ximal
كۆرۈش: 1124|ئىنكاس: 25

"ئەدەبىياتتىكى سېرىقلىشىش" مۇ ياكى تىلدىكى گادايلىشىشمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 18:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

"ئەدەبىياتتىكى سېرىقلىشىش" مۇ ياكى تىلدىكى گادايلىشىشمۇ؟

ئەمەت دەرۋىش

ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ماقالىدا « ئەدەبىيات»دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ۋە ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ، تۇرمۇشتىكى جىنسى مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ئەدەبىياتتا قانداق ئەكىس ئېتىش ، بۇنىڭغا قارىتا كىتاپخان ۋە ئاپتۇر قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى  توغرىسىدا ئىلمى ئاساستا مۇھاكىمە يۇرگۇزىلىدۇ .
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «ئەدەبىيات» ، سېرىقلىشىش ،كىتاپخان .
摘要:本文对文学的概念及其任务,生活上的两性关系问题在文学上怎样表现,以及读者和作者对此应持怎样的态度等进行了科学地探讨。
关键词:文学 ,黄色文学,读者。
يېقىندىن بېرى بىر قىسىم گېزىت-يۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلاردا تۇرمۇشتىكى جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەدەبىيات قانداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقى توغرىسىدا « يېڭى ئۇسلۇپ شەكىللەندۇرۇش ۋە بىراقلا نام قازىنىش ئارزۇسى كۇچلۇك بىر قىسىم ئاپتۇرلاردا ھىچكىم يازمىغان تەرەپنى  بۆسۇش ھاسىل قىلماقچى» بولغاندەك ، ھەتتا «كىتاپخانلار ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغان ئىنچىكە تەرەپلەرگە كۇچەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ » قالغانلىقى شۇنداقلا  يەنە قەلەمكەشلەر«نوقۇل ھالدا بازارنىلا قوغلۇشۇپ ، مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بازىرى ئوبدان دېگەن ئىددىيە بىلەن قەلىمىنى مەجبۇرىلاپ شۇ تەرەپكە قايرىغان »لىقتەك ئەھۋال ئىنكاس قىلىنىپ بۇ مەسىلىلەرگە  قارىتا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ماقالىلارنىڭ ئاساسى ماقامىدىن قارىغاندا ئوقۇرمەنلەردە «ئەدەبىيات»ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ، «سېرىقلىشىش» دېگەن ئۇقۇملارغا قارىتا بەلگۇلۇك چۇشۇنۇك بېرىش ئېھتىياجى كېلىپ چىققانلىقىنى ھىس قىلغىنى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن « سېرىقلىشىش » دېگەن ئاتالغۇ ئۇستىدە توختىلۇپ ئۆتەيلى:
بەدىئى ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا « سېرىق مەزمۇن » ، «سېرىق ئەدەبىيات » دېگەن ئاتالغۇنىڭ قوللۇنۇلغانلىقىغا خېلى يىللار بولدى. ئەدەبىياتتىكى «سېرىق» دېگەن بۇ سۆز ئېنىقكى، تۇرمۇشتىكى شەھۋانى ھەۋەس ۋە ھايۋانى نەپسىنى كۆرسىتىپ ، كىشىلەردە بۇنداق كۆرۇنۇشلەرنى ئەدەبىياتتىن تازىلاپ چىقىرىش ، ئۇنى يوقۇتۇش ئىستىگى تۇغۇلدى ۋە كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىپ ، ئەدەبىيات ساھەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى . بىراق، ھەر قانداق بىر  نەرسىنىڭ ، ھادىسىنىڭ كېلىش مەنبىئى يۇز بېرىش سەۋەبى بولغانغا ئوخشاش ، « سېرق مەزمۇن»، «سېرىق ئەدەبىيات» دېگەن ئاتالغۇنىڭلارنىڭمۇ كېلىش مەنبىئى ۋە سەۋەبى بار.
1894- يىلى ئەنگىلىيەدە نامى چىقمىغان بىر تۇركۇم شائىر ۋە نەسىر يازغۇچىلىرى شۇ دۆلەتتە تەسىس قىلىنغان «سېرىق ژورنال »نى چۆرىدىگەن ھالدا  «چاكىنىلار مەزھىپى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەدەبىيات-سەنئەت گوروھىنى شەكىللەندۇرگەن ھەمدە مۇشۇ ژورنالدا شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئىلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق شەھۋانىي مەزمۇنلارنىڭ ئەر-ئاياللىق جىنسى مۇناسىۋەتكە نىسبىتەن ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان . بىراق، 1896-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۇنى ئەينى ۋاقىتتا تىياتىر ساھەسىدە نام چىقارغان ئەنگىلىيەلىكo. Wilde  دېگەن كىشى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى باغلىغانلىقى ئۇچۇن قانۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر   o. Wilde نىڭ تۇتۇپ تۇرىلىشى «سېرىق ژورنال» نىڭ تەسىرىدىن بولدى – دەپ قارىغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر «سېرىق ژورنال» نەشىرىياتى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۇزۇپ ، ئەينەك-دېرىزىلەرنى چېقىۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن «سېرىق ژورنال» نىڭ نام- ئابرۇيى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن . ئەمەلىيەتتە o. Wilde تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كۇنلەردە كىشىلەرنىڭ قىزىقىپ ئوقىغىنى فرانسېيىلىك يازغۇچى بېر.لوئىنىڭ «مۇھەببەت ئىلاھى»ناملىق رۇمانى بولۇپ، دەل مۇشۇ ئەسەرنىڭ مۇقاۋىسىدا «سېرىق» كۆرۇنۇش بار ئىدى. بۇ خىل رۇمانلار شۇ ۋاقىتتا «سېرىق كىتاپ» دەپ ئاتىلىپ ، ئۇلارنى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ – دەپ قارالغان. مەيلى «سېرىق ژورنال »بولسۇن ياكى «سېرىق كىتاپ» بولسۇن ھەممىسىنىڭ «شەھۋانىيلىق »،«ھايۋانىي نەپسى » قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن مۇناسىبىتى بار- دەپ قارالغان. بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلۇغ ئوكياننىڭ قىرغاقلىرىدىكى ئامرىكا گېزىتچىلىكىدىمۇ مۇشۇنداق «سېرىق» كۆرۇنۇشلەر بېسىلغان . ئەينى ۋاقىتتىكى «نىيۇيۇرك دۇنيا گېزىتى»ۋە «كۇندۇلۇك گېزىت » لەر تىراژىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئەسەبىيلىك بىلەن سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆپلەپ ئىلان قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا شۇ گېزىتلەرئامرىكىدىكى گېزىتچىلىك ساھەسى بويىچەتىراژى ئەڭ يۇقۇرى گېزىتلەر بولۇپ قالغان.ھەتتا «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى»مۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىش ئۇچۇن بىر قىسىم رەسىملەرنى ئىلان قىلغان. بۇ ئىككى گېزىت جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك كۆپ مىقداردىكى قول، بەدەن ،ھسيات ھەرىكەتلىرىنى ،ئىشقىۋازلىق قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ گېزىتنىڭ نامى «سېرىق گېزىت » دەپ ئاتالغان. بۇ دەۋىر ئامىرىكا تارىخىدا «سېرق خەۋەرلەر ئاخبارات دەۋرى » دەپ ئاتالغان .
خەنزۇ تىلىدىكى دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ تۆۋەن تەبىقىلەرگە مەنسۇپ پەسكەشلىك ،ئىشقىۋازلىق دېگەنگە يېقىن مەنىلىرى بار. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېرىق رەڭ ئالى تۇرمۇش، باي-باياشاتلىق ، ئېسىل تۇرمۇش ۋە كەسكىن ھوقۇقنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان بولسا، چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئوردىدىكى ئالى تۇرمۇش، باي-باياشاتلىق،ئېسىل تۇرمۇش ۋە كەسكىن ھوقۇقنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان سېرىق رەڭ چىڭ ھوكۇمرانلىقىنىڭ بەربات بولىشى بىلەن تەڭ ئۆز مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ ئىپلاسلىقنىڭ ،شەھۋانىيلىقنىڭ ،رەزىللىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ ،مەتبۇئاتلاردا «چىرىكلىك، مەرەز »دېگەن مەزمۇننى ئىپادىلەپ ئىشقى مۇھەببەت ،جىنسى ھەۋەس قاتارلىقلار سېرىق مەزمۇنغا قوشۇۋىتىلىپ، تەنقىتلەندى، قارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇگۇنكى كۇندە «سېرىق» دېگەن بۇ سۆز شەھۋانىي نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ، «سېرىق» مەزمۇن تازىلاش ۋە يوقۇتۇش ئوبىكتى قىلىندى . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە رەڭگى سارغىيىپ كەتكەن كونا كىتاپ ۋە خوتەننىڭ سېرىق قەغىزىگە يېزىلغان ھەرقانداق نەرسە «سېرىق كىتاپ» دەپ قارىلىپ كۆيدۇرۇلدى ،چەكلەندى.
تۇرمۇشتاجىنسى ئالاقە مەۋجۇت. ئەنئەنىۋى قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ئەدەبىياتتىكى نوقۇل جىنسى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئوچۇق ھالدىكى مۇنازىرە قىلىشقا ياكى تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ-دەپ قارالغان  جىنسىيەت مەسلىلىرى بەزى ئەدەبى ئەسەرلەرنى تىزلا يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىراق، جىنسىيەت مەسلىلىرى بولسا، ئىنسانلاردا ھەقىقى مەۋجۇت مەسىلە. مۇقەررەركى،ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى بولغان جىنسىيەت مەسلىلىرىنى ئىپادىلەش مەسئولىيىتى بار. ئەگەرجىنسىيەت تەۋەسىدىكى شەيئىلەرگە نىسبىتەن بىرەر ئېغىز راس گەپ قىلمىغان ئەسەر بولمىسا ، بۇ ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ جىنسىيەت تېمىسى جەھەتتىكى مەسئولىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ھەر قانداق مىللەتنىڭ قەدىمقى ئەدەبىياتىدا جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلار بولغان. مەيلى خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى بولسۇن مەيلى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بولسۇن ئىنسانىيەت ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل مەۋجۇتلۇقنى ئىپادىلەشتىن باش تارىتمىغان. ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مۇشۇ تېما جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ،مەسئولىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ كەلگەن.
ھازىر جەمئىيەت تەرەققى قىلدى. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۇرۇتكىسى بىلەن ئۇستىقۇرۇلما ساھەسىدىمۇ بۆسۇش خاراكتىرلىق ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئەدەبىياتمۇ يۇرەكلىك ھالدا تۇرمۇشنىڭ پىنھان  رايۇنلىرىغا دادىللىق بىلەن بۆسۇپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ جىنسىيەت مەسلىلىرىگە نىسبىتەن مۇنازىرىلىشىشى بارغانسىرى يۇرەكلىك بولدى. چۇنكى ، جىنسىيەتكە مۇناسىبەتلىك ئىشلار ، مەسلىلەر بارغانسىرى كۆپۇيۇپ كەتتى. شۇنداق ئىكەن ، ئەدەبىياتتا جىنسىيەتكە مۇناسىبەتلىك مەسلىلەرنىڭ ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.ئەدەبىياتتىكى جىنسىيەت مەسلىلىرى تۇرمۇشتىكى جىنسىيەت مەسلىلىرىگە ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا ماس ھالەتتە داۋاملىشىپ تۇرىدۇ.ئەگەر ئىككى جىنس جىنسى مۇناسىبەتكە كىرىشكەندە خۇددى ھايۋانغا ئوخشاش ئۇنىڭ جىنسى ئەزالىرىنى پۇراپ ،يالاپ يۇرسە بۇنى ئادەمدىكى جىنسى مۇناسىبەت دېگىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت ئادەمنىڭ ھايۋانىي نەپسى  ھالىتىدىكى جىنسى مۇناسىبىتىدىن ئىبارەت. ھايۋانىي نەپسى دېگەن نېمە؟ ئېنىقكى، ئادەمدە ئىككى نەپسى بولىدۇ. بىرى، ئادىمىي نەپسى. ئادىمىي نەپسى ئادىمىي تۇيغۇدا ئۆزىنى كونتىرۇل قىلغان ئاساستا مۇۋاپىق يېيىش،ئىچىش،كېيىنىش،جىنسى ئالاقە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى جىنىسى ئالاقىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئىنسانىي تۇيغۇ ئاساسىدىكى ئەخلاقى قائىدىلىرى بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئادىمىي تۇيغۇ ئاساسىدىكى نەپسىنىڭ «ئادىمىي» دىن ئىبارەت مۇكاپاتى بار بولۇپ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان ،ئۇنى ئۆزىنىڭ دائىمى ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرغان ئادەمنى ئادىمىيلەر سېپىگە باشلاپ بارىدۇ.
ئەمدى ، ھايۋاني نەپسى دېگىنىمىز، ئېھتىياجىدىن يۇقۇرى ئىستىمال سەۋۋىيىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق يېيىش،ئېھتىياجىدىن ئارتۇق كېيىش، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىچىش ۋە ھايۋانىي نەپسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھايۋانىي سۇپەتتە جىنسى ئالاقە قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمدە ھايۋانىي نەپسى غالىپ كەلسە ،مۇقەررەركى شەخسىيەتچىلىك ۋە ئاچكۆزلۇك ئەدەپ كېتىپ ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇپ ئىگەللىۋىلىش ،ھەشەمەتخورلۇققا بېرىلىش،كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق بولۇش ،جىنسى مۇناسىبەتتە ئۆز ۋۇجۇدىدا پەيدا بولغان ھايۋانىي نەپسنى قاندۇرۇشنىڭ تۇرلۇك ئۇسۇللىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا رىغبەت پەيدا بولىدۇ.ھايۋانىي نەپس مۇقەررەركى  ئادىمىي ئىززەتنى نابۇت قىلىدۇ. مەنىۋى جەھەتتىن جامائىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ،نەزەردىن چۇشۇپ كېتىش شۇ ئارقىلىق چۇشكۇنلۇك پاتقىقىغا پېتىپلا قالماستىن ،بەلكى جىسمانىي جەھەتتىنمۇ بىداۋا كېسەللەرنى كەلتۇرۇپ، ئۇمۇرلۇك پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇكاپاتى «ھايۋاني »دىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەم شەكىللىك ھايۋانغا ئايلىنىپ،ئادىمىيلەر سېپىدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلغان بولىدۇ.بىراق، بۇ خىل ھايۋانىي نەپسى غالىپلىقىدا رول ئالغۇچى يەنىلا ئادەم. بۇنداق ئادەمنى تۇرمۇشتا مەۋجۇت ئەمەس –دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
بىراق، بىر قىسىم ئادەملەردىكى ئەقىدىنىڭ سۇسلىقى تۇپەيلى ئادىمي تۇيغۇ ،ئەخلاق،ھېيىقىش،تەپ تارتىش ،قورۇنۇش ،قورقۇش تۇيغۇلىرى يوقۇلۇپ ،ھايۋانىي نەپسى غالىپ كەلگەن ۋاقىتتىكى مانا مۇشۇنداق ھايۋانىي تۇيغۇنى تۇزۇتۇشنى ئەدەبىيات ئۆز بۇرچى دەپ تونىمىسا ،ئۇنى قايتا ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۇرمىسە ئۇ ھالدا ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولامدۇ؟
ئەدەبىيات تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان ،ئوبرازلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەنىۋى قۇرال بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا ئەدەبىياتمۇ جىنسىيەتكە بەلگۇلۇك دەرىجىدە كۆڭۇل بۆلىشى بەلگۇلۇك ئورۇن بېرىپ، ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە بىز ھازىر قوبۇل قىلىۋاتقان «ئەدەبىيات »دېگەن ئۇقۇم ئەرەپ تىلىدىن ئۆزلەشكەن.ئۇنىڭ ئاھاڭىدىن «ئەدەبلىك ھايات»دېگەن مەنا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەدەبىيات ھاياتنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىش قۇرالى (ئىلمى)دېگەن يەكۇنگە كېلىمىز. خەنزۇچىدىكى«文学» دېگەن سۆزدىن« مەدەنىيەت ئىلمى» دېگەن مەنا چىقىدۇ. لاتىنچە « litratore»دېگەن خەت مەنىسىدىن« گۇزەللىك ياراتقۇچى ،توغرايول» دېگەن مەنا چىقىدۇ.مەشھۇر شائىر ناۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ شىېرلىرىدىكى «گۇلەندام قەدەھ»دېگەن ئىبارىنى تەتقىق قىلغاندا بۇ سۆز قەدىمقى سوغدى (تۇرك )تىلىدىكى« ئەدەبىيات» دېگەن سۆزگە مەنا جەھەتتىن يېقىن بولۇپ،بۇ سۆزنىڭ ھازىرقى تىلدىكى مەنىسى «گۇل ھىدىنىڭ قىلتىقى»دېگەنلىك بولىدۇ.رىۋايەتلەردەجەننەتتە سەلسەبىل دېگەن بىر بۇلاق بارمىش .«سەلسەبىل»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قەدىمقى ئىبرى (سۇمىر)تىلىدىكى بەدەئى تەسەۋۋۇر –ئەدەبىيات مەنىسىنى بېرىدىغان سۆز بولغان.دېمەك،ئ.ەرەپ تىلىدىكى «ئەدەبىيلىك ھايات»،خەنزۇ تىلىدىكى «مەدەنىيەت ئىلمى»،لاتىن تىلىدىكى« گۇزەللىك ياراتقۇچى ،توغرى يول»،سوغدى تىلىدىكى «گۇل ھىدىنىڭ قىلتىقى»،ئىبرانى تىلىدىكى جەننەتتىكى بۇلاق«سەلسەبىل»بولسۇن ھەممىسى« ئەدەبىيات »دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۇرۇپ كەلگەن.بۇ ئۇقۇم بىزدە« تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان سەنئەت»دېگەن مەنىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
مەيلى نېمە دېيىلىشتىن قەتئى نەزەر ئەدەبىياتنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئادىمىي خىسلەتلەرگە يات بولغان ئىللەتلەرگە باتۇرلۇق بىلەن ئوت ئېچىپ، پارلاق بىر كېلىچەك يارىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ۋە پاك مۇھەببىتى  ئۇچۇن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئۇندەيدىغان ،بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق ۋە پاكلىق ئۇچۇن مۇھەببەتنىڭ تەسەۋۋۇر بۇلىقى بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان ئەدەپلىك قىلىش قۇرالى (ئىلمى) دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن ، مۇشۇنداق قۇرالنى (ئىلىمنى )ئىشلىتىشنى بىلگەن ئادەملا ئەدەبىياتچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ۋىجدانىي نوقتىدىن چۇشەنگەندە ، ئاندىن بۇ شەرەپكە نائىل بولالايدۇ. شۇڭا ئۇ ئاددى،نادان،بىلىمسىز كشىلەرنى دورىسا ،شۇ كىشىلەرنىڭ نوقتىئى نەزىرى بىلەن جەمئىيەتكە نەزەر تاشلىسا ،شەيئىلەرگە ۋە ھادىسىلەرگە شۇ كىشىلەر چۇشەنچىسىدىن چىقىپ باھا بەرسە جەمئىيەتكە ئەكس تەسىر بېرىپ ،جەمئىيەتنى تۇزەش ئورنىغا بۇزىدۇ.  
ئەدەبىياتنىڭ يېتەكچىلىك رولى شۇ يەردىكى، ئۇ مەنىۋىيەتنى تازىلايدۇ،قەلىبنى كىرىستالدەك سۇزۇكلەشتۇرىدۇ. جەمئىيەتتىن كۇزەتكەنلىرىنى ئوبرازلار پائالىيىتىگە سىڭدۇرۇپ ،نېمىنىڭ يامان ،نېمىنىڭ  ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىنسانغا كونكىرىتنى ئۇقتۇرىدۇ،بىلدۇرىدۇ. ئەدەبىياتچىنى «ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى» دېيىشىمىزدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ يەردە.
ئەدەبىياتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ،  ئەدەبىياتچىنى مۇشۇنداق كاتتا شەرەپكە نائىل قىلىۋاتقان نەرسە نېمە؟ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىياتنىڭ نېمىلىگىنى چۇشەنگەن ئاساستا تۇرمۇشنى قايتا ئىنكاس قىلىۋاتقان تىل !17- ئەسىردە ئۆتكەن شائىر مۇھەممەت سىدىق زەلىلى ئەدەبى تىل ھەققىدە :
ئەي زەلىلى بۇ نىچۇك سۆزدۇر دېبان ئەيپ ئەتمەگىل،
جىلۋە بەرمەيدۇ ھەقىقەتنىڭ مەجازى بولمىسا.
دەپ يازغان. شائىرنىڭ قارىشىدا تۇرمۇش گەرچە ئەمەلىيەت (ھەقىقەت) بولسىمۇ،ئەدەبىيات شۇ ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۇرىۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ ئۆزىگە خاس مەجاز بىلەن زىننەتلەنمىسە ئەدەبىياتتىكى تۇرمۇش بولماي قالىدۇ.ئۇنىڭ سىتىتىك لەززىتىدىن –بەدىئى زوقىدىن ،تەربىيلەش ئۇنىمىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
بىز دائىم نەزىرىيىلىرىمىزدە ئەدەبى تىلنىڭ تاۋلانغان،تاللانغا،ئوبرازلىق تىل بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز ۋە ئەدەبى ئەسەرلەرگە باھا بەرگەندە تىلنىڭ مۇشۇ ئۆتكەللىرىگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىمىز. چۇنكى تۇرمۇشتا تېما كۆپ. گەپ، ئەشۇ تېمىنى قەغەزگە چۇشۇرگەن تىلنىڭ «جىلۋىسى» نىڭ بار-يوقلىقىدا. ئوخشاش بىر پارچە رەختە ئوخشىمىغان ئىككى ماشىنچى ئوخشاش پاسۇندا يارىشىملىق ۋە يارىشىمسىز كېيىم تىككەنگە ئوخشاش، تۇرمۇشنى ئوخشاش نوقتىدىن كۇزەتكەن ئىككى ئەدىپنىڭ قايتا ياراتقان تۇرمۇشى  ئىشلەتكەن تىلىغا قاراپ لەززەتلەك ياكى مەززىسىز بولۇپ چىقىدۇ.تىل ئىشلىتىشنى بىلمىگەن ،خەلق تىلىغا يېقىنلاشمىغان تىلنىڭ ئوبرازچانلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ،تىلدا ھېسياتى ئوخچۇپ تۇرمىغان ئەدىپ ئەسەر يازالمايدۇ. يازغان ئەسىرىمۇ بىر دەملىك بولۇپ، تەسىرى بولمايدۇ. بىر قىسىم تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ تەنقىد كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايۋاتقان ،ياكى بولمىسا ،تۇرمۇشنىڭ جىنسى مۇناسىبەتكە ئائىت تەرەپلىرىنى ئىپادىلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەل ئەشۇ ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش ھەقىقىتىنىڭ «جىلۋە»سىنىڭ يوقلىقىدا. كىشىلەرنىڭ كوڭلىگە ياقمىغان،ئاتا-بالابىر يەردە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزۇر كۆرەلمەيدىغان،ئاتا-ئانا ئوقىغان كىتاپنى ياكى مەلۇم بىر ئەدەبى ئەسەرنى بالىلارنىڭ ئوقىشى چەكلىنىدىغان ھادىسىنىڭ سەۋەبى دەل ئەشۇ تۇرمۇشنى قايتا ئىنكاس قىلىۋاتقان تىلنىڭ جەزبىسىنىڭ يوقلىقىدا. جىنسىيەتتە ئادىمىيلىكتىن ھالقىپ ھايۋانىيلىققا ئۆتكەن ئادەمدە ئادىمىي تۇيغۇ،ئادىمىي ھىسيات،ئادىمىي مۇئامىلە ،ئادىمىي ھايا ۋە ئەخلاق بولمايدۇ. ئۇنى «سەن ھايۋان» دەپلا ئىنسان تۇرمۇشىدىن قوغلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ .ئۇنى ئەدەبىيات تۇزۇتىشى، تەربىيلىشى،ئادىمىيلىكنى تونۇتۇپ ۋە بىلدۇرۇپ ئادەملەر ئارىسىغا قايتۇرۇپ كېلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەدەبىيات ھەقىقى تۇردە رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى بىرىنچى ئامىل –تىل. ۋاقەلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندا پىرسۇناژ خاراكتىرىنىڭ پەيدىن –پەي يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىشلەتكەن سۆز- جۇملىلەردە پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرىنى چىقىش قىلىش،كىتاپخان ئەشۇ سۆز ئارقىلىق پىرسۇناژنى ،پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرىنى بىلىۋالايدىغان بولىشى لازىم. توغرا تىل ئارقىلىق ئەسەر مەزمۇنىنى ،مەزمۇننى يورىتىۋاتقان خاراكتىرنى ،تىلنى ئىشلىتىۋاتقان قەلەم ئىگىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى بىلگىنى بولىدۇ. ئەدەبىيات پىشىۋالىرى تىلنى دۆۋىلەگلىك خش-كېسەككە ئوخشىتىدۇ. ئۇنى تازا پەم بىلەن زېھىن قويۇپ تىزىپ چىقسا ئاندىن ئۇ بىرەر مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. مانا مۇشۇ مەزمۇننىڭ (قۇرۇلۇشنىڭ)كۆركەم ياكى كۆركەمسىزلىكى ،پۇقتا ياكى ئاجىزلىقى ئىشلەتكەن ماتىرىيالدىن باشقا لايھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانغا ئوخشاش، پۇتۇپ چىققان ئەسەرنىڭ جەزبىدار ياكى جىلۋىسىز بولىشى يازغۇچىنىڭ ماتىرىيالى ۋە ئۇنىڭ ماھارىتى بىلەن زىچ مۇناسىبەتلەك .
سۆز  مۇختەسەر، بىز ئەدەبىياتنىڭ مەنىسىنى ،رولىنى ،ئەدەبىياتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتقان تىلنىڭ رولى ،ئەھمېيىتىنى چۇشەنگەن ئىكەنمىز، تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بىر تەركىبى قىسمى بولغان جىنسىيەت ھەققىدىكى مەسلىلەرنى ،جىنسىيەت تۇرمۇشلىرىنى ئەدەبىياتنىڭ ئەكىس ئەتتۇرۇشىدىن توسساق ،يول قويمىساق ئەدەبىيات چۇشەكلىنىپ قالىدۇ. ۋەزىپىسىنى ئارتقۇزالمايدۇ، رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز ئەدەبىياتتىن خاپا بولساق، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق تارتىپ قالىمىز. ئەدەبىياتمۇ بىزدىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەدەبىياتى بولمىغان مىللەتنىڭ ئۆزىنى تونىشى ۋەقوۋناق تەقدىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
ھۆرمەتلىك تورداشلار ، بۇ ماقالىنى مەلۇم بىر يۇرنالدا ئىلان قىلىنغان ئەدەبىياتتا جىنسى مۇناسىبەتنى ئەكىس ئەتتۇرۇشكە بولمايدۇ –دىگەن قاراشقا قارىتا يازغان ئىدىم ،پۇتكەندىن كېيىن شۇ يۇرنالغا ئىنكاسىم سۇپىتىدە ئىبەرتسەم جاۋاپمۇ يوق،  ماقالىمۇ يوق بولدى. مىنىڭ كاللامدا ئەدەبىيات جىنسى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۇرىشى كىرەكمۇ قانداق، ئەكىس ئەتتۇرسە قانداق ئەكىس ئەتتۇرىشى لازىم، ئەكىس ئەتتۇرمىسە نېمە ئۇچۇن ئەكىس ئەتتۇرمەيدۇ دېگەن سۇئال ھازىرغىچە جاۋاپسىز تۇرۇۋەردى، يۇقارقىلار ئۆزەمنىڭ سۇئالىغا  ئۆزەمنىڭ  جاۋابىم .مۇمكىن بولسا مۇشۇ مەسلە ئۇستىدە  مۇنازىرىلىشىپ باقساق قانداق ،  بولارمۇ؟ھۆرمەت بىلەن : ئاپتۇر.
   

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 19:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ نازۇك تېمىدا مۇزىرىلەشكەندە پاكىتلىق، ئىلمىي مۇنازىرە بولسا بولىدۇ. ئۆزئارا تىكەن سانچىشىدىغان ئىنكاسلار بولمىسا ...

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         مېنىڭچە، جىنسىيەت تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى، شۇڭا ئەدەبىي ئەسەرلەردە زۆرۈر تېپىلغاندا مۇۋاپىق قىستۇرۇپ ئۆتۈلۈشى كېرەك. ئەمما، بۇ بىر پارچە ئەسەرنى نوقۇل جىنسىيەت تەسۋىرى بىلەن توشقۇزۇش كېرەك دېگەندىن بىشارەت بەرمەيدۇ.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 02:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىم ئەپەندىنىڭ ماقالىغا مۇنازىرە يونۇلىشى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت.ئەركىن ئەپەندى ماقالەمگە نىسبىتەن تۇنجى قېتىم كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  645
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 123
تۆھپە : 20
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 22:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، ئەدەبىياتتا جىنسىي تۇرمۇشنى بەك ئۇچۇق تەسۋىرلەش زىيان قىلسا قىلىدۇكى، پايدا قىلمايدۇ. ئۇنى تەپسىلىي تەسۋىرلەش ھەم ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 742
تۆھپە : 1
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:12:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى «سەن ھايۋان» دەپلا ئىنسان تۇرمۇشىدىن قوغلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ .ئۇنى ئەدەبىيات تۇزۇتىشى، تەربىيلىشى،ئادىمىيلىكنى تونۇتۇپ ۋە بىلدۇرۇپ ئادەملەر ئارىسىغا قايتۇرۇپ كېلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەدەبىيات ھەقىقى تۇردە رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى بىرىنچى ئامىل –تىل.

راسىت ئەدەبىياتنىڭ ئادىمىلكنى بىلدۈرۈشتىن  ئىبارەت رولىغا سەل قارىمايلى،بولۇپمۇ ئىشەنىچ،مىھېر -مۇھەببەت تولىمۇ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە بۇ رولنى ھەسسىلەپ جارى قىلدۇرۇش ھەربىر قەلەم ئىگىسى شۇنداقلا ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش ۋەزىپسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تارىتماس مەسئۇلىيتى.مەنچە بىز بۇ ماقالىدە ئەڭ تەكىتلىسەك بولىدىغىنى مۇشۇ مەزمۇنمىكىن دەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:31:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئەسەر پەقەت جىنسىي  تەسۋىرنى مەقسەت قىلسا ئۇنى ئەخلەت دىسەكمۇ بولىۋىرىدۇ،بىراق ھېسياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش باشقا گەپ.
ئىنسان تەبىئىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئادەم تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلمايدىغان  بىر قىسمىنى  يەكلەش،مەنچە جىنايەت.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا يوللىغان ۋاقتى  2012-9-1 23:31
بىر ئەسەر پەقەت جىنسىي  تەسۋىرنى مەقسەت قىلسا ئۇنى ئەخ ...

                خوش، ئەگەر سىز دەۋاتقان ئىنسان تەبئىتى ۋە ئادەم تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلمايدىغان بىر قىسمى  ۋىجدانغا، ئەخلاققا، ئىتىقادقا خىيانەت بولۇپ قالسىچۇ؟! ئۇ چاغدا بۇنى يەكلەش جىنايەت بولسا پۈتكۈل پاھىشىۋازلار دىيانەتكارلاردىن بولۇپ قالمامدۇ!؟
            

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نىمە ئىش بولاپ كەتتى بەتنى ئېچىپ بولغىچە بەش قېتىم ئۇچۇر كەلدى،قارىسام شۇ بىر گەپ

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 1
توردا: 281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 23:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم زۇردۇن سابىرمۇ ئانا يۇرت رومانىدا  مۇۋاپىق جىنسى تەسىۋىرلەرنى ئالغان... قارا قۇيۇق ئىنكار قىلىش ئارتۇقچە بىر ئىش.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 00:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ە

بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2012-9-1 23:49
خوش، ئەگەر سىز دەۋاتقان ئىنسان تەبئىتى ۋە ئا ...


ماقۇل، مەقسىدىمنى سىزگە مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي!
بىراق مەن ئىنكاسىمنىڭ بېشىدىلا ئەسكەرتىپ قويغان،نۇقۇل جىنسىي تەسۋىرنى مەقسەت قىلسا ئۇ ئەخلەت دەپ،بىراق ئىنساننىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا مەۋجۇت بولغان نازۇك ھېس-تۇيغۇلارنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىپ چىقىشى ھەرگىزمۇ پاھىشىۋازلارنى دىيانەتلىك دىگەنلىك بولمايدۇ.
پىرسۇناژلىرى ئۈچۈن ئالدىنئالا رەھىمسىزلەرچە تەغدىر بەلگىلەپ بېرىش،ھەم ئۇنىڭ ئادىمىلىكىنى بۇغۇش،ئاپتورنىڭ مەغلۇبىيىتى.
مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەۋاتىمەن،قانداقتۇر بىر كىملەرگە ئىدىيەرىمنى تېڭىش نىيىتىم يوق.
جىنسىيەت رىئال تۇرمۇشتا بار نەرسە،نىمىشقا ئەدەبىياتتا بولسا بولمايدۇ،بۇ قاراپ تۇرۇپ ئەدەبىياتقا ئاسىلىق قىلغانلىق بولمامدۇ؟
ھەقىقەتەن جىنسىيەتنى ئوچۇق ئاشكارا تەسۋىرلەش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش،شۇنداقتىمۇ سىزدىن قايتۇرۇپ سوراپ باقاي ئۇيغۇردا قايناق ھېسيات ھەم جىنسىيەت يوقمۇ؟
ئۇيغۇر كوچا-كويلاردا مېڭىپ يۈرگەن ماشىنا ئادەممۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەھلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 00:12  


ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  248
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 725
تۆھپە : 0
توردا: 148
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 00:20:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      رىئال تۇرمۇشتا بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سىز ئادەملەر ئالدىدا ئوچۇق ئاشكار اقىلىپ، ئوچۇق ئاشكارا دىيەلەمسىز؟  ئەمسە ئۇيغۇرلار بىز ماشىنا ئادەم ئەمەس، بىزدىمۇ ھېسسىيات بار، دەپ كوچا - كويلاردا يالىڭاچ مېڭىپ يۈرسۇنمۇ؟

يا بىر گەپ ئېيتىمەن، يا بىر گەپ ئىشتىمەن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  247
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2097
تۆھپە : 0
توردا: 384
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 00:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 00:20
رىئال تۇرمۇشتا بار نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سىز ئادەملەر ...

ئوچۇق-ئاشكارا دىيىلىش بىلەن تەسۋىردىن پايدىلىنىپ رىئاللىقنى رەسىمدەك سىزىش باشقا -باشقا ئىش.
ئالدىنقىسى ئاخبارات-خەۋەر،كەينىدىكىسى تىل ئىشلىتىش ھەم تەسۋىردە ۋايىغا يەتسە سەنئەت ،مەنچە بولغاندا ئەدەبىيات سەنئەتتىن ئايرىلماسلىقى كېرەك!
لېكىن سىزنى قايناق ھېسياتىم بار دەپ كوچىغا يالىڭاچ چىقىۋىلىڭ! دىمىدىم جۇمۇ.

ئۆسەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى پالۋان دەر،
چۆكەر يەرنىڭ باللىرى بىر-بىرىنى گالۋاڭ دەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  385
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 2
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 01:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىتىكامنىڭ يازغان نەرسىسىنى...

ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6151
تۆھپە : 555
توردا: 442
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 02:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزدە جىنسىيەتكە دائىر بايانلار قانداق بولۇشى كېرەك؟
بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى جىنسىيەتكە دائىر تەسۋىرلەر  باشقا ئەل (ئاساسەن غەرب ئەللىرى) ئەدەبىياتىدىكى تەسۋىرلەردىن پەرق قىلىشى كېرەك! بىزنىڭ تەسۋىرلەر ئەسلىي بىزگە جىنسىيەتكە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىتىشى، نېمىنىڭ زىنا، نېمىنىڭ جىما ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىشى، گۇناھ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك ئىدى!... مېنىڭچە، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ‹‹ھارام›› جىنسىيەت تەسۋىرلىرى ‹‹ھالال›› جىنسىيەت تەسۋىرلىرىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى! (مەن شۇنداق ئاتىدىم)
نۇرگۈل ئەبەينىڭ ‹‹كەچكۈزدىكى غېرىبلىق›› پوۋېستىدىكى مۇنۇ تەسۋىرلەرگە نەزەر سالايلى: ... بىر چاغدا قىزى پىچىرلاپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئېچىپ بەردى، كۈيۈئوغلى بەخىرامان، غالىبلەرچە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. جۈمەكتىكى سۇنىڭ قۇلاقنى پاڭ پاڭ قىلىۋەتكۈدەك شارقىرىغان ئاۋازى، ئارقىدىن كۈيۈئوغلىنىڭ غارقىرىتىپ ئېغىز چايقاۋاتقانلىقى، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ يۇيۇۋاتقانلىقى (ئەمەلىيەتتە مىش-مىش قىلىۋاتقانلىقى)، سۇنىڭ شالاقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى... بوۋاي ھەتتا كۈيۈئوغلىنىڭ ‹‹نىيەت قىلدىم غۇسلى قىلايمەن دەپ...›› دەپ پىچىرلاپ ئايەت ئوقۇۋاتقاندىكى ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالىدى... يۇقارقىسى ئەر بىلەن ئايالنىڭ جىمادىن كېيىنكى ئىشلىرىنى  تەسۋىرلەش  بولسىمۇ،  بۇ تەسۋىردىن بىز نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولالايمىز، دېمەك مانا بۇ ‹‹ھالال›› جىنسىيەت تەسۋىرى!... ھازىر كۆپىنچە ئۆيلەردە مۇنچا ئومۇمىلىشىپ كەتتى، ئەمما كۆپىنچە ياشلار پۈتۈن بەدەنلىك يۇيۇنۇشنى –بەدىنىنى يۇيۇشلا دەپ قارايدۇ... نۇرگۈل ئەبەي خانىم ئاۋۇ تەسۋىرنى يېزىش ئارقىلىق بىزگە ئاددىي لېكىن قىممەتلىك بىلىملەرنى قايتا ئىشارە قىلىدۇ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىران تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 02:06  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش