ئۇ دىياردا كۈيچىلەر سۈيلەپتۇ باتۇر روزىنى،
شۇڭا جەننەت كەپتىرى ئۈنلەپتۇ باتۇر روزىنى.
خام تالاش ئەتمەك بولۇپ بارلىق بىلەن يوقلۇق ھامان،
نەزمىلەر دۇنياسىدا كۆزلەپتۇ باتۇر روزىنى.
چىقسا سويلاپ ئالجىغان ئەسنادا كۆرگەن چۈشلىرى،
بۇندا ئايسىز ئايدىڭى كۈنلەپتۇ باتۇر روزىنى.
رامكىلار غەۋغاسىدا قاسراقنى تاشلاپ تىنمىغان،
ئەمدى بۇندا قەبرىسى دۈملەپتۇ باتۇر روزىنى.
دۇملىنىشكە ھەر زامان كۆنمەيدۇ بەڭۋاش يازمىسى،
شۇڭا ھەر مىسرالىرى پەرلەپتۇ باتۇر روزىنى.
2011-يىلى شىمال ياش يازغۇچىلىرىنىڭ جەنۇپ سەپىرىدە باتۇر روزى قەبرىسىنى يوقلىغان ئىدۇق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ekremabdumijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 15:10