كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 1

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە



2010-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسى ۋە ھەيئەت رىياسەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2010-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئورۇندىدى. خېلى زور تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى.

   ئىشلەنگەن ئاساسلىق خىزمەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. 2010-يىلى 1-ئايدا ھەيئەت رىياسەتنىڭ يىللىق يىغىنى چاقىرىپ، 2009-يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە چىقاردى.2010-يىللىق خىزمەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقتى ھەم ھەر مىللەتتىن بولغان 113 نەپەر كىشىنى يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ يېڭى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.

2. 3-ئايدا «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى»نىڭ خەنزۇچىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.يېڭى ئەزالارغا گىراپا تارقىتىپ ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمى باشلاندى.

3. 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە 2- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز شىبە، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن ئانا تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ياش كۈچلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئىشلەندى.

4. 5-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئوزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورناتقان ئورۇن ـ شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭخەيدە زىيارەتتە بولدى ھەمدە «دۇنيا كۆرگەزمىسى»نى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

5. 5-6 ئايلاردا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ «دۇنيا كۆرگەزمىسى سەپىرى» پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. ھەر مىللەتتىن بولغان 70 تىن ئارتۇق يازغۇچى ئىككى تۈ*ركۈمگە بۆلۈنۈپ شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى ۋە شاڭخەينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدى.

6. 7-ئايدا جەمىئىيىتىمىز جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى»نى تەشكىللىدى.يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانخانىسى»دا ئۆتكۈزۈلدى.

7. 8-ئايدا جەمىئىيىتىمىز شىنجاڭ ئېلىكتىرون، ئۈن ـ سىن نەشرياتى، شىنجاڭ گۈزەل ـ سەنئەت، فوتۇگىرافىيە نەشرياتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»، «ئەنخۇي ئەدەبىياتى»، «يازغۇچىلار»،«ئەدەبىيات ـ سەنئەت گېزىتى»، «چوكانتال»، «غەربى دىيار»، «شىئېرىيەت ئايلىق ژۇرنىلى» قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ   ئېلىمىز بويىچە تۇنجى قېتىملىق «قاناس ــ بۇرچىن تەبىئەت ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى»نى ئۆتكۈزدى. ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىپلەر ،داڭلىق ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى سىمىنارىيە جەريانىدا   ئانا تەبىئەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ باردى. شىئېر دىكلاماتسىيە كېچىلىكلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. تۇرمۇش ئۈگۈنىش پائالىيەتلىرىدە بولدى.

8. 8- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جۇڭگو  يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى، سىچۇەن ئولكىلىك  يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى، ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، ئاتاقلىق زاڭزۇ يازغۇچى ئالەينىڭ ئىلمىي دوكىلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ھەر مىللەتتىن بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

9. 10-ئايدا قازاق قىرغىز تىللىرى بويىچە «دۇلدۇل» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلىپ 21 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلاندى.

10. 10-ئاينىڭ 23-24 كۈنلىرى جەمىئىيىتىمىز شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزىرىيەسى تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنى» نى ئاچتى. بۇ يىغىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايۇنىمىز بويىچە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىك توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىن بولۇپ، يىغىنغا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، خوتەن پېداگوگىكا ئالى تېخنىكومى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ گېىزىتى»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران» قاتارلىق ئاخبارات، مەتبۇئات ئورۇنلىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن كەلگەن ئەدىب، يازغۇچى، شائىر، ئەدەبىي تەتقىقاتچىسى ۋە تەنقىدچىلەر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم ماگىستىر ئاسپىرانتلار، تولۇق كۇرۇستىكى بىر قىسىم ھەۋەسكارلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

11. 2010- يىل 7-ئايدا «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» رەسمى قۇرۇلدى، 11-ئايدا «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى» رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. تۇنجى قېتىملىق «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» تور مۇھەررىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىپ 15 تىن ئارتۇق تور ئەدەبىياتى مۇھەررىرلىرى تەربىيەلەندى.

12. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 3-نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى››نى باھالاش يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا ‹‹ شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى››نى باھالاش ھەيئىتى ئەستائىدىللىق بىلەن باھالاش ۋە نامسىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 44 نەپەر نامزاتنىڭ ئىچىدىن 10 نەپەر ‹‹شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار مۇكاپاتى››نىڭ ساھىبىنى باھالاپ چىقتى.

13. 12-ئاينىڭ 20-كۈنى  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئېچىشنى ئۈستىگە ئالغان << ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى >> ئۈرۈمچى "شىنجاڭ خەلق سارىيى'' داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

14. 2010-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى مەسئۇل بولۇپ تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» (بالىلار نۇسخىسى) دىن 40 پارچە كىتاپ خەنزۇچە نەشر قىلىندى.

15. 2010-يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى پىلانلاپ، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان،ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ«يىگانە دۇنيا»، تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ «جەزىرە» ناملىق رومانلىرى ۋە ئېرىسبەگ ئوۋقاننىڭ «قىرتاق ھەسەل» ناملىق ھېكايە توپلاملىرىنىڭ خەنزۇچىسى شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن رەسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

بۇلاردىن باشقا ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇردى. ھەرقايسى خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى پىلانلاپ، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان بىر مىليۇن ئۈچ يۈز مىڭ خەتتىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىندى.


mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:28:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاردىن باشقا ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇردى. ھەرقايسى خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئەدەبىي تەرجىمانلار شۆبە جەمىئىيىتى پىلانلاپ، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان بىر مىليۇن ئۈچ يۈز مىڭ خەتتىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىندى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش