ئەرشىدىن باھاي
قىزىلگۈل لىۋىدە توزىتاي دەيدۇ
سەن سالغان يۈرەككە تۇنجى يارىنى،
ساقسىزدۇر شۇ سەۋەب نۇرغۇن خىياللار.
چېچىڭدا سۆرىتىپ ئۆلتۈرەي دەيدۇ،
لەۋلىرى يار ئېلىپ ئاققان شاماللار.
سەن سالغان دىلىمغا تۇنجى ئەھدىنى،
بارچە ئوت تۇتاشقان سۆگەت تۈۋىدە.
قىزىلگۈل لىۋىدە توزىتاي دەيدۇ،
باغرى قان بۇلبۇلنىڭ چالغان كۈيىدە.
سەن ئالغان قولۇمدىن سۆيگۈ خېتىنى،
بىر پارچە گۈلخاننى بەرگەنتىم قاتلاپ.
كىرپىكلەر چاناقتا ئېقىتاي دەيدۇ،
ئوت كۆيگەن سۇ ئۆچكەن ئېرىقتىن ئاتلاپ.
2012-يىل 19-سىنتەبىر
بىر نەچچە روبائى
تۇغۇلۇش ئىلتىپات جىمى ئادەمگە،
كەتكىلى كەلگەن بىز باقى ئالەمگە.
ئەجەلنىڭ كۆزى يوق تەقدىر-قىسمەتتە،
ئوق ئۈزەر گاھى شاھ گاھى ھاتەمگە.
تىرىشقان تاپىدۇ سىرۇ-ھېكمەتنى،
ئىشلىگەن چىشلەيدۇ نازۇ-نىممەتنى.
ئەجىرسىز بولمايدۇ شان-شەرەپ دېگەن،
دوست تۇتقان خار بولۇر مالۇ-مىننەتنى.
جەڭگاھتا باتۇرنىڭ قېلىچى ئەقىل،
بۇ ئەمەس بىر مىسال ۋەياكى نەقىل.
ئەقىللىق دۈشمەنگە قېلىچ كار قىلماس،
قېلىچنىڭ بسىنى پەم بىلەن ھەل قىل.
ۋاپادۇر كۆڭۈلنىڭ سۈيۈملۈك دوستى،
ئۇنىڭدىن ئارتۇقراق دوستۇممۇ يوقتى.
مەن قىلسام خىيانەت ۋاپاغا_جاپا،
ئاقىۋەت پۇشايمان يولۇمنى توستى.
2012-يىل 19-سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باھائى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 10:15