ximal
كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 25

سۈللى پرۈدوم: سامانيولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  344
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 18:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سامانيولى
سۈللى پرۈدوم
يۇلتۇزلارغا دېدىم بىر كۈن كېچىدە:
«چېھرىڭلاردا يوق بەختتىن بېشارەت.
چاقنايسىلەر چەكسىز زۇلمەت ئىچىدە،
سىلەر چاچقان نۇردا زاھىر نادامەت.

كۆككە باقسام، تۇرار گويا كۆرۈنۈپ،
مۇسىبەتكە چۆمگەن ئاپئاق سەپ- قاتار.
ھۆر- پەرىلەر سانسىز شامنى كۆتۈرۈپ،
قايغۇ ئىچرە كېلەر بولۇپ بىقارار.

قىلامسىلەر مەڭگۈ دۇئا- تىلاۋەت؟
دەز يېگەنمۇ جىسمىڭلارنىڭ ئىچ- تېشى؟
چاچقىنىڭلار ئەمەس نۇر يا ھارارەت،
بەلكى نۇرلۇق مەرۋايىتتەك كۆز يېشى.

ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىغۇ ئۆزۈڭلار،
تەڭرىلەرمۇ يارالمىغان سىلەرسىز.
نېچۈن يەنە ياشقا تولدى كۆزۈڭلار؟...»
يۇلتۇزلاردىن جاۋاب كەلدى: «تەنھا بىز...

قېرىنداشلار يىراق يەردە تۇرساقمۇ،
ئويلاپ قاپسەن تام قوشنىدەك بەك يېقىن.
بىز يېقىملىق، ئۆتكۈر زىيا چاچساقمۇ،
يۇرتىمىزدا گۇۋاھچىلار يوق لېكىن.

يالقۇنىمىز چېچىپ قايناق مېھىرنى،
ئۆچەر مۇزدەك كۆكتە يەتمەي تىلەككە.»
دېدىم: «بىلدىم سىلەردىكى سېھىرنى!
ئوخشايسىلەر چۈنكى كۆڭۈل- يۈرەككە.

قېرىنداشلار تۇرۇشسىمۇ بەك يىراق،
كۆڭۈل چاچار مۇھەببەتتىن ئوت- لاۋا.
تەنھالىققا ئەسىر بولۇپ ئۇ بىراق،
ئۈن- تىۋىشسىز كۆيەر تىمتاس تۈن ئارا.»

جاسارەت تاش تەرجىمىسى

(دىققەت: بۇ شائىرنىڭ ئىسمى بۇرۇن ئۇيغۇرچىدا ھەر خىل ئېلىنىپتىكەن، مەن بۇ ئىسىمنى ئەسلى تەلەپپۇزى (فرانسوزچە)غا يېقىنلاشتۇرۇپ «سۈللى پرۈدوم» دەپ ئالدىم، بۇ ئىسىم ئېنگلىزچىدە《Sully Prudhomme》 دەپ يېزىلىدىكەن، [sylli prydom] دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن، ئەگەر «سۇللى پرۇدوم» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، ئىېنگلىزچە لۇغەتتە ئوقۇلۇشىنى [sylli prydom] دەپ  ئىزاھلىماي، [sulli prudom] دەپ ئىزاھلايتتى. بۇنىڭدىكى 《y》تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈ»گە يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، «ئۇ»غا ھەرگىز يېقىن كەلمەيدۇ، شۇڭا مەن بۇ ئىسىمنى «سۇللى برۇدوم» دەپ ئەمەس، بەلكى «سۈللى پرۈدوم» دەپ ئالدىم، مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئالساق.

银河

苏利·普吕多姆

有天晚上,我对星星说:
“你们好像并不幸福;
无边的黑暗中,你们的光
虽然温柔却满含痛苦。

“我相信看到了天上
圣女们白色的孝衣,
她们举着无数蜡烛,
哀伤地结队而行。

“你们一直在祈祷?
你们是受伤的天体?
因为你们洒下的,
不是光,而是光的泪。

“星星啊,你们是造物
和众神的祖先,
你们眼中泪水涟涟……”
   星星们答道:“我们孤独……

   “你以为我们离得很近,
   其实我们隔得很远;
   姐妹们温存美丽的光芒,
   在故乡无人见证。

  “她们内心炽热的情火
   在冰冷无情的空中熄灭。”
   我对他们说:“我懂!
   因为你们与人心相似。

“同你们一样,每颗闪亮的心
  都远离似乎邻近的姐妹,
  永远摆脱不了的孤独
  默默地在夜里燃烧。”

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jasarattash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 18:08  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىلامسىلەر مەڭگۈ دۇئا- تىلاۋەت؟
دەز يېگەنمۇ جىسمىڭلارنىڭ ئىچ- تېشى؟
چاچقىنىڭلار ئەمەس نۇر يا ھارارەت،
بەلكى نۇرلۇق مەرۋايىتتەك كۆز يېشى.

ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىغۇ ئۆزۈڭلار،
تەڭرىلەرمۇ يارالمىغان سىلەرسىز.
نېچۈن يەنە ياشقا تولدى كۆزۈڭلار؟...»
يۇلتۇزلاردىن جاۋاب كەلدى: «تەنھا بىز...


كاللىنى بۇرمىلايدىغان شېئىرلارنى ئەمەس، روھنى ئۇرغىتىدىغان شېئىرلارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرغايسىز!...


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 320
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇندىن بېرى جاسارەت ئەپەندىمنىڭ شېئىر تەرجىمىسىگە قايىلمەن. بىزدەك خەنزۇچە سەۋيىسى تۆۋەنلەر چەتئەل شېئىرلىرىنى پەقەت تەرجىمانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىقلا كۆرەلەيمىز. «شېكىسپىر سونىتلىرى»نىمۇ جاسارەت تاش ئەپەندىم ياخىشى تەرجىمە قىلغان. ھازىرمۇ    شۇ سونىتلارنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 19:42  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسى بۇرما مىققا ئوخشايدىغانلار شېئىر ئوقىماي بېرىپ بولتا سانىسۇن!


تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ ،رەھمەت.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              شېئىر ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ. تەكلىپ: 3- كۇبلىتنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقسىڭىز!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرجىمىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىدىم!
قارىغاندا، بىر-ئىككى ئايدىن بىرى كىتىرلىغۇچىلاردىن مۇستەسنا كاللام زىيادە سەمىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر ئۆزىنى قازى-قۇززات چاغلامدىكىن،ياكى دانكو دەمدىكىن،يولىنى ئوڭشاپ ماڭالماي تۇرۇپ ،باشقىلارغا يول كۆرسۈتۈشلىرى قىززىق.

ياشلا ھاڭۋاقتىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك يىلتىزى سەمىرىپ كەتكەن رادىكال مىڭە دىيىشىۋاتىدۇ،قارىغاندا ئاساسىي بار چىراي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەھلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 20:43  


ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 336
تۆھپە : 9
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:53:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق›› ...

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 20:40
بەزىلەر ئۆزىنى قازى-قۇززات چاغلامدىكىن،ياكى دانكو دەم ...

       ئاۋۇ تەرجىمىنى كۆرۈپ، ھەم ئۇنىڭ خەنزۇچىسىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ يازدىم  ئىنكاسنى. ئارتۇقچە ھاياجاندىن ساقلانغايسىز، خان!
       يەنە بىر گەپ بۇ يەردە يول كۆرسىتىش ياكى ئاتىكاچىلىق مەۋجۇت ئەمەس. بۇ بىر ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سورۇنى. شۇڭا ھەر خىل پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ چۈشۈشى نۇرمال ئەھۋال، ئېلمىي مۇئامىلىدە بولغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-16 20:56  


ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 20:55
ئاۋۇ تەرجىمىنى كۆرۈپ، ھەم ئۇنىڭ خەنزۇچىسىنى چۈشىن ...

سىزگە گەپ قىلغاندەك قىلمىغانغۇ مەن، قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قوقما دەپتىكەن .

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن ئەپەندى. ئۇ 2-قېتىملىق ‹‹ئورۇنسىز ئۇرۇشۇش››نى قوزغاشقا  تەييارلىنىپ بولغاندەك قىلىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 21:05
سىزگە گەپ قىلغاندەك قىلمىغانغۇ مەن، قورساق ئاغرىقىڭ  ...

...


ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  474
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 264
تۆھپە : 0
توردا: 39
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقىكىن چوڭ ،چوڭ بىلىملىك كىشىلەر ئارىسىدا يۈرسەم،«قازاننىڭ قېشىغا بارسا قارىسى، ياماننىڭ قېشىغا بارسا يارىسى
  دىگەندەك  »ماڭىمۇ  كىچىككىنە بولسىمۇ بىرە نەرسە يۇقامىكىن دەپ.
ھېلىمۇ شۇنداق خۇشال بۇلىمەن، نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەرنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۈزۈمگە ئىلھام تېپىۋاتقىنىمدىن.
بۇلارنىڭ ھەممىسى  بىزگە چوڭ بىر ئۈگىنىش سورۇنى  بولدى  .



لېكىن قاغا قۇزغۇندەك ھېچبىر كىشىنى ياراتمايدىغان ،ھېچبىر ئەسەرگە ئىجابى پىكىر بەرمەيۋاتقان بەزى "ئۇستاز"لىرىمدىن ھەيرانمەن .بىرەرمۇ  قېتىم يازغان ئىجابى ئىنكاسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ،ھەممىدىن قۇسۇر ئىزدىگىنى ئىزدىگەن .

بىزدەكلەرنىڭ يازغانلىرىغا  نىمە دىسىغۇ مەيلى ئىدى ئەمما خېلى-خېلى  ياخشى ئەسەرلەرگىمۇ ........

ياكى شۇنچىلىك يۇقۇرى بىلىم ۋە ئىستىداتى بارمىدۇ دەيمەن .كوڭلىگىزگە كەلسىمۇ دىگۈم كەلدى ئەپەندىم ،پەقەت چىدىمىدىم .



ئىت ئۈزىنىڭ رىسقىنى ئىگىسىدىن ئالىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭ ھەركىتى، تىلى ئىگىسىنىڭ رايى بىلەن چەكلىنىدۇ .
بۆرە ئۆزى تې

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە- تېخى باشلىنىش باسقۇچىدىكەن،مەن تېخى بۇ كىسەل خېلى پىشىپ قالدى دەپ ئويلىغان ئىنكاسلاردىن.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
katran يوللىغان ۋاقتى  2012-9-16 21:11
نىمىشقىكىن چوڭ ،چوڭ بىلىملىك كىشىلەر ئارىسىدا يۈرسەم، ...

ئۆزىگە تۇشلۇق بار، سىزگە يارىغۇدەك بىر نەرسە سۇنالمىغان بولسام، تەخىر قىلغايسىز. ئەگەر تاقەت بولمىسا ياكى چىدالمىغان بولسىڭىز ئاۋايلاپ  كىرىپ ئۇخلىغايسىز!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش