مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، 1972- يىلى 6- ئايدا چىرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىر چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەيدۇ.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئازغان ئايال»، «قىزارغان ئۇپۇق»، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا»، «تۇرمۇشنىڭ سايىسى»، «قاشتېشى سوۋغا قىلىش»، «ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى» قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 2005- يىلى «ئىككى ئىت» ناملىق ھېكايىسى «ئىشچىلار ھەركىتى» ژورنىلى تەرىپىدىن نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2006- يىلى 12-ئايدا «كۆنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2007- 2008- 2010- يىللىرى «ئەۋلىيا خۇراز»، «قەدىرسىز كېچىلەر»، «كونا بازار» قاتارلىق ئەسەرلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەرىپىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى «بىز ناتۇنۇش كىشىلەر ئەمەس» ناملىق ماقالىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «كۆنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قەلبتىن قەلبكە يول» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2010- يىلى تاللاپ نەشىر قىلدۇرغان ھېكايىلەر توپلىمىغا «تەشنالىق» ناملىق ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن ۋە توپلام نامى شۇ ئەسەر نامى بىلەن ئاتالغان. «ئازغان ئايال» ناملىق پوۋېستى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «تاش شەھەردىكى ئايال» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يېقىندا «بۆرە كۆز ئەر»، «سەۋدا گۈلى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ۋە «قەدىرسىز كېچىلەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى.
مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.