مەيلى چوغ بەر ئاخىرقى قېتىم
دۇتتۇرۇڭنى قولۇڭغا ئېلىپ،
چالغىن ئۇزاق مۇڭلۇق پەدىگە.
تاشتەك ئۇيۇل قاتقان يۈرىكىم،
ساما سالسۇن كۈيۈڭ لەرزىدە.
ھاياجاندا چاقنىسۇن يال-يۇل،
ھېلالسىراپ قالغان كېچىلەر.
ناخشىللىرىڭ بەرسە دىل ھوزۇر،
ئارام تاپسۇن چىگىش كۆڭۈللەر.
كەلگىنىڭدە ئۇزاق مۇڭدۇشۇپ،
سىرلىرىمنى قىلاي مەن بايان.
سەن ھەيرەتتە قالمىغىن ئەركەم،
يامرىسا گەر كۆزۈمدىن قىيان.
قاچانلاردا ئېسىمنى بىلمەي،
قار-يامغۇردەك يۈردۈم تۆكۈلۈپ.
شۇندىن بېرى ئاراملىقىم يوق،
قەدەمدە بىر دارغا ئېسىلىپ.
مېھىر بەرگىن سەندىن ئۆتۈنەي،
مۇز ۋۇجۇدقا تارىسۇن ئېقىم.
ئوتلىرىڭدا كۆيۈپ كۈل بۇلاي،
مەيلى چوغ بەر ئاخىرقى قېتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 16:28