دەيمۇ، دېمەيمۇ ؟
ئەھەدى
بىر ساۋاق ئاڭلاڭ ئۆمۇر رىسالەمدىن ،
بۇ پەقەت تامچە،كەچمىش ھىكايەمدىن .
شۈكرىكىم، زاتى ئىنسان ئەسلى-ۋەسلىم ،
ئىنساندەك ياشاپ ئۆتسەم بۇ ئالەمدىن .
ئۆزگىنى يەكلىمىسەم ، يەكلەنمىسەم،
ھەممە تەڭ مەي ئوتلىسا پىيالەمدىن .
قىزغىنىپ كىشنەشمىسەك، چىشلەشمىسەك،
ۋاپاغا ۋاپا يانسا ھەر ئادەمدىن .
يەر يۇتسا غەيۋەت-نىزا، پوچىلىقنى ،
ئىز قالسا ساداقەتتىن ھەر قەدەمدىن .
چۈشەنسەك ئۆزىمىزنى ، ئۆزگىلەرنى ،
قۇتۇلساق‹‹ئەبگا›› دېگەن سەت لەقەلدىن .
دەرىخا، شۇ ئويلىرىم قالدى نەدە ،
دوق-يالا كەتمەس بولدى پىشانەمدىن .
ئادىمىدەك خىسلەت بىلەن ياشاي دېسەم ،
كۆز چىقىپ تۇردى مەخسەت-نىشانەمدىن .
نىچۈنكى،تەلەي-ئامەت ماڭا بەك ئۆچ،
شۇ سەۋەپ‹‹ تەلەيلىك›› لەر قاچار مەندىن .
ناتونۇش تۇرماق يېقىن‹‹ دوست›› لىرىممۇ ،
مايمۇندەك تېزىپ كەتتى مەيخانەمدىن .
بازاردا مەدىكاردىن مەككار تولا ،
ئاھ،دېدىم ئالدانغاندا دەرت-ئەلەمدىن.
ئۆتنىگە تاندى، ئۇنتۇپ نىسى قالسا ،
تاس قالدىم ئايرىلغىلى دەسمايەمدىن .
ھەر جانغا ‹‹ئۆزەم›› دېگەن كىسەل تەگدى ،
كارى يوق ئۆزگە باشقا چۈشكەن غەمدىن .
نېمە دەي بۇجاھاننىڭ رەپتارىغا ،
كەلمىسە ھەتتا ۋاپا گۈل-لالەمدىن ؟
شۇندىمۇ تەۋرىمەسمەن تا ئۆلگىچە ،
ئىنساندەك ياشاي دېگەن ئىرادەمدىن !