ximal
كۆرۈش: 964|ئىنكاس: 38

ئوتلۇق: «يېڭچە شېئىرلار توغرىسىدا» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 12:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە


قۇربانجان تەۋەككۈل

قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە 80 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە باش كۆتۈرگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شۇلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ يەكۈنلەپ چىقىلغان ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
摘要:本章论述80年代中期在维吾尔诗歌中出现“朦胧诗”现象的创造过程中,获取的成就,总结维吾尔朦胧诗现象的几个特点

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۇڭگا شېئىر ؛ يېڭىچە شېئىرىيەت؛  مودېرنىزم.
关键词:朦胧诗,新诗潮,现代派·
ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى 80 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى قاتارلىق ياش شائىرلارنىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، شېئىرىيەت تەنقىدچىلكىدە «گۇڭگا شېئىر» دەپ ئاتالغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلاندى. بۇجەرياندا ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زور بىر قېتىملىق شېئىرى ئسلاھاتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلكىدە كۈچلۈك بەس مۇنازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
  شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ۋەكللىكىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيەت ئىجادىيەتچىلىرى ئالدى بىلەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى شېئىرلارغا ئوخشىمايدىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ شېئىرىيەت ساھەسىدە ۋە تەنقىدچىلىك ساھەسىدە كۈچلۈك بەس ـ مۇنازىرە قوزغىدى. تەنقىدچىلىك ساھەسىدە بۇ خىل شېئىرلار «گۇڭگا شېئىر»، «مودېرنىزملىق شېئىرلار»، «سىمۋولىزملىق شېئىرلار» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ خىلمۇ-خىل باھالار بېرىلدى.
تەنقىدچىلىك ساھەسىدە بۇ خىل شېئىرلارنىڭ نەزەرىيەسى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمىدىن كەلگەن دەيدىغان قاراش ئەۋج ئېلىپ يېڭىچە شېئىرلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى. قىسقىسى؛ يېڭىچە شېئىرلارنى قوبۇل قىلغۇچىلارمۇ، ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇردى.
  يېڭىچە شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى گۇڭگا، ئىپادىلەشتە يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر ئاسانلىقچە چۈشنەلمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ خەنزۇ تىلىدىكى «朦胧诗» يەنى «گۇڭگا شېئىر» دېگەن ئاتالغۇ بويىچە خاراكتېرلەندى ۋە نەزەرىيە ئاساسىنى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى دەيدىغان قاراش شەكىللەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تۈركۈم ياش شائىرلارنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ نىسپىي تۇرغۇنلىقىغا قارشى سەگەك پوزىتسىيەسى ئىدى. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى  مامبەت تۇردى «20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا پەيدا بولغان گۇڭگا شېئىرلار ھەرگىزمۇ تاسادىپي ھادىسە بولماستىن بەلكى ئۇ ئىجتىمائىي، تارىخى  ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە»① دەپ ئېيتقاندەك ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ شېئىرىيەت سەھنىمىزدە پەيدا بولۇشى يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بىر قىسىم ياش شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياۋى شېئىرىيەت مۇنبىرى قاتارىغا قويۇپ ئويلىنشىنىڭ مۇقەددىمسى ئىدى.
  غەرب ئەدەبىيات مۇنبىرىدە داڭق چىقارغان سىمۋولىزم پېشۋاسى فرانسىيەلىك شائىر چارلېس بودىلىر  ‹charles Baudelair› ‹1876 ـ 1821› ئېلان قىلغان «رەزىل گۈللەر» ناملىق سىمۋولىستىك شېئىرلار توپلىمى فرانسىيە ئەدەبىياتىدا جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتى ساھەسىدە مودېرنىزمنىڭ رەسمىي بارلىققا كېلىشنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا شېئىرىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ مودېرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۆپلىگەن ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.
  مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمى بودىلىر ۋە ستېفان ماللارمىي ‹1898ـ 1847› قاتارلىق  فرانسىيە ئەدىبلەرنىڭ دائىرسىدىن ھالقىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا تارقالغاندىن كېيىن مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمى دۇنياۋى ئەدەبىيات ئېقىمى بولۇپ قالدى.  ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن چەتئەل شائىرلىرى ئىچىدە بودىلىر ۋە ماللارمىيدىن باشقا توماس ئېلئوت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
توماس ئېلئوت ـ ‹Thomas stearns eliot  1965 ـ 1888›  ھازىرقى زامان ئەنگلىيە ـ ئامېرىكا شېئىرىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر شائىر. ئۇنىڭ «باياۋان» ناملىق داستانى 20 ـ ئەسىر ئەنگلىيە ـ ئامېرىكا شېئىرىيىتىدە دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. ئۇ «ئىرادە ۋە شەخسىي تالانت» ناملىق ماقالىسىدە «خۇسۇسىيسىزلاشتۇرۇش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ نەزەرىيە ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىگىمۇ بەلگىلىك  تەسىر كۆرسەتكەن. كۆپلىگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقمىدىكى شائىرلار ئېلئوت ئېيتقاندەك سوبيېكتىپ ھېسسياتنى يېزىشنى، سوبيېكتىپ تۇيغۇنى ئەقلىي ئىدىيەگە بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز شېئىرلىرىدا شەخسىي ھېسسياتنى ئىپادىلەشنى چىقىش قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى گۇڭگىلىق ئىلگىرىكى شېئىرلارغا قارىغاندا تېخمۇ كۈچلۈك بولۇپ شېئىرى ئوبراز، شېئىرى ئىماگ ۋە شېئىرى بوشلۇقنىڭ غۇۋالىقىنى شەكىللەندۈردى.
  شېئىر ـ يۈكسەك تىل سەنئىتى. ئۇ يېڭلىنىىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن  يېڭىچە شېئىرلار  ھەققىدە «يېڭلىق ياراتماي، مەنىسىز ئەنئەنىنى بويلاپ مېڭىۋېرىش كونىلىققا قايتىش بولۇپ قالىدۇ»② دەپ ئېيتقاندەك، بىر قىسىم شائىر، تەتقىقاتچىلار يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى شۇنداقلا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە قوللاش پوزىتسىيەسىنى شۇنداقلا ساقلاپ قېلىش يېتەكلەش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.
  يەنە بىر قىسىم شائىر، تەتقىقاتچىلار كىلاسسىك شېئىرىيەتكە بولغان ھۆرمىتى چوڭقۇر بولغاچ «ئۇلار شېئىرىيەتنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەزمۇن بىرلىكى بىلەن شائىرنىڭ ئەسىرىدە ئەكس ئېتىدىغان بەدىئىي غايىۋى مەقىسىتىنى يوققا چىقىرىپ، شېئىرىيەتنىڭ لىرىك مەزمۇنىنى مۇقىم تۇرغۇنلىققا ئىگە بولغان مۇناسىپ بەدىئىي شەكىلدىن ئايرىپ شېئىرىيىتىمزنى سېھرى ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلدىغان ۋەزىن، تۇراق، قاپىيەگە ئوخشاش نورمال گۈزەللىكلەرنى ئىنكار قىلدى»③ دېگەندەك قاراش بىلەن يېڭىچە شېئىرلارنى چەتكە قاقتى. قىسقسى يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى شېئىرلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى كۈچلۈك بەس ـ مۇنازىرە قوزغىدى.
بىرىنچى ئەۋلاد ياش شائىرلار قوزغىغان يېڭىچە شېئىرىيەت ئىنقىلابى ئاز بولمىغان توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ باتۇر روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇختار مەخسۇت قاتارلىق شائىرلار يېڭىچە شېئىرىيەتكە ئالاقىدار كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ يېڭىچە شېئىرلارنىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇشى شۇنداقلا كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنى جەلپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاندى.
  ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى قىسقىغىنە مۇساپىسى جەريانىدا ئەخمەتجان ئوسمان ۋەكىللىكىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلاردىن كېيىنلا ئادىل تۇنىياز، پەرھات ئىلياس، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قەيسەر تۇرسۇن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق ئىككىنچى ئەۋلاد ياش شائىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئىككىنچى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇردى.
  ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىىيىتى شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. بۇجەرياندا «خائىن تاغلار»، «قەشقەردىكى يەرشارى»، «چوغ سورىغان بالا»،
«سالغا تېشى»غا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ شېئىرىيەت سەھنىسىدە ئاز بولمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى جەريانىدا ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ بۇخىل ئالاھىدىلىكلەر ئىككى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.                                                                                                                                                                                                   
1. ئىنسان روھىنى ئۇلۇغلاش، ئىنسانىي كۈيلەش، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشنى  مەزمۇن قىلغان.
ئەدەبىياتنىڭ ئوبيېكتى ئىنسان، جۈملىدىن شېئىرىيەتمۇ ئىنسانغا مەنىۋى زوق ياكى ۋاستىلىق تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلدۇ. كىشلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتلا بولدىكەن ئاخىرقى ھېسابتا، شېئىرى ئىجادىيەتتە يەنىلا ئادەم، ئادەمنىڭ خاراكتېرى، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ھېسسياتى تەسۋىرلىنىپ تۇرمۇشتىكى ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىنى ئىپادىلەش ئاساسىي مەسلە ھېسابلىنىدۇ.  شۇنداق ئىكەن مەيلى كىلاسسىك شېئىرىيەت بولسۇن مەيلى يېڭىچە شېئىرىيەت بولسۇن ئىنسان روھىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىشى ئېنىق. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدە بۇ تېما قانداق ئەكس ئەتتۈرۈلدى؟  ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلار ئىنسان روھى تېمىسىنى يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئۆزىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىدىن ھالقىش، ئۆزىنى يېڭلاش قاتارلىق مۇرەككەپ ئىنسان روھىنى ۋە تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ ئىنساننىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ئۇلۇغلىغان. مەسلەن : ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ھەمىشە»، «روبېنزون كروزو»، «ئۆلۈمنى ئىزدەش»، باتۇر روزىنىڭ «ئايسىز ئايدىڭ»، «جەڭنامە»،  پەرھات ئىلياسنىڭ «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. تۆۋەندە بىز پەرھات ئىلياسنىڭ «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: شېئىردا ھاياتلىق پائالىيىتى ئىچىدىكى ئىنساننىڭ بۈيۈكلۈكىگە مەدھىيە ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن.
قاق سەھەردە
لاخشىگىرنى كۆتۈرگىنىچە بىر بالا
قولتۇقىدا لاخشىگىر،
مۇزلىغان قوللىرىنى ھورداپ قويۇپ
ئىشىكىنى چېكەر ئۇپۇقنىڭ.
كۆزلىرىنى ئاچالماس تەڭرى،
ئەگىپ ـ ئەگىپ كەتمەيدۇ بالا.
يۇقىرىقى شېئىردا تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش ھەلەكچىلكىگە جاپاكەش ئانسى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۇيەردە دېيىلىۋاتقان تەڭرى بىلەن قۇياش شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا بىر گەۋدىلشىپ كەتكەچكە قۇياشتىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەن بالىنىڭ جۇشقۇن ھايات روھىغا مەدھىيە ئوقۇغان.
  2. شېئىرىيەتتە سوبيېكتىپنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ سوبيېكتىپ ھېسسيات ئىچىدىن ئەقلىيلىكنى ياكى ئىدىيەنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان.
ئېلئوت «شېئىردا دەسلەپكى سىمۋولىزمچىلارغا ئوخشاش شائىرنىڭ ھېسسياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرماسلىقى كېرەك، شائىر ئەسەردىن يېنىپ چىقىپ ئۆز ھېسسياتىنى سوغۇققانلىق بىلەن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەقلىي ئىدىيەلەرگە بويسۇندۇرۇش، تۇيغۇ ئارقىلىق ئىدىيەنى ئىپادىلەش، ئىدىيەنى تۇيغۇغا قايتۇرۇش، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازى ئارقىلىق ئىدىيەنى بەدىئىي ھالدا ئىپادىلەش شۇئارقىلىق كىتابخانلارنى ئوبرازلار ئارقىلىق شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ھېسسىي ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ئاندىن بۇ ئىنكاسنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەقلىي بىلىشكە ئايلاندۇرىدىغان قىلىش لازىم»④ دېگەننى تەشەببۇس قىلغىنىدەك ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدىمۇ سوبيېكتىپ ھېسسياتنى ئىپادىلەشنى، سوبيېكتىپ ھېسسيات ئىچىدىن ئىدىيەنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئەقلىيلىك بىلەن ئىدراكنى ئىپادىلەشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا بۇ خىل مەزمۇن يارقىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇنلىغان يېڭىچە شېئىر ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلغاندىن كېيىن سان جەھەتتىن كۆپىيىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن بېيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ  كۆپلىگەن شائىرلار تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇسىنى  ئۆز شېئىرلىرىدا مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ  ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن موللىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
مەسلەن : يېڭىچە شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ياش شائىر ئالىمجان تۆمۈر تۇراننىڭ «سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى» ناملىق شېئىرى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى
يېشىل كىيىملىك دەرەخلەر ھۆل چاچلىرىنى سىلكىپ ناخشا توۋلايتتى.
يامغۇر سۈيى قېپيالىڭاچ يۈگۈرگىنچە
ئۆيگە قايتىشقا ئۇنىمايدىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى
يامغۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ قالغان قىز
پاتقاق كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ
ئۆزىنىڭ كۈنلۈككە ئەمەس
مۇھەببەتكە مۇھتاجلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتى.

شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا جىمجىت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان غېرىبلىقنىڭ ۋە يالغۇزلۇقنىڭ شېئىردىكى «مەن» قەلبىدە ئەكس ئېتىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ شېئىردىكى «مەن» نىڭ روھى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇپ سىرىتتىكى يامغۇردەك گۈزەل ۋە ئازادە كەيپىياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتكەن. قىسقىسى يېڭىچە شېئىرلاردا شائىرنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىيات مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ سوبيېكتىپ ھېسسىيات ئىچىدىن ئوقۇرمەن قوبۇل قىلالايدىغان شېئىرى بوشلۇقنى يارىتىپ شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى شېئىرى مۇھىتنىڭ بىر گەۋدىلنىشىنى ھاسىل قىلغان.
3. شەھەرلىشىىش  دولقۇنىدىكى ئۇيغۇر جەمئيىتى رېئاللىقىنى ۋە كۈچلۈك دىنىي تۇيغۇنى ئاساسىي ئىپادىلەش مەزمۇنى قىلغان.
  شەھەرلىشىش ئۇيغۇر جەمئيىتىگە يېڭى ـ يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى شۇنداقلا تېخىچە نادانلىقتا ياشاۋاتقان بىر توپ خەلقنى گاڭگىرىتىپ قويدى. يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى كۆپلىگەن شائىرلار بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ گاڭگىراپ قالغان ئۇيغۇر رېئاللىقىنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلدى. تالانتلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنى بۇ نۇقتىدا ئەڭ كۆپ ئويلانغان شائىر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى مۇشۇ تېمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ تۆۋەندىكى  «ماشىنا چىرىغى» ناملىق شېئىرى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.
كېچىدە
ماشىنىنىڭ كۆزلىرى يانار
ۋەھىمە ئىچىدە.
ئوڭغا بۇرۇلدۇق تاپالمىدۇق،
سولغا بۇرۇلدۇق قاچالمىدۇق.
شەبنەم چۈشۈۋاتقان گۈلنىڭ بەرگىدە
ھەردەم گۈزەللىك، جىمجىت ۋەھىمە.
ۋاللىدە شولا چۈشتى ئاق تامغا
مۆشۈكنىڭ نىقابىنى كۆرۈپ قالدىم.
مەن تام تۈۋىدە ئۆلۈپ قالدىم
ھەر قېتىم بىر سايىنىڭ يۈزى بىلەن.
شېئىردىكى ماشىنا چىرىغى مۇرەككەپ شېئىرى ئوبراز بولۇپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا مەجبۇرى سىڭىپ كىرىۋاتقان سانائەتنىڭ ، زامانىۋىلىقنىڭ، شۇنداقلا شەھەرلىشش قەدىمىنىڭ شولىسى دېيىشكە بولىدۇ.شېئىردىكى شولا ئۆزگەرتىۋاتقان ئاق تام يەنى پاكلىق ئىچىدىكى قىز ـ ئاياللارنىڭ ئۆزلۈكىنى يوقۇتۇۋاتقانلىقىدەك پاجىئەنى كۆرگەن مىللىي غورۇرغا تويۇنغان ئەر ھەرقېتىم خورلۇق ئىچىدە ئۆلىدۇ. مانا بۇ رېئاللىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن ھەربىر ۋىجدان ئىگسىنىڭ ئورتاق تۇيغۇسى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شائىرلار  شەھەرلىشىىش قەدىمى جەريانىدا شەكىللەنگەن يېڭى ـ يېڭى مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە كۈچلۈك دىنىي تۇيغۇسىنى ئىپادىلگەن . مەسلەن : ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ بەش بىلەن يەتتە ئارلىقى ناملىق شېئىرى بۇنىڭ دەللى بولالايدۇ.

ئېقىپ چۈشتى يۇلتۇز سۇنۇقى
تىتىرمەكتە پالچىنىڭ لېۋى.
ھالاكەتتەك تاتارغان
زېرىكىشلىك شەھەر ئاسمىنى!
رەڭسىز ھاۋا
تىراگېدىيە،
دات باسماقتا كېچە باغرىنى.
كاۋاپداندەك ئىسسىق بالىلار
    جىمىرلايدۇ دوقمۇش ـ دوقمۇشتا.
تۇل ئايالنىڭ كۈندەشلىكىدەك
ئېتىقادلار كۆيەر بەك ئاستا

يۇقىرىقى شېئىردىكى يۇلتۇز بەلكىم شېئىرى بوشلۇق ئىچىدىكى قىزنىڭ سىمۋولى ، رەڭسىز ھاۋا زامانىۋىلىق قەدىمىگە يېتشەلمەي ئارقىدا قالغان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى كۆرستىشى مۇمكىن.  شېئىردا مىللى ئىدېئولوگىيەنىڭ زامانىۋى ھالىتى بىلەن شەھەرلىشىىش دولقۇنى ئوتتۇرسىدىكى شەكىلسىز كۈرەش ۋە بۇنىڭ رەڭسىز ھاۋا يەنى زامانىۋى ياتلىشىىشتىن ئىبارەت تىراگېدىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇر رئېاللىقىنىڭ قىسقىغىنە كارتىنىسىنى شۇنداقلا ئاستا ـ ئاستا ئېتىقادسىزلىشىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوبرازىنى ئىپادىلگەن.
  4.  مۇھەببەت، قىز ـ ئاياللار، ئانا ۋە قېرىنداشلىق مېھرى تېمىسىدىن ئىبارەت دۇنياۋى ۋە مەڭگۈلۈك تېمىلارنى ئىپادىلەشنى مەزمۇن قىلغان.
مۇھەببەت تېمىسى تالاي يىللاردىن بۇيان شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇتۇلۇپ كەلدى. مۇھەببەتنى كۈيلەش، ئۇلۇغلاش، قىز ـ ئاياللارنى مەدھىيەلەش يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىپادىلەش مەزمۇنى بولۇپ كەلدى. بۇ تېملاردا يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ ئۇلار مۇھەببەت، ۋە قىز ئاياللار تېمىسىنى شۇنداقلا ئانىنى ئۇلۇغلاش، ئانىلىق مېھرىنى كۈيلەشنى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىپادىلىگەچكە كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى.  
بۇنىڭغا مىسال ئورنىدا ياش شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ مۇبارەك ناملىق شېئىرىنىڭ مۇنۇ بىر كۇبلېتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
ئانا دەپ توۋلىسام نىدا قىلىدۇ،
قەلبىمدە يوقالماس سادا قالىدۇ.
      قىزغىنىپ ئېتىقاد، سۆيگۈمنى مەندىن،
ئۆرتىنىپ ئەرشتە خۇدا قالىدۇ.
بەزى كىشلەرنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ قۇدرىتى بۈيۈك. شۇ سەۋەبلىك شۇ سانسىز ئىنسان قەلبىدىكى خۇداغا بولغان ئېتىقاد ۋە سۆيگۈ ھەر قانداق مەۋجۇدلۇققا بولغان سۆيگۈ ۋە ئېتىقادتىن كۈچلۈك. ئەمما شائىرنىڭ ئانسىغا بولغان ئېتىقاد سۆيگۈسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغكى، ئۇنىڭدىن ھەتتا خۇدامۇ ھەيران قالىدۇ.مانا بۇ ئانا سۆيگۈسى ھەققىدىكى يەنە بىر گۈزەل ھېكمەت⑤  شۇنداق، بۇ خىل ھېسسىيات يالغۇز غوجىمۇھەممەتنىڭلا ھېسسياتى بولۇپ قالماستىن كۆپلىگەن يېڭچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ ھېسسياتى بولۇپ بۇخىل ھېسسيات ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئېتىلىپ چىقتى.
  5 . كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق ئىدىيە ئاساسلىق ئىپادىلەش مەزمۇنى قىلىنغان.
يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى كۆپ سانلىق شائىرلار ۋەتىنىمىز جۇڭگونى، رايونىمىز شىنجاڭنى قىزغىن، قايناق ھېسسياتى بىلەن مەدھىيەلەپ ، ئۇيغۇر خەلقىنى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر خاراكتېرىنى كۈيلەپ ئۆزلىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەلىك، خەلقچىللىق ھېسسياتىنى ئىپادىلگەن. گەرچە ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق تېمىسى كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولسىمۇ ئەمما يېڭىچە شېئىرلاردىمۇ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە بىلەن ئىپادىلنىپ يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بۇ تېمىلاردىمۇ ئەكس ئەتتۈردى. ھەتتا بۇ تېمىنى توختىماستىن ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى قىلىپ كەلدى.
  شائىر ئادىل تۇنىياز ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قەشقەردىكى يەرشارى ناملىق شېئىرى بۇنىڭ دەلىلى. ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىرى مۇنداق باشلىندۇ.
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئەمەستەك ئۆزۈڭنىڭ كۈلكەڭ.
ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى،
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
شۇنداق ۋەتەن سۆيگۈسى ئەڭ يۈكسەك سۆيگۈ. ۋەتەنسىز ئەر ، كېپەنسىز مېيت. شائىر ئادىل تۇنىياز قەلبىدە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى مۇبادا دوزاختا بولسىمۇ ۋەتەن، مەڭگۈ بىر مۇھاجىر جەننەتكىمۇ سەن» دەپ ئېيتقاندەك پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن ۋەتەننى كۈيلىدى.
ئادىل تۇنىيازدىن باشقا يەنە بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلاردىن ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى، پولات ھېۋزۇللا قاتارلىق شائىرلار ئىككىنچى ئەۋلاد شائىرلاردىن پەرھات ئىلياس، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت قاتارلىق شائىرلارمۇ قىزغىن ھېسسياتى بىلەن ۋەتەننى كۈيلىدى، خەلقچىللىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلىدى.
  6. تارىخىي تۇيغۇ، تارىخىي رېئاللىقا بولغان سوبيېكتىپ ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن.
  ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان شائىر مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشىنىمۇ سۆيىدۇ. يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ۋە كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخنى ئۆزنىڭ تۇيغۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى ، ئەجدادلارغا بولغان ئىپتىخارلىنىش ھېسسياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلار ئەجدادلارغا باغلانغان تارىخىي تۇيغۇ ئىچىدىن، ئەجدادلار ياراتقان مەدەنىيەتنى، ئەنئەننى مۇرەككەپ سىمۋوللار قاتلىمى ئىچىگە قويۇپ، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ۋە ئەنئەنسىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ بەردى.
تالانتلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ كۆپ قىسىم شېئىرلىرى گەرچە ئەنئەنۋى شېئىرىيەتكە تەۋە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ سالغا تېشى ناملىق شېئىرى يېڭىچە شېئىرىيەتكە تەۋە بولۇپ بۇ شېئىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزى سالغا تېشى ئۆزۈمگە تەبىئەت ۋە ئەجدادلار روھىنىڭ ساداسىدەك تۇيۇلىدۇ⑥ دەپ ئييتقاندەك تارىخىي تۇيغۇنىڭ جۇغلانمىسى ھېسابلىندۇ. سالغا تېشىدا كوللېكىتىپ ئاڭسىزلىقنىڭ جۇغلانمىسى بولغان مۇرەككەپ شېئىرى ئىماگ سالغا تېشى تەبىئەت ۋە ئەجدادلارنىڭ روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ تارىخى تۇيغۇنىڭ ئىپادىلنىش شەكلىنى ياراتقان. خۇددى ئىمىن ئەھمىدى  بۇغدا ئابدۇللانىڭ قەلبىدىكى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئەسلى شەكلى بولغان ئىپتىدائىي ئىماگ ئۇنىڭ روھىتىدە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالەتتىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كۈچلۈك، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئېستېتىك قىممەتنى يارىتىدۇ⑦ دەپ يازغاندەك سالغا تېشى شائىرنىڭ تۇرغۇنلىقتىكى تارىخىي تۇيغۇسىنىڭ جۇغلانمىسىنى ئوبرازلىق تىل ۋە كونكرېت مەنا بوشلۇقىغا ئىگە ئېستېتىك ئوبراز ھەم ئىماگ ئۈستىگە يۈكلەپ يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ياراتقان.
   ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇيغۇر يېڭچە شېئىريىتى مەزمۇن جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان تېمىلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈگەن بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياۋى تېمىلارمۇ، مىللى تېمىلارمۇ يارقىن ئىپادىلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بىر پارچە ماقالە بىلەن خېلى ئۇزۇن تارىخققا ئېگە يېڭىچە شېئىىريەت ئېقىمىدىكى شېئىرلارنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ يېڭىچە شېئىريەت ئېقىمىنىڭ ئالاھىدىلكىنى تەتتقىق قىلىش زور ئەھىمىيەتكە ئىگە.
   ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىريىتى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئەنئەنىۋى شېئىرلاردىن پەرىقلىندۇ، جۈملىدىن تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلكى جەھەتتىنمۇ ئەنئەنۋى شېئىرلاردىن پەرقىلىندۇ. شەكىل جەھەتتىن كىلاسسىك شېئىرى شەكىل ۋە چاچما شېئىرى شەكىلدە يېزىلىغاچقا ئۆزىگە خاس بەددئىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن.
تۆۋەندە يېڭىچە شېئىريەتنىڭ شەكىل، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ۋە تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلكى قاتارلىق تەرەپلىرى مۇھاكىمە قىلنىپ يېڭىچە شېئىريەتنىڭ  بەددئىي ئالاھىدىلىكلىرى يىغىنچاقلىندۇ.   
ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭلىق يارىتىپ مۇدىرنىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ياراتقان.
  ئۇيغۇر شېئىريىتى ئەسىرلەردىن بۇيان رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن داۋاملىشىپ كەلدى، 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە رىئالىزىملىق شېئىرلار مەيدانغا كەلدى. تاكى 80 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرغىچە باشقا خىل ئەدەبىيات ئېقىمى ئۇيغۇر شېئىريىتىگە سېڭىپ كىرەلمىدى. ئۇيغۇر يېڭچە شېئىريەت ئېقىمى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ مۇدىرنىزىمنى شېئىريەتكە ئېلىپ كىردى. كۆپلىگەن شائىرلار شېئىرلىرىدا مۇدىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس، پولات ھېۋزۇللا، ئادىل تۇنياز، قەيسەر تۇرسۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق شائىرلار مۇدىرنىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تەڭ قوللىنىپ  مۇدىرنىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن مىللى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرغا تويۇنغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردى.                                                                                                                                                                                                                                                  
شائىر ئادىل تۇنياز ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ياراتقان بولۇپ شېئىرلىرىدا ئۆزىگە خاس چۆچەك ئېڭى ئارقىلىق باللار چۆچىكىدەك گۈزەل بىر ئەپسانىۋى شېئىرى مۇھىت يارتىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭ چۆچەكلىرىم ناملىق شېئىرىدا بۇ نوقتا يارقىن گەۋدىلەنگەن. مەسلەن:

بولىسىمۇ ئالتۇن كەشى ئانامنىڭ،
    ‹ئالتۇن كەش› دەپ چۆچىكى بارتى.
دادام ھەركۈن خىزىر ھەققىدە
چۆچەك ئېيتىپ ئۇخلاپ قالاتتى.
شۇ ئاخشىمى خىزىر بولۇپ مەن
    بۆلۈپ بىرەتتىم خاسىيەتلىك چۈش.
پەرىزاتتەك كىيەتتى ئانام
دۆۋە ـ دۆۋە ئالتۇن كەشلەرنى
تېپىۋالاتتى ئېتىزدىن دادام
      نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن كەتمەننى
بۇرۇن ـ بۇرۇندا
     نۇرغۇن ـ نۇرغۇن چۆچىكىم بولغان.
چۆچەكلەردە
    توخۇ، توشقان، ئۆردىكىم بولغان.
شائىر ئادىل تۇنيازنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا يەنە چۈش، خىيال، رىئاللىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، شېئىرى مۇھىت يارتىلغان.
دېمەك يېڭچە شېئىريەت ئېقىمىدىكىلەر كىلاسسىك شېئىرلاردىن پەرىقلىندىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
2. شېئىرى ئوبرازلار، شېئىرى ئىماگلارنىڭ شېئىردىكى رولىغا ئەھمىيەت بىرىپ سېمۋولىزىملىق ئىپادىلەشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان.
شېئىر ـ تىل سەنئىتى، جۈملىدىن ئوبراز سەنئىتى. شېئىرى ئوبرازلار شېئىرنىڭ مەنا بوشلۇقىنى ھاسىل قىلدىغان، ۋە شۇ ئارقىلىق شېئىرنى ئىستىتىك قىممەتكە ئېگە قىلدىغان مۇھىم ئامىل.
ئۇيغۇر يېڭچە شېئىريىتى شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، مۇرەككەپ ئوبرازلار ۋە شېئىرى ئىماگلارنىڭ ئىستىلىستىكىلىق رولىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يېڭچە شېئىرلارنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ياراتقان. يېڭچە شېئىريەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى شېئىرى ئوبرازلارنىڭ ئىستېتىك قاتلىمىغا ئەھمىيەت بىرىپ پىكىرنى يالىڭاچ ئىپادىلەشتىن ساقلىنىپ تۇيغۇ بىلەن شېئىر كەيپىياتنى، ئوبراز بىلەن ئىديىنى بىرلەشتۈرۈپ شېئىرى بوشلۇقنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھاسىل قىلغان. مەسلەن : ياش شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت ئۆزىنىڭ تۈن قاراڭغۇ يامغۇر بىقارار ناملىق شېئىرىدا شېئىرى ئوبرازلارنىڭ رەڭدارلىقىنى ياراتقان.
    ھارغان چۆللەر مەندە توختىدى،
خورجۇنىنى ئاستى توغراققا.
يالاڭئاياغ كەتتى شاماللار
كۆڭۈل بېرىپ قويۇپ يانتاققا.
     ئون بەش ياشلىق بىر قىز بارئىدى،
چاچلىرىدىن ياسايتتى قامچا.
   نەگە كەتتى، ھېچكىم بىلمىدى،
ئۇسۇل ئوينار دەردى قاۋاقتا.
    يېرىم يولدىن ياندى ھارۋىكەش،
  قامچىسى يوق قىلالماي ئىزھار
كۆڭلىنى ئاتقا.
شائىر يۇقارقى شېئىردا سېمۋولىستىك ئوبرازلار قاتلىمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ مۇرەككەپ شېئىرى تۇيغۇسىنى ئوبرازلار ئۈستىگە يۈكلەپ شېئىرى پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىقىنى پەيدا قىلغان.
قىسقىسى ئۇيغۇر شېئىريىتىدە كۆرۈلگەن يېڭچە شېئىريەت ھادىسسى شېئىرلاردىكى ئوبرازلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەنا دائىرسىنى كىڭەيتىپ، يېڭچە شېئىرى ئوبرازلارنى ياراتقاندىن باشقا ئىستىلىستىكىنىڭ رولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
3. شېئىرى تىلنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، گىرامماتىكا، ۋە ئەنئەنۋى لوگىكىنىڭ رامكىسىدىن قۇتۇلۇپ يېڭچە شېئرى تىلنى ياراتقان.
   يېڭچە شېئىريەت ھادىسىى ئەنئەنۋى شېئىرى تىلنى زور دەرجىدە ئىسلاھ قىلىشنى مەخسەت قىلغان بولۇپ، شېئىرى تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى، ئىستىلىستىكىلىق شېئىرى تىلنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. بولۇپمۇ باللارغا خاس چۈچۈك، تاتلىق تىل بىلەن يەڭگىل شېئىرى رىتىمنى ھاسىل قىلىپ يېڭچە شېئىرلارنىڭ بەددىلىكىنى يۇقرى كۆتۈرگەن. يېڭىچە شېئىرلار ئەنئەنۋى شېئىرلارغا ئوخشىمايدىغان يېڭچە تىلنى ياراتقان بولۇپ بىز تۆۋەندە ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئۈلگۈرەلمىدىم ناملىق شېئىرىنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك بۇ نوقتىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.
يارلانغان تۇلپاردەك كىشنەيدۇ كېچە،
باغرىڭدەك بىپايان كۆيەر تەبىئەت.
رىئاللىق ۋەسلىدىن كۆكلەيدۇ مھىرىم،
     شۇ قەدەر گۈزەل ھەم شۇ قەدەر دەھشەت.
يۇقارقى شېئىردا كېچە قانداقتۇر بىر ئازاپ تۈپەيلى نالە قىلدۇ، تەبىئەت سۆيگۈ ئوتىدەك يېلىنجايدۇ، يېقىنلاپ كەلگەن رىئاللىق شېئىردىكى مەن نىڭ مېھرى ـ مۇھەببىتىنى ئويغىتىدۇ. قىسقىسى شېئىردىكى مەن ئاستا ـ ئاستا يېقىنلاپ كىلۋاتقان سۆيگۈنىڭ ھارارىتىدىن ئويغىنىدۇ.
شېئىرغا قارايدىغان بولساق شېئىردىكى يارلانغان تۇلپاردەك كىشنەيدۇ كېچە دىگەن مىسرادا لوگىكىنىڭ چەكلىمىسىدىن خالىي ھالدا تىل ئىشلەتكەن بولۇپ ئاتنىڭ ھەركەت ھالىتىنى كېچىگە يۆتكەپ روھى كەيپىياتنىڭ سېمۋولىششىنى ھاسىل قىلغان. شېئىردىكى كۆيەر تەبىئەت، كۆكلەيدۇ مېھىرىم دىگەن سۆز بىركىمىللىرى قېلىپلىشىپ قالغان تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادىل تۇنىيازنىڭ دېڭىزدىكى كوچا، چۈمبەلدىكى كۆز قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىردىكى كۆپلىگەن شېئىرلار يوقارقىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ شائىر ئۆزى ئېيتقاندەك شېئىرى تىلنى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىپ تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە روشەن ھالدا ئەكىس ئەتتۈرگەن.
  4. شەكىل جەھەتتىن ئەنئەنۋى شېئىرى شەكىلدىمۇ، چاچما شېئىرى شەكىلدىمۇ يېزىلغان بولۇپ قاپىيە جەھەتتىن ئەركىن،تۇراقلىق بىر رىتىمغا چۈشمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
يېڭچە شېئىريەت ھادىسسى بەيدا بولغان دەسلەپكى چاغلاردا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر يېڭچە شېئىرلارنى چاچما شېئىرى شەكىلدىلا يېزىلدىغان قاپىيەلىرى تولۇق بولمىغان سۆزلەر دۆۋلەنمىسى دەپ قارايدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن ئىدى. بىىر قىسىم شائىرلار ناھايىتى تىزلا يېڭچە شېئىرلارنىڭ چاچما شېئىر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كۆپلىگەن شائىرلار «شېئىرى شەكىل ئەنئەنۋى نەرسە ھەم ئىجادىي نەرسە. ئۇ داۋام قىلغان ھەم ئۇنتۇلغان ئەنئەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» ① دىگەن قاراش بويىچە يېڭچە شېئىرلارنى كىلاسسىك شېئىرى شەكىلدىمۇ، چاچما شېئىرى شەكىلدىمۇ ئىجاد قىلغان.
يېڭىچە شېئىرلارنىڭ قاپىيسى بەزىدە ئاچ قاپىيە، بەزىدە توق قاپىيىدە بولۇپ موقىم بىر قاپىيە شەكلىگە ئىگە ئەمەس، بولۇپمۇ تۇراقلىق بىر رىتىغا چۈشمىگەچكە شېئىرى بوشلۇقنىڭ كەڭلىكىنى ھاسىل قىلغان. يېىڭىچە شېئىرلار يەنە ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلكىنىمۇ ئۆزىگە ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ شەكىل جەھەتىتىن ئۇنۋىرسال خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن. مەسلەن: شائىر قەيسەر تۇرسۇننىڭ «شېئىردىكى مىڭ بىر كېچە» ناملىق شېئىر دەل بارماق ۋەزىندە يېزىلغان بولۇپ پەقەت شېئىرنىڭ تىلى يېڭچە شېئىىرلارنىڭ تىل ئالاھىدىلكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولغاچقىلا ئەنئەنۋى شېئىرلاردىن پەرىقلىندۇ.
شېئىر يازدىم، بىر ئوتلام شېئىر،
     يىغلاپ تۇرۇپ ئىچسۇن دەپ نىگار.
شېئىردىكى مىڭ بىر كېچىدىن،
تارام ـ تارام تۆكۈلدى باھار.

شەھرىزادقا دەردىنى تۆككەن
       بىر تامچە گۈل بىر دەرتمەن ئايال.
ئاياللارنىڭ ئىچىگە پاتماي،
قاينىماقتا بىر چۆگۈن خىيال.
دېمەك يېڭچە شېئىرلار شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىل بولۇپ ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ كۆپلىگەن شەكىللىرىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلغان دىيىشكە بولىدۇ، شۇڭلاچقا يېڭچە شېئىرلارنىڭ شەكلى ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ شېئىرى شەكلىنى، چاچما شېئىرى شەكىلنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا يېڭىچە شېئىرلارنىڭ رىتىمى تۇراقلىق بىر رىتىمغا چۈشمىگەچكە شېئىرىي رىتىمنىىڭ ئۈزۈكلىكىنى پەيدا قىلغان دىيىشكە بولىدۇ.
   ئومۇمەن ئېيتقاندا يېڭىچە شېئىرلار مەزمۇن ۋە بەددئىي  ئالاھىدىلىك جەھەتتىن مۇدىرنىزىملىق ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ ئالاھدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ خاس مۇدىرنىزىمنىڭ كۆچۈرۈلمىسى دېيىشكە بولمايدۇ.
ئۇيغۇر يېڭچە شېئىريىتى يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، شېئىرىي تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇر شېئىريىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى.



ئىزاھاتلار:
1. مامبەت تۇردى: « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۇڭگا شېئىريەت ھادىسسى»،  « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» 2007 ـ يىل 1 ـ سان ‹خەنزۇچە›  112 ـ بەت
2. ئىمىن تۇرسۇن « يېڭى ئېقىمدىكى شېئىريەتنىڭ بەزى يېڭلىقلىرى» [ J ] 2007 ]ـ يىللىق 2 ـ سان ، 52 ـ  بەت
3. مۇھەممەت پولات : « شېئىريەت يۈكسەك بەدىئىي سەنئەت »  [ J ]  2008 ـ يىل 10 ـ سان   116 ـ بەت
4. تاھىر ھامۇت : «غەرب مۇدىرنىزىم ئەدەبىيات ئېقىملىرى ⑴M ]     ]  شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2000 ـ يىل 11 ـ ئاي نەشرى. 103 ـ بەت
5. تۇردى سۇلتان ئىزچى : «غوجمۇھەممەتنىڭ شېئىريەت قەلئەسىگە نەزەر» [ J ] «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2006 ـ يىل 3 ـ سان 62 ـ بەت
6. بۇغدا ئابدۇللا: «شېئىريەتتىكى بوشلۇق» [M] «شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى» 2004 ـ يىل 8 ـ ئاي نەشىرى. 115 ـ بەت
7. ئىمىن ئەھمىدى: «بۇغدا ئابدۇللا ۋە ‹سالغا تېشى› »، «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2005 ـ يىل 4 ـ سان  19 بەت
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1. ئادىل تۇنىياز : «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» [ M ] شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2004 ـ يىل 3ـ ئاي 1ـ نەشىرى ، 105 ـ بەت
2. بۇغدا ئابدۇللا : «شېئىرى ئوبىيكىت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر» [ j ] ،«تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2005 يىل 4 ـ سان 72 ـ بەت
3. ئادىل تۇنىياز : «دېىڭىزدىكى كوچا» [ M ] مىللەتلە نەشىرياتى 2005 ـ يىل 10 ـ ئاي 1 ـ نەشىرى
4.ئىمام موللاخۇن : «مۇدىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» [ J ] «شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى 2007 يىل 2 ـ سان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 12:46  


تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 660
تۆھپە : 0
توردا: 91
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:50:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئوبدان يېزىلىپتۇ. مۇشۇنداق دائىرىدە پات- پات سۆزلەپ تۇرۇش، يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى  تۈرلۈك چۈشەنچىلەرنىڭ خاتا يېتەكلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  تەپسىلى ئوقۇپ كىتىۋېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنى يېڭىچە شېئىرلار ئۆزىدە ياخشى ئىپادىلىدى دېگەن بايانىڭىزدا، ئۇيغۇرلارنى تېخى تۈنۈگۈنلا شەھەرلەشكەن دېگەندەك ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ قالغاندەك ئىنتۇناتسىيەدە ئوقۇپ قالدىم.
  يېڭىچە شېئىرىيەتتە، زامانىۋېلىشىۋاتقان شەھەرلىرىمىزدىكى شالغۇتلىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئىتقادقا چېقىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى يارقىن ئىپادىلىنىپ كەلدى. دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.


بۇ تېمىنىڭ يۇرۇتۇلىشى مەندە رازىمەنلىك پەيدا قىلدى.  بۇنىدىن كېيىنكى تەتقىقاتىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇر بولغۇسى ۋە مۇۋاپىق پەيتتە پىكىر ئالماشتۇرارمىز.
  ئامان بولۇڭ.

---------- مەتبۇئاتلارغا تەڭلەپ باقمىدىڭىزمۇ؟  

   تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 3- سانىدا بېرىلگەن ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ "شېئىرىيەت تەنقىدچىلىكى"گە دائىر ماقالىسى ناھايىتى ياخشى كۆرسىتىش سىزىقى بولالايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-21 16:54  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 17:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە نىسپەتەن تەنقىدى پوزىتسىيە كەمچىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مۇھەممەتجان سەيدۇللا (شۇنداققۇ دەيمەن) نىڭ بىر پارچە ماقالىسى بولىدىغان،  ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە  خېلى ئوبېكتىپ باھا بىرىلگەن ئىدى.

ئاپتۇرغا ئۇتۇقلار بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋقۇت،

ماقالىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغاچقا، تەنقىدلىمەپتۇ.
بىر ماقالىدە ئىككىلى تەرەپتىن گەپ قىلسا، نېمىنى ئىسپاتلايدۇ.
سىز تەنقىدلەڭ، ئاندىن ئىككىنىڭ بىرىنى بىز تاللاپ باقايلى. مۇھەممەدجان سەيدۇللانىڭ ئۇ ماقالىسى بىر قېتىملىق دېئاگنۇز، خالاس.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 501
تۆھپە : 0
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 18:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېڭى شېئىرىيەتنىڭ مەيدانغا كەلگىنىگە يىگىرمە نەچچە يىللار بولۇپتۇ،يېڭى شېئىرىيەتكە نىسبەتەن مەركەزلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك شائىرلاردىنىڭ بىرنەچچىسىنىڭ ئەسىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ يېڭى شېئىرىيەتنىڭ مۇدېرنىزمچە ئالاھىدىلىگى قايسى تەرەپلەردە ؟مىللىيلىكى قايسى جەھەتتە؟ئىلغارلىقى قايسى تەرەپلەردە؟ئۇتۇقلىرى قايسى؟ئەنئەنىۋى شېئىرلار بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئورتاقلىقى قايسى جەھەتتە؟تىلىدىكى ئۆزگىچىلىك قانداق؟ئەگەر ئۇلارنى مۇدېرنىزمچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېسەك مۇدىېرنىزم ئەدەبىياتىدىكى قايسى ئېقىمغا مەنسۇپ؟ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر ئالاھىدىلىك ياكى ئۆز گىچىلكنى مەيدانغا كەلتۈردىمۇ؟...دېگەندەك كۆپ نۇقتىلاردىن ئىزدىنىپ بىر ئومۇمى خۇلاسە چىقىرىپ باقىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى.لېكىن بۇ يېڭى شېئىرىيەت ئاللىقاچان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىپ مۇئەييەن كىتابخانىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1645
تۆھپە : 5
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 20:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىكى كۈنلەرنى سېنى ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۈزەل نەرسىلەرنى چىن قەلبىمدىن ئەسلەيمەن جان دوستۇم! قەيەردە بولساڭ ئامان بول!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 22:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 18:03
نەۋقۇت،

ماقالىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغاچقا ...

مەندە قاراشلىرىمنى سېستىمىلىق بايان قىلىپ ماقالە يازغۇدەك ئىقتىدار كەمچىل شۇ. ئەمما، شېئىرنى ئوقۇپ،ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالىغۇدەك تۇيغۇ، روھى دۇنيايىمنى غىدىقلىيالمىغان شېئىرلاردىن  ئەپسۇسلىنالىغۇدەك ئىنجا ھەرھالدا بار. لېكىن،ئاسماقچىلاپ شەرت قويۇپ،« ئاۋال سەنمۇ موشۇنچىلىك بىرسە يېزىپ باق» دېيىشنى ئىشارە قىلىپ  مېنى راستىنلا خېجىل قىلدىڭىز. يۇقارقى ئىنكاسىمدىن  بۇ ماقالىنى مۇۋاپىقىيەتسىز ماقالە ،دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئاتايىن بىرەر سائەتچە ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ئوقۇپتىمەن. پەقەت ماقالىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم.ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە،يەنى شېئىرىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كەلگەن ساپ ھاۋاسى،يېڭىچە تەپەككۈر شەكلى،ئۆزگىچە تىل مۇناسىۋەتلىرىگە ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى ئېۋەنسىز تەرەققى قىلغانمۇ؟  مېنىڭچە، ئۇنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرى كۆپىنچە مۇقەددەس سېمۋۇللارغا قىلىنغان «باتۇرلۇق»ى بىلەن،بەزى شېئىرلاردىكى مەنتىقىسىزلىقنىڭ زىيادىلكىدە  كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئاپتۇر ئەۋرىشكە سۈپىتىدە پايدىلانغا شېئىرلادىنمۇ مىسال تېپىش مۈمكىن.  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋقۇت يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 22:33
مەندە قاراشلىرىمنى سېستىمىلىق بايان قىلىپ ماقالە ياز ...

مۇقەددەس سېمىۋوللار قايسىلار، نەۋقۇد؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  91
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 3
توردا: 193
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 12:41
مۇقەددەس سېمىۋوللار قايسىلار، نەۋقۇد؟

سىزنىڭچىچۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1820
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 173
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋقۇت، ئىككىمىز دىئالۇگلىشامدۇق ياقمۇ؟ ئاۋال مەن سورىغانغا جاۋاب بېرىڭ.

مۇقەددەس سېمىۋۇللار قايسىلار، نېمىشقا مۇقەددەس سېمىۋۇل دەيمىز؟ قاچاندىن باشلاپ شۇنداق قاراشقا كەلدىڭىز؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 16:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتاد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 18:03
نەۋقۇت،

ماقالىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغاچقا ...


    ھەر ئىككىلىسىنى ئىسپاتلىسا بولىۋېرىدۇ. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك ھەم ئاتايىن سۇئال سورىغۇدەك يىرى يوق. چۈنكى بىر ماقالىدە پەقەت بىرلا نوقتىئىينەزەر بولۇش شەرت ئەمەس. مەلۇم ئەسەرگە ياكى ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە ئوبىكتىىپ باھا بىېرىش ئۈچۈن ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكلىرىنى ئىنىق، قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بىرىش كىرەك ئەلۋەتتە. مۇشۇ خىل مىتودتا يېىزلغان ماقالىلەرمۇ ئاز ئەمەسقۇ.
     كونا مۇنبەردىن ئەھەت مامۇت چوغداننى بىر تۈركۈم زۇغۇيلار تەزدۈرىۋەتكەن، بىر - بىرىگە پاس كۆتۈرۈپ سەپسەتە سېتىپ. چۈنكى چوغدان نەزەريىۋى بىلىم جەھەتتە سەل ئاجىز سەپسەتىگە قارشى تۇرۇپ ئۇنى ئېچىپ تاشلىيالىغۇدەك ئەمەس ئىدى. لېكىن شېئىرنى خىلى ئوبدان يازاتتى.
     نەۋقۇت ئۆزىنىڭ نەزەريىگە سەل ئاجىز ئىكەنلىكى چىرايلىق ئوتتۇرغا قويغاندىكىن ، ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىسىڭىز قانداق؟ چۈنكى مەن نەۋقۇتنىڭمۇ چوغداندەك بوپ قىلىشىنى ( مۇنبەردىن كۆڭلى سوۋۇپ كىتىشىنى) خالىمايمەن.  
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسەبىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 16:41  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 16:50
ماقالە ئوبدان يېزىلىپتۇ. مۇشۇنداق دائىرىدە پات- پات سۆ ...

قاسىمجان ئاكامنىڭ گېپى ئورۇنلۇق، ئەمەلىيەتتە مەن بۇ كەسىپتە بەش يىل ئوقۇغان بولساممۇ تۇنجى قېتىم ئىلمىي ماقالە توغىرسىدا ئىزدىنىپ بېقىشىم مۇشۇ ئىدى...


تورداشلارنىڭ سەمىمى تەكلىپىگە رەھمەت.   

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 803
تۆھپە : 1
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ماقالە بىرقەدەر ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ دىيىشكە بولىدۇ . ئىزدىنىش دائىرىسىمۇ كەڭكەن .
مېنىڭچىمۇ ن . ھاشىم دىگەندەك «يېڭىچە شېئىرىيەت - گۇڭگا شېئىرلار توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىر ئومۇمى خۇلاسە چىقىرىپ باقىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى» . ئەمما ھېلىھەممۇ يەنە كىچىكمەيدۇ ...

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 337
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 19:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى كېرەم يارى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-22 18:50
مېنىڭچە ماقالە بىرقەدەر ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ دىيىشكە ب ...

يېڭىچە شېئىرىيەت - گۇڭگا شېئىرلار توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىر ئومۇمى خۇلاسە چىقىرىپ باقىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى...


بۇ گىپىڭىز ئابدۇقادىر قالالىدىن، مۇختار مەخسۇت ئاكىلارنىڭ بۇ توغرسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى كۆزدە تۇتامدۇ بىلمىدىم، ئەمما مەن يەنىلا  زۈرۈر دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئاجىز ساھە. مەن بۇ ساھەدىكى ئۆمۈلىگۈچى خالاس. تەكلىپىڭزگە رەھمەت!

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 2
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىللىرى
[
‹‹ ئۈزۈك- ئۈزۈك پويىز ئاۋازى،
ياشلار بىلەن نەمدەلگەن››
                                            _ئە.ئوسمان
مۇ شۇ  ئىككى مېسرا شېئىرنى ئوقۇپ  مۇشۇنداقمۇ شېئىر بولامدۇ ،يا  قاپىيەسى، ياكى  تۇراق، رېتىم... دىگەندىن  ئەسەرمۇ بولمىسا ،   پويىزنىڭ  ئاۋازى   نىمىشقا  ئادەمنىڭ  يېشى  بىلەن  نەمدىلىدۇ؟  دەپ  شائىرغا  دومسۇيۇپ يۈرۇپتىكەنمەن.  كىيىن  شېئىرىيەتكە بولغان ئوتلۇق قىزىقىش  تۈركىسىدە يېڭى شېئىرلارنىڭ  شەكىل ۋە مەنا تېرەنلىگىدە  جىپىسلىشىشنىڭ ،مول تەسەۋۇرنىڭ، شېئىرىي  تىلدىكى مەنا  مۈمكىنچىلىگىنىڭ چوڭقۇرلىغىنى تونۇپ يەتتىمكى  مەنمۇ  بىر  مەزگىل ئالا -جوقۇ  سۆزلەپ  يازىدىغان  بوپ  قالغان،  1000 كېلوگىرام ئېغىرلىقتىكى تاش  ئېسىلغان بۇ ھېجران، قايغۇ  ئىپادىلىنىدىغان بۇ  مېسرا ھېلىھەم ئۆز تەمى  بىلەن  كەمپۇتتەك  ئاغزىمدا  شۇمۇگلۈك. نەۋقۇد دىگەندەك  بۇ  شەيئىمۇ سەۋەنسىز  تەرەققى قىلمايدۇ، ۋاقىت  ھەممىنى  سىنايدۇ، تاللايدۇ، ھەم شاللايدۇ، شۇڭا تەنقىت   قىلغۇدەك  تەرەپ  بولسا قىلساق، يېڭى  شېئىرىيەتنىڭ مۇئەنلەشتۈرگىدەك تەرىپنى  ماختىساق  بولىدۇ،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش