1990 -يىللارنىڭ باشلىرىدا چىرا ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ( ھازىر ناھىيەلىك كۇتۇپخانىنىڭ خادىمى ) ، مېنىڭ قەدىناس دوستۇم ئابدۇراخمان رېھىم « گۈلناۋا » ناملىق كىنو سىنارىيەسىنى يېزىپ ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كاتتا مۇكاپاتقا نائىل بولغانىدى. مانا ئەمدى سىڭلىمىز مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ « دىلناۋا»سى نەشىردىن چىقىپ، ئانار يۇرتى _ چىرا دىيارىدىكى قەلەمكەشلەرنى يەنە بىر قېتىم خوش قىلىۋەتتى. « گۈلناۋا » بىلەن « دىلناۋا »نى يازغان ئىككى قېرىندىشىمىزغا مۇبارەك بولسۇن !... قەلەم تۇلپىرىڭلار ھارمىغاي !....
____________________________________
قىسقا ئۇچۇر
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، « ئەسلى ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسەر قۇرۇلۇشى»غا كىرگۈزۈلگەن نادىر ئەسەرلەرنى جايلاردىكى يېزا، كەنت مەدەنىيەت پونكىتلىرى( ئۆيلىرى) ، كۇتۇپخانىلار ۋە مەكتەپ قىرائەتخانىلىرىغا تەقسىم قىلدى. خوتەن ۋىلايىتىگە تەقسىم قىلىنغان 2500 نەچچە يۈرۈش كىتابتىن مائارىپ سىستېمىسىغا تەقسىم قىلىنغان 999 يۈرۈش كىتابنى بىز ۋىلايەت مىقياسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىپ، ھۆججەت چۈشۈردۇق. بۇ كىتابلار 4- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىلىرى ئارقىلىق يېزا، كەنت مەدەنىيەت پونكىتلىرىغا، مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىغا ھەقسىز تارقىتىلىۋاتىدۇ. « دىلناۋا »نى ۋە مۇشۇ تۈردىكى باشقا كىتابلارنى كۆرمەكچى بولغان ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرى ۋە مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆمۈر قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 00:41