مۇزدەك غېرىبلىق
باغرىمنىڭ قورىغان ساھىللىرىدا،
ياتىدۇ ئۈزەلمەي نىمىجان بېلىق.
سوتكىلاپ كۈتۈشنىڭ تەكرارلىقىدا،
قەدەھكە تولماقتاياشلىرىم لىپلىق.
ھەسرەتلىك ناخشىدەك قاراڭغۇلۇقتىن،
تاپالمىدىم يارنىڭ ئۆيىنى.
ئۈزۈلگەن تارلاردەك سۈكۈتكە چۆمدۈم،
ھەمراھ قىلىپ زۇلمەت كېچىنى.
تۆكۈلگەن ياپراقتەك تىترەر ۋۇجۇدۇم،
يۇپۇرلۇپ كەلگەنچە مۇزدەك غېرىبلىق.
ئاھ،نىچۈن قىينايسەن جېنىمنى ئېيىتقىن؟
يۈرەكتە جۈپ خەنجەر تۇرار سېلىقلىق.
كېچە غېرىبلىقى
سېھىرلىك كۆزلەردىن تۆكۈپ مۇئەمما،
بەك ئۇزاق قارىشىپ تۇردۇق ئىككىمىز،
سۆسۈنرەڭ كېچىنى يۇرۇتۇپ ئۆتتى،
ئوت-ئۇچقۇن چاقنىغان يۈرەك شەپىمىز.
ئەسلەتتى يۈزلىرىڭ قىزىل ئالمىنى،
قولۇڭنى تۇتقاندا شەلپەردەك يېنىپ.
يەلپۈتتى شاماللار تال-تال چېچىڭنى،
ئىچىمگە سىمابتەك ھاياجان سېلىپ.
سۆيۈپ قوي يارقېنى قاقشال لېۋىمگە،
قورايغا ئايلىنىپ كەتمىسۇن دېسەڭ.
ئونتۇلدۇر كېچىنىڭ غېرىبلىقىنى،
بۇ مەجنۇن قەلبىمنى چۈشنۈپ يەتسەڭ.
2011-يىلى 5-ئاي 12-كۈن(مارالبېشى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 01:20