- UID
- 307
- QQ
- 1310776672
- ھوقۇقى
- 1
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد
- يازما
- 221
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1479
- تىزىملاتقان
- 2012-4-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- توردا
- 469 سائەت
|
|
|
|
|
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
كىتابنىڭ تېتولى
ئاپتور كۈنمىڭدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچى ...
ياش يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «كۆيۈۋاتقان سۈرەت» ناملىق نەسرلەر توپلىمى نەشر قىلىندى
دىيارىمىز يەكەندىن يېتىشىپ چىققان ياش ئۆزبېك يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەتنىڭ «كۆيۈۋاتقان سۈرەت» ناملىق نەسرلەر توپلىمى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
دەۋر 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن ھالقىغاندىن كېيىن، نەسرچىلىك ئۆزىدىكى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىكىلكلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە شەكىل بىلەن تېخىمۇ يۈكسەك پەللە ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەم ھاسىل قىلدى.
ئاپتور بۇ نەسرلەر توپلىمىدا مۇھەببەت تېمىسىنى ئاساسىي لېنىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ھادىسە- شەيئىلەرنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ ۋە نەسر سىيۇژىتى تەركىبىگە ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە تىل ماھارىتى، قويۇق ۋە جۇشقۇن ھېسسىيات، لىرىك مەنزىرە، ھاياجانلىق تىل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئېزگۈ ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ نەسرلىرىدە رېئاللىق مۇزىكىسىمان، گىرىمسەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شېئىرىي پۇراق ۋە پەلسەپىۋىي پۇراق ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزگىچە رومانتىك ھېسسىي دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ.
مەزكۇر توپلام ئاپتورنىڭ ئۇزاق يىللىق نەسر ئىجادىيىتىنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ، يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان قەلەم ساھىبىنىڭ يېڭىچە ئىزدىنىش، يېڭىچە ئۇسلۇب، يېڭىچە شەكىل ھاسىل قىلىشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى. مەزكۇر توپلامغا 40 نەچچە پارچە نەسر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى مۇھەببەت بايان قىلىنىپ، ياشلىق پەسلىدىكى ئېزگۈ ھېس- تۇيغۇلار، ۋاپادارلىق، ئەقىدە قاتارلىقلار مەدھىيەلىنىپ ۋاپاسىزلىق، رەزىللىككە نەپرەت ئوقۇلغان. ئىككىنچىدىن، تەبىئەت گۈزەللىكىگە مەدھىيە ئوقۇلۇپ گۈل، بولاق، قۇياش، ئاي، دېڭىز، دەريا قاتارلىقلار گۈزەل دىلرەباغا سىمۋۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم مۇھەببەت پەلسەپىسى ۋە تارىختىكى ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ ۋېسال ئىزدەش جەريانىدىكى كۈلپەتلىرى ياكى بەختكە ئىنتىلىشلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۈچىنچىدىن، دوستلۇق، ۋىجدان، غۇرۇر ھەقتىكى ھېكمەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ئادەملەرنى، جۈملىدىن ياشلارنى توغرا بولغان مۇھەببەت قارىشى، غايە، ئېتىقاد تىكلەشكە كۈچلۈك ئىلھاملاندۇرغان.
يازغۇچى يازغۇچى ئابلىمىت ئابلەت 1972 - يىلى 4- ئايدا يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئۆزبىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1990-يىلى يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى، 1995-يىلى شىنجاڭ رادىيو- تېلىۋېزىيە پىداگوگىكا ئىنىستىىتوتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، يەكەن بازارلىق پارتكومنىڭ تەشۋىقات كادىرى، بازارلىق ئىتتىپاق كومېتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 2001-يىلى 5- ئايدىن 2003-يىلى 1- ئايغىچە قۇمۇل شەھرىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان. 2003-يىلى 5- ئايدىن ھازىرغىچە يەكەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا كاتىباتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئابلىمىت ئابلەت 1987-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «دوسكا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى»، «كروران»، «كۈسەن مەدەنىيىتى»، « قەشقەر »، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «يەكەن گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى 12-ئايدا «ئېھتىرام گۈلدەستىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى باشلانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق رادىيو ماقالىسى مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ھەم بۇ ئەسىرى «قەلبتىن قەلبكە يول» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزبېك مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، يەكەن ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ناھىيەلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى.
بۇ نەسرلەر توپلىمى يازغۇچىنىڭ تۇنجى نەشر قىلىنغان كىتابى بولۇپ 24فورماتلىق، 130بەتلىك، كىتاب مۇقاۋىسى نەپس ۋە سەنئەتلىك لايىھەلەنگەن بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بېغىشلايدۇ.
(ماقالە ۋە سۈرەتنى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەييارلىغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-24 15:00
|
|
|
|
|
|
|