ximal
كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 1

چىرۋاش قوناق ھېكايىسى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 639
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چىرۋاش قوناق ھېكايىسى...



بەخت مېنى سۆيدى بۈگۈن، بۇنى ساڭا ئېيتالمىدىم. چۈشلىرىمگە كىرگەندە ئاكام، ئاپامنى مەن شۇنداق سېغىندىم. بۈگۈن چۈشۈمدە قوناق ئورۇۋاتقان ئاكام ماڭا بىر باش قوناق سۇنغىدەك، «چىرۋاش چىقتى، پۇچىلاپ يىگىن» مەن ئاكامغا قاراپ قولۇمنى سۇندۇم. قولۇم بوشلۇقتا قالدى شۇ پېتى. چۆچىگىنىمچە ئويغانغىنىمدا قولۇم ئالدىمغا سوزۇلغىنىچە تۇرغۇدەك.
مەن ئاستا تېلفونىمنى سىيلاپ ئاپامغا تېلفون قىلدىم «ئاپا، سىزنى سېغىندىم!...» ئاپام «مېنى سېغىنغان بولسىڭىز كېلىڭ!» دېدى بەك ئاستا، مەن ھىچ نەرسە دېمىدىم. چۈنكى يېقىندىن بېرى ماڭا سەپەر بولمىدى. كەلدى، كەتتى دەپ ئۇزۇتۇپ يۈرۈپ يازلارنى ئۆتكۈزۈپ كۈزلەرگە ئۇلۇشىۋالدىم.
ئاكامغا تېلفون ئۇردۇم «ئاكا، سېنى چۈشەپ قاپتىمەن» دېگىنىمچە سۈكۈتنى ئۇنىڭغا يايدىم. ئۇ « قوناق سويۋىتىپ چىرۋاش ئۇچرىسا سېنى ئەسلىگەن ئىدىم. سېنىڭ شۇ شەھەردە پۇچىلىغان قوناقنى كۆرۈپ ئېغىزلىرىڭنى قاپقارا قىلىپ يىگىنىڭنى كۆرگەندە، خەپ قونىقىم پىشسا، چىرۋاش جىق چىقسا، ئۇنىڭغا پىشۇرۇپ بىر يەشىك سېلىپ بەرمىسەم دەپ ئويلىغان...» دېدى ئۇ ئاستا – ئاستا گېپىنى ئىچىگە يۇتۇپ. مەن ئۇنىڭغا ھىچ نەرسە دېمىدىم. ئاستا تېلفوننى قويۇپ چىرۋاش قىلغان قوناقنىڭ مەززىلىك پۇرقىنى غىرىب كۆلبەمگە يايغان ئاكامغا ئاستا پىچىرلىدىم. «ئاكا، سەن پىشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان چىرۋاشنى يىگەندەك بولدۇم. غىرىب كۆلبەمنىڭ مېھمىنى بولغىنىڭدا ساڭا ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن»!


2012- يىل 19- سىنتەبىر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 20:16  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1928
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 588
تۆھپە : 0
توردا: 128
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 16:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرەكنى تۆكۇپ تۇرۇش كىرەك، ھارمىغايسىز..

سۈكۈت ئادەمنىڭ ئىككىنچى ئەقلىدۇر، ئۈمۈت پەقەت بىچچارىلەرگە مەنسۇپ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش