ئىگىسى: jallat

شائىر باتۇر روزى ۋاپاتىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1103
تۆھپە : 4
توردا: 398
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 17:14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ



باھاردىكى مىسكىنلىك

(باللادا)


(شائىر باتۇر روزىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن)

باش باھار سىرغىپ شېخىدىن  بىر چېچەك،
بوغدا ئانام چىگدى  باشقا ئاق لېچەك.

نەرە تارتتى تەڭرىتاغ :‹‹-شائىر قېنى؟!››
ئازدى تارىم يولىدىن، چىقتى جېنى!

ئىلىنىڭ دولقۇنلىرى قالدى قېتىپ،
ئالتاينىڭ يايلاقلىرى  دەرتكە پېتىپ...

قۇمۇلنىڭ گۈل يۈزىدىن ئۆچۈپ ئاپتاپ،
يۈرىكى پۇچىلاندى بولۇپ زەرداب...

ئىدىقۇت بىھۇشلۇقتا بوپ ھازىدار،
تولغىنىپ غەزەپ بىلەن يالقۇن چاچار!


ئوغلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتىن،
باش ئەگىم  ھازا ئاچتى  نادامەتتىن.

ئۇزاتتى  يۇرتقا ئۇنىڭ  مېيىتىنى،
ھەمراھ قىپ  بىر زەبەردەست يىگىتىنى* ...

ئاھ، يېتىپ كەلگىنىدە بۇ شۇم خەۋەر،
قالدى تاڭ  كىچىكلەردىن چوڭغا  قەدەر...

كۈتۈشتى  دوقمۇشلاردا ئەللەر رەت-رەت،
تەلمۈرۈپ دىدارىغا،  يۈرىكى دەرت...

تېنىقى توختىغاندەك قەدىم يەكەن،
سۈكۈتتە  قېتىپ قالدى گويا ھەر تەن...

(بىتاقەت بۇ پەيتلەرگە ئاجىز قەلەم،
تەسۋىرگە سۆز  تاپالماي چەكتى ئەلەم!

كىتابخان شاھىد تۇرۇپ ھەتتا مەنمۇ،
‹‹ـ شائىرمەن!›› -دېگىنىمدىن مىڭ بىر ئەپۇ!)

كەلگەندە ئانا يۇرتقا، ۋاھ، ھەسرىتا!
چېكىگە يەتتى پىغان، قايغۇ-ھازا...

شۇ قەدەر ئازاب بولدى دىدارلىشىش...
ئاسانمۇ  ياش تۆكۈشۈپ، قۇچاقلىشىش؟!

يىرتىلغان يۈرەكلەرنىڭ نىداسىغا،
مۇمكىنمۇ چىداپ  تۇرماق پىراقىغا؟!

قۇم پۈركۈپ كائىناتقا تەكلىماكان!
مۇقام يۇرت ئاسمىنىنى  باستى تۇمان!

تۇتالماي كۆز يېشىنى ئاھ، زەرەپشان،
مۇڭلاندى  شۈنچە ھالسىز ھەم خىيالچان!

بويىدىن ئۆتكىنىدە ھازا ئەھلى،
بوزلىدى:‹‹- بۈگۈن ئىكەن ئۆلۈم پەسلى!››

ئاھ، يۇرتنىڭ ئىچى-تېشى كەتتى تەۋرەپ،
بارچە جان  چىمدۇ** تامان ئاقتى دەۋرەپ!

دېيىشىپ  مويسىپىتلار سىلاپ ساقال:
‹‹ـ كۆرمىگەن بۇنداق  ھەيۋەت قوشۇن مىسال!››

مومايلار ئېسەدىشىپ نەۋرىسىگە،
سۆزلەيتتى شۈنچە دەرتلىك بىر قىسىسە...

بۇ كاتتا نامايىشقا بىر زات، قاراپ
‹‹-كىمكىنە؟!››- ئاڭقىرماستىن قالدى  سوراپ .

‹‹ـ باتۇر!››-دەپ كەلدى سادا جىرالاردىن،
غۇلىدى تاشلار ئىدىر-قىيالاردىن!

ناۋاسى توختاپ كاچۇڭ*** باغلىرىنىڭ،
ئىگىلىپ بېشى چىمدۇ تاغلىرىنىڭ.

كۆككە تۇتاش چوققىدىن بېرىپ ئورۇن،
دېگەندە:‹‹- كەلدىڭ ئوغلۇم بەكمۇ بۇرۇن!››

دوست تۇرماق، ھەتتا زار-زار يىغلاپ رەقىپ،
تىلىدى ئاڭا جەننەت دىلدىن تەھقىق!

كېلىشتى ماتىمىگە ئەللەر توپ-توپ،
ھەسرەتلىك نادامەتتە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ!

زېمىنغا بىنا بولۇپ بۇ قەبرىستان،
كۆرمىگەن بەلكىم مۇنچە كۆپ نامازخان.

يېرىلدى تاشتىن پۈتكەن باغرى چاك-چاك،
ئوغلىغا مېھرى بىلەن ئاچتى قۇچاق.

پۈركۈنۈپ ئالتۇن بويى ئاق لىباسقا،
گىگانت بىر تەن كىردى يەر ئاستىغا...

ئېزىلىپ  يۈرەك-باغرى  يورۇڭقاشنىڭ****،
سەزگۈسى ئويغىنىپ ھەر تاغۇ-تاشنىڭ!

ئاھ ،ئوتلۇق قايغۇ بىلەن يوللاپ سالام،
دېدى:‹‹-خەير ، يات قەبرەڭدە ئەزىز بالام!››

بىرلىشىپ تاغلار بىلەن كەتتى  لەھەت،
بىر نۇرلۇق چولپان كۆچتى كۆكتىن ئەبەت...

(قېنى كىم مۇستەسنادۇر  بۇ قىسمەتتىن؟
پۈتۈلگەن جاھان كېلىش ۋە كەتمەكتىن...

ئەجەلنىڭ نۆۋىتىنى تۇتار ساقى،
ئەمەسقۇ ھېچ كىشىگە جاھان باقى...)

تەرىپى بولغىنىدا تۇشمۇ- تۇشتىن،
يۇرت خەلقى بىلدى ئۇنى يېڭىباشتىن.

تىزلىنىپ شائىرىنىڭ قەبرىسىگە،
گۈل تىزدى ئېھتىرامدا  دەستە-دەستە.

ھەر چىمدىم تۇپرىقىنى دەپ يادىكار،
پۈتۈشتى يۈرىكىگە ئوتلۇق تۇمار.

ھىدلىشىپ  ئىزلىرىنى قېنىپ-قېنىپ،
شىۋىرلار:‹‹- ئۇ كېلىدۇ چوقۇم يېنىپ...››

ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەس ئەسلا،
قەلبىدە تۈمەن سوئال، چىگىش غەۋغا:

‹‹-نەۋائى چاقىرتقاندۇ قىلىپ ئىززەت،
كەل، ئوغلۇم  قۇرايلى دەپ شېرىن سۆھبەت!

شاھ مەشرەپ قىلىپ بەلكىم كۆپ ئىلتىجا،
دېگەندۇ:-سېغىندىم ،ئاھ، ئەي ئۆز سىما!

ھۆر-غىلمان ئاشىق ئەسلى ئەشئارىغا،
مۇستەغرەق چالغان مۇسقى-دۇتارىغا!

لازىمدۇر كۈيچى بۇلبۇل يا جەننەتكە،
ئابىدە كېرەك بولدى يا سەنئەتكە!

نەزمىگە كېرەك شائىر  - يىتۈك سەرۋاز،
ئەڭ يۈكسەك  چوققىلارغا بۈيۈك پەرۋاز!

لېكىن، ئۇ ئاتا ئىدى زەپ مېھرىبان،
ئىشقىدا پەرزەنتىنىڭ يېلىنجىغان.

ئانا قۇش  بالىسىنى باققان كەبئى،
لېۋىدىن سۇ ئىچەتتى بىر جۈپ سەبئى.

-ۋا دەرخ! ئەمدى   تېخى قىرىق بىر ياش،
ئەزرائىل،ئازدىڭمۇ سەن ئەي، باغرى تاش!؟››

غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بوپ ئەزرائىل،
دېدىكى:‹‹-ئاغزىڭغا تاش! نادان شائىر!

ئىشت مەندىن بىر كەلىمە كەچمىش بايان،
زەر گۇمان قىلساڭ تىلىم  چاقسۇن چايان!

بىلىمەن، ئۇ سەنئەتتە يەكتا گۈلتاج،
ھە، شۇڭا خەلقى ئاڭا ئىدى مۇھتاج!

بىراۋلار سامان يىغسا ئېڭىزىدىن،
دۇر سۈزگەن ئۇ ئىجادنىڭ دېڭىزىدىن!

ئىزىدىن گۈل ئېچىلغان پورەك-پورەك،
سۆيۈنگەن ھېممىتىدىن ھەر ئوت يۈرەك!

مۇستەسنا ئىدى شۆھرەت تاماسىدىن،
جاھاننىڭ يىرگىنىشلىك غەۋغاسىدىن!

بىلەمسەن، ئايدىڭلىرى ئايسىز ئۆتكەن*****،
بۇردا نان تاپسا ھەتتا چايسىز ئۆتكەن...

توقۇغان تاغىرىنى ئېگىك نۇردىن،******
قۇياشنىڭ كۆكسىدىكى كۆپ-كۆك مۇزدىن...

تاسقىلىپ ھەر بىر تۇيغۇ-- شۈنچە تېتىم!
تەپەككۇر غەلۋىرىدىن مىڭ بىر قېتىم!

شېئىر بوپ چاقناپ ئەقىل  گىرۋىكىدىن،
ئۆتەتتى پىلسىراتنىڭ كۆۋرۈكىدىن*.******

ساماۋىي كۆكتە بولۇپ نۇرلۇق ئەختەر،
تىكلىگەن ھەر يۈرەكتە بۈيۈك ھەيكەل!

تۇرمۇشنىڭ مەنزىلىدە گاھى بوران،
يولىنى توسقاندىمۇ يارداڭ-داۋان.

بەزمىگەن ئۈمت، ئىشەنچ، جاسارەتتىن،
ئۆمرىگە رەڭ بەرگەن پەم-پاراسەتتىن!

ھاياتقا باققان باشنى ئېگىز تۇتۇپ،
مەيدىگە گاڭگۇڭلارچە مۇشتلاپ تۇرۇپ...

مىڭ ئەپسۇس، يۈز يىلدىمۇ بولماس زاھىر،
ئۇنىڭدەك ئەقلى تېرەن،زېرەك شائىر!

بىلىنەر  قەدرى يىللار ئۆتكەنسىرى،
زارىقىپ:-كېلەرمۇ؟  دەپ كۈتكەنسىرى.

ئاسانمۇ جان نەرقىگە  شائىر بولۇش،
بۇلبۇل بوپ چاڭىلدىماق؟! ھۈرسە ھوقۇش!

قاپلاپتۇ  دىلىڭلارنى غەپلەت-تۇمان،
ئۆتتۈڭلار ھەتتا ئۇندىن قىلىپ گۇمان!

سەھەردە  قۇرىماستىن كۆزنىڭ يېشى،
ئاتماس ھە، نائەھەلىلەر  تۆھمەت تېشى؟!

سەنلەردىن كۆردى قېنى، قاچان خوۋلۇق؟!
قىسمىتى- يەكلىنىشتە ئازاب، خورلۇق!

بوغۇلۇپ قەھرى بىلەن كەلدى چىداپ،
‹‹ـزەيلىدى *******،جان زەيلىدى! ››- قىلدى خىتاپ!

دەرىخا، شۇنداق تۇرسا پانىي جاھان،
ئوغلۇمغا قانداق چىداي، يۈرىكىم قان؟!

دەرتلەردىن  بولۇپ تۇرسا دىل جاراھەت،
ئېيتقىنچۇ،  قانداق قىلاي ئەي ،ھاماقەت؟!

يېرىلدى چىدىماستىن سەبرى قاچام،
ئاخىرى دېدىم مانا: -كەلگىن بالام!

بىلسۇن دەپ ھەر كىم يەنە ئاھ، قەدرىنى،
قالدۇردۇم شائىرى يوق بىر قەبرىنى...

ئېپكەتتىم مەئىۋانىڭ كۆرىكىگە،
تۇپراقنى دەپنە قىلدىم يۈرىكىگە!

بولدى بەس! توقۇپ يۈرمە سەن ھېكايەت،
بىلسەڭ  ئۇ تەڭرى پۈتكەن بىر رىۋايەت...››

ئىزاھلار


*مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ  مېيىتىنى شائىر  ئەيبۇ ياقۇپ، ئاتاقلىق بالىلار شائىرى ئابلېكىم ھەسەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا،  مەرھۇمنىڭ  يېقىن دوستى، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، شائىر ئەسقەر ياسىن كورلىدىن يەكەنگە مەخسۇس  ماشىنا بىلەن  ئېلىپ كەلگەنىدى.
**چىمدۇ-مەرھۇم باتۇر روزى  تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تاغلىق  كەنتنىڭ نامى
***كاچۇڭ_مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ ئانا يۇرتى. يەكەن ناھىيىسىگە  قاراشلىق تاغلىق يېزا.
****مەرھۇم ۋاپات بولۇشى بىلەنلا  خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى تەزىيە تېلىگراممىسى ئەۋەتكەن ئىدى.
*****مەرھۇمنىڭ ‹‹ئايسىز ئايدىڭ›› ناملىق مەشھۇر شىئېرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
*****مەرھۇمنىڭ ئىلگىرى  ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››(ھازىرقى ‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلى) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ، زور تەسىر قوزغىغان ‹‹ ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار ›› ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
*******مەرھۇمنىڭ ‹‹پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر›› ناملىق بىئوگرافىك رومانى كۆزدە تۇتىلىدۇ.
********مەرھۇمنىڭ‹‹زەيلىدى ››ناملىق نادىر  شېئىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ.بۇ شېئىر ئىجات قىلىنىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلق ئىچىگە تارقاپ،  ئاھاڭغا سېلىنغان.



2007-يىل3-ئاي27-كۈنى.يەكەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 17:19  


ئۆز ئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم،
سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ.
بىراق ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم،
ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 757
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 18:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ بالدۇر كىتىپ قالدىڭ ساۋاقداش،
سىغىندۇق بىز،سېنىڭ ئۈچۈن تۆكۈپ ياش.



ئاللاھ ياتقان يەرلىرىنى جەننەتتىن تەييارلاپ بەرسۇن!ئاۋمىن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 704
تۆھپە : 0
توردا: 245
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 01:09:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ekremabdumijit يوللىغان ۋاقتى  2013-3-27 15:07
ئۇ  دىياردا  كۈيچىلەر  سۈيلەپتۇ  باتۇر  روزىنى،
شۇڭا  جە ...

باتۇر رۇزىنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى.
ئاكا،سىزدىن سوراپ باقسام،باتۇر رۇزىنىڭ قەبرىسى قەيەردە؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 13:25:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ  مېيىتىنى شائىر  ئەيبۇ ياقۇپ، ئاتاقلىق بالىلار شائىرى ئابلېكىم ھەسەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغا،  مەرھۇمنىڭ  يېقىن دوستى، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، شائىر ئەسقەر ياسىن كورلىدىن يەكەنگە مەخسۇس  ماشىنا بىلەن  ئېلىپ كەلگەنىدى.
**چىمدۇ-مەرھۇم باتۇر روزى  تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تاغلىق  كەنتنىڭ نامى
ئۇنىڭ مازىرى دەل شۇ يېزىسىدا ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش