ximal
كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 1

ساناتورىيىدە..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  949
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساناتورىيىدە.....

گۈلجەننەت  مۇھەممەت


ساناتورىيە دېگەن  ھازىر ھەممىزگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بىر ئاڭ بولۇپ قالدى. تېلېۋىزورلاردا،  رادىئولاردا ھەرخىل تۈردىكى ساناتورىيىلەرنى ئاڭلايمىز. جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا  ئەگىشىپ، تۇرمۇش رېتىمىمۇ كۈنسايىن  جىددى تۈسنى ئالغانىدى.
بۈگۈن  بىر دوستۇم ماڭا تېلېفون قىلدى.
-ئاداش، بۈگۈن ۋاقىت چىقارغان بولساڭ، مەن بىلەن بىر يەرگە بېرىشىپ بەرگىنە؟
- چۈشتىن كېيىن بولسا بولامدۇ دېدىم  مەن،  ئۇ ماقۇل دېدى شۇنىڭ بىلەن بىز چۈشتىن كېيىن سائەت  بىر يېرىمدا كۆرۈشمەكچى بولدۇق.
بىز ديىشكەن جايدا كۆرۈشتۇق. دوستۇم گۈلگىنە قولىدا شۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى كۆتىرىۋالغانىدى.
-        ۋاي ئادىشىم، نېمانچە كۆپ نەرسە بۇ، ئۆيىڭگە مېھمان كىلەمتى؟
-        نەدىكىنى ئادىشىم.  خىزمىتىمىز ئالدىراش،  قىينائاپامنى ساناتورىيىگە  ئاپىرىپ قويغان،  شۇ يەرگە  يوقلىغىلى بارىمەن.
مەن بۇگەپنى ئاڭلاپ قاتتىق  ھەيران قالدىم. سەل  غەلىتىلىك  ھېس قىلدىم.
-ئاداش ئۆيۈڭلاردا تۇرسا نېمە بولىدۇ، ساناتورىيىگە  نېمىشقا  ئاپرىپ قويدۇڭلار؟ يا ئىگى چاقىسى يوق ئادەم بولمىسا... گىپىمنىڭ ئاخىرىنى قىلىپ بولغۇچە،  ئۇ گەپنىڭ بىلىگە  تەپتى.
- بولدى قويە ئادىشىم، سەنمۇ ئادەمنىڭ  زىتىغا تەگمەي.  يولدىشىمنى ئاران قايىل قىلغان مەن ئۆز ۋاقتىدا.  ئەمدى سەن قوپتىڭمۇ؟ ئاداش خىزمىتىم ئالدىراش تۇرسا،  مەن قانداق  خىزمىتىنى قىلىپ بولىمەن ئۇ خوتۇننىڭ.  مۇشۇ تاپتىمۇ قولۇمنى بەش قىلىپ بولالمايۋاتىمەن. ھېلى تېخى  ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ بالىنى ئەكىلۋاغاچ تاماق ئەتكىلى بارىمەن. قولۇمدىكىنى ئالساڭچۇ ئازراق، كۆتىرەلمەي  قالدىم دەپ  ئۇ قولىدىكى خالتىلاردىن  بىر ئىككىنى ماڭا تۇتقۇزدى.
مەن  بۇرۇندىن شۇنداق  ياشانغان ساناتورىيىسى بار دەپ ئاڭلىغان  ئىدىم، لېكىن بېرىپ باقمىغان، مېنىڭ ئېڭىمدا بولسا،  ئۇ دېگەن بىر  ياشانغانلارنى بېقىشقا رازى بولماي  بىر يەرگە  يىغىپ قويغاندەك ئىش دەپ بىلەتتىم،  بۇ جەھەتتە  مېنىڭ ئىدىيەم سەل مۇتەسسىپرەك ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز تاكسى توسۇپ ماڭدۇق.
-ئۇ يەر خېلى يىراقمۇ؟ مەن  گۈلگىنەدىن سورىدىم.
-يىراق  بىرەر سائەتكىچە ئاران بارىمىز.
بايقى گىپىم گۈلگىنەگە  ئازراق ئېغىر كەلدى بولغاي ئۇ گىپىمگە  جاۋاب بېرىپ قويۇپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. بىزمۇ يول بويى تۈزۈك پاراڭمۇ قىلىشمىدۇق.  مەن  ئالدىمغا قاراپ  ئولتۇرۇپ داۋاملىق خىيال سۈردۈم.
ساناتورىيە زادى قانداق جاي، بۇنى بالا بولغۇچىلار بىلمەمدىغاندۇ؟  ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا  يەيدىغان ئىچىدىغان  كىيىدىغان تۇرىدىغان جايى بولسىلا بەختلىك  ھېس قىلامدۇ كىشى،  ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ بەخىتنى كۆرسە، كۈلكە يىغىلىرى بىلەن  بىرگە بولسا بەخىت دېگەن شۇ بولمامدۇ،  ساناتورىيىدىكىلەر نېمىلا دېگەن  بىلەن يات كىشىلەر ئەمەسمۇ،  ھازىرقى ياشلار  نېمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ،  مۇشۇنداق ھەممە  نەرسىسى تەل جايغا ئاپىرىپ قويساقلا  ۋاپادارلىق يەتكۈزدۇق دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ئويلىغانسېرى  بۇلارنى ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.  گۈلگىنە سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.مەن ئۇنىڭغا ئاستا قارىدىم. كۈنلەر بىر كۈنى  بىزمۇ قېرىيمىز، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ چوڭ بولۇپ، ئۆيلۈك ئۇچاقلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلارمۇ سېنى مۇشۇنداق بىر جايغا ئەكىلىپ قويسا  سەن قانداق قىلىسەن؟  ئىچىدىن چىقىۋاتقان سۇئاللار جاۋابسىز قىلىۋاتاتتى.
مۇشۇ خىياللار بىلەن بىز  ئۇ جايغىمۇ كىلىپ قاپتۇق. بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.
-ئاداش نېمانچە كۆپ نەرسە ئېلىۋالدىڭ ھە؟!
- كەلمىگىلى ئۈچ ئاي بولاي دېگەن دېدى ئۇ نەرسىلەرنى  قولىغا ئېلىپ.
-ئۈچ ئاي؟
-ھە ئالدىراش بىز دېدى ئۇ تەنە ئارلاش. يەنە ئازراق گەپ قىلساقلا گەپ تالىشىپ قالىدىغاندەك قىلاتتۇق.
شۇنىڭ بىلەن ئىككىلىمىز  ئۆزىمىزنى بىلىپ گەپ قىلمىدۇق.
كۈز ئايلىرى بولغاچقىمۇ،  يول بويىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغانىدى. كوچا ئىچىدىكى  جىمجىتلىقنى ئىككىمىزنى ئاياغ تىۋىشى بۇزغانىدى. بىز پىياد خېلى يۈرگەندىن كېيىن،  ئالدىمىزدا بىر كىچىك دەرۋازىنى كۆردۇق. بۇ يەر قارىماققا شۇنداق پاكىز كۆرۈندى.
بىز  ھويلا ئىچىگە كىردۇق.  ھويلىدا بوۋاي مومايلار ئولتۇراتتى.
ئىككى موماي  ئورۇندۇقتا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراتتى.  ئاۋۇ پىشايۋانلىق ئورۇندا  بىرقانچە بوۋاي  كورت ئويناۋاتاتتى.
ئالدىمىزغا بىر سىستىرا قىز كەلدى.
-ياخشىمۇ سىلەر،  سىلەر كىمنى يوقلاپ كەلدىڭلار  دېدى.
- نۇسرەتخان،  ئاپامنى  يوقلاپ كەلگەن دىدى گۈلگىنە.
-ھە يۈرۈڭلار، مەن سىلەرنى باشلاي، نۇسرەتخان موماي ئىككى ئايدەك بولۇپ قالدى، پەقەت ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، تامىقىنى يەيدۇ،  باشقىلار بىلەنمۇ ئارلاشمايدۇ.  نامىزنى  ئۆتەيدۇ.  كىرىپ ئۆز جايىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان.
ياتاق بىناسىمۇ شۇنداق پاكىزە رەتلىك ئىكەن. بىز بىنانىڭ  ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقتۇق.
بىز  موماينىڭ ياتىقىغا كىردۇق.
موماي ياتقان ئىكەن.
سىستىرا قىز:ـ موما، قاراڭ كىم كەپتۇ.
موماي ئورنىدىن  تۇردى. ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
-        جىنىم بالام،  مەن  بۇ يەردە تۇرمايمەن،  ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن، مەن  كېتىمەن. دەپ  گۈلگىنەنى  قۇچاقلىدى.
-        ئاپا،  بۇ يەردە ياخشى تۇرۋېتىپلىغۇ،  ئۇ ئۆيدە كىم سىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؟
-        بالام  مەن بۇ يەردە تۇرمىساملا،  ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن  ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن، پۇت قولۇم ساق،  ئۆزۈم قىلىمەن.
سىستېرا قىز  چىقىپ كەتتى.
مەن بۇ دوستۇم گۈلگىنەنىڭ  دېگەن گەپلىرىنى  ئاڭلاپ  ئاچچىقىم كەلدى،  ئۇ بەكلا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.  بىز يا بۇنىڭ شۇنداق مىجەزىنى بىلمەمدىغاندىمىز.  ئىشقىلىپ ئۇ بۈگۈن باشقىچە بىر ئادەم  بولۇپ كۆرىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرى  ھەرقانداق  ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايتتى.
-ئاپا، قېنى ئولتۇرسىلا، سىلىنى يوقلاپ كىلىمەنغۇ مانا. بۇ يەرنىڭ شارائىتى نېمىدىگەن  ياخشى،  كىچىك بالىدەك قىلىق قىلمىسىلا دېدى  گۈلگىنە يالغان كۈلۈمسىرەپ.
- مەن بۇ يەرگە  كۈنەلمىگىدەكمەن، كۆنەلمىدىم.  ئۆيدە ئۆزۈمنىڭ قازان قومۇچلىرىنى سېغىندىم،  ئۆزۈمنىڭ يوتقان-كۆرپىلرىمنى سېغىندىم،  نەۋرەمنى  سېغىندىم،  ئوغلۇمنى سېغىندىم،  ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمنى سېغىندىم دېدى موماي، موماينىڭ  ياشلىرى ئۇنىڭ قورۇق  باسقان يۈزلىرىنى نەملىدى.
موماي گۈلگىنەگە خۇددى  بالا ئاپىسىغا يالۋۇرۇپ يىغلىغاندەك نالە قىلىۋاتاتتى. لېكىن گۈلگىنە ئۇنى رەت قىلىپلا تۇراتتى.
-        بالام مەن مۇشۇنداق  ئۆتسەم،  جۇدالىق ئازابىدىن  ئۆلۈپ قالىدىغان ئوخشايمەن. مېنىڭ تۇرغۇم يوق. ... مەن موماينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىم.
-        سىلەر پاراڭلىشىڭلار، مەن  چىقىپلا كىرىمەن  دەپ چىقىپ كەتتىم.
ئىشىكتىن چىقىشىمغا  بىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى.
-        ئاپاڭلارنى يوقلاپ كەلدىڭلارمۇ؟ دېدى.
-        تىنچ ئامان تۇرۇپلا بوۋا،  دوستۇم ئاپىسىنى يوقلاپ كەلگەن دېدىم مەن.
بوۋاي  تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان ئىكەن، مەنمۇ بوۋاي بىلەن ئاستا بىرگە ماڭدىم.
-نۇسرەتخان كۈندە يىغلايدۇ. بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار دېگەن بىلەن ئۇلار نۇسرەتخانغا خۇشاللىق بېرەلمىدى. كۆپ ساندىكىلەر شۇنداق مۇشۇ يەردە.  ھەممىسى دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. ھەي.... قاتتىق  ئۇھسىندى بوۋاي.
مەن بوۋاينى پەلەمپەيدىن  ئاستا يۆلەپ  ماڭدىم.
بوۋاي يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇردى،
ـ بالا دېگەننى  نېمىگە  باقىدۇ،  بالا باققان ئەجىرلەر قېنى، بالا بېقىپ  ئۇلارنىڭ  چوڭ بولغاندىن كېيىنكى بىزگە  ئاتا قىلغان راھىتى مۇشۇمۇ؟ مېنىڭمۇ  تۆت ئوغلۇم بار، موماي  بۇرۇنلا  كېتىپ قالغان.  ئۇلار مېنى  مۇشۇ يەرگە  ئەكىلىپ قويدى. قانداق قىلىمەن. بىر ئاتا  10 بالا بولسىمۇ بىر ئۆيگە سىغدۇردىكەن، 10  بالا  بىر ئاتىنى سىغدۇرالماپتۇ دېگەن شۇ. بۇ مېنىڭ تەقدىرىمكەن  دەپ تۇرۋاتىمەن. مەن بۇ يەرگە  كەلگىلى 3 يىلدىن ئاشتى،  باللىرىم  خالىسا كىلىدۇ،  بولمىسا كەلمەيدۇ. مەن ئۇلارنى ئىزلىسەم،  ئۇلارغىمۇ خۇشياقمايدىغان بولۇپ قاپتۇق. قېرىدۇق، كارغا كەلمەس بولدۇق دېدى. بىز بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ  ھويلىغا چىقتۇق.
-قاراڭ بالام،  ئاۋۇ موماينى،  بوۋايدىن قالغان  مىراسنى بالىلار ئۆزلىرىنى  بۆلۈشۋېلىپ  بۇ  ئورۇنغا ئەكىلىپ قويدى.  5 يىللىق  بېقىنىش راسخودىنى بېرىپ قويۇپ،  باللىرى  ئىككىنچى كىلىپ باقمىدى.  يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرىدۇ ئەنە.
-دوپپا كىيىۋالغان ئاۋۇ مومايغا قاراڭ، ئاشۇنداق غەمكىن ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. بىز بالىلارنىڭ دەردىگە يېتەيلى  دەيدىكەنمىزيۇ،  بالىلار بىزنىڭ دەردىمىزگە  بالىلار يەتمەيدىكەن.  بىزنىڭ يەنە قانچە كۈنىمىز قالدى دەيسىز بالام.  بۇرۇنلاردا چوڭلىرىمىز قانچە  ياشانغانسېرى شۇنچە  يىنىمىزدا كۈتۈپ رازىلىقىنى ئالىدىغان ئىدۇق.  ھازىرقى بالىلاردا ئىنساپ قالماپتۇ.
-بۇ يەردىكى ھەمىمىز  ئولتۇرساق تۇرساق بالىلىرىمىزنىڭ  گىپىنى قىلىشىمىز،  بەزىلىرىمىز  يىغلاپ كېتىمىز، بەزىلىرىمىز  بەزى ۋاقىتتىكى كىشىنى سۈيۈندۈرىدىغان گەپلىرىنى قىلىپ كۈلۈشۈپ كېتىمىز. بىزدىكى كۆڭۈلمۇ شۇ تىرناقچىلىك يەردىن خۇش بولىدىغان تۇرسا، ئالەمچە نەرسە كۈتمەيمىز بالام.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ  يۈرۈكۈم  پىچاق تىلغاندەك بولۇپ كەتتى.
بىز كىچىكىمىزدە ئاتا-ئاتىمىزغا مۇھتاج بولغاندەك،  ئۇلار ياشانغاندا  بىزگە  مۇھتاج بولىدۇ.  بىز ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بولسىمۇ  ئۇلارنىڭ بىزگە  قىلغان ئەجرىنى  قايتۇرىشىمىز كېرەككەن،  ئەلۋەتتە بىز قانچە قىلساقمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمىز.  لېكىن تىرىشىمىز.
مۇشۇ ۋاقىتتا  گۈلگىنە چىقتى.
-        يۈر، ماڭايلى.
-        ئاپاڭچۇ؟
-        قالدى،  
-        ئەپ كەتمەمسەن؟
-        ياق ئۇ شۇنداق دەپلا  يەرنى چىڭ چىڭ دەسسەپ  ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
يېنىمدىكى بوۋاي:ـ بۇ بالىمۇ بىر كۈنى  قېرىپ بىزنىڭ بۇ دەردىمىزگە  يېتىپ قالار، تېز مېڭىڭ بالام. مېڭىڭ، دېدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم،  بىشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم. كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى. گۈلگىنەنىڭ كەينىدىن  يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  958
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 14:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئۆيۈڭنىڭ خوشلۇقى، پۇت قولۇڭنىڭ بوشلۇقى دەپ ئۆز ئۆيىگە نېمە يىتىدۇ؟
بىر ئاتا 10 بالىنى باقالايدۇ، 10 بالا بىر ئاتىنى باقالمايدۇ دىگەن راس گەپكەن. بىچارە بوۋاي-مومايلارغا ئەجەپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش