دائىملىق ئەزا
چىرۋاش قوناق ھېكايىسى...
بەخت مېنى سۆيدى بۈگۈن، بۇنى ساڭا ئېيتالمىدىم. چۈشلىرىمگە كىرگەندە ئاكام، ئاپامنى مەن شۇنداق سېغىندىم. بۈگۈن چۈشۈمدە قوناق ئورۇۋاتقان ئاكام ماڭا بىر باش قوناق سۇنغىدەك، «چىرۋاش چىقتى، پۇچىلاپ يىگىن» مەن ئاكامغا قاراپ قولۇمنى سۇندۇم. قولۇم بوشلۇقتا قالدى شۇ پېتى. چۆچىگىنىمچە ئويغانغىنىمدا قولۇم ئالدىمغا سوزۇلغىنىچە تۇرغۇدەك. مەن ئاستا تېلفونىمنى سىيلاپ ئاپامغا تېلفون قىلدىم «ئاپا، سىزنى سېغىندىم!...» ئاپام «مېنى سېغىنغان بولسىڭىز كېلىڭ!» دېدى بەك ئاستا، مەن ھىچ نەرسە دېمىدىم. چۈنكى يېقىندىن بېرى ماڭا سەپەر بولمىدى. كەلدى، كەتتى دەپ ئۇزۇتۇپ يۈرۈپ يازلارنى ئۆتكۈزۈپ كۈزلەرگە ئۇلۇشىۋالدىم. ئاكامغا تېلفون ئۇردۇم «ئاكا، سېنى چۈشەپ قاپتىمەن» دېگىنىمچە سۈكۈتنى ئۇنىڭغا يايدىم. ئۇ « قوناق سويۋىتىپ چىرۋاش ئۇچرىسا سېنى ئەسلىگەن ئىدىم. سېنىڭ شۇ شەھەردە پۇچىلىغان قوناقنى كۆرۈپ ئېغىزلىرىڭنى قاپقارا قىلىپ يىگىنىڭنى كۆرگەندە، خەپ قونىقىم پىشسا، چىرۋاش جىق چىقسا، ئۇنىڭغا پىشۇرۇپ بىر يەشىك سېلىپ بەرمىسەم دەپ ئويلىغان...» دېدى ئۇ ئاستا – ئاستا گېپىنى ئىچىگە يۇتۇپ. مەن ئۇنىڭغا ھىچ نەرسە دېمىدىم. ئاستا تېلفوننى قويۇپ چىرۋاش قىلغان قوناقنىڭ مەززىلىك پۇرقىنى غىرىب كۆلبەمگە يايغان ئاكامغا ئاستا پىچىرلىدىم. «ئاكا، سەن پىشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان چىرۋاشنى يىگەندەك بولدۇم. غىرىب كۆلبەمنىڭ مېھمىنى بولغىنىڭدا ساڭا ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن»!
2012- يىل 19- سىنتەبىر
جابدۇق ئىشلىتىش پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس يوللاپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتسۇن