كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 3

"مومامنىڭ بۇلۇتى" ناملىق بالىلار ھېكايە توپلىمى نەشر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1544
تۆھپە : 160
توردا: 669
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 07:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاسنىڭ "مومامنىڭ بۇلۇتى" ناملىق بالىلار ھېكايە توپلىمى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

1-2012225171349891.jpg


بۇ توپلامغا يازغۇچىنىڭ بالىلار ئەسەرلىرى ئىچىدىن 10 پارچە ھېكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىللىق باھارغا تەلپۈنۈپ تۇرغان قىزغىن بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك بىر سوۋغات بولۇپ قالغۇسى.

ماخمۇت يولۋاس يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى تىنىمسىز ئىزدىنىپ بالىلار ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقاردى. ئۇنىڭ بالىلار تۇرمۇشىنى تېما قىلغان ئەسەرلىرىدە گۈزەل سەھرا مۇھىتى، ئىللىق تەبىئەت قوينى، تاغ-دەريالار شۇنىڭدەك شۇنداق بىر گۈزەل زىمىندا چوڭ بولىۋاتقان بالىلارنىڭ گۈزەل خىياللىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلى، تېتىملىق ئوبراز يارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولسا، ئاشۇ تىنىمسىز، شوخ، تاغنىڭ ئەركە سۇلىرىدەك قىيغىتىپ چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار بىلەن بىللە تەسۋىرلىنىدىغان چوڭ ئادەملەرنىڭ ئوبرازلىرىمۇ ئىختىيارسىز كىشىنىڭ يۈرىكى چەككەن ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ۋەقەلەر ئوقۇرمەننى  رىئاللىق بىلەن خىيال ئوتتۇرسىدىكى بىر سىرلىق ئالەمگە كېلىپ قالغاندەك ھېسىياتقا چۆمدۈرىدۇ.

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ياش يازغۇچى ماخمۇت يولۋاس، 1970-يىلى توققۇزتارا ناھىيە تاشتۆپە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ شىخەنزە تەمىنات-سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. كاستىر، بازار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ 1993-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان«كېسەل» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىگە يېقىن پوۋېست-ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.  ئۇنىڭ «كۆك قۇمۇش» ناملىق ھېكايىسى 10-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ھەم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان. «مومامنىڭ بۇلۇتى» ناملىق ھېكايىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


         


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخمۇت يولۋاسنىڭ بۇ كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن، بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن مۇشۇنداق كىتابنىڭ تۈ*ركۈملەپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1504
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 73
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 18:10:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم مۇشۇنداق نەتىجە قازانغانلارنى كۆرگىنىمدە ئۇلارغا تۇلىمۇ مەسلىكىم كىلىدۇ.مەخمۇت ئاكىمىزنى تەبرىكلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 19:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى،ئەسەرلىرىمۇ بەك ياخشى.مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 19:42  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش