-يۇلتۇزلار ھەسەت قىلىشتى.
ئۇلار ئېللىق قەسىرگە كىردى.
نىكاھ تەخىتكە،بەخىتكە ئايلاندى.
نىكاھ ھەقىقەتەن بىر تەقدىر ئىدى.
قىزنى ئاتمىش كۈن ئىچىدە ئوتتىن سۇغا،سۇدىن ئوتقا تاشلىدى.قىزنى گاھى شاھ قىلسا گاھى قەلەندەر قىلدى.مەيلى نىمىلا بولسۇن ئەمدى قىز بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلەندى.
مەردانە يىگىت ۋاپا گۈلىستانىدا ھەقىقى بۇلبۇلغا ئايلاندى.ئۇ بارلىقى بىلەن جۇت-شىۋېرغاندىن،،چاڭ-تۇزاندىن ھەتتاكى شاماللاردىنمۇ قىزنى قوغدىماقچى بۇلاتتى.
مۇھەببەت گۈلىستانىدا ئەمدى پۈرەكلەپ بىر دەستە گۈل ئېچىلدى.ئېللىق ئۇۋا خۇش-پۇراققا تولدى.
جاھان كۈلدى،قۇياش كۈلدى،زېمىنمۇ كۈلدى.
قىز-يېگىت نىكاھ دەرىخىنىڭ مۇھەببەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يېلتىز تارتقېنىنى كۆردى.
مانا بۇ بەخىت ئىدى.
نىكاھنىڭ تىلسىملىق قەسىرى ئىدى.گاھىلىرىنىڭ كىرگۈسى كەلسە گاھىلىرىنىڭ چىققۇسى كېلىدىغان.
مانا بۇ ئاددى تۇرمۇش مەنتىقىسى__ھەممە ئادەم نىكاھلىق بۇلىدىغان.
گاھلىرى شاھ بولسا، گاھىلىرى قەلەندەر بۇلىدىغان سىرلىق ھايات...



                                                               كۈتۈش

دۇنيادا نىشانسىز،ئۈمۈتسىز كۈتۈشتىنمۇ ئازاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك.سىنى كۈتمەكتىمەن...كۈتىۋاتىمەن...كۈتىۋاتماقتىمەن...
بىلەمسەن جىنىم،ھەرقىتىم تېلفون جىرىڭلىسا يۈرۈكۈمنىڭمۇ تەڭ جىغىلدايدىغىنىنى؟
بىلەمسەن جىنىم ،ھەر قىتىم ئىشىك چىكىلسە ئالاقىزادە بۇلۇپ دېرىزىدىن قارايدىغىنىمنى؟
يەنە بىلەمسەن جىنىم،ئۈنسىز،ئۈمۈتسىز كوچىلاردىن سىنى ئىزلەيدىغىنىمنى؟ سەن ئەسلا بىلگەن ئەمەس!
كۈتمەكتىمەن جىنىم سىنى چۈشلىرىمدە... چاچلىرىڭنى سىلايمەن تويماي،خىياللىرىمدا ھىدىڭنى ھىدلايمەن.كەچمىشلىرىمدىن ئىزىڭنى ئىزلەيمەن.ئەمما سىنى تاپقان ئەمەسمەن.
ئوتلۇق كۆزلىرىڭ ھېلىھەم قەلبىمگە قادالغان.مىھىرلىك ئالقانلىرىڭ ھېلىھەم ئالقىنىمدا.لېكىن شامال ئىلىپ كەتكەنمۇ سىنى سىمايىڭنى تاپالمايۋاتىمەن.
جىنىم !سىنىڭ چۈشلىرىڭگىمۇ كىرەمەنمۇ؟خىياللىرىڭنىڭ دەرىزىسىگە قۇنارمەنمۇ؟ بىر پىيالە چايدەك باغرىڭغا سىڭەرمەنمۇ...بۇلارنى ئەسلا بىلگەن ئەمەسمەن.
گاھىدا ئۆزۈمنى شۇنداق يالغۇز ،بىچارە،غېرىپ ھىس قىلىمەن جىنىم!خىياللىرىمغا قۇلۇم يەتمەيدۇ. چۈشلىرىم كىملەرگە ئەسىر چۈشتىكىنتاڭ،كۆز ياشلىرىممۇ مەندىن تىزىپ كىتىدۇ .
مۇز تۇتقان ھىسلىرىمنى قۇچاغلاپ قىتىپ قالسام...
يۈرۈكۈمنى پىچاقتا كىسىپ تاشلاپ كىتىپ قالسام...
شۇچاغدا ...ئەسلىمىلەر قوينىدىن قايتىپ كىلەرسەنمۇ؟


                                  يامغۇرنى سېغىنىش

باغرىم قۇرۇپ چاك_چاك بۇلۇپ كەتتى خۇددى سۇ كۆرمىگەن ئېدىرلىقتەك.
ئچىم قىزىپ ئوت كۈيىۋاتىدۇ  ئىيول ئايلىرىدىكى تۇرپان قۇمىدەكلا.ئاسمانغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراۋاتىمەن .كۆزلۈرۈم بۇلۇتلارنى ئىزلەۋاتىدۇ يامغۇر تۈكەلەيدىغان قارا بۇلۇتلارنى .قاياقلاردىندۇ سۇلارنىڭ شىرىقلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ تۆت ئەتراپقا قارايمەن بەلكىم ئۇ سۇ ئەمەس تۇمۇرۇمدىكى قان بولسا كېرەك.
    سارغايغان ياپراقلارنى،سۇلاشقان گۈللەرنى، چاك-چاك يېرىلغان زېمىنلارنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك يامغۇرلار پەرىسى!يا يامغۇر زېمىندىن يامانلاپ قالدىمىكىنە؟... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شازادەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 11:18  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:06:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       ئاتامغا

       قەدىردان ئاتامغا بېغىشلايمەن.



چاچلىرىڭ ئاقاردى ئاتا ، قاشلىرىڭمۇ ھەم ، قاشلىرىڭمۇ ھەم ،
قوللىرىڭ چاك-چاك يېرىق ،مىڭىشىڭ تەم-تەم،مىڭىشىڭ تەم-تەم .
يادەك ئىگىلگەن بەللىرىڭ ...خىياللار چىگىش،خىياللار چىگىش ،
مېھرىڭ دېڭىز،مېھرىڭ دىڭىز،قۇچاقتا نەۋرەڭ،قۇچاقتا نەۋرەڭ.

يىتىۋالاي دىمەيسەن بىردەم،ھارغىنلىقتىن مۈگدىسەڭ سەل-پەل،
ئىچىۋالاي دىمەيسەن قايماق ،ئېغىزلىرىڭ بوپكەتسۇن بەتتەم.
كىيىۋالاي دىمەيسەن شاپاق،ئىشتان- كۆڭلەك مەيلىكى جىل-جىل،
تىقىۋالاي دىمەيسەن بىر رەت،بارلىقىڭنى تىزىپ ئۈچ مەرتتەم.


تۇپا ئۆڭۈپ تۇرسىمۇ چىراي،نۇر تۈكىدۇ ئۇ گويا قۇياش،
بالام-بالام بارلىقىم دەيسەن،ئاھ،قانداقچە بەردىڭكىن بەرداش؟
سىنچىلايمەن ئۈستى-بېشىڭغا،ھەر كەلگەندە كۆزلىرىمدە ياش،
تەۋەررۈك سەن جانىجان ئاتا،ماڭا سەندىن يوق باشقا قاياش .

بەك قورقىمەن شۇنداق بىر كۈندىن ،ئاللا ماڭا قىلغۇسى ھارام،
قۇچىقىڭدا تۇرغۇم بار ئەبەت ،مەيلى-مەيلى دىسەڭمۇ قارام .
قوغدىغۇم بار جۇتتىن ،بوراندىن،كۈڭۈلسىزلىك ،يامان چۈشلەردىن،
غەملىرىڭنى يۈكلىگىن ئاتا،ساقايغۇسى شۇندا دىل يارام .


              
                          كۈنۈش


  

كۆز ئېچىپ مەن بۇ دۇنياغا  ئۇزۇن ئۈتمەي،
ئاتا-ئانا مېھرىنى ھەم بىلىپ ،بىلمەي ،
ئىسسىققىنە مۇمام قوينىن پەرق ئەتمەي،
بۇدرۇققىنە چوڭ بوپتىمەن ئەلەم يۈتمەي.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

مېھرى ئاتەش مۇمامدىن نۇر ئېمىپتىمەن،
ئەھدى-ۋاپا دەر ياسىدا ئۈزۈپتىمەن ،
ئۆرنەك ئىلىپ بۇۋام يۇلى مىڭىپتىمەن ،
ئۆزگى ئۈچۈن ھەم باغرىمنى تىلىپتىمەن.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

يىقىلساممۇ داۋانلاردا يىغلىمىغان ،
تىكەن كىرسە پۇتلىرىمغا زارلىمىغان ،
ئۆزگى ئۈچۈن سىپىل سۇقۇپ ھەم ھارمىغان،
ياش تۈككەنگە باغرىمدىن ھەم قان سىرغىغان.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

قانچە يىللار ئۈتۈپ كەتتى ئويناقلىشىپ،
يىغا-كۈلكە ھەم ئازاپلار پومداقلىشىپ ،
قىزلىق يۈتۈپ جۇۋان بولدۇم مايماقلىشىپ،
ئەمما كۈڭۈل يايراپ تۇرار قايماقلىشىپ،
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

مۇمام مۇندىن كىتىپ قالدى ھىچ شەپىسىز،
شۇندىن بۇيان قىلىپ قالدىم مەن كەپىسىز،
مۈدۈرلىمەن ،يىقىلىمەن ،مەن مەپىسىز،
قاينار جاھان چۆرگىلەيمەن مەن ئەتىسىز.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.



بۇۋاممۇ ھەم كىتىپ قالدى ھاياللاشماي،
كىسەل بىلەن ئازاب بىلەن تاكاللاشماي،
ئۈزدۈم كۆز ياش دەرياسىدا تىن ئالالماي،
ئاياغلاشماس بۇ ھاياتقا چەك قۇيالماي.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

ئالەم شۇنداق،ئادەم شۇنداق كۈنۈپ قالدىم ،
كەڭ قۇرساقلىق باغلىرىغا ئۈنۈپ قالدىم،
يىغلىغانغا يىغلىمايمەن ئۈلۈپ قالدىم ،
ئەلەم ئۈچۈن ئاھ ئۇرمايمەن كۈنۈپ قالدىم .
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

مال -دۇنيا دەپ مەيلى كىملەر قان بېرىشسۇن،
ھۇقوق-مەنسەپ كۈرىشىدە جان بېرىشسۇن،
مەيلى كىملەر كىم  كىملەرگە نان بېرىشسۇن ،
چاتىقىم يوق كىملەر ماڭا يان بېرىشسۇن .
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.

مەيلى يىلان تۈشىكىنى ئەگرى دىسۇن،
ۋاي-ۋايچىلار مەيلى كۈڭلۈم كەڭرى دىسۇن،
قېرىنداشلار كەل قىلايلى سەيلى دىسۇن،
چاتىقىم يوق بار كۈڭلۈمنىڭ مەيلى دىسۇن.
تۇختىساڭچۇ بالىلىقىم تىز يۈگۈرمەي،
بۇ دەۋىرنىڭ پاراۋۇزى تىز پۈكتۈرمەي.









Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2390
تۆھپە : 19
توردا: 502
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىزنى ئىزچىل ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. ئېلھاملىرىڭىز يەنىمۇ زىيادە بولغاي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:12:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قۇملۇق چۈشى


ئوت قوينىدا كۆيىۋاتقان تال-تال قۇم،
پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتىدۇ.
چۈشلىرىدە سان -ساناقسىز يۇلتۇزنى،
ئەتىدىكى چۆچىكىگە قاتىدۇ.

نازلىنىدۇ كۆك قەھرىدە تۇلۇن ئاي،
گاھى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پاتىدۇ.
كىلەلمەيدۇ تېنەپ قالغان شاماللار،
پاناھ ئىزلەپ تۇغراقلاردا ياتىدۇ.

قەيەرلەردە كۆي تۈكىدۇ كولدۇرما؟
كۈتۈپ -كۈتۈپ قۇم  قارچۇقى قاتىدۇ.
سىزىپ چىقتى پاتمۇچۇقلار خەرىتە،
ئەمدى بەلكىم بۇ يەرلەردىن كۈچىدۇ.

ئىچى پۇشۇپ چاپان سالدى يىلانلار،
ئوت كۆيىدۇ يۈرىكىدە چاراسلاپ.
باغاشلايدۇ مېھرى بىلەن قۇملۇقنى،
قۇم يېرىلدى ئىزتىراپتا قاراسلاپ...

بۇ شېئرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.

قىسقا ھەم چوڭقۇر ياخشى مەزموندىكى ئەسەرلىرىڭىز خېلى كۆپ ئىكەن.سىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 12:12  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 12:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   رۇبائىلار

ئادەملەر مېھمان ،دۇنيا قۇنالغۇ،
خۇشاللىق ،خاپىلىق پەقەتلا تۇيغۇ.
قايغۇرما،زارلانما ئىشەنگىن كۈڭۈل،
ھاياتلىق كەپ -كىتىش شۇنداق سەپەرغۇ .

بىراۋلار ئۈلۈپتۇ ماتەم تۇتۇشتۇق،
بىراۋلار تۇغۇلسا ھەپتە يېتىشتۇق.
گاھىمىز شاھ بولدۇق، گاھىمىز گاداي،
ھۆرمەتتىن مىننەت جىق قۇغلاپ يىتىشتۇق.

ئاتىسىز قالغاننى يىتىم دېيىشتۇق،
ئانىسىز قالسا گەر چالما ئېتىشتۇق.
رەڭلەندى بۇ دۇنيا بۇياقلار بىلەن ،
كۈلسەكمۇ ئارقىدىن پىچاق تىقىشتۇق.

بەزىلەر قان قۇسۇپ كۈلۈپ يۈرىدۇ،
بەزىلەر سەكراتتا تۈگۈچ تۈگىدۇ.
ئەتىگە سەن قانداق ،مەن قانداق زادى،
ھاياتلىق بىر ھىكمەت ئاللا بىلىدۇ.

بۇ ئالەم بىر تەڭشەك غۇجىسى ئاللا ،
ياخشىلىق ،يامانلىق جايىنى تاپار.
مھنەتسىز ئاش يىگەن قۇسار بىر كۈن تاش،
پادىشاھ قۇل بۇلۇر،گاداي پادىشاھ.

تۈزىمىز كۈن بۇيى تالاي سورۇننى،
ئىزلەيمىز ئېرىنمەي يىڭى ئورۇننى .
كىملەرچۇن چىلىندى ساناقسىز چاۋاك،
ئەتىكى يىتىمغا راسلاپ بۇلۇڭنى.

قامچاڭنى قولغا ئال شاش-شاش تۇرىسەن،
ۋاقىتقا يۈگەن سال ياش -ياش تۇرىسەن.
مال-دۇنيا ،مەنسەپنى چۈشەر كۇرسىدىن،
تەرك ئەت ھەۋەسنى راست-راست كۈلىسەن.

ئالسىلا دىسىلا ئالدىڭىز پوك-پوك،
باقسىلا دىسىلا يىدىڭىز موك-موك .
قانوننىڭ تورلىرى چىرماپ ئالغاندا،
جان دوستلار باشقىغا قاترىدى سوك-سوك .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 17:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەم تەشرىپ قىلغان دىلداش،ئايزىتقا  كۆپ تەشەككۈر!تەكلىپ -پىكىرلەر ئۈزۈلمىگەي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ھايات ھەقىقەتلىرى

ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا يىڭى ئېگىنسىز،
تالاي-تالاي سەيياھلار ئۈتتى جاھاندىن .
تۇنۇرغا تالاي رەت ئاق نانلار يىقىپ،
بىرەررەت تويمىغان نىمجانلار  ئاندىن .


جىمى سۇ بىر كىشى يېرىگە ئاقسا،
نەچچە مىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىدە ئوت.
يانچۇقتا بىر پۇڭ يوق ئامۇت غاجلايدۇ،
ھەم يەنە بىرىچۇن بېرىشىدۇ قۇت.

دوست تارتىپ،گول بۇلۇپ ئۈتىشەر تۇيماي،
بىر رومكا ھاراقتا رەقىبلەر ھەم دوست .
بىر ئاڭ يوق نىمىچۇن شۇنداق يىقىلدىم،
ھەم يەنە قانداقچە تۇرىمەن مەزموت.

كەتمەننىڭ سېپىنى تۇتباقماي تۇرۇپ ،
بەزىلەر چۆللەرنى ئىتىدۇ بۇستان .
پوكىنى ئاستىدا شۇنچە بەز تۇرۇپ ،
باشقىلار قوينىدىن ئىزدەيدۇ دەرمان.

مەنپەئەت،مەنسەپنىڭ پۇرىقى كەلسە،
چىۋىندەك ئۇلۇشۇپ،ئىتتەك تالىشار .
ئەتىگە قانداقچە پەلەكنىڭ چەرخى ،
نۇمۇسى سەكراتتا ئەلەم تارتىشار.


ياش تۈكەر ئازاپقا لىق تولغان يۈرەك


ئىچىمدە گۈركىرەپ چىقىدۇ بوران،
ئىنتىلىش غەزەپلىك چايقالغان دېڭىز.
شۈمشەرەپ تۇرىدۇ بىچارە تىنىم،
ھاياتلىق ئېتىزىغا قالدۇرالماي ئىز.

ئوت ئىلىپ يانىدۇ پىنھان بىر ئىستەك،
ئاللاھىم غايىپتىن بەرگىن مۆجىزە.
ياش تۈكەر ئازابقا لىق تولغان يۈرەك،
بەندىنىڭ قۇلىدىن كەلمىگەچ چارە.

                 (2)

كىچىنىڭ چۆللىرى ئۇزۇندۇر -ئۇزۇن،
بىر خىيال ئۇنىڭدا ياتار سوزۇلۇپ .
قۇرۇتتەك بىر تۇيغۇ يەيدۇ ئىچىمنى ،
ھېچكىمگە دەرت تۈكمەس يۈرەك ئولتۇرۇپ .

ھەركىچە
تىنىمدىن بىر بالا ئۆمىلەپ چىقىپ ،
ئۆتمۈشكە قول سوزۇپ كىتىدۇ ئۇزاپ .
ھەر مەرتەم سىلكىنىپ ئۇيغانسام چۈشتىن ،
تاڭ پەيتى جىلمىيىپ تۇرىدۇ قاراپ.


            ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى

سۆيگۈ-ھايا ،گۈزەللىك نۇر چاچىدۇ ھۈسنىدە،
قەنت-ناۋاتتەك سۆزلىرى ئوت چاچىدۇ كۆزىدە،
بىر جۈپ چىۋەر قوللىرى گۈل ئۈستىرەر  رەستىدە،
قاشى قارا گۈلزىبا ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى.

سەھەردىكى كېلىنچەك،باھاردىكى گۈل-چېچەك،
ئىپتىخارى خۇشخۇيلۇق ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەك،
ئانىلارنىڭ چېھرى گۈل لېغىرلايدۇ ئاق لېچەك،
ئاي پارلايدۇ جىلمايسا ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى.

قۇت كىلىدۇ ئۇ كەلسە،كۈلەر مىسكىن تۇپراقمۇ،
ئەركىلەيدۇ بۇۋىقى ئۇخچۇپ مېھرى بۇلاقمۇ ،
بىر ئائىلە -بىر ئالەم ،نۇرغا تۇلار ھاياتمۇ،
جىمى جانغا تۇتىيا ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى.

مېرى ۋاپا بابىدا،ئۈزۈلمەيدۇ قىسسىسى،
بۇشىمايدۇ ھىچقاچان ئېغىر يۈكتىن زېممىسى،
ئايال،ئانا،مۇما ئۇ ،مەڭگۆ سۆيگۈ تېمىسى،
ھاياتلىققا نۇر زىيا ئۇيغۇرنىڭ كېلىنلىرى.


             ئۇيغۇر بۈشۈكى

ئەل ئارا ئەجەپ غەمخان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك،
بۇۋاق بىلەن تەڭ مېھمان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك،
شاھ-گادايغا مېھرىبان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك،
ئېزىققانغا سايىبان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك،
شۇڭا دەيمەن پاسىبان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.


كى بۈشۈككى ئەل ئاڭا قويغان ئاتاق ئالتۇن بۈشۈك،
شۇ بۈشۈك تەۋرىتەرئەر تەۋرىنەر ھەم ئارمان بۈيۈك،
ئۆزى ئاددى بىر كارۋات،تۇغرى ياغاچ تەل ھەم يىتۈك،
تاپقۇسى بۇنداق ئەقىل قايسى ئىنسان بۇندىن بۈيۈك،
شۇڭا دەيمەن گۈلزىبا ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.


قىقىراپ يىغلىغانلار جەننىتىدۇر بىلسەڭكى بەس،
تاپغۇسى ئۇندا ئارام ھەم پۈتۈن ئارزو پەۋەس،
ئىلمۇ -ئېرپان يۇلىدا پۈكۈپ دىلغا مىڭ ھەۋەس،
كۆيگۈسى دىللاردا ئوت قىسسىمۇ ئالتۇن قەپەس،
شۇڭىكى ئىللىق ماكان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.


ئەللەي ئاڭا كۈچ-مادار،چەكسىز ئۈمۈد،ئالەمچە كۈي،
ئۇستىكارلار قۇلىدا تاپقان كامال سەنەمچە بوي،
ئۆي تۆرى قەلىب تۆرى ئاچقان قۇچاق چېچىپ خۇشبۇي،
بېزىندە،ئودا-كۈلتۈك ،شاھانە تون كۈلۈپ خۇشخۇي،
شۇڭا دەيمەن گۈل -رەيھان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.


ھەرسەپەر،ھەر ماكاندا،ئالي ئورۇن بىر ئاڭا خاس،
كېرەك ئەمەس چامادان،ساندۇق-قاچاغا خار بولماس،
پاشا -چىۋىن،قۇرت-قۇڭغۇز،دىشۋار تاپار ياق يۇلىماس،
ياتقۇسى سۈت ئۇيقۇداھەريەردە بۇۋاق يىغلىماس،
شۇڭا دەيمەن خاس غەمخان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.


بىزىكىدۇر قۇڭغۇراق،يا ئىككى-ئۈچ ،تۆت تال ياڭاق،
بۇۋاقلار قامىتى تۈز،بولغۇسى ھەم ئۈنى ياڭراق ،
بىر ئانا ئىككى بۇلۇپ ئۆتكۈسى ھەم تۇرمۇش قايناق،
ئىش-ئەمگەكتە،ياتقاندا بولمىغايمۇ ئانا خۇشۋاق،
شۇڭا دەيمەن ساھىپخان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.

بىر ئۆمۈر ھەمرا ئاڭا ،شانۇ-شەرەپ ،ھەمدۇ-سانا،
ئەللەيلەنسەم باغرىڭدا يوقتۇر باشقا ئارمان ماڭا،
كۈچ-قۇۋۋەت بار مادارنى ئاتا قىلغاچ جىسمىڭ ماڭا،
يەتمىگەي قىلچە زەرەل ئۇشبۇ  ھايات بۇستانىدا،
شۇڭا دەيمەن ھەم قالقان ئۇيغۇرغا بۇ ئالتۇن بۈشۈك.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شازادەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 18:43  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  212
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 25
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 12:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ۋىسالسىز مۇھەببەت


ئاسمان -زېمىن ، جۈپ-جۈپ كەتتى سۆيۈشۈپ ،
ئۇپۇق تامان ئوت يىقىلدى چاراسلاپ.
تەلۋە دېڭىز چايقىلىدۇ غەزەپتە،
سەبى قۇملار ھالسىزلاندى شاپاشلاپ .

ئوت كۈيىدۇ يۈرۈكۈمدە شۇ دەقىق،
كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ دەستە گۈل.
رۇمال ئارتتىم باشلىرىمغا گۇگۇمدىن،
ئىزلىرىمدىن قالدى پەقەت مۇزدەك كۈل.

شاماللاردەك تارىلىدۇ خىياللار،
كەشتە تىكەر تۇيغۇلىرىم قۇملارغا .
ئىڭىرايدۇ، تولغىنىدۇ قىرغاقلار،
ئەلەم بىلەن كۆز تاشلايمەن يىراققا .


           قۇملۇقتىكى مۇھەببەت


كۈپكۈك ئاسمان يۇلتۇزلار ئۇيغاق،
سەلكىن شامال ئېيتىدۇ ناخشا.
قۇم باغرىنى كېزىپ بىر سەيياھ،
ئېسىلىدۇ ئاينىڭ باغرىغا.
قۇم باغرىغا تۈكۈلدى ئۈنچە،
كىرىپ كەتتى قۇمنىڭ ئارسىغا.

ھەربىرتتال قۇم ،ھەربىرتتال يۈرەك،
چايقىلىدۇ ،پىشىدۇ تاتلىق.
سېغىنىشنىڭ ئازاپلىرىدا،
جۇدالىقنىڭ ھەر بىر قىشىدا،
قۇيۇن بىلەن قاينىغان چاغدا،،
رەڭلىنىدۇ شەپەق رەڭگىدە،
زارىقتۇرغان ئوتلۇق مۇھەببەت.


     تاغلارنىڭ كەينىدىن تۈكۈلدى سەھەر

تۇلۇن ئاي سەن بىلەن خوشلاشقان چاغدا،
ئاجايىپ ئىستەكتە تۇرغانتىم قاراپ.
شامالغا ئېيتالماي نازۇك سىرىمنى ،
قارچۇقۇم شەبنەمگە قالغانتى ياراپ .

تاغلارنىڭ كەينىدىن تۈكۈلگەن سەھەر،
يەنە بىر ئۈمۈدنى يالىڭاچ تۇغدى.
بىر سىنى كۈتەرمەن كەلگەنگە قەدەر،
ئاھ ، شۇچاغ ئىستەكلەر گۈللەرگە تولدى.


       باغرىمدىكى گۈلۈمگە


بىر جۈپ گۈل ئېچىلدى باغرىمدا،
يىنىش-يىنىش پۇرايمەن.
سۆيىمەن ياپراقلىرىغا،
دۇنيا چۈكىدۇ قارچۇقلىرىمغا.
ئۇلار تاقلايدۇ كېيىكتەك،
يايرايدۇ بىلىقتەك،
ئېرىيدۇ تىنىم سىمابتەك.

يۇلتۇزلار بىلەن سۆزلىشەر ئۇلار،
قۇچقاچلاردەك سايرىشار ئۇلار،
قورچاقلار بىلەن ئوينىشار ئۇلار،
ھىسلىرىم تۇختىماس ئۆركەشلەپ.

سېيلاپ باقىدۇ ھەممە -ھەممىنى،
سوراپ باقىدۇ ھەممە-ھەممىنى،
سۇئاللار بىلەن سىزىپ يەر شارى،
ياشنايدۇ گۈللىرىم ئەركىلەپ.


            تاتلىق ھىسلار


قوزام
ئىنتىلىدۇ باغرىمغا ،بىلىق ئىنتىلگەندەك سۇغا،
يامىشىدۇ پۇتلىرىمغا،
كۈلۈپ كىتىمەن قاراپ ئۇنىڭ تۇرقىغا.
گۇڭىرايدۇ،
بىلمەيمەن نىمە داۋاتىدۇ.
گاھىدا كاچاتلايدۇ يۈزلىرىمگە،
گاھىدا ئېسىلىدۇ بوينۇمغا.
گاھى پۇرژۇنلۇقتەك سەكرەيدۇ،
ھەممىنى ئالماقچى بۇلىدۇ،
ھەممە ئايلىنىدۇ ئۇنىڭ دۇنياسىغا.
سۆيۈپ قۇيىدۇ،
چىشلەپ قۇيىدۇ،
بېشى بىلەن ئۈسۈپ قۇيىدۇ ،
ئايلىنىمەن شۇچاغ ئېرىگەن مايغا.










كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش