جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1377 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئىگىسى: eybuyaqup

‹‹مېھرىبانىم قايدىسەن›› ناملىق رومان نەشر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 4
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 22:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىر قانچە توردېشىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆردۈم. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. شۇلاردىن بىر-ئىككىسىگە ياندىشىپ قارىشىمنى بايان قىلىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم:
   1. مېھرىبانىم قايدىسەن؟»ناملىق بۇ رومان، ئۆزبېك يازغۇچىسى خەيرىددىن بەگمەتوۋنىڭ بولۇپ «دىۋانە مەشرەپ» ناملىق رومانى بولۇپ، 2005-يىلى تاشكەنت «شەرق»نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان. روماننىڭ  امىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدە مۇنداق سەۋەپلەر بولۇشى مۇمكىن، خەلقىمىز مەشرەپنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ، شۇڭا شائىر مەشرەپ توغرىسىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەر بار. مەسىلەن:«قىسسئەئىي مەشرەپ»، «مەشرەپ قىسىىسى» بۇلار «ئاقسۇئەدەبىياتى»، «بۇلاق»ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. «مەشرەپ خوتەندە»، بۇ ئەسەر يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، ئاندىن مىركەرىم ئاسىمڭ «ۇنغان ساتار» تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئاندىن مەرھۇم يازغۇچىمىز باتۇر روزىنىڭ «مەشرەپ»ناملىق پوۋېستى، ئىلى دەرياسى، دۇنيائەدەبىياتى قاتارلىق دۇرناللاردىمۇ مەشرەپ ھەققىدە ماقالىلەر، مەشرەپ شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.يەنە مەنمۇ«مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ»ناملىق بىر كىتاپچە يازغان شىنجاڭ ئېلىكترون نەشىىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبياتى»
قاتارلىقلاردىن مەشرەپ مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. شۇڭا بۇ كىتاپ «دۋنە مەشرەپ»
دېگەن نام بىلەن نەشر قىلىنسا بازار تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرەلگەن بولىشى مۇمكىن(ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئويلاش ئورۇنسىز ئىدى)، يەنە بىر تەرەپتىن«مېھرىبانىم قايدا سەن؟» مەشرەپنىڭ بىر شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىدەك قىلاتتى، شۇڭا بۇ ئىسىم قويۇلسا جەلىپكار بولىدۇ. نەشرىياتىلارمۇ مۇشۇنداق جەلىپكار ماۋزۇلارغا ئامراق.
    بۇ رومان 2009-يىلى 12-ئايدا نەشردىن چىقىپ، 2010-يىلى «شەرق شامىلى»قۇرۇلۇش تۈرى كىتاپلىرى قاتارىدا يېزا-كەنتلەردىكى كەنتە قىرائەتخانىلىرى، دىخانلار كىتاپ ھوجرىلىرىغىچە تارقىتىلغان، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى كىتاپخانىلاردا پەيدا بولدى. ھازىر ھەرقايسى كىتاپخانىلاردا بار.
   2. «مەشرەپ خوتەندە»دېگەن ئەسەر رومان ئەمەس، ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت توختى ئاكىنىڭ ھېكايىسى.
   3. مەرھۇم يازغۇچىمىز «مەشرەپ»ناملىق پوۋېست يازغان ۋە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ پ د ف نۇسقىلىرى مۇناسىپ توربېكەتلەردە بار.
   4. مەن 10 يىل بۇرۇن «بابارەھىم مەشرەپ»ناملىق بىر رومان يازغان بولۇپ، نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ قولىدا نۇرغۇن سەرگۈزەشتىلەرنى تارتقان بۇ رومان ھازىر قولۇمدا، داۋاملىق پىشىقلاپ يېزىۋاتىمەن. شۇڭا «مېھرىبانىم قايدىسەن؟»ناملىق بۇ روماننى ھازىرچە ئوقۇمۇدۇم. ئۆزەمنىڭ ئەسىرى پۈتكەندە ئوقۇپ چىقىمەن.
5.بۇ روماندا ئۆزبېكلەرنىڭ مىللەتچىلىكى ئىپادىلەنگەن بولىشى ناتايىن، دەپ قارايمەن.

  

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 00:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرمەھەممەت توختىكامنىڭ ھېكايىسىنىمۇ، باتۇر روزىنىڭ پوۋېستىنىمۇ(مەشرەپ ھەققىدىكى)ئوقۇغانىدىم. بۇ قېتىم «مېھرىبانىم قايدىسەن»نىمۇ ئوقۇدۇم. مەنچە رومان ياخشى يېزىلغانىكەن. بولۇپمۇ مەشرەپنىڭ ئىددىيىسى چوڭقۇر ئېچىپ بىرىلگەن.  ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە دەپ، ئۈچ ئەسەرنىڭ ھۇزىرىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 637
تۆھپە : 0
توردا: 92
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 00:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ بۇ كىتاپنىڭ چىققانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغاندىلا ئېلىپ ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم .كىتاپ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ،بۇ مېنىڭ مەشرەپ توغۇرسىدا تەپسىلى ئوقۇپ چىققان كىتاۋىم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن مەشرەپ ھەققىدە يېزىلغان باشقا يازمىلارنىمۇ ئوقۇپ چىقىشنى ئويلىشىپ ئىزدەۋاتىمەن .

مەن ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ بۈگۈنكى ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  186
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 230
تۆھپە : 3
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 00:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شاھ مەشرەپ ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتاپمۇ بار ئىدى.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش