يېقىندا ئۆزبىكىستان يازغۇچىسى خەيرىددىن بەگمەتنىڭ ‹‹ مېھرىبانىم قايدىسەن ›› ناملىق رومانى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلىكترون ئۈن- سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان، 491 بەتلىك مەزكۈر روماننى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ پىلانلىشى بىلەن روزىمۇمەممەت مۇتەللىپ ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بولۇپ، جۇشقۇن شائىر مەشرەپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئاپاق خوجا ئوردىسىدىكى قىسمەتلىك ھاياتى، جۈملىدىن، دىيارىمىزدىكى سەرگەردانلىق كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بۇ رومان كىتابخانلارنى يالقۇنلۇق شائىرنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى، ئىددىيىسى ھەققىدىكى ئۆزگىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.
روماندا يەنە ئاپپاق خوجا، سوپى ئاللايار، سەئىدىيە سۇلتانى ئىسمايىلخان، مۇھەممەت غوجامقۇلى خىرقەتى ( گۇمنام)، پىرمەت ساتارىي، بەلخ ھاكىمى مەھمۇتخان.... قاتارلىق كۆپلىگەن تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، رومان ئۆز باغرىغا سىغدۇرغان بەدىئىي دېتاللار ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئۆزگىچە بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، دىنىي ئەھۋالىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.
بۇ رومان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزدىكى خۇشپۇراق بىر گۈلدەستە بوپ قالغۇسى.
روماننىڭ مۇقاۋا سۈرىتى :