تەنھا ئاي قىسسىسى
سىرىنگۈل
خىياللىرىم خىياللىرىڭدىن ياتلاشقان ئاشۇ دەمدە ،ئاي رۇجەكلەرگە باش قويدى .
كىچە ئاسمىنى روھ ناۋالىرىنى ئۈنسىز كۈيلەر ئىچىدە تىنىمسىز تەۋرەتتى.بارلىقىم سىنىڭ ئىلكىڭگە ئۆتكەن ئاشۇ مىنۇتلار ساڭا بولغان سىغىنىشلار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن ،ئۈنسىز نىدالىرىمنى كۆرۈپ ئۆتكەن تەنھا ئاي سۆيگۈ ھەققىدە قىسسە سۆزلەيدۇ ،ئەسىرلىك غىرىپلىق ئۆزى ئۈچۈن تەنھا كۈيلىرىنى باشلايدۇ .
سىرلىق كۆز قىسىشقان نۇرلۇق يۇلتۇزلار تۇنجى سەپىرىنى باشلىغان ئاشۇ دەملەر تىلسىم چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆتكىنىدە ھەسرەتسىز كۈي ھەققىدىكى سانسىز تەبىرلەر ھىىلىھەم غىل پال چاقنايدۇ ،
سەرگەندان خىياللىرىم پەسىلسىز قۇشلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا ۋەيرانە ،كۆڭۈل گۇلخانلىرىمدا تاۋلانغان ھىجران زەنجىرى مىنى ھەم سىنى يۇچۇن بىر كىچىگە باشلىماقتا،
قەلبىم ئىتىزى مىھرىڭدىن گۈل بولۇپ ياشنىغان ،يورۇق تاڭلار بەخىت ھەققىدە ناخشا باشلىغان ،ئاينىڭ بىغۇبار چىھرى سىنىڭ كۆزلىرىڭگە چۆككەن ،ئاشۇ يورۇق كىچە سامان يولىنىڭ يىراق ئۇپۇق سىزىقلىرىدا ئۈزۈلمەس سۆيگۈ مىلۇدىيىسىنى تەنتەنىلىك ھالدا باشلىندۇ .
تەنھا ئاي ئارەمبەخىش نۇرلىرىنى چاچقىندا كۆڭۈل ئەينىگىمدە ،ۋىسالسىز ئىنتىزارلىق،سەن تامان يول ئالىدۇ .
مەڭگۈ ئاياغلاشماس بىر ئارمان تىتىلغان روھىمغا ئەلەملىك باقماقتا ،
شامالنىڭ ئاۋازى ئوتلۇق ھارارەتلەرنى توزىتالمىغىندەك تەنھا ئاي رۈجەكلەر ئەپسانىسىنى يۇچۇن كىچىلەردىن ھامان توختىماستىن ئىزدەيدۇ ،
ئەسلىرىمدە قالغىنى سانسىز يۇلتۇزلارغا تولغان ئۇزۇن بىر كىچە ،خىيالىڭ رەڭگىدە بىزەلگەن چۈشلەر نەپىس كۈلكىلەرگە تولىمۇ ئوخشايدۇ ،
چۈش بىلەن رىئاللىق ئەسلىمە بىلەن خىيال ئوتتۇرسىدا ئىككىمىز ھامان يىراقلىماقتىمىز ،
ئىلاھا گۈلگۈن ھىسلىرىمنى مەندىن ئىلىپ كەتمىگىن چۈنكى ئۇ مىنىڭ شاتلىقمنىڭ بەرىسى ،
سۇسىز چۆلدە قىلىشتىن قورۇقمايمەن بىراق روھىمنىڭ قەلەندەرلەرچە ياشىشىدىن قورقىمەن ،
بەختىمنىڭ قاناتلىرىنى كۈلكەڭنىڭ رەڭلىرى بىلەن رەڭلەپ ئۆتكۈنۈم ئىسىمدە ،
كىچە چۈشلەرنىڭ كۆلەڭگۈسى ھامان يۇچۇن خىياللارنى ئىزىقتۇرماقتا ،تەنھا ئاي ئۆز قىسسىنى باشلايدۇ ،
يۇلتۇز بارخانلىرى ئۈسىتىدە ئىچىلغىنى چوقۇمكى ئازاپ گۈللىرى ،كەل ئامرىغىم ئاشۇ سىرلىق ھەم بىپاپايان كەچمىشلەر ئىچىدە غەرىپ ھەم شەرىق تامان سۆيگۈ ھەققىدە قىسسە ئاڭلايلى !!!!!!!!!!