كۆرۈش: 1194|ئىنكاس: 24

«كۆيۈۋاتقان سۈرەت» نەشر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  307
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1103
تۆھپە : 4
توردا: 398
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 14:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

كىتابنىڭ مۇقاۋىسى

كىتابنىڭ تېتولى

كىتابنىڭ تېتولى

ئاپتور كۈنمىڭدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى ...

ئاپتور كۈنمىڭدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى ...
   
ياش يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «كۆيۈۋاتقان سۈرەت» ناملىق نەسرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى

    دىيارىمىز يەكەندىن يېتىشىپ چىققان ياش ئۆزبېك يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «كۆيۈۋاتقان سۈرەت» ناملىق نەسرلەر توپلىمى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
   دەۋر 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن ھالقىغاندىن كېيىن، نەسرچىلىك ئۆزىدىكى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىكىلكلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە شەكىل بىلەن تېخىمۇ يۈكسەك پەللە ۋە تېخىمۇ كەڭ  كۆلەم ھاسىل قىلدى.
    ئاپتور بۇ نەسرلەر توپلىمىدا مۇھەببەت تېمىسىنى ئاساسىي لېنىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ھادىسە- شەيئىلەرنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ ۋە نەسر سىيۇژىتى تەركىبىگە ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە تىل ماھارىتى، قويۇق ۋە جۇشقۇن ھېسسىيات، لىرىك مەنزىرە، ھاياجانلىق تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئېزگۈ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ نەسرلىرىدە رېئاللىق مۇزىكىسىمان، گىرىمسەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شېئىرىي پۇراق ۋە پەلسەپىۋىي پۇراق ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى  ئۆزگىچە رومانتىك  ھېسسىي دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.
    مەزكۇر توپلام ئاپتورنىڭ ئۇزاق يىللىق نەسر ئىجادىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان قەلەم ساھىبىنىڭ يېڭىچە ئىزدىنىش، يېڭىچە ئۇسلۇب، يېڭىچە شەكىل ھاسىل قىلىشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى.  مەزكۇر توپلامغا 40 نەچچە پارچە نەسر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى مۇھەببەت بايان قىلىنىپ،  ياشلىق پەسلىدىكى ئېزگۈ ھېس- تۇيغۇلار،  ۋاپادارلىق، ئەقىدە قاتارلىقلار مەدھىيەلىنىپ ۋاپاسىزلىق، رەزىللىككە نەپرەت ئوقۇلغان. ئىككىنچىدىن، تەبىئەت گۈزەللىكىگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ گۈل، بولاق، قۇياش، ئاي، دېڭىز، دەريا قاتارلىقلار  گۈزەل دىلرەباغا سىمۋۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم  مۇھەببەت پەلسەپىسى ۋە تارىختىكى ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ ۋېسال ئىزدەش جەريانىدىكى كۈلپەتلىرى ياكى بەختكە ئىنتىلىشلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۈچىنچىدىن، دوستلۇق، ۋىجدان، غۇرۇر ھەقتىكى ھېكمەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ  ئادەملەرنى، جۈملىدىن ياشلارنى توغرا بولغان مۇھەببەت قارىشى، غايە، ئېتىقاد تىكلەشكە كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرغان.
   يازغۇچى يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەت 1972 - يىلى 4- ئايدا يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئۆزبىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1990-يىلى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى،  1995-يىلى شىنجاڭ رادىيو- تېلىۋېزىيە پىداگوگىكا ئىنىستىىتوتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى  پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يەكەن بازارلىق پارتكومنىڭ  تەشۋىقات كادىرى، بازارلىق ئىتتىپاق كومېتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق  خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 2001-يىلى 5- ئايدىن 2003-يىلى 1- ئايغىچە  قۇمۇل شەھرىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2003-يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە  يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىباتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
      ئابلىمىت ئابلەت 1987-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «دوسكا» ناملىق شېئىرى بىلەن  ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، « قەشقەر »، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «يەكەن گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى 12-ئايدا «ئېھتىرام گۈلدەستىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنىڭ  50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق رادىيو ماقالىسى مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن  ھەم بۇ ئەسىرى «قەلبتىن قەلبكە يول» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.  ئۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزبېك مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،  ناھىيەلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى.
     بۇ نەسرلەر توپلىمى يازغۇچىنىڭ تۇنجى نەشر قىلىنغان كىتابى بولۇپ 24فورماتلىق، 130بەتلىك، كىتاب  مۇقاۋىسى نەپس ۋە سەنئەتلىك لايىھەلەنگەن بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
(ماقالە ۋە سۈرەتنى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەييارلىغان)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 15:00  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 910
تۆھپە : 0
توردا: 184
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 16:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققىنىغا مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2161
تۆھپە : 4
توردا: 487
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 18:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ! مېنىڭمۇ  نەسىرگە قىزىقىشىم  بولغاچقىمۇ ئوقۇشقا ئالدىراۋاتىمەن..

سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 394
تۆھپە : 0
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  475
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 566
تۆھپە : 8
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىزنىڭ  تۇنجى ئەجىر مېۋىسنىڭ جامائەتكە سۇنۇلغىنىغا مۇبارەك بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1706
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 19:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  200
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 670
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 20:56:42 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Muberekler bolsun!

ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2284
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 22:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!  يېڭىدىن يېڭى كتابلىرىڭىزنى ئوقۇش نېسىپ بولغاي!!

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  444
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 56
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 23:07:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ تۇنجى كىتابىغا مۇبارەك بولسۇن.

ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 23:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «كۆيۈۋاتقان سۈرەت» ناملىق نەسرلەر توپلىمىغا مۇبارەك.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1290
تۆھپە : 4
توردا: 409
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 10:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1398
تۆھپە : 3
توردا: 260
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 10:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت قەدەملىرىنىڭ يەنىمۇ نۇسرەتلىك بولۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 866
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 10:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاد يوللىرىڭىز زىيادە بولسۇن، توپلامىڭىزنىڭ نەشىردىن چىققىنىغا مۇبارەكلەر بولسۇن ئابلىمىت ئاكا...

يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 3
توردا: 607
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 10:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئابلىمىتجان

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 11:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يېڭى كىتابنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئەلتۇغ دوستۇمنى قىزغىن  تەبرىكلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش