قەھۋەخانىمىزنى قايتۇرۇپ بەر
فىرانسىيەنىڭ بىر كىچىك بازىرىنىڭ مۇھىتى گۈزەل بولۇپلا قالماي ، ناھايىتى تىنچ ، ئاھالىسى مىھماندوست ئىكەن .
ۋېنجوۋلۇق (جېجىياڭنىڭ بىر شەھىرى ) سودىگەر بو بازارغا كىلىپ –كىتىش جەريانىدا بۇ يەرىدكى سودا پۇرسىتىنى ھىس قىلىپ ، يېزىدىكى بىر دۇكاننى ئىجارە ئېلىپ كىيىم –كىچەك دۇكىنى ئېچىپتۇ .
دىگەندەك بۇ سودىگەرنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان باشقا ۋېنجوۋلۇق سودىگەرلەرمۇ تۇشمۇ –تۇشتىن بۇ يەرگە يىتىپ كېلىپ كىيىم –كېچەك دۇكىنى ئېچىشقا تۇتۇش قىلىشىپتۇ . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن سودىگەرلەر بازاردىكى مىۋە –چىۋە دۇكىنى ، تورتخانا ، قەھۋەخانا قاتارلىق دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگوچە كىيىم –كېچەك دۇكىنىغا ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ .
ئەسلىدە جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى قارشى ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قوللىغان بازاردىكى كىشىلەر ، بازاردىكى ھەممە دۇكانلار كىيىم –كېچەك دۇكىنىغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن بۇنىڭىغا قارشى چىقىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى بازاردىكىلەر بۇ كىيىم –كېچەك دۇكانلىرى بازارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى دەپ قارايدىكەن . ئۇلار تورت ئالماقچى بوپتۇ ، ئەمما ئالالماپتۇ ؛ قەھۋە ئىچكىسى كەلسىمۇ ئىچەلمەپتۇ ؛ چۈنكى ھەممە يەرنى كىيىم –كېچەكلەر قاپلاپ كەتكەن ئىدى .
بازاردىكى ئاھالىلەر ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ ،كوچىلاردا نارازىلىق بىلدۇرىپتۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەھۋەخانىلىرىنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشىپتۇ . نەتىجىدە ۋېنجوۋلۇق سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بوپتۇ .
بۇ ھېكايىنىڭ بىزگە نىسپەتەن ھەقىقەتەن مەنىسى بار ، بىزنىڭ يېنىمىزدا بىر كوچىنىڭ تەقدىرى ، قۇرۇلۇش ھالىتىگە نىسپەتەن ئاھالىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق ، ئەكسىچە ھەر بىر كوچىنىڭ پەقەت بىر خىللا مەنزىرىسى بولىدۇ . مەسىلەن : كىيىم كېچەك شەھەرچىسى ، بەش خىل مىتال كوچىسى ، قاۋاخخانا كوچىسى .....بۇلارغا نىسپەتەن بىزدە پەقەت زوقلىنىش ، قۇرۇق پەخىرلىشىشلا بار ، ئەمما ھېچكىممۇ بۇلارنىڭ ئاھالىلەر تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايسىزلىقلارنى ئويلاپ باقمىغان .
مەن فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ئەستايىدىل ھەم رومانتىك ھالەتتىكى تۇرمۇش كۆز قارىشىنى ياخشى كۆرىمەن . چۈنكى بۇ دىگەن بىر شەھەر ھەرگىزمۇ سودا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمەس .بۇلار بىز ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىم .
ياشلار ژۇرنىلىدىن ئابدۇقادىر مۇھەممەت تەرجىمىسى
تەرجىمە ئەسەر يوللىغاندا مەنبەسىنى، ئاپتور ئىسمىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ!