ئەسكەرتىش: بۈگۈن 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى چارشەنبە، ئۇزۇن مۇددەتتىن بىرى دىدارلىشالماي، پاراڭلىرىنى سىغىنغان ئۇستازىم بۇغدا ئابدۇللانى يوقلاپ باردىم. شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى ئىلىم پەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزى تاماقخانىسىدا پىكىرداشلىرىم ئەرەپات مۇسابايوف، ئابلاجان تەھۇرلارنىڭ ھەمراھلىغىدا ئۇستاز بىلەن خىلى ئۇزۇن سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇستاز ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي يەنىلا كۆپ تېتىك ئىدى. ئۇ بىزگە يىقىندا تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىن جەنوبىغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە، سەپەردە كۆرگەن ئىشلار ھەققىدە ئۇزاق سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ خاتىرىسى بەك ياخشى ئىدى. بولۇپمۇ تېخى يىقىندىلا قەدىناس دېھقان دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۇرپان پىچان ناھيىسىنىڭ قەدىمى يېزىلىرىدىن بىرى بولغان دىغار سەپىرى ۋە بۇ يەردىكى 15 كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىدا قەلەمگە ئالغان شۇنداق قۇرلارنى بىزگە كۆرسەتتى. مەن ئۇستازنىڭ رۇخسىتى ۋە تەۋسىيىسى بىلەن بۇ ئەسەرنى ئەسلى بويىچە مۇنبىرىمىزگە يوللاپ قويىدىغان بولدۇم. ئۇستاز يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن لوپنۇر جاڭگاللىرىدىكى 100 ياشتىن ئاشقان بىر دېھقاننىڭ «ئوغلۇم بۇغدا، مىنى يوقلاپ كەلمەمسەن؟» دېگەن سەمىمىي تەكلىپى بىلەن تەكلىماكانغا سەپەر قىلماقچى ئىدى. ئۇستازنىڭ بۇ يىگانە سەپىرىدىن ئانچە خاتىرجەم بولالمىساممۇ ئەمما تەڭ سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيتىم بولمىغاچقا ئۇستازغا ئاق يول تىلەپ قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەمدە بۇ ئامانەتنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم.
مەتنىياز توققۇز
بۇغدا ئابدۇللا
-بۇ شېئر قانداق يېزىلىپ قالدى؟
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى دىغارغا قايتا بېرىپ 15 كۈن تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ شۈنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي دېھقانلار ئېتىز ئىشلىرىدىن يېنىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىدا ئۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن ئادەملەر ۋە قىزىق ئىشلار توغرىسىدا بىر-بىرلەپ ھېكايە قىلىپ بەردى. بەزى پاراڭلارنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇزاققىچە كۈلۈپ كەتتىم. مېنىڭ بۇنداق كۈلىدىغان پۇرسەتلىرىم ئاز بولغان. تۇرمۇشتا، ھاياتتا نېمىلەر بولمايدۇ دەيسىز؟ نېمىلەرنى ئاڭلىماي قالىدۇ دەيسىز؟
مەتنىياز توققۇز دېگەن بۇ ئادەم ھاياتىدا ئۆي ئوچاقلىق بولمىغان، پەرزەنىتسىز، ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگەن، تىپىك بولمىغان ئادەملەر ئىچىدىكى بىر تىپ. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمنى بىر پارچە شېئر قىلىپ يېزىپ قويدۇم. بۇلار پەقەت مىنىڭ شەخسىي تەسىرات ۋە كۆز قاراشلىرىم. بۇنىڭغا باشقىلار قانداق قارايدۇ بىلمەيمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ ھەجىۋىي شېئىرنى ھەقىقىي ئىلھام بىلەن شۇيەردە يېزىپ بولدۇم. تەكرار ۋە تەكرار مىسرالاردىن تارتىپ ھەربىر ئىبارىغىچە ئۆزگەرتتىم، تۈزەتتىم. تۈزىگەنسېرى تۇرمۇشقا، ئەمگەكچى دېھقانلىرىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە يېقىنلاشتى. كېيىن پىكىر ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارغا ئالدىرىماي ئوقۇپ بەردىم. ئۇلار بۇنىڭدىن رازى بولدى.
مەتنىياز توققۇز
مەتنىياز توققۇز يوچۇن بىر ئادەم،
بىلىدۇ جىمىكى دىغارلىق.
پۇتىنىڭ بىر بارمىقى يوق تۇغۇلۇشىدا،
لەقەم بولمىش ئۈشبۇ ناكارلىق.
باشلايدۇ پاراڭچىلار پاراڭنى ناندىن،
مەرھۇمنى ئۇنتۇماي كۈلۈشە-كۈلۈشە.
ئالەم بىنا بولۇپ بولۇنمىغان گەپ،
تېلىقىپ قالىدۇ ھەمىشە.
تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك گويا،
دەپتىكەن بىر زامان خەقلەرگە كېلىپ:
-كۈندە ئۈچ ۋاق ئاچسا ئاچمامدۇ،
ئۆتمەيمىز قورساققا يىلىنىپ.
ئاپئاق نان بىرىسەن ئالدىدا،
ئەتىسى شېكەر ئىستەيدۇ.
ئۇنى يەۋالساڭ ھەسەل بەر دەيدۇ،
نىمە كەپتۇ ئۇنىڭغا ئانچىلىك قىلىپ!
كۆرۈڭ، بويتاق ئۆتكەن پۈتۈن بىر ئۆمۈر،
ئەخمەقنىڭ چاي خالتىسى قورساققا يېمەس،
نېمە يېگەن، يېمىگەن ھېچ كىشى بىلمەس.
ئۆزىگە ئۆزى زامىن بولۇپ ئاخىر،
ئۆيىدە ئوتۇن-كۆمۈر تۇرۇپمۇ قالىماي،
توڭلاپ قالمىش بىر قەھرىتان قىش،
ئىست ئۆمۈر،
مومىيالىق دەرىجىسىنى يا ئەتمىش ھەۋەس.
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى دىغار
[1] دىغار- تۇرپان پىچان ناھيىسىگە قاراشلىق بىر قەدىمى يېزا (بازا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 02:51