كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 0

«شىنجاڭ-شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:12:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ھەمكارلىق مۇنەسىۋېتى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلدى.


2011-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى بىلەن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ھەمكارلىق مۇنەسىۋېتى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ ئالى مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى. يىغىنغا شىنجاڭدا ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىدە بولىۋاتقان شاڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى فېڭ گوچىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيەت سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان،مۇئاۋىن رەئىسلىرى غەيرەت ئاسىم، دوڭ لىبو، ئېركىش قۇرمانبېك،لىيۇ لىياڭچېڭ، دەن بىي، شاڭخەي تەرەپتىن شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،«شاڭخەي ئەدەبىياتى»نىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ لىخوڭ، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ پارتىگۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى زاڭ جەنمىڭ ۋە شىنجاڭدا  ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت پائالىيىتىدە بولىۋاتقان شاڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى،«ئەدەبىيات گېزىتى»،«شاڭخەي يازغۇچىلىرى»،«ھوسۇل»، «شاڭخەي شىئېرىيىتى»، «بىخ»، «شاڭخەي مەدەنىيىتى»،«باجىن ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىئىيىتى»، «تاللانمىلار» قاتارلىق داڭلىق گېزىت ـ ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 70تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

  يىغىنغا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيەت سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن قارشى ئېلىش سۆزى سۆزلىدى. شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،«شاڭخەي ئەدەبىياتى»نىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ لىخوڭ ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش جەھەتلەردىكى بەزى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى دوڭ لىبو بىر يىلدىن بۇيان ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن دوكىلات بەردى. ئاخىرىدا  شاڭخەي شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ رەئىسى فېڭ گوچىڭ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ چاڭيۈەن قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ بۇندىن كېيىنكى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇسۇل، چارىلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرسەتمىلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.

بۇ قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن شاڭخەي يازغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكى 10 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ئۇلار 10 كۈن جەريانىدا ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئالتاي، قاراماي، بۆرتالا قاتارلىق جايلاردا ئۈگىنىش ۋە زىيارەتتە بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە بىر مەيدان مەخسۇس ئەدەبىيات لېكسىيەسى تەشكىللەيدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eybuyaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-10 16:17  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش