سىڭلىم رەيھانگۈل، قەلبىڭىزدەك تولىمۇ پاكىز ھەم ساپ ھېسسىياتلارغا تولغان شىئېرلىرىڭىزدىن تولىمۇ ھوزۇرلاندىم. راست گەپنى قىلسام سىز بىلەن تونۇشقان بىر يىلدىن بېرى سىزنىڭ بۇنچىلىك ئېسىل شىئېرلارنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن. مۇشۇ سەھىپىگە كىرىپ سىزنى قايتىدىن تونۇغان بولدۇم. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق، مۇساپىرنىڭ شەھىرىدىكى تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق تىلەيمەن.
ياغلىق دۇكىنى دېگەن شىئېرىڭىز بىلەن قېينىئانام دېگەن شىئېرىڭىزدىن قەلبىم ھاياجانغا تولدى.
ياغلىق دۇكىنى
شايى ياغلىق،يىپەك ياغلىق...
ئايچېھرە، گۈلگۈن قىزلار
تاللىشار ئۆزلىرىگە
ياغلىقلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقىنى.
يۇرتۇمدا سەھەردىلا
مانا شۇنداق قىزىپ كېتەر
ياغلىق دۇكىنى.
يېپىقسىز ئېشىكتىن
كۈلۈمسىرەر رەڭدار ياغلىقلار،
دېققىتىنى تارتماق بولۇپ
كوچىدىكى ياغلىقسىزلارنىڭ.
يەنە ياغلىق تاللىشار
قايدىندۇر كەلگەن ياپياش يىگىتلەر
سوۋغات قىلىپ چىرايلىق ياغلىق
ئۇتماق بولار نازۇك كۆڭلىنى
جانان قىزلارنىڭ.
خېرىدارىغا ياغلىقلار ئوراپ
ھېرىپ قالماس
خېنە قويغان چىۋەر قوللىرى،
ياغلىق چىگكەن پىركازچىك قىزنىڭ .