رەيھانگۈلنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن .
لوپنۇر دالىسىدىكى چىگە گۈللىرىدەك ئاددى ئەمما ، تولىمۇ تەبئىي ۋە خۇشپۇراق چىققان شېئىرلار مېنى ئىختىيارسىز ئاچچىق - چۈچۈك قىسمەتلەر ئارىلاشقان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىچىگە تاشلىدى .
شېئىر تىلىدىكى يىنىكلىك ۋە زورۇقۇشتىن خالى راۋانلىق كۈنچى دەرياسىنىڭ سۈيىدەك جانغا راھەت بۇلۇپ تۇيۇلدى .
جىمجىت شەھەر ماڭا خېلى چوڭقۇر تەسىر قىلغان شېئىرلارنىڭ بىرى . شېئىردىكى چوڭقۇرلۇق ۋە ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان تىندۇرمىلار بۇ شېئىرنى لوپنۇر كۆلىدەك چەكسىز سىرلارغا ئىگە قىلغان دەپ باھا بەردىم كۆڭلۈمدە ...
شۇڭا ئۇشبۇ شېئىرنى بۇيەرگە قايتا ئىنكاسىم سۈپىتىدە چاپلاپ قويدۇم .
جىمجىت شەھەر
سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،
داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.
ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،
مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.
قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،
ياكى نەغمە ياڭرىماس كۈندە.
ۋۇجۇدى سوۋۇغان مۇز پارچىسىدەك،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ ياكى كۈلۈشنى،
ئاپتاپتا بىمەھەل چىرىگەن چۈشتەك،
ئىزدەيدۇ يوقاتقان تاتلىق ئۆتمۈشنى.
جىمجىت شەھەرنىڭ كوچىلىرى،
قەيەرلەردىن قەيەرگىدۇر تۇتاشقان،
مەۋجۈت ئەمەس شەرق،غەرىپى،
ياكى شىمال ،جەنۇب تەرىپى،
ئادەملىرى يولدىن ئاداشقان.
بۇ شەھەردە ئەۋلاد-ئەۋلادقا،
ئەستىلىكلەر ئېتىدۇ داۋام،
ئەمدى يىغا-كۈلكىسى بىلەن،
بۇ شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ،
بۇزار يېڭى تۇغۇلغان بالام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رۇزى كېرەم يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 23:35
|