ximal
كۆرۈش: 225|ئىنكاس: 3

قەھۋەخانىمىزنى قايتۇرۇپ بەر (تەرجىمە ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1452
تۆھپە : 0
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 23:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەھۋەخانىمىزنى قايتۇرۇپ بەر

فىرانسىيەنىڭ بىر كىچىك بازىرىنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپلا قالماي ، ناھايىتى تىنچ ، ئاھالىسى مىھماندوست ئىكەن .

ۋېنجوۋلۇق (جېجىياڭنىڭ بىر شەھىرى ) سودىگەر بو بازارغا كىلىپ –كىتىش جەريانىدا بۇ يەرىدكى سودا پۇرسىتىنى ھىس قىلىپ ، يېزىدىكى بىر دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ كىيىم –كىچەك دۇكىنى ئېچىپتۇ .

دىگەندەك بۇ سودىگەرنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان باشقا ۋېنجوۋلۇق سودىگەرلەرمۇ تۇشمۇ –تۇشتىن بۇ يەرگە يىتىپ كېلىپ كىيىم –كېچەك دۇكىنى ئېچىشقا تۇتۇش قىلىشىپتۇ . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن سودىگەرلەر بازاردىكى مىۋە –چىۋە دۇكىنى ، تورتخانا ، قەھۋەخانا قاتارلىق دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگوچە كىيىم –كېچەك دۇكىنىغا ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ .

ئەسلىدە جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى قارشى ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قوللىغان بازاردىكى كىشىلەر ، بازاردىكى ھەممە دۇكانلار كىيىم –كېچەك دۇكىنىغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن بۇنىڭىغا قارشى چىقىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى بازاردىكىلەر بۇ كىيىم –كېچەك دۇكانلىرى بازارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى دەپ قارايدىكەن . ئۇلار تورت ئالماقچى بوپتۇ ، ئەمما ئالالماپتۇ ؛ قەھۋە ئىچكىسى كەلسىمۇ ئىچەلمەپتۇ ؛ چۈنكى ھەممە يەرنى كىيىم –كېچەكلەر قاپلاپ كەتكەن ئىدى .

بازاردىكى ئاھالىلەر ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ ،كوچىلاردا نارازىلىق بىلدۇرىپتۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەھۋەخانىلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشىپتۇ . نەتىجىدە ۋېنجوۋلۇق سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بوپتۇ .

بۇ ھېكايىنىڭ بىزگە نىسپەتەن ھەقىقەتەن  مەنىسى بار ، بىزنىڭ يېنىمىزدا بىر كوچىنىڭ تەقدىرى ، قۇرۇلۇش ھالىتىگە نىسپەتەن ئاھالىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق ، ئەكسىچە ھەر بىر كوچىنىڭ پەقەت بىر خىللا مەنزىرىسى بولىدۇ . مەسىلەن : كىيىم كېچەك شەھەرچىسى ، بەش خىل مىتال كوچىسى ، قاۋاخخانا كوچىسى .....بۇلارغا نىسپەتەن بىزدە پەقەت زوقلىنىش ، قۇرۇق پەخىرلىشىشلا بار ، ئەمما ھېچكىممۇ بۇلارنىڭ ئاھالىلەر تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايسىزلىقلارنى ئويلاپ باقمىغان .

مەن فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئەستايىدىل ھەم رومانتىك ھالەتتىكى تۇرمۇش كۆز قارىشىنى ياخشى كۆرىمەن . چۈنكى بۇ دىگەن بىر شەھەر ھەرگىزمۇ سودا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمەس .بۇلار بىز ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم .


ياشلار ژۇرنىلىدىن ئابدۇقادىر مۇھەممەت تەرجىمىسى


تەرجىمە ئەسەر يوللىغاندا مەنبەسىنى، ئاپتور ئىسمىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ!


يىڭى تىمامنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن مۇھەررىر ، مالال كۆرمەي چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىزكەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1330
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 520
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن ،مەنمۇ بەزدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن .

ئۆز قەدرىنى بىلگەن كىشى .ئۆزگىلەرنىمۇ قەدىرلەيدۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1452
تۆھپە : 0
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچى :ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن


يىڭى تىمامنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن مۇھەررىر ، مالال كۆرمەي چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىزكەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھازىرقى تۇرمۇشقا خۇيمۇ يارىشىپتۇ...! ئاپىرىن...ئابدۇقادىر مۇھەممەتىمىن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش