يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 6

نازىم ھېكمەت شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نازىم ھېكمەت ران


مەنچە ھازىر سەنمۇ ئوخشاش

كۆزلىرىم كۆزۈڭدە سۆيگۈ كۆرمەيدۇ
ئۇلاردىن قەلبىمگە سەۋدا ئۆتمەيدۇ
مەن ھاردىم روھىمنى بىرئاز سەن ھاردۇر
چۈنكى مەنچە ھازىر  ھەركىمگە ئوخشايسەن


بەش سۆز بىلەن  

ئانىلارنىڭ مومىلىرىدىن
دېكتورنىڭ ئوقۇۋاتقان خەۋىرىگىچە


بىر  دەقىقە

دېڭىز جىمجىت كۆل كەبى بارغانچە كەڭرىيدۇ
سۇلار قىيالاردا نۇردىن ئىزلار ياسايدۇ ،
بىپايانلىققا تۇتاشقان كۆكلەر پۈتۈن يۇلتۇزلۇق ..
ھازىر كۆكسىمدە يۈرىگىم سوقىدۇ شۇنچە ئوتلۇق .

بىر كېمىچى ناخشىسى


شامال ،
يۇلتۇزلار
ۋە سۇ
.............
.............
بىر ئېچىنىشلىق ئەركىنلىك


ساتىسەن كۆزلىرىڭنى دىققىتىنى ،قوللىرڭنىڭ نۇرىنى ،بىر لوقمىنىمۇ
تېتىپ باقمايلا ...


بىر قىز بارئىدى ياپونىيەدە

بىر قىز بار ئىدى ياپونىيەدە
كىچىككىنە،توقۇمىچى بىر قىز ،
بىر بۇلۇت بار ئىدى دۇنيادا
ئىشى:ئۆلدۈرۈشتى يالغۇز .


بىر كۈلكىلىك ئادەم


كۆزلىرى ،قۇلاقلىرى ،قوللىرى ،ئاياقلىرى بىلەن ،
دەستىرخان ، ھاممام ،بىنا ۋە قونالغۇلىرى بىلەن ،
ۋېلكا ،پىچاق ،تەخسە ۋە قەدەھلىرى بىلەن ،
16 سەھىپىلىرى ،بېسىم ماشىنىلىرى-تانكلىرى بىلەن .


بۇ ۋەتەنگە قانداق قېيدىڭىز

ئېنسان بولغان ۋەتىنىنى ساتامدۇ ؟
سۈيىنى ئىچىپ نېنىنى يېدىڭىز .
دۇنيادا ۋەتەندىن ئەزىز نەرسە بارمۇ ؟
ئەپەندىلەر بۇ ۋەتەنگە قانداق قېيدىڭىز ؟


بۇلۇت بولايمۇ


دېڭىزنىڭ ئۈستىدە ئالا بۇلۇت
يۈزىدە كۈمۈش كېمە
ئىچىدە سېرىق بېلىق
تېگىدە زەڭگەر يوسۇن
قېيىقتا بىر يالىڭاش ئادەم
تۇرىدۇ ئويلايدۇ


تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :مۇستاپا ئابدۇلھەق







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustapa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-2 00:13  


باھا سۆز

مۇستاپا ،شېئىرنى تاللاپ تەرجىمە قىلغىنىڭىز ياخشى  ۋاقتى: 2013-9-30 02:45 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-9-30 14:43:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇستاپا ،نازىم ھىكمەتنىڭ يەنە باشقا شېئىرلىرى بولسا يوللاڭە

ۋاقتى: 2013-9-30 14:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋەتەنگە قانداق قېيدىڭىز

ئېنسان بولغان ۋەتىنىنى ساتامدۇ ؟
سۈيىنى ئىچىپ نېنىنى يېدىڭىز .
دۇنيادا ۋەتەندىن ئەزىز نەرسە بارمۇ ؟
ئەپەندىلەر بۇ ۋەتەنگە قانداق قېيدىڭىز ؟
.........................
مۇشۇ شېئىرى ئەڭ ئېسىلكەن...

ۋاقتى: 2013-9-30 22:22:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20120112_nazim-hikmet-ran-110-yasinda_k.jpg

ۋاقتى: 2015-1-11 21:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم

ۋاقتى: 2015-1-11 23:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىسەم بولا ھەي؟؟؟؟؟؟؟؟؟!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 22:49:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئايرىلىش ھېكايىسى

نازىم ھېكمەت ران

ئەر ئايالغا دېدىكى
-سېنى سۆيىمەن،
ئاجايىپ ؟
ئالقىنىمدا بىر ئەينەك پارچىسىدەك قەلبىمنى سىقىپ
بارماقلىرىمنى قانىتىپ
ئاخىرغىچە،
تەلۋىلەرچە...
كېلومېتىرلارچە چوڭقۇر، كېلومىتېرلارچە تۈپتۈز،
يۈزدە يۈز، يۈزدە مىڭ بەشيۈز
يۈزدە چەكسىز ھەسسە يۈز...
ئايال ئەرگە دېدىكى:
-قارىدىم
لېۋىم بىلەن ، يۈرىگىم بىلەن ، بېشىم بىلەن:
سۆيۈپ ، قورقۇپ ، ئېگىلىپ،
ئەمدى نېمىلا دېسەم
قاراڭغۇدا شىۋىرلىغاندەك سەن ئۆگەتتىڭ ماڭا...
ۋە ئەمدى
بىلمەيمەن:
زېمىننىڭ
يۈزى پارلاق بىر ئانا كەبى
ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ گۈزەل بالىسىنى ئەمدۈرگىنىنى...

ئەمما نە چارە
چاچلىرىم يۆگىشىپتۇ
ئۆلىۋاتقاننىڭ بارماقلىرىغا
جېنىمنى قۇتۇلدىرىشىم توغرا
بولماس!
سەن
مېڭىشىڭ كېرەك،
يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ
كۆزلىرىگە قاراپ...

سەن
مېڭىشىڭ كېرەك،
مېنى تاشلاپ...

ئايال جىمىدى.

ھۇجۇم قىلىشتى

بىر كىتاپ چۈشتى يەرگە...
تاقالدى بىر دېرىزە...
ئايرىلىشتى...

تاھىر _زۆھرە

تاھىر بولۇش ئەيىپ ئەمەس زۆھرە بولۇشمۇ
ھەتتا سەۋداسى ئۈچۈن ئۆلۈشمۇ ئەيىپ ئەمەس
ھەممە گەپ تاھىر بىلەن زۆھرە بولالىشىدا
يەنى يۈرەكتە.

مەسىلەن بىر توساقتا ئېلىشىپ
مەسىلەن شېمالى قۇتۇپنى ئىزدەپ مېڭىپ
مەسىلەن بىر مىكروپنى تومۇرىدا سىناق قىلىپ
ئۆلسە ئەيىپ بولامدۇ ؟

تاھىر بولۇش ئەيىپ ئەمەس زۆھرە بولۇشمۇ
ھەتتا سەۋداسى ئۈچۈن ئۆلۈشمۇ ئەيىپ ئەمەس .

سۆيەرسەن دۇنيانى  مەستانىلارچە
ئەمما ئۇ بۇنى بىلىپ يەتمەس
ئايرىلىشنى خالىمايسەن دۇنيادىن
ئەمما ئۇ سەندىن ئايرىلىدۇ
يەنى سەن ئالمىنى سۆيگىنىڭ ئۈچۈن
ئالمىنىڭمۇ سېنى سۆيىشى كېرەكمۇ؟
يەنى تاھىرنى زۆھرە سۆيمىسە ئەمدى
ياكى ھېچ سۆيمىگەن بولسا
تاھىر نېمىنى يوقىتاتتى تاھىرلىقىدىن ؟

تاھىر بولۇش ئەيىپ ئەمەس زۆھرە بولۇشمۇ
ھەتتا سەۋداسى ئۈچۈن ئۆلۈشمۇ ئەيىپ ئەمەس .

تۈركچىدىن مۇستاپا ئابدۇلھەق تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mustapa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 17:21  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش