جىمجىت شەھەر
سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،
داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.
ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،
مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.
قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،
ياكى نەغمە ياڭرىماس كۈندە.
ۋۇجۇدى سوۋۇغان مۇز پارچىسىدەك،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ ياكى كۈلۈشنى،
ئاپتاپتا بىمەھەل چىرىگەن چۈشتەك،
ئىزدەيدۇ يوقاتقان تاتلىق ئۆتمۈشنى.
جىمجىت شەھەرنىڭ كوچىلىرى،
قەيەرلەردىن قەيەرگىدۇر تۇتاشقان،
مەۋجۈت ئەمەس شەرق،غەرىپى،
ياكى شىمال ،جەنۇب تەرىپى،
ئادەملىرى يولدىن ئاداشقان.
بۇ شەھەردە ئەۋلاد-ئەۋلادقا،
ئەستىلىكلەر ئېتىدۇ داۋام،
ئەمدى يىغا-كۈلكىسى بىلەن،
بۇ شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ،
بۇزار يېڭى تۇغۇلغان بالام.
قېيىنئانام
ئۆتتى كۈنۈم بەخت ئىچرە،
گۈل ھاياتىم سېنىڭ تامان.
ماڭا بەرمەي گېلىڭ ئۆتمەس،
بىر تامچە سۇ، بىر بۇردا نان.
مېھرىبانلىق بابىدا سەن
كامالەتلىك سۇلتان ئانام.
گۆدەكلىكىم سالسا جاپا،
كۈلۈپ قويۇپ «بوپتۇ»دېدىڭ،
قايان بارساڭ ئېلىپ يۈرۈپ،
بىر نان تاپساڭ بىللە يىدىڭ.
غەم –ئەندىشەڭ يوقتۇر پەقەت،
باغلاردىمۇ بولغاچ ھىدىڭ.
ئارزۇ قىلسام ئەگەر ئاينى ،
ماڭا ئېلىپ بېرەر ئىدىڭ.
ئېزھارىمغا قۇلاق سالغىن
ئارام ئالغاچ جېنىم ئانا.
دىلىمغا گەر ئازار يىتىپ،
تۇرۇپ قالسام غەمگە پېتىپ.
ئۆز قىزىدىن چارە كۆرۈپ،
جاھاندا بىر پارە كۆرۈپ،
بېرىپ تەسەل مەڭزىم سۆيۈپ،
يىغا –كۈلكەمگە جۆر بولغان،
ئۆز ئانامدەك قېيىنئانام.
ئېتىپ قويسام تۇز سالماي ئاش،
«ھەسەلدەك ئاش بوپتۇ.»دىگەن،
مەيلى قاچان،قايدا بولاي،
ھامان مېنىڭ غېمىم يىگەن،
پاسىبانىم ،كۆيۈمچانىم،
شۇنداق ئېسىل قېيىنئانام.
بولۇپ قالسام گاھى بىتاپ،
ئۆز ئانامدەك كۆيۈپ باققان،
ئوتلىرىمدا گۈلخان بولۇپ ،
سۇلىرىمدا سەل بوپ ئاققان،
ئاپئاق كۆڭلۈڭ شاراپىدىن ،
ئارزۇلىرىم قانات قاققان،
مېھرىبانىم،غەمگۈزارىم،
شاد-دىلكىشىم قېيىنئانام.
مېھرىڭ گويا دېڭىز ئوخشاش،
مەۋج ئۇرار دولقۇنلىرىڭ.
قىلار جۇلا مەرۋايىتتەك،
سەن كۈلگەندە تامچىلىرىڭ.
زەررە شەبنەم كۆرسە كۆزۈڭ،
شۇئان بولار جاھان زۇلمەت.
شۇل ئۈچۈنكى رۇخسارىڭدىن ،
گۈل ئېچىلسۇن قېيىنئانام.
بېرىپ تۇرار نامىڭ سېنىڭ ،
تەختتىكى «خان»دىن دېرەك.
جاھاننى ئىزدىسەم بولماس،
ئېسىل ئادەم سەندىن بۆلەك.
ئاياغىڭدا قىلىپ خىزمەت،
بولاي ساڭا يارۇ-يۆلەك.
قايدا بولساڭ ئامان بولغىن،
مېنىڭ ئامراق قېيىنئانام.
ئارزۇ قىلدىم نەچچە يۈز يىل
توغراق يېشىڭنى كۆرۈشكە،
گاھى ئەييام،سەيياھ بولۇپ،
گۈلباغلىرىڭدا يۈرۈشكە.
ئارمانىم شۇ سېنى يۈدۈپ،
ئېلىپ كىرسەم بېھىشكە.
قۇچاق ئېچىپ بەرگىن قولۇڭ،
ماڭا ئامراق قېيىنئانام.
بىلمىدىم بارمۇ يوق رەغدىڭ،
كېلىنىڭنىڭ نىداسىغا،
«چىن پۈتمەيمەن»دېمە ھەرگىز،
يۈرەكتىكى ساداسىغا.
كۆرەلمەسلەر قىلسۇن ھەسەت،
ئىككىمىزنىڭ ۋاپاسىغا،
دۇئا بەرگىن كىيىن مەنمۇ ،
بولاي سەندەك «قېيىنئانا».
سەن يوق
قار ياغقان سەھەردە،
كۆزلىرىم خىرە،
ھېجرانلىرىم ئاقار مەڭزىمنى بويلاپ،
قىياسىمچە سەنمۇ بىناۋا،
مۇڭ باسقان يۈرىكىم چىللايدۇ سېنى،
ۋەھىمە ئىچىدە ئەسلىسەم گاھى.
شۇ تاتلىق چاغلار كەلمەسكە كەتتى،
ئاشۇ ئاپئاق قارلارغا كۆمۈلۈپ شۇ دەم،
شۇ ئاپئاق قارلارغا سالماپتىمىز ئىز،
يا بىردەم چاي ئىچكەچ مۇڭداشماپتىمىز،
ئەمما...
ئەمما يۈرىكىمگە سېلىپ قويدۇڭ ئىز،
يىراقلاردىن بېقىشار كۆزىمىز،
ئۆتەرمۇ كۈنۈم ئەمدى گۈلباھارسىز.
قار ياغقان كېچىدە باغلىرىم تىمتاس،
قاپقارا ئاسماندا ئايمۇ يوق،
يۇلتۇزمۇ يوق.
مۇڭدىشاي دېسەم سەنمۇ يوق.
كۆزلىرىم يەنە خىرە،
تاپالمايمەن سىمايىڭنىمۇ،
قارا بۇلۇت كۆمدىمىكىن ،
ئاي يۇلتۇز بىلەن بىللە.
ئۆمۈدلىرىم يەكسان بولۇپ،
دىلخانەم غەمگە تولۇپ،
تۇرسىمۇ كۆزۈم يورۇپ،
گۈل ئوردامدىن كەلدىم ساڭا
ئورۇن قويۇپ.
چىك،چىك،چىك...
ئولتۇرىمەن تېمىمدىكى سائەتكە قاراپ،
سېنى ئەسلەپ كۈلۈپ قويۇپ.
ئەمدى ھەرگىز ئۇيقۇ يوق ماڭا،
ئۇخلىغىلى تويۇپ،تويۇپ.
سېغىنغاندا كېلەرسەنمۇ ،
ئىشلىرىڭنى قويۇپ تۇرۇپ.
ئېلىپ كەلسە ئەجەپ ئەمەس
شاماللار مۇڭلىرىڭنى دەپ،
تىڭشاپ باقتىم...
ئەمما ئەتراپ يەنىلا شۇ قەدەر تىمتاس.
ھە،ئەمدى بىلدىم،
رەھىمسىز تەقدىر ئېلىۋاپتۇ چاڭگىلىغا،
ۋىسال گۈلىنى يۇلۇپ.
ماڭا تۆككەن مۇڭلىرىڭنىمۇ،
خەۋەرچىمىز شاماللارنىمۇ...
شۇ دەقىقە
بەرگلىرىم مۇز بولۇپ قاتقان،
تونالماسسەن كەلسەڭمۇ بەلكىم،
«كىم بۇ؟»دەپ«مۇز تۇتقان مۇڭلار قوينىغا،
غەرق بوپ مەستلەردەك
خىيالغا پاتقان.»
ئىزتىراپ چىرمىغان خىيال ئوردامدا،
شۇنچە تەنھامەن...
ھېجرانلىرىم ئاقار مەڭزىمنى بويلاپ...
مۇڭدىشاي دېسەم سەن يوق...
تۇرمۇش
تۇرمۇش تۇغار
كائىناتنى،
ھاياتنى،
كېلەچەك ھەم گۈزەل ئۆتمۈشنى.
ئەي،تۇرمۇش
كىملەرنى قاخشاتمىدىڭ؟
يىتىملەر يىغلاۋاتىدۇ،
«دادىسىز،ئانىسىز قالدۇق» دەپ،
غېرىپلەر قاخشاۋاتىدۇ،
«بىر بۇردا نانغا زارمىز» دەپ.
زۇلمەتلەرگە قامالغان كۆزلەر،
ھەر كۈنۇ-تۈن يىغلايدۇ شۇنداق،
«قاچانمۇ،
قاچانمۇ يېڭى تاڭغا ئۇلىشارمىز؟ »دەپ.
لېكىن تۇرمۇش يىغلاتمايدۇ پەقەتلا،
توققۇزى تەل ساھىبقىراننى.
ئۇلار بىلەر پەقەت كۈلۈشنى،
ئويلىمايدۇ ئاق نان يىگەندە،
قورسىقى ئاچ،
كۆزلىرى ياش،
يىتىم غېرىبنى.
مېنىمۇ تۇغدى ھەم تۇرمۇش،
باغرى ئېللىق سېھىرلىك،
كەڭ كائىناتقا.
ھايات بىلەن بولۇپ سەپەرداش،
ئاتلاندىم مەن يىراق جەڭگاھقا.
*** ***
تۇرمۇش تۇغار
كادىر،دېھقاننى،
يازغۇچى ھەم شائىر،باغۋەننى.
ھەر كىملەر قاتراشقان ھەر خىل ھەلەكتە،
ئاچچىق-چۈچۈك ھايات يولىنى.
دېھقان يۈرەر ئېتىزمۇ –ئېتىز،
ئالقانلىرى چاك-چاك يېرىلىپ .
ياكى قېلىن توپىلار كېچىپ،
ئالماق بولۇپ بىر داندىن يۈز دان،
چوڭقۇر-چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ.
كۈنلىرى ئۆتسىمۇ ئاددى كەپىدە،
غورۇرىنى قىلىشىپ كەتمەن،
ئىشتىياق بىلەن يەرنى تىلغىشىپ.
ئۇرۇق چاچسا يەرگە تەر تۆكۈپ،
ئارمانلىرى قاقىدۇ قانات،
ئۈنۈپ چىقار ئۇندىن ئاخىرى،
تۇرمۇش تۇغقان سەرخىل مەھسۇلات.
قارشى ئالار قاتار كۆچەتلەر،
باغۋەن كۈلۈپ كىرسە بېغىغا،
جۈپ بېلەكنىڭ مەھسۇلى بولغاچ،
چۈشمەيدۇ كۈن نۇرى بېشىغا.
مەدھىيلەيدۇ يازغۇچى،شائىر،
تۈنلەردىمۇ قولىدا قەلەم،
بولغاچ شۇنداق سادىق كۈيچىسى،
تۇرمۇش ھەرگىز چەكمەيدۇ ئەلەم.
*** *** ***
تۇرمۇش تۇغار
قۇياشنى، ئاينى،
تولۇنئاي تاراتقان ئالتۇن نۇرلارنى،
تۇغار يەنە تالاي كۈنلەرنى.
كۈن نۇرى سۆيگەندە دەرەخ- زىمىننى.
باشلىنار ھاياتنىڭ گۈزەل بىر كۈنى.
مەن قىزىمغا شېئىر ئوقۇپ بەرگەن ،
ئاشۇ تىمتاس كېچىنى.
قىزىم بىلەن مەست بوپ شېئىردىن،
ئۇخلاپ قالغان سانسىز يۇلتۇزنى.
تۇرمۇش تۇغار تار كوچىلارنى،
قىستىلىشىپ يۈرىشەر ئۇندا،
مۈدۈرۈلۈپ جاھان كەزدىلەر،
ئىزدەپ ئۆزىگە كەڭرى جاھاننى.
*** *** ***
تۇرمۇش تۇغار
ئۇستا رەسسامنى،
ئۇ سىزىدۇ
قىزىل،كۆك،ئاق،سېرىق بوياقتا،
ئاق قەغەزگە يېڭى دۇنيانى.
شۇڭا ئۇ تۇرمۇشنىڭ ياخشى ھەمكارى.
يىغلامسىرار قەغەز يۈزىدە،
جەمئىيەتنىڭ ھارغىن پورتېرتى.
جانلاندۇرار تۇرمۇش ئالدىراپ،
قەغەزدىكى جىمجىت رەسىمنى.
تۇرمۇش تۇغار يەنە ۋاقىتنى،
يۈدۈپ يۈرەر چىداملىق ۋاقىت،
ئۆشنىسىگە ھەممە،ھەممىنى،
بىلمەس ئەمما ۋاقىت ئۆمرىدە،
رەزىللىكتىن باشقا نەرسىنى.
نېمە قالدى رەزىل ۋاقىتنىڭ ،
چاڭگىلىدا زۇلۇم كۆرمىگەن؟
نېمە قالدى ۋاقىت يولىدا ،
تاش،تىكەنگە دەسسەپ يۈرمىگەن؟
كىرىپ قالسا ۋاقىت كەينىگە،
دەريالارمۇ ئېقىپ تۈگەيدۇ.
ۋاقىت بېلەن ئۆتسە ئەسىرلەر،
دېڭىزلارمۇ قۇرۇپ تۈگەيدۇ.
كىرىپ قالسا ۋاقىت قوينىغا،
مۇز تاغلارمۇ ئېرىپ تۈگەيدۇ.
يىغلاۋەرسە ۋاقىت قولىدا،
بوۋاقلارمۇ قېرىپ تۈگەيدۇ.
*** *** ***
تۇرمۇش تۇغار
« ھەممە- ھەممىنى»...
كۆزلىرىمدە تۈنەيدۇ روھىڭ
«سەنسىز قانداق ياشارمەن؟»دەيتتىڭ،
مېنىڭسىزمۇ يۈردۈڭ يىراقتا.
سېغىندىڭمۇ مېنى بىرەر رەت،
ئۆرتەندىمۇ قەلبىڭ پىراقتا.
پۈتۈلگەندۇ بەلكىم بېشىمغا،
يار سېنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاش.
ئاھ،بوپتۇلا بىر سېنىڭ ئۈچۈن،
نېمە بولسام بېرىمەن بەرداش.
تەنھالىقىم ئەزسە دىلىمنى،
سەنسىز كىمنى ئېتەرمەن مۇڭداش؟
يا ئۆتەرمەن دۇنيادىن شۇنداق،
ئازابلارنى قىلىپلا قولداش.
كۈن ئۇيقۇدا ياتقان شۇ مەھەل،
قارچۇغۇمدا سېنىڭ سىمايىڭ.
باغاش ئېتىپ تىمتاس كېچىنى،
كۆزلىرىمدە تۈنەيدۇ روھىڭ.
مۇھەببەتنىڭ تاش ھەيكىلى
-1-
ئۆتىڭىدە سۆيگۈ ھېجراننىڭ،
يۈرگەن ئىدۇق تېنەپ-تەمتىرەپ.
ۋىسال قۇچۇپ غېرىب بېشىمىز،
كۈلگەن ئىدۇق كۆككە يەتتى دەپ.
ۋىسالگاھتا يۈرگەن چېغىمىز،
قانداق شېرىن ئىدى مۇھەببەت!
ئۆتمەكچىدۇق تاكى ئۆلگۈچە،
ۋەدىمىزگە قىلىپ ئىتائەت.
قۇرۇپ چىقماق ئۈچۈن بەك گۈزەل،
بەكمۇ گۈزەل سۆيگۈ بېغىنى.
ئۆشنىمىزدە ئېلىپ يۈرەتتۇق،
شۇنچە ئېغىر ئۈمىد تېغىنى.
-2-
بىراق،
مۇھەببەت كور قىلدى كۆزلەرنى،
قەلبلەرنى باستى مىڭ غەپلەت.
پۈتمەي تۇرۇپ سۆيگۈ بېغىمىز،
نىچۈن قىلدى باقىيغا رەھلەت؟
نىچۈن،
بەخت كەتتى بىزدىن يىراقلاپ؟
بەربات بولدى شېرىن ۋەدىلەر؟
بىزگە قاراپ كۈلمىدى تەقدىر؟
سامان بولدى گۈلگۈن چېھىرلەر؟
-3-
تۆكۈلەر لېۋىمدىن ئاچچىق بىر كۈلكە،
ھاھاھا...قارىغىنە،
نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇق بىز؟!
ئايلىنىپتۇ قارا تاشلارغا،
سۆيگۈ ئۈچۈن تىزغان گۈلىمىز.
ئەپسۇس،يەنە مىڭ مەرتە ئەپسۇس...
كىم ئويلىغان خازان بولۇشنى؟
ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە.
مۇھەببەتنىڭ تاش ھەيكىلىنى،
ياساپتىمىز بىلسەم ئەسلىدە.
خىيال
گۈزەل كەچقۇرۇن،شەپەق پەيتى،
شاماللار سۆزلىمەكتە ئاچچىق ھېكايە.
ئۆتمۈشۈم،
يامغۇرغا يۈز تۇتقان قارا بۇلۇتتەك،
يۈرىكىمگە تاشلاپ ئۆتتى جانسىز بىر سايە.
بىئامال،
خىيالنىڭ يىپىغا باغلىنىپ قالدىم.
ئۆتمۈشۈم ئۆيىگە قامىلىپ قالدىم.
شۇ چاغ،
تۇيۇقسىزلا كۆتۈرۈلگەن قاپقارا تۇمان،
ھوجۇم قىلدى غېرىب كۆڭلۈمگە.
سەن چىقىپ كەلدىڭ تۇمان ئارىسىدىن،
ئۈركۈمىدىڭ قانسىز ئەپتىمدىن.
بەلكى،
چوڭقۇر سۆيۈلدۈڭ نىدالىرىمدا...
بىھۇشلاندىڭ نىگاھلىرىمدا.
شۇ چاغ،
ئاھلىرىم ياساپ چىقتى ھەيۋەتلىك ھەسرەت قەسرىنى،
كۆزلىرىڭدىن تارىغان نۇردا.
چېچەكلىدى قەلبىم يارىسى،
پىغانىمنىڭ پايانلىرىدا.
پۇراپ قالدىم شۇنچە تۇيۇقسىز،
پۇرىقىنى ھېجران گۈلىنىڭ.
سەزمەستىنلا ئايلىنىپ قالدىم،
تۇتقۇنىغا ئازاب ئۆيىنىڭ.
ئاھ!راستىنلا كەتمەك بولدۇڭ يېنىمدىن ئاستا،
كۆتۈرمەستىن يەردىن بېشىڭنى.
يوشۇرىشىڭ نەھاجەت جېنىم،
يۈرىكىمگە تامغان يېشىڭنى.
ھېچكىشى مەن كەبى سۆيمەيدۇ سېنى
كېچىنىڭ باغرىدا لەيلىسەم ئاستا،
توسالماس ھېچنىمە خىياللىرىمنى.
ئاۋازىم ئۈنگەندە گۈللەر ئارىسىدىن،
ئەسلەيمەن يەنىلا ئەسلەيمەن سېنى.
بىر گۈزەل ئۈمىدنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ،
سۆيگۈنىڭ ۋەسلىدە قاترايدۇ ئارمان.
جىمجىتلىق ئىچىدىن ئىزدىسەم سېنى،
كۆزۈمدە سىياقىڭ بولىدۇ ئايان.
ئۈنلىسە يۈرىكىم ئاچچىق ئۆرتىنىپ،
ئەلەملىك قىسمەتلەر قىينايدۇ مېنى.
پەخەس بول!ئالدانما ئۆزگە بىرىگە،
ھېچ كىشى مەن كەبى سۆيمەيدۇ سېنى.
چۆكمەكتە قەلبنىڭ قېتىغا ئارمان،
ئۆچمەكتە يۈرەكنىڭ جەزبدار ئۈنى.
قەبرەمدىن تاپارسەن مۇھەببىتىمنى،
يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغان كۈنى.
بەخت
بەختلىك ياشاش نەقەدەر بەخت!
مانا ھازىر مەن ئۈچۈن،
يىغلاشمۇ،
كۈلۈشمۇ،
ھەممىسى بەخت.
ئالەمدە مەن كەبى يۈرگەن ھەممىنىڭ،
قۇياشى،
گۈلتاجى،
ئۆيىدۇر بەخت.
يىغلىسام كۆزۈمدىن تاراملار بەخت،
كۈلسەم گەر لېۋىمدىن تۆكۈلەر بەخت،
قۇياشنىڭ نۇرىدەك بالقىپ يۈزۈمدىن،
ھەر كۈنى ئۆيۈمنى پەتىلەر بەخت.
ھېچقاچان سېنىڭدىن كېچىپ باقمىدىم
كۆڭلۈمنىڭ بېغىدا ئېچىلغان چېچەك،
تۇيۇقسىز جۇدۇندا توزىدى ھەريان.
كۆيسەڭ ھەم كۆيمىسەڭ بەرىبىر دېسەم،
سۆزۈمگە ھەرگىزمۇ بولمىغىن ھەيران.
ئۇنتۇلار ھەسرىتىم ئاسمانغا قاراپ،
يۇلتۇزغا دەردىمنى تۆكسەم ھەر قاچان.
پەرىشان تۇيغۇلار يوقىلار ئاستا،
تەبەسسۈم ئىلكىدە يۈرسەم خىيالچان.
ئوخشىدىم كېچىگە ئوخشىدىم جىمجىت،
ئازابنىڭ رەڭگىدە ئېچىلغان گۈلدەك.
مېھرىمنى بەرمىدىم ھېچكىمگە شۇنداق،
بىلىندىم ئۆزۈمگە چوغى يوق كۈلدەك.
ھېجراننىڭ دەشتىدە تولغىنىپ تۇرۇپ،
سەن ئامراق ناخشىنى ئېيتىپ باقمىدىم.
بىلىشىڭ كېرەككى كۆڭۈل سىرىمنى،
ھېچقاچان سېنىڭدىن كېچىپ باقمىدىم.
يوللۇغۇم
كۈلۈمسىرەپ«خوش»دېدىڭ ئاستا،
يۈرىكىمگە،كۆزلىرىمگە ھەم.
ئىشەنمەيمەن يەنە بار دېسە،
ئالەم ئارا سەن كەبى بەردەم.
بىلەلمىدىم ئايرىلدۇق نىچۈن؟
بىتەلەيمەن نېمىشقا شۇنچە؟
توسالمايمەن كېتەر يولۇڭنى،
تەقدىر شۇنداق،ئامالىم قانچە؟
ئالقىنىمغا تولدۇرۇپ سۆيگۈ،
سۇناي ساڭا بولسۇن يوللۇغۇم.
كۆزلىرىمگە قارىما ئەمدى،
كېپقالمىسۇن يەنە يىغلىغۇم.
ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى،
ئايرىلغاندا ئاندىن بىلەرسەن.
يوللىرىڭغا قارايمەن ھەر كۈن،
شۇ كەتكەنچە قاچان كېلەرسەن؟
سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا
(بالىلار تىلىدىن)
شەھەردە يوق نىچۈن ئاي يۇلتۇز؟
كۈلۈپ چىقماس نېمىشقا قۇياش؟
ئۆيلەر كىچىك كوچىلار قىستاڭ،
مۇمكىن ئەمەس مۆكۈشمەك ئويناش.
شەھەرلەردە يوق ئىكەن قۇشلار،
ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ ھەم.
يۈز بېرەركەن ئاجايىپ ئىشلار،
تۇغۇلاركەن غەم ئۈستىگە غەم.
ئوخشىماسكەن سەھرا يولىغا،
شەھەردىكى قاتار رەستىلەر.
ئېگىز ئۆسكەن دەرەخ شېخىدا،
پىشمايدىكەنغۇ جىنەستىلەر.
يوقكەن ئېگىز دۆڭلۈكلەر يەنە،
پادا باققاچ موللاق ئاتقىلى.
چىمەنمۇ يوق كېپىنەك قوغلاپ،
قۇشلار بىلەن قوشاق قاتقىلى.
ھەر ئاخشىمى ئاسمانغا بېقىپ،
مومام بىلەن يۇلتۇز سانايتتىم.
ئۇخلىغۇچە تاتلىق مومامنىڭ،
چۆچىكىنى ئاڭلاپ قانمايتتىم.
كېچىلەرمۇ كېچىدەك ئەمەس،
تۈگىمەسكەن قاتار چايلىرىڭ.
بۇلۇڭلاردا ھىدىڭ سېغىنىپ،
ئۇخلاپ قالار«قوزا-تايلىرىڭ».
بولدى قويقىن ئېپ بەرمە ماڭا،
ئوينىغۇم يوق ماشىنا،قونچاق...
ئوينىسامكەن ئۆستەڭلەر كېچىپ،
دوستلار بىلەن تۇتۇشۇپ قۇمچاق.
مەن ماڭغاندا ئەگىشىپ قالغان،
ئاسلانچىقىم يىغلىدى چوقۇم.
بارچە كۆڭلۈم سەھرادا قالدى،
شادلىقلىرىم ھەم بارۇ-يوقۇم.
كىرىپ قاپتۇ كېچە چۈشۈمگە،
ئېغىلدىكى قوزىچاقلىرىم،
يىغلىشارمىش سېغىنىپ مېنى،
مېنىڭمۇ نەم كۆز چاناقلىرىم.
كۆڭلۈم خۇشلۇق تاپمىدى ھەرگىز،
كېلىپ سېنىڭ يېنىڭغا مانا،
توسىمىغىن يولۇمنى ئەمدى،
سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا.
سېغىنىشقا ئايلاندى دۇنيا
ئاسمىنىمدا تەپتى يوق قۇياش،
چىلاپ قويدى كۆزۈمنى ياشقا.
بىر كەتكەنچە خەۋەر بەرمىدىڭ،
ئايلاندىمۇ يۈرىكىڭ تاشقا.
ئاھ،سېھىرلىك قىسمەت ئەلچىسى،
ئايلاندۇردى كۈلكەمنى دەردكە.
بار چېغىڭدا كۈلگەن چاغلىرىم،
كەلمەس بولۇپ كەتتى ئەبەدكە.
قوللىرىمدا سۈرەتلىرىڭ بار،
ماڭا قاراپ تۇرىسەن تەمكىن.
بىلەلمىدىم مەندىكى نە ھال؟
نىچۈن بۇنچە يۈرىمەن غەمكىن؟
ھەسرەتلىرىم كۆكلىگەن ھەر تۈن،
ۋىسال ماڭا بولدى تۇتىيا.
چۇلغىۋالدى جىسمىمنى پىغان،
سېغىنىشقا ئايلاندى دۇنيا.
يالغۇز قالدىم
خار ئەيلىدىڭ مۇھەببىتىمنى،
پاك كۆڭلۈمنى قىلسام ئامانەت.
تېپىۋاپسەن باشقا بىرىنى،
ئامانەتكە قىلىپ خىيانەت.
مۇھەببەتسىز جىمجىت ئالەمدە،
ناۋا قىلىپ سايرىماس بۇلبۇل.
سەن يوق بولغاچ تۇرار خانەمدە،
دۇتارىمنىڭ تارىسى چۇل-چۇل.
باغاشلىدى مېنى جۇدالىق،
ئۆركەشلىسەم كۆپكۆك ھىجراندا.
سۆيگۈڭ بولدى باشقىغا تالىق،
يالغۇز قالدىم سەنسىز پېنھاندا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 12:01