|
مەرھۇمنىڭ ئۆلىمى ھەقىقەتەنمۇ يۈرىكىمنى ئەزدى. ئۇ ئۈستىدە مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئېيىتقاندەك ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات پىشىۋالىرىمىز ئىچىدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردىن قالسىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بالاغىتى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى نۇقتىسىدىن ئاجايىپ كاتتا ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ «قوش مەسچىت»، «قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ»، «گۈلمېھرى»، «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى»، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى»، «مەشرەب» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھەر خىل ژانىرلاردىكى نادىر ئەسەرلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى مەيلى بەدئىيلىك، مەيلى ئىددىيەۋىيلىك، مەيلى ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى تەرەپتىن بولمىسۇن ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاجايىپ سەرخىل بايلىقىدۇر. ئەلۋەتتە، ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلار يېقىن كەلگۈسىدە قولغا ئېلىنغۇسى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن ئىجادىيەت نەتىجىلىرى قايتىدىن باھالانغۇسى. ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندى سالغان «ئىز»غا، زوردۇن سابىر قالدۇرغان «ئانا يۇرت»قا ئاجايىپ مۇھەببەت باغلىغان ۋە شۇ ئىزنى بويلاپ «كارۋان ناخشىسى»نى ياڭراتقان قورقماس، ئەزىمەت ئەدىب ئىدى! ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي!
9 z* B* x! S3 E9 l) G* \
+ P6 T0 `- c$ a$ p4 q: Xمۇھەممەدئىلى زۇنۇن تەشنائىي ئاكىغا مەرسىيە
/ w' f1 v3 r5 m* Q/ x+ I
. x1 `7 k: B+ L% Q سۈزۈلمىگەن بۇلاقلارغا دات!0 ?7 B8 q. }- o! U
تەشنائىي بىر قانمىغانتىغۇ؟!
2 v8 Q: d, @/ Wقانداقسىگە كىتىپ قالدىكىن؟!!
2 I8 x+ @3 s. o3 _بىزدىن ھېچبىر تانمىغانتىغۇ؟!!!
) j* {% H( o% _% P: V' q4 l" {+ J6 e9 k4 k& r3 G
كەتتىمۇ - يا «مەسلىھەت چېيى»غا،
) d4 H- T' A5 Z8 r1 G: ?$ e«رابىئە - سەئىدىن»، «گۈلمېھرى»لەرنىڭ.
( H! x, i; {4 q5 \ a0 X«كېچىككەن توي» بولىدۇ بىر كۈن،% ?: y: D2 n) H% S" Q
«ۋىسال سەھىرى» كەلسە كۈنلەرنىڭ ...- m* u X4 X1 f: _" z
/ O( G1 U; M! ^9 @; {
دىلدا ئۇيىدى «كارۋان ناخشىسى»،
( u% `, z: ?9 o3 b: G2 A% P/ dكۈيى ئۆچتى «مەشرەب»نىڭ بىھال.
" ?' W8 Q' |3 ]; d" b! N/ wئۇستاز كەتتى، بۇندا زېمىستان،
, h. v4 o% p }; Sئۈششىمەكتە غۇنچە ۋە نىھال.
) X( L! C7 Q4 I: N8 b
4 f- h) m/ r9 e! m9 s2 Tسىزگە جەننەت تىلەيمىز ھەممە،+ w) Q$ H8 m, D# V5 W/ m5 z
شېھىدلىكنىڭ مۇقامىغا يەتكەيسىز.& V0 {5 |# k+ m- O, P% w
ئۈچراشسىڭىز گەر بېھىشتە ئۆتكۈرگە،+ b1 D5 D8 o) l, S$ r5 ^- m
ئېيتىپ قويۇڭ: كارۋان يۈتمەس، يۈتمەس ئىز.' ^0 F; I* ]5 G1 c2 c1 I) C4 r0 Z
( {/ \ f) f; d! T
! ` l) s: |. k V6 m6 Q2012-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى, |! U' g5 ?$ ~, b
- E! q+ j; o+ J. F' y قەشقەر
7 }1 \9 [3 g5 q/ x. s) s, r0 x
|
|