ximal
كۆرۈش: 3514|ئىنكاس: 102

قايغۇلۇق خەۋەر: مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1719
تۆھپە : 161
توردا: 632
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 09:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

201084145332UF860967679001254107373[1].jpg

  بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورۇگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 1 دە ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز بۇنىڭغا قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق – تۇققان، دوست – بۇرادەرلىرىگە سەبرە تىلەيمىز.

   مەرھۇم مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 1939-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى، يېڭىشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1955-يىلى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.

   ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«گۈلمېھرى»، «سەھەردىكى ئۇچىرىشىش»، «ئاچا ـ سىڭىل»، «جەنۇپتىكى جەڭ مارىشى» قاتارلىق شىئېر، ھېكايە، دىرامما توپلاملىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ «قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ» ناملىق شىئېرى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «گۈلمېھرى» داستانى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «ئۈچ دوست» غەربىي شىمال بويىچە مۇنەۋۋەر تېلۋىزىيە تىياتىرى سىناريىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

6 V8 K1 p- u4 ~- D7 m
; o- p$ t, \2 \$ p. p7 I* c3 l

. }5 `3 }5 t. l, P

ئەسكەرتىش:

    مەرھۇمنىڭ نامىزى بۈگۈن چۈشتە ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى نوغاي مەسجىدتە چۈشۈرىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تورداشلارنىڭ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  766
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 168
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى،مەرھۇمنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي....شۇنداق مىھرىبان كىشى ئىدى.....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 938
تۆھپە : 4
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەركە ئەدىپ مۇھەممەد ئەلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇردۇم . بۇ ئەدىپ ماڭا بالا ۋاقلىرىمدىن تارتىپ تۇنۇش ئىدى . دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنى ئىپتىخار بىلەن سۆزلەيتتىم . بىراق مەن بۇ كىشىنى 2007 - يىلى 10- ئايدا ئۈرۈمچى 2- دۇختۇرخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىيادىلەر يولىدا بىر ساھىلغا پۇل سەدىقە قىلىۋاتقان يېرىدە سىرتىدىن پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن .  H% I7 s9 q' M: H; a' R
  مەرھۇمنىڭ سەپىرىگە خەيرلىك تىلەيمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 519
تۆھپە : 2
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توھپىكار يەنە بىر  ئەدىپىمىزدىن  ئايرىلىپتۇق . مەرھۇمنىڭ  ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ( ئامىن !) ... ھەممىمىز  اللانىڭ  دەرگاھىغا  قايتقۇچىلارمىز ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 938
تۆھپە : 4
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورۇگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايىنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇردۇم . بۇ مۆتىۋەر ئەدىپ ماڭا بالا ۋاقىتلىرىمدىن تونۇش ئىدى. دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرىنى نەچچە سائەتلەپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئىپتىخار بىلەن سۆزلەيتتىم . بىراق مەن بۇ ئىسدىدات ساھىبىنى 2007 - يىلى 10 - ئايدا ئۈرۈمچى 2- دوختۇرخانىسىنىڭ قارشىسىدىكى پىيادىلەر يولىدا بىر ساھىلغا پۇل سەدىقە قىلىۋاتقان يېرىدە پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن . مەرھۇمنىڭ ئاخىرەت سەپىرىگە خەيرلىك تىلەيمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:20:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئىگەمدىن مەرھۇمغا ئۇ دۇنيالىقىنى ياخشى قىلىپ جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمەن! قېرىنداش ۋە دوست-يارەنلىرىگە چەكسىز سەۋر تىلەيمەن! سەۋرلىك بولايلى!... كەتكەنلەرنى چىرايلىق ئۇزىتىپ، قالغانلار قەدىر-قىممەتلىرىمىزنى قىلىشىپ ياخشى ياشايلى...

ئىنسان ھاياتىدا ئۆزىمۇ تۇيمىغان بىر دەقىقىلەردە شۇنداق بىر ئادەملەر  بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ س ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆپ قىرلىق قەلەم ساھىبى ئىدى، مەرھۇمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاش بىزلەر ئۈچۈن نېمىدىگەن ئېغىر مۇسىبەت-ھە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەنئەت بولسۇن، ئۇنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، مەڭگو ئۆچمەيدۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەرھۇمنىڭ «قوش مەسچىت» كە ئوخشاش مۇنەۋۋەر ھىكايە-پوۋىسىتلىرىدىن يازغۇچىدىكى پاكىز روھنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم. مەرھۇم ئەدەبىيات-سەنئىتىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ مول مېۋە بەرگەن ساناقلىقلا سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن، ئامىن! مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي.

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەرھۇم كۆپ قىرلىق ئەدىب ئىدى. ھەي...ئۆلۈم!! R6 J3 T7 r& T
  ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 10:47  
  U1 F" s$ B0 C: \9 s. c# `$ A. J+ _/ _

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 481
تۆھپە : 16
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزنىڭ پروزا، دراما ۋە شېئىرىيەت سەھنىسىدە چاقنىغان بۇ نۇرانە يۇلتۇزنىڭ ۋاقىتسىز ساقىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ يوقىتىش. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز. يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىمىز.»
/ n( I" q1 z9 p' \$ Eبۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمىز بىلەن 2010 - يىلىدىن باشلاپ 20 قېتىمدىن كۆپ كۆرۈشۈپ، تەلىملىرىنى، تېتىملىق سۆزلىرىنى، يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك پېشىۋالار بىلەن ئۆتكەن مەنىلىك كۈنلىرىنى، شېئىرىيەت ۋە دىراماتۇرگىيە ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى...ئاغزىدىن ئاڭلاپ، قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى. مېنىڭ نەزەرىمدە مۇھەممەدئەلى زۇننۇن تەشنائىي ئاكا ئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن كېيىنكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى، كۈي نەزمىسى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ شېرىن سۆزلۈك بۇلبۇل ئىدى. «ناخشا تېكىستلىرى» دېگەننىڭ ئورنىغا «كۈي نەزمىلىرى» دېگەن ئاتالغۇنى دەسلەپ ئىشلەتكەن، ئومۇملاشتۇرغان زاتمۇ مۇشۇ كىشى ئىدى. ئۇيغۇر خەلقى بارلا بولىدىكەن، شائىرىمىزنىڭ: «ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ» دېگەن يارقىن مىسرالىرى جاراڭلاپ تۇرىدۇ. بۈگۈن چۈشتە ئاللاھ خالىسا سىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشقىلى بارىمەن.+ N( [$ D5 g% O+ f( A
خەير. ئۇستاز. ئاللاھ سىزگە جەننەتنىڭ ئەڭ گۈزەل باغلىرىدىن ئورۇن بەرگەي، ئەلۋىدا.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 115
تۆھپە : 26
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالۇ ئىننەللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئون ! ( ئامىن )

مائارىپچىلار مۇنبىرى يازغۇچىلار مۇنبىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ !...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1657
تۆھپە : 4
توردا: 434
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 10:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،ئامىن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش