كۆرۈش: 5303|ئىنكاس: 62

ئالتە تۈپ دەرەخ ۋە مۇنىرە ئالىم (29)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]



munira.PNG


[ئاپتوردىن] مەن 1982- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمەھەللە يېزا  ئوتتۇر بۇلاق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. 1998- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈندىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆز تەۋەككۈلچىلىكىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ ياشاۋاتىمەن. تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە.
مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىم «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »نىڭ 2008 ـ يىلى7 ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئۈرۈمچىنىڭ ئوبرازى» ناملىق ماقالەم بىلەن  باشلانغان بولۇپ،  شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «كروران ژۇرنىلى»، «تۇرپان گېزىتى» قاتارلىق ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «ۋەيگە يانداشقان خىياللار»، «ئانامغا ئاتاپ»، «كۆپ چېكىت»،  
«شىلدىر، شىلدىر»، «يامغۇردىكى كۈتۈش» «بىر ئىستاكان قەھۋە»، «ئاتەش ماكان ھېسلىرى» قاتارلىق 50 پارچىغا يېقىن ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغان.
ئۆسمۈرلىكىمدە دادامنىڭ «مېنىڭ بالىلىرىم باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە ناھايىتى ياخشى ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە ئۇلغۇيۇپ تۇرغان تىرىشچانلىق مېنى پەخىرلەندۈرىدۇ، بىراق ئۇلار تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن ھەممىسى ئارقىغا يانىدۇ، ئۇلاردىكى دولقۇنلاپ تۇرغان ھاياجان بىراقلا يوقايدۇ، بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇپ دەپتىرىگە جىلىمايدۇ، شۇڭا ئويلاپ قالىمەن مېنىڭ بالىلىرىم باشلانغۇچتىن مەڭگۈ چىقماي ئوقۇسا بوپتىكەن » دەپ ئۇلۇغ تىنىپ بىرلىرىگە شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. مانا ئاشۇ سۆزنى بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە ئەسلەپ ئولتۇرۇپ دادامنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئۆمرىدە قارا ئايغىر ئېتىنى مېنىپ، قامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىزگە يول باشلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.
  دادام چارۋىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ئاشۇ كۈندىن ئېتىۋارەن، دادامنىڭ قارا ئايغىر ئېتىنىڭ يايلىسىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ، نۇرغۇن ئادەملەر بەھرىلىنىشكە، بىر بېرىشكە تەشنا بولغان ياپيېشىل تاغ، ساڭگىلاپ باش ئۈستىمىزدە تۇرغان تاش، ئېگىز قارىغاي، بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاق،  ئاپئاق قايماق،  قىرتاق قۇرۇت ، دەريانىڭ شاۋقۇنلىرى، قازاقلارنىڭ دومىلاق تويى، ئوغلاق تارتىشى،  كالا سېغىش، موزاي تارتىش، چاقماق چېقىپ قارىغاينى كۆيدۈرۈشى، بىر يازدا ئالما، نەشپۈت، ئۈرۈك، گىلاس، شاپتۇلىلارغا ئېغىز تېگەلمەي قىشلىق كىيىملەرنى كىيىپ، يازلىق كىيىملەرنى كىيىشكە پۇرسەت بولمايدىغان،  ھېلىلا ئېچىلغان ھاۋا، ھېلىلا ياققان يامغۇر، يامغۇرنىڭ سولياۋ ئۆيىمىزگە چۈشكەندىكى ئاشۇ ئاۋازى بىلەن مېنىڭ بالىلىق ھاياجانلىرىم قېتىلىپ ھازىرغىچە مېنى ياستۇققا باش قويساملا ئاشۇ بالىلىق ۋاقتىمدىكى خاتىرەمنى ئاختۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.  قايسى كۈنى دادام - ئاپاملارنىڭ يايلاۋغا بىزنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشى بىلەن ھەدەمنىڭ ھەمرالىقىدا كىچىكىمىزدە يېزىۋەتكەن بىر ئايلىق بولسىمۇ جۇدالىق، كېيىنچە ئۇلغۇيۇپ بېرىپ شەھەرلەردىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە سىڭگەن غېرىبلىق، جىددىيچىلىك، تەڭسىزلىك، تۇرمۇشنىڭ قەھەتچىلىكى مېنى چىداملىق قىلىپ تەربىيلەپ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە ئۈندىدى، ئەمما، يالغۇزلۇقتىن قايناپ چىققان بىرخىل چىدىماسلىق، سېغىنىش يۇرتۇمغا  بولغان مۇھەببىتىمنى ، ئاتا – ئانامغا ، قېرىنداشلىرىمغا بولغان سېغىنىشمنى كۈچلەندۈرۈپ يۈرىكىمنى توختىماي شىۋىرلىتىپ قەغەزگە تۆكتۈرۈپ كەلدى. شۇ ۋەجىدىن قەلبىمدە ئۈنسىز نىدا قىلىۋاتقان مۇھەببەت، جۇدالىق، غېرىبلىق مېنى سۆزلەشكە، ئاشكارىلاشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىدى.شۇڭا مەن توختىماي يېزىۋاتىمەن، يېزىۋاتقانلىرىمنىڭ ئەدەبىياتنىڭ بىر ژانېرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، تۇيغۇلىرىمنىڭ ئەركىن ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىچىمدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ يورۇۋاتقانلىنى ھەمدە ئۆزەمنىڭ راھەتلىنىپكىنە ئەتراپقا قاراۋاتقانلىقىمنىلا بىلىمەن، خالاس.
يازغۇچىلار تورىدىن:
مۇنىرە ئالىم تېتىملىق، ئۆزگىچە نەسىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت نەزەرىگە ئىلىنىۋاتقان ياش ھەۋەسكار، بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەپ بىر قىسىم نەسىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.




ئانامغا ئاتاپ...

تىلىم چىققاندىن بېرى، «ئانا» دەپ  ئۇلۇغ نامىڭنى چاقىرىپ  كېلىۋاتقان بولساممۇ، ئەمما بىرەر قېتىم  قولۇمغا قەلەم ئېلىپ پەرزەنتلىك مېھرىم بىلەن مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان سەن ئانام ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ باقمىغانلىقىمنى ئويلىسام ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ كېتىمەن. بۈگۈن سەن كېسەل كارۋىتىدىن  كېسەل چىرمىغان ئاجىز تېنىڭنى تەستە كۆتۈرۈپ قىزىڭنىڭ بەختى ۋە خاتىرجەملىكى، تېنىچ -ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئاغا يەنە قول كۈتۈرگىنىڭدە،  خېجىللق ئىچىدە ئۆرتەنگەن يۈرىكىمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ئانا.
ئىش ئۈستىلىمنىڭ  
تارتمىسىنى ئېچىپ دادامغا ئاتاپ يازغان ئىككى خاتىرەمنىڭ بەتلىرىدىن ساڭا ئاتاپ يازغان بىرەر ۋاراقنى تاپالماي، يۈزۈم ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى ئانا. دادام ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن بېرى، بىزگە ئانا ۋە دادا بولۇپ كېلىۋاتقان بولساڭمۇ، بىرەر قېتىم سېنى دادامنى سېغىنغاندەك سېغىنىپ باقماپتىمەن،دادامنى ئەسلىگەندەك ئەسلەپ باقماپتىمەن! بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبكە بۇيرارسەنمۇ؟ ئەمما، ئەيىبكە بۇيرىمايدىغانلىقىڭنى يۈرىكىم سېزىپ تۇرۇپتۇ.
توۋا، سېنىڭ ئالدىڭدا قانچە قېتىملاپ دادام توغرۇلۇق ياش تۆككىنىم ئېسىمدە يوق، ئەمما قانچە قېتىم سېنى يوقلاپ بارغىنىم ئېسىمدە قاپتۇ. ھەر قېتىم «ئانا، بارايمۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، «بالام، ئىشىڭ ئالدىراش، ۋاقتىڭ بولسا يازلاردا كېلىپ دەم ئالغاچ، بېغىمىزنىڭ مېۋىلىرىگە ئېغىز تېگىپ كېتەرسەن، مەن ياخشى، يېنىمدا ئاكاڭ، ئىككى ھەدەڭ ھەم سىڭلىڭ بار، يەنە تۇغقانلارمۇ بىزگە ھەمراھ، شۇڭا خاتىرجەم بول قىزىم!» دېگەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ، ئەتىيازنى يازغا، يازنى كۈزگە، كۈزنى قىشقا ئۇلاپ خاتىرجەم يۈرىۋېرىپتىمەن ئانا! مانا بۈگۈن سېنىڭ ئاغرىپ يېتىپ قالغانلىقىڭنى ئاڭلاپ، سەندىن ئەھۋالىڭنى ئېنىقراقمۇ سورىماي، بىر ھەپتىنىڭ ياقى دادامنىڭ چۈشۈمدىن چىقمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ،تېلېفوندا ساڭا بىر مۇنچە كۆز يېشى قىلىپ بېرىپتىمەن، سەن ماڭا تەسەللى بېرىش بىلەن بىرگە، دادامنىڭ روھىغا ئاتاپ، دۇئا قىلىپ تۇرۇشۇمنى تەكىتلىدىڭ، سەن بىلەن خوشلىشىپ تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلدىم ئانا! سەن «ۋايجان!»لاپ ياتقان مۇشۇ پەيتلەردىمۇ، ساڭا كۆز يېشى قىلىپ  
ئاغرىۋاتقان يېرىڭگە يەنە بىر يۈرەك ئاغرىقى ھەدىيە قىلغىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن. «كەچۈرگىن» دەپ ياكى «ئانا بارايمۇ؟» دەپ سوراپ باقمىغانلىقىمنى ئويلاپ تۇرۇپكىنى تۇتقان قوللىرىم يىنىك تىترىدى، سېنى سېغىنغان يۈرىكۈم رېتىمسىز سوقتى...
نۇرغۇن سوئاللارنى تىزىپ بولۇپ، خاتىرەمنىڭ قۇرلىرىغا سەپ - سالدىم. سېنىڭ مۈكچەيگەن گەۋدەڭ، قېرىلىقنىڭ سانسىز ئىزلىرىغا تولغان چىرايىڭ يادىمغا كېلىشى بىلەن مېنى غىرىپلىق باستى، قانچە قېتىملاپ «يىغلىمايمەن» دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن بولغۇيدۇم، ئەمما كۆزلىرىم چىڭقالدى...
ئانا، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەن ساق -  سالامەت بولغاچقا ، مەن خاتىرجەم يۈرگەن ئىكەنمەن. بىراق بۈگۈن سېنىڭ ئاغرىقتىن قورۇلغان چىرايىڭغا ئۈمىد كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئاكام، ھەدەمنىڭ «ئاشۇ ئاغرىقلارنى بىزگە بەرسىچۇ!» دېگەن نىداسى، سىڭلىمنىڭ ئېسەدەپ يىغلاشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ مېنى بىئارام قىلدى. ئانا، بالىلىق قەرزىم بىلەن چىدىمايۋاتىمەن! سېنىڭ مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىڭنى ھېس قىلىۋاتىمەن، مۇشۇنداق چاغدا يېنىڭدا تۇرۇپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن  
ئەجەپمۇ ئۆكۈندۈم، ئانا!
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ساڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتقانلىقىمنى ئويلىسام، ئۆزۈمنى «بەكمۇ باغرى تاش» دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى بۇ تاڭنى قانداقمۇ ئەتىگە ئۇلارمەن، قاچانمۇ « ئانامنى يوقلاپ ماڭدىم» دەپ سومكامنى دولامغا ئارتىپلا ماڭالارمەن. تۇيۇقسىز دادام تۈگەپ كېتىشتىن  ئىككى كۈن بۇرۇنقى  يولغا چىققان ھالىتىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ، تاڭ ئاتقۇچە دادام بىلەن مۇشۇنداق خىيالىمدا سۆزلىشىپ، ئاپتوبۇسنىڭ تۆت چاقلىق ئەمەس، تۆت قاناتلىق بولۇپ قېلىشىنى تىلىگەن ئىدىم، ئەنە ئاشۇ كۈنمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك ئەجەپمۇ تەستە ئۆتكەن ئىدى...



باھاردىكى سېغىنىش


بىزنىڭ ھويلىدا ئالىمىلار چېچەكلەيدۇ، دادام تىككەن قاراياغاچتىن پورەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. دادام چارۋىچى، ئىدى دەپ قويىمەن مېنى مەلەمدىكىلەر تونىماي قالغاندا ئانام كالا ساغسا موزاي تۇتۇپ بەرگەنلىكىمنى ئەسلەپ تۇرۇپ. بالا ۋاقتىمدا پۆرەككە ئامراق ئىدىم. دادامنىڭ تاغدەك بەستى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمچە ئېسىلىپ تۇرۇپ يەيتتىم پورەكنى ئەتىيازنىڭ ماڭا بەرگەن مېۋىسى دەپ.
بۇ شەھەردە غېرىبلىقنىڭ سېغىنىش ئاتلىق قاتتىق قۇرۇتى يەۋاتىدۇ ئىچىمنى پورەكتەك سېرىپ. بالىلىقىم كېتىپ قاپتۇ، كېتىپ قالغاندەك دادام خوش دېمەي. خوش دېيەلمىدىم، ئانام خىيالىمنىڭ قونداقلىرىدا قارلىغاچ بولۇپ سايراپ تۇرىدۇ. تاغلار يەنە كۆكىرىدۇ. ئاكام ئاتقا قامچا ئۇرىدۇ، كالىغا تامغا باسىدۇ. بىراق  مېنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمدا كالا مۆرىمەيدۇ، ئات كىشنىمەيدۇ. ماشىنا ئاۋازى بىلەن لىق تولغان كوچىلاردا مېنىڭ غېرىبلىقىم دادامنىڭ ئېتى بولۇپ، ئاكامنىڭ پۇتى بولۇپ تېنەپ يۈرىدۇ. مېنى بۇ شەھەردە ھېچكىم تونىمايدۇ، مەن بۇ شەھەردە ھەممىنى تونىغان بىلەن. غېرىبلىق دېگەن دەل مۇشۇ. غېرىبلىق دېگەن ئادەملەر ئارىسىدا يالغۇز قېلىشتۇر. يۈر شەھەر بىللە كېتەيلى. غېرىبلىق بولمىغان خىيالىمىزدىكى دۇنياغا.

ئـۇ

ئۇنىڭدا دادامنىڭ جاھىللىقى، ئانامنىڭ مۇلايىملىقى، مومامنىڭ قەيسەرلىكى، بوۋامنىڭ تەندۇرۇسلىقى بار. ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى دادامنىڭ قېنى، بىراق، ئۇنىڭ چىرايى، مېڭىشى، دادامغا ھېچ ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماڭا بىرەر قېتىم ۋارقىراپمۇ، ھەتتا ئالىيىپمۇ باقمىغان. ئۇ ماڭا ئۆيدە ماي، ئۇن، نان، ئوتۇن تۈگكىنىنى دەپ تۇرىدۇ، ھەتتا كالىسى موزايلاپ، قويى قوزىلىسىمۇ دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ، خۇددى مەن ئۇنىڭ بارلىقىدەك. ئۇ بەك ساددا، لېكىن ئۇنى ھەممە ئادەم ھەتتا مەنمۇ ماختايمەن. چۈنكى، دادامنىڭكىدەك غۇرۇر ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن يۇغۇرلۇپ، ئۇنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن.
ئۇنى ھەممىمىز بەخت نۇرىمىز، باغرىمىز، بارلىقىمىز، يۆلەنچۈك تېغىمىز دەيمىز. ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرى دەپ بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز. دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى دادا ، يەڭگەمنى ئانىمىز بولسىمۇ ئىككىنچى ئانىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە ، ئەتىمىزگە ئىگە بولىدىغان يۆلەنچۈكىمىز دەيمىز. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى بېشىدىكى قالمىغان چېچىدىن تولا، ئۇنىڭ ھەربىر قەدەم ئېلىشلىرىغا ئانامنى، بىز بەش قىزنى رازى قىلىش سىڭىپ كەتكەن. ئۇ ئەنە ئاشۇنداق ئاكا، بىز بەزىدە « ئاكام دادامنىڭ پۇقىنى دورىمىدى» دەيمىز ، ئانام «بالامغا ئىنساب بەرگەن ئاللاغا رەھمەت » دەيدۇ. بىز ئانامنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈشكە، دادام كۆرسىتەلمىگەن راھەتنى كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. مەن ئاكامنى ياخشى كۆرىمەن. سورىغانلارغا «بۇ دۇنيادا بىر ئاكام بار» دەپ تولدۇرۇپ ئېيتىمەن. ئۇ مېنى ئەڭ باي، ساغلام ھەم ئەقىللىق دەپ بىلىدۇ. مەن خوشال،
  مېنىڭ تۆۋرىكىم بولغانلىقىدىن،بۇ تۆۋرۈكۈمنىڭ مەندىن خاتىرجەم بولغانلىقىدىن مەن خوشال.
سىڭلىم ئۆزىنىڭ بىر تال  
ئاكىسىغا يۆلەنگۈسى، دادامنىڭ يوقلىقىنى كۆڭلىگە بىلىندۈرمەي ئۆتكۈسى بار، مەنمۇ ھەم شۇ. ئاكاممۇ بىزگە ئۆچ ئەمەس. سىڭلىمنىڭ ئاكامغا ئىچى كۆيىدۇ، ئۇنىڭ ئايىقىنى سۈرتۈپ ھارمايدۇ، كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنى قولىدا تازا ئۇۋۇلاپ پاكىز يۇيۇپ بېرىدۇ، ئاكامنىڭ بالىلىرىنى دۈمبىسىدىن چۈشۈرمەيدۇ. يەڭگەمنى ئۆزۈمنىڭ شەخسى ھەدىسى دەپ ئەركىلەيدۇ، بۇ ئىشلارغا مانا بەش يىل بولدى، يەنە شۇنداق داۋاملىشىۋاتىدۇ ھەم داۋاملاشماقتا. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۆگىسىدە ئاشۇنداق قۇياش پارلايدۇ. قۇياش نۇرى ئاكامنىڭ لېۋىدە ئوينايدۇ.
ئىككى ھەدەم بىلەن بىر سىڭلىمنىڭ بوسۇغۇسى باشقا بولغاچقا، ئۇلار يولدىشىدىن، بالىلىرىدىن خوشاللىق ئىزدەيدۇ، چوڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتسىلا خاپىلىقنى ئۇنتۇيدۇ. بىز ئانامنى تەسەللىگە كۆمۈپ تۇرۇپ،  پېشىمىزنى قېقىپ چىقىپ يات بىر شەھەردە ئاشۇ شەھەرلىك بولۇپ قېلىشقا تىرىشىپ، پار قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ، ئانامنىڭ يېنىدا قالغان ئاكامنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەپ مۇڭغا چۆكىمىز. يەنە شۇنداق «ئاكام يەر تېرىپ جاپا تارتىۋاتىدۇ، قانداق قىلساق ئاكامنى يەر تېرىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ باشقىلاردەك ماشىنىنىڭ رولىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويارمىز» دەپ خىيال قىلىمىز. خىياللىرىمىز بىزگە  قاراپ كۈلۈپ قالىدۇ. شۇ تاپتا ئۇ نېمىلەرنى ئويلاپ ئولتۇرىدىكىن؟



ئالتە تۈپ دەرەخ


(1)

مەن بەش  ياش ۋاقتىمدا، دادام قولىدىكى بىر - بىرىدىن ئۇششاق كۆچەتلەرگە ئورەك كولىغاندا،  كۆچەتلەرگە قاراپ «بىز تەڭ چوڭ بولايلىمۇ؟» دەپ پىچىرلاپ باققان ئىدىم. بىراق يەنە 25 يىلدىن كېيىن،  بۇ كۆچەتلەرنىڭ غوللىرىدا بىر كىملەرنىڭ ئۆي سېلىشنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.
شۇنداق،25 يىل ئۆتتى، كۆچەتلەر دەرەخ بولدى،  ئۆيگە چەنزە بولدى، لىم بولدى. خېرىدارلار  « دەرەخلىرىڭنىڭ غولى لىم، ئۇچى چەنزە بولۇپتۇ،سەن سالمىساڭ ئۆيگە، بىزگە سېتىپ پۇل قىلىۋال، تىلىپ - تىلىپ ئۆيلەرگە تاختاي قىلىپ سىرلايلى، كېسەك يۇيۇپ ھېرىپ كەتتى ئاياللىرىمىز،سېتىپ بەرگىن، سانى قانچە، پۇلى قانچە... ؟! » دېيىشىپ ئۆيگە كىرگىنىدە،  ئاكام ئۇلارغا قاراپ،«دادام دوختۇرخانىدا تۇرۇپ ساتمىغان يېرىنى، كالىسىنى، ئېتىنى، ھەتتا ئاشۇ دەرەخلىرىنى. مەن نېمەمگە نېمە يەتمەي ساتقۇدەكمەن ئۇ تەۋەرۈك دەرەخلەرنى...ساتالمايمەن ھەم ساتمايمەن...» دەپ قايناپ كېتىدۇ.  

ئانام ئاشۇ دەرەخلەرگە سەگۈنچۈك سېلىپ نەۋرىلىرىگە چۆچەك ئېيتىپ بېرىپ باققان، ئۇلارنى ئۇخلاتماقچى بولۇپ ئەللەي ناخشىلىرىنى تالاي ئېيتقان، دادام ئىككىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا قۇيغان، شاخلىرى ئۇسۇل ئوينىسا،يوپۇرماقلىرى تىنىمسىز چاۋاك چالغان، ئۇسۇلغا تەڭكەش بۇ ھېكايىلەر تولىمۇ مۇڭلۇق ۋە تەسىرلىك، ئاڭلا،« بىز تۇنۇشقان كوچىدىلا... بوۋاڭلار ساقاللىق ئېگىز ئادەم ئىدى. قاچانلا قارىسا بىر قارا ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ چېپىپ يۈرەتتى... » ئانام تۇيۇقسىز جىمىپ قالىدۇ، نەۋىرلەرنىڭ ئىككىنچىسى، ئاكامنىڭ  8 ياشلىق ئوغلى «بوۋام ئۇ ئاتنى مېنىپ تاققا كەتتىمۇ؟!  بىز يوقلايدىغان ھېلىقى جۈجەم بار توپا ئاستىدا كىم بار؟! » دەپ ئانامنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ تۇرۇپ سوئال سورايدۇ.  كېلەر قېتىم «تۇپراق بېشىغا چىققاندا، قارا ئېتىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ باقمىسام» دەيدۇ ئانامدىن جاۋاب ئالالمىغان بالا. ئانام ئۈنسىز ئولتۇرۇپ دەرەخلەرگە تېكىلىدۇ، گىرەلىشىپ كەتكەن دەرەخلەردىن 30 يىللىق قەدىنىسىنى سوراپ قويىدۇ. بۇ دەرەخلەرمۇ خۇددى ئاشۇ قەدىناسى سىياق بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك...

(2)

بۈگۈن ئانامدىن تېلىفون كەلدى...
ئاكام شۇنچە يىل ساتمىغان ئالتە تۈپ دەرەخنىڭ بەشىنى بۈگۈن سېتىۋىتىپتۇدەك، دەرەخلەرگە ئېيتقان ناخشىمىزنى، ئەسلىمىزمىزنى قوشۇپقىنە سېتىۋېتىپتۇدەك.
كۆزلىرى بۇلاقتەك مۆلدۈرلەپ تۇرغان يەتتە نەۋرىسى ئانامغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، سەگۈنچەكلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكىنىگە قاراپ يىغلىشىپتۇدەك، قامەتلىك دەرەخلەرنىڭ يىقىلىشىغا قاراپ ئاناممۇ مەڭدەپ قاپتۇدەك. تۈۋىدىن كېسىلگەن دەرەخلەرنىڭ پەقەت كۆتىكى قالغانمىش دىڭگاراپقىنە.  ئاكام پۇشايمان يىمەپدۇ، سىڭلىسىنىڭ  دۆۋە- دۆۋە ئارمانلىرىنى جىسمىغا كۆمۈۋەتكەن بۇ دەرەخلەرنى ئۈنسىز ئىزدىشىنى تېخىمۇ ئېسىگە ئالماپتۇ. بۇ دەرەخلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى پۇتىغان دادامنىڭ قولىنى قەلەمتىراش كەسكەندە، ئاغرىقنىڭ دەردىنى بىر يىل، ئىككى، ھەتتا ئۈچ يىل تارتىپ تۇرسىمۇ، « كۆكلىسۇن، بوي تارتسۇن، بالىلارغا ئەس، ھويلىمىزغا سىن  
قاتسۇن!» دېگەنلىرى يادىغا يەتمىدىمىكىنە! ھايات شۇنچىلىكلىمۇ؟ ئۆلۈپ تۈگىگەنلەرنى ئەسلەيمىز، ياش تۆكىمىز پەقەت قولىمىزدىن شۇ ئىشلا كېلىدۇ،شۇنداقمۇ؟
ئاكام يىقىلغان دەرەخلەرنى تۇتۇپ ئۇزۇن سىلاپ كېتىپتۇدەك. بىراق، ھەر بىر تۈپ دەرەخنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇنۇپ، گۈپۈلدەپ يىقىلغاندا ئاكامنىڭ يۈرىكىمۇ بىر قېتىمدىن سېلىكىندىمىكىن؟ ئاشۇ ھەر بىر تۈپ دەرەخنى دەرەخ سېتىۋالغۇچى ئېلىپ چىقىپ ماشىنىسىغا بېسىۋاتقىنىدا، باغ تەرەپتە يىگانە قالغان بىر تۈپ دەرەخ كۆز يېشى قىلدى چوقۇم، ئۇ ئۆزى بىلەن  
تەڭلا تىكىلگەن ئاشۇ جۈپلىرىدىن ئايرىلغىنىغا چىدىماي ياش تۆككەندۇ ھەر قاچان؟! ھويلىمىز ھازىدار بولغانمىدۇ؟ ئانام نېمىلەرنى ئويلىدىكىن؟
ياغاچ ئالغۇچى دەرەخلەرنى ئېلىپ كەتكەندە ئاكام، ئانامنى چاقىرىپ  
ئۆز ھالىنى ئېيتىپتۇدەك. « ئانا، ئاشۇ بىر تۈپ دەرەخنى بولسىمۇ ساقلاپ قالدىم، بۇ دادامنىڭ باققا تىككەن دەرەخلىرىنىڭ ئۇرۇقلۇقى. ئۇنى كېسىشكە كۆزۈم قىيمىدى، ئۇنى دادامنىڭ يىراقتىكى قىزىغا قالدۇرۇپ قويدۇم. كۆزىمىزدە شۇلاردەك كۆكۈرۈپ تۇرسۇن دېدىم...» . ئانام شۇ سۆزلەرنى ئېيتقىدا ئاۋالىرى تىتىرەپ كەتتى، ئۇ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقان يىغىلىرىدا دادامنىڭ ئاشۇ ئالتە تۈپ دەرەخنىڭ قەلەمچىسىنى كېسىمەن دەپ قولىنى تۇنجى تىلغان پىچاقنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتماق بولۇۋاتىدۇ.
دادام ئۇ دۇنياغا كەتكىچە، بۇ دەرەخلەرنى ئۆزىدەك بەستلىك قىلغۇچە، شاخ پۇتايمەن دەپ قولىغا نۇرغۇن قېتىم پىچاق يىگەن ئىكەن. دەرەخ بىلەن دادام ھەققىدىكى بۇ ھېكايەتنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ئىسسىقىدە ياش ئالدىم. ئانامغا، «ئانا، دەرەخلەر كېسىلىپ كېتىپتۇ، سىلەر تىككەن ئۇ دەرەخلەر بىر كىملەرگە ئۆي بولغىلى كېتىپتۇ. ئەمدى ئامال يوق» دېدىم ئۆزۈمگە پىچىرلاپ تۇرۇپ، ئانام پىچىرلىشىمنى ئاڭلىمىدى. ئەمما پىچىرلاشلىرىم يا بىر تۈگىمەيدۇ. كۆز ئالدىمدىكى دادامنىڭ قولىنى تېڭىۋىلىپ دەرەخلەرنى پۇتاۋاتقان ھالىتى، ئاستىغا سەگەنچۈك سېلىپ ئويناۋاتقان بىر توپ بالا، چۆچەك ئېيتىپ ئولتۇرغان ئاق لېچەكلىك ئانا، ئۇلارنىڭ ئاۋازىعا سىڭگەن عىرىبلىقىم  ... مېنى يورۇتۇپ كېتىپ بارىدۇ... «ئەلۋىدا مېنىڭ قۇرداش دەرەخلىرىم !» دېگەچ تېلېفوننى ئاستا قويۇپ قويدۇم.

غېرىبلىقتىكى سېغىنىش

توپىلار سۆيگەن سەھرادىن سېنى ئىزدەپ ئەمەس، ئۇنى دەپمۇ ئەمەس، پەقەت «كېتىش» دېگەن بۇ سۆزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن كەتتىم.
ئانام قالدى يىغىسى بىلەن ئاپپاق تاڭلارنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ، كېچىدە يالغۇز قالسا قورقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ. ئاكام قالدى قوتاندىكى قويلىرىنى ساناشنى بالىلىرىغا ئۆگىتىپ. كېلەر يىلى كەلسەڭ « ساڭا ئاتاپ بىر قارا پاخلان بېرىمەن، ئۇ سەندىن ئالغان قەرزىلىرىم ھېسابىدا بولىدۇ» دەيتتى ئاكام كۈلۈپ.
ھەدەم دەيتتى « ئەمدى قاچان كېلەرسىىز؟ قاچان يەنە باھار كېلىدۇ، جاھان قاچان چېچەككە تولىدۇ؟! قاچان يوللاردا لىق توپا ئاقىدۇ؟!» كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ...
« ھويلىدىكى دادام تېككەن بۇ ئالما كۆچەتلىرى چېچەككە لىق تولسا، ئالما شاخلىرىنىڭ ئاستىغا چايخانا قۇرۇپ قويسام» دەيدۇ يەڭگەم شېخى شالاڭداپ كەتكەن ئالما دەرىخىكە تېكىلىپ تۇرۇپ.
مەن ئۆيدىن چىقتىم. ئارمانلىرىمغا ئانام ياش تۆكتى، ئاكام ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دادام ماڭا ئاتىغان دەرەخكە قاراپ تۇرۇپ خىيالغا كەتتى. قار تۆكۈلمەكتە. كوچا سۈكۈتتە، چوڭ دادام
  ماڭا خوش دەپ قول پۇلاڭلاتتى، «نېمانداق قىزسەن، كېلىسەن كېتىسەن، ئايىقىڭ ئاستىدا كاڭكى بارمۇ سېنىڭ؟!» « چوڭ دادامنىڭ ئۆمرى دادامغا ئوخشىمىدى،شۈكرى!» دەيمەن ئىچىمدە ئۇنىڭغا خوش دەپ تۇرۇپ. ھەر ۋاقىت كېتىشىم بار كېلىشىممۇ ھەم، ئۇزۇتۇش بار، 13 يىل پىشانەمگە يازمىغان ماڭا بىر يەردە تۇرۇپ قېلىشنى...
مانا باھار كەلدى، توپىلار ئۇچتى، ئالما دەرەخلىرىنى چېچەك باستى. ئېرىقلاردا سۇلار ئېقىۋاتىدۇ. مېنىڭ كۆز يېشىمغا چېلانغان پۇشايمانلىرىم بۇيۇن قېسىپ ئەمدى قىشنى ساقلاۋاتىدۇ.  يەنە كىملەرگىدۇر ئەتە، ئۆگۈن، بىر ئايدىن كېيىن، كۈزدە، قىشتا، قار ياققان كۈندە... دەپ ۋەدىلەرنى بېرىپ يالغانچى بولۇپ ئۆتۈۋاتىدۇ كۈنلەر. بۇ تەنھالىققا يېزىۋەتكەن يېزامنى تاشلاپ كېتىش تەس كېلىۋاتىدۇ ماڭا. قولۇمدىن تېخى كەلمەيدۇ تەنھالىقنى قەبرەم ئالدىغا تاشلاپ قېچىشقا...

بىر ئىستاكان قەھۋە

بىر ئىستاكان قەھۋە قەلبىمگە قۇيۇلار بىر دانە چوغدەك. مەن ئەنە شۇ چوغ ئىچىدە تاۋلىنىمەن. چۈنكى مەن قەھۋەنىڭ رەڭگىدىكى تۇرمۇش رەڭلىرىدە بويىلىمەن. يازنىڭ باغرىدا ئولتۇرۇپ كۈزنىڭ رەڭگىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىز قىلىمەن. خىيالىما بىر ئىستاكان قەھۋە... ئۇ سېنى ئەسلىتىدۇ. ئارقىدىنلا ماروژنىنى خىيال قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن قەلبىمدە پارلاپ قالىدۇ يېڭىچە ئۈمىد.
بىر ئىستاكان قەھۋەدە لەۋلىرىم كۆيىدۇ، لەۋلىرىمدە
  كۈلۈپ تۇرىدۇ سېنىڭ تونۇش ئىسمىڭ. بىراق ياز ئايلىرىدىكى  بىر ئىستاكان قەھۋەدە  ئۇنتۇدۇم ھەممىنى، ئۇنتۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئەسلىمىلەرنى ساڭا قوشۇپ.
قەھۋە ئىچىۋاتىمەن، يامغۇر سۈيىگە خىيالىمنى چىلاپ قويۇپ. شۇنداق، تالاي قېتىم قەھۋە ئىچكىنىم يادىمدا. بىراق ھىس قىلمىغان ئىدىم قەھۋەگە قوشۇپ سېنى ئۇنتۇشنى. ئەپسۇسكى، ئىككىنچى قېتىم  قەھۋە ئىچكەندە سېنى يەنە  ئەسلەپ قالىمەن - دە، خىيالىمدىكى سېنى قەھۋەگە قوشۇپ ئىچىۋەتسەم دەيمەن تاتلىق خىيال سۈرۈپ. شۇنداق، مەن قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرۇپ بىر قەلىبنىڭ ھېكايىسىنى توختىماي يازىمەن. بۇ ھېكايىدە بىر يۈرەكنىڭ كۆز يىشى بار، بىر روھىنىڭ ئەلەملىك پىچىرلاشلىرى بار.

تەنھالىق تۇيغۇلىرى



(1)

كۈتۈش ـــ ساڭا ئەھمىيەتسىز بىلىنگەن ئاشۇ مىنۇتلاردا سېنىڭ ماڭا خوش دېمەيلا كېتىپ قالغانلىقىڭىدىن ماڭا قالغان بىشارەتتۇر. ئەمما مەن كۈتۈش ئۈچۈن يارالغان بۇ كۆزلىرىمنى ساڭا بېغىشلاشتىن ئاۋال كۈتۈشنىڭ ئەڭ ئېغىر سىناقلىرىدا ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈشگە مەجبۇرمەن.
شۇنداق، سېنىڭ ماڭا تونۇش ئاۋازىڭنىڭ سېھرىدىن مەن كۈتۈشنىڭ ئەڭ قانائەتچان تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىنىم راست. بىراق، سېنىڭ ئاشۇ جاراڭلىق  ئاۋازىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمدا ئاۋازىڭنىڭ يىراق بوشلۇقلىرىدا بىھۇشلارچە لەيلەپ قالغىنىم مېنىڭ گۇناھىممۇ؟!  سېنىڭ مېنىڭ بوستانىمغا قاچان كېلىدىغانلىقىڭ نامەلۇم تۇرۇپ سېنى كۈتكىمنى ئېھتىمال سەن بىلمەيسەن. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرىۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى، مېنىڭ ساڭا باغلانغان تۇيغۇمدۇر.

(2)

مېنى كۈتمە!...
مېنىڭ سېنى بىر ئۆمۈر كۈتەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيسەن. شۇڭا، سەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈش ئارلىقىنىڭ بىر ـ بىرىگە تولىمۇ يېقىنلىقىنى ھېس قىلالمايسەن. سەن پەقەت ئىككىمىزنىڭ گۈللىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق خازان بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۈتۈشنىڭ ئەھمىيەتسىز جەريان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىسەن. بىراق، سەن مېنىڭ قەلبىمدىن تۆكۈلگەن مۇشۇ قۇرلارنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا يەنىلا « مېنى كۈتمە!... » دېيەلەمسەن؟


(3)
سەھەردىكى شامال ئاۋازىمدىكى خۇش ھىدنى ساڭا يەتكۈزگەن پەيتلەردە مەن سېنىڭ مېھىرلىك قوللىرىڭغا سۆيۈپ تۇرۇپ سەھەردىكى باھارنى تەبرىكلىدىم. چۈنكى، سەھەردىكى باھار ئىككىمىزنىڭ روھىي گۈلىستانىدىكى ئاق نۇر ئەمەسمۇ؟!



يامغۇردىكى كۈتۈش


(1)





سىم سىم يامغۇر باش ئۈستۈمدە ئۇسۇل ئوينىماقتا. يامغۇر سۈيىدە يۇيۇنغان پويىزنىڭ يىراقتىن گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئۇنىڭ سوزۇلۇپ چىققان ئاۋازىدىن ئۆزەمگە قايتىشنى ئويلاۋاتىمەن. يۈرىكىمگە ئاللىقاچان سىڭىشكە باشلىغان تۇيغۇلۇرۇم مېنى قۇچاقلاپ پويىزغا تىكىلمەكتە.
شۇنداق، سەن مېنىڭ يۈرىكىمدە پويىزنىڭ ئۇزۇنلىقىدەك ئۇزۇن ياي شەكىللىك تاتۇقنى قالدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەنىدىڭ. بۇ تاتۇق سېنى ئۇزاتقاندىن ئاشۇ خاسىيەتلىك كۈندىن بېرى بارغانچە قېنىقلاشماقتا، بارغانچە يۈرۈكۈمگە ئۇرۇلماقتا. مەن ئاسمانغا قارىدىم. ئاسماندا يامغۇرلار ئۇسۇل ئوينىماقتا ئىدى. يامغۇر ئىچىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن سېنىڭ ئىسمىڭ مېنىڭ چاچلىرىمغا يۆگىشىپ تۇراتتى...

(2)



پويىز يەنە بىر قېتىم گۈدۈك چالدى. ئەتراپىمدىكى پويىزنى كۈتۈش ئۈچۈن چىققان ۋاقىت دولقۇنى تولىمۇ ئالدىراش. ھەممە ئاشۇ پويىزنى كۈتمەكتە. مەن پويىزدىن بىرسىنىڭ چۈشىشىنى، يامغۇر بولۇپ مەڭزىمنى سىيلىشىنى كۈتمەكتىمەن. كۈتۈش ماڭا يەنە بىر قېتىملىق كۈتۈشنى ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلماقتا.
پويىزغا چىقىۋاتقان ئادەملەر ئىچىدە مەن بار ئىدىم. خۇددى ئاشۇ پويىزغا چىقساملا ھەممىنى ئۇنتۇيدىغاندەك. مەن تالاي رەت مانا مۇشۇنداق تۇيغۇدا پويىزغا چىققان، چۈشكەن. ئاشۇ چاغلاردىمۇ يۈرىكىمدىكى پويىزدەك تارتۇق ماڭا پەقەت ئەسلىمە سۈپىتىدە جۇلالىنىپ يۈرىكىمنى بۈگۈنكىدەك تىلغىغان ئىدىغۇ؟! يەنە نېمە ئۈچۈن سېنى كۈتىمەن. ئېھتىمال مېنىڭ ساددا تۇيغۇلىرىم باھارنىڭ قايتا ـ قايتا كېلىدىغانلىقىغا شەكسىز چىن پۈتسە كېرەك.
(3)

چاچلىرىمدا يۇمۇلاق ـ يۇمۇلاق يامغۇر. يامغۇر سۈزۈك قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىيلىماقتا. يامغۇرنىڭ مەغرۇر ناخشىسى ئاياغلاشقىلى خېلى بولدى. مەن پويىزدا كېتىۋاتىمەن. ئەمدى مەڭزىمدىكى يامغۇر تامچىلىرى كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ بويۇنلىرىمغا ئاقماقتا. مەن كىم ئۈچۈن تۆكۈلۈۋاتىمەن. سەن ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزەمنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈنمۇ، بىلمىدىم. ئەگەر بىلگەن بولسام، پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازىغا قېتىلىپ سېنىڭ قۇلاق تۈۋىڭگە يىقىلماستىم، دەپ ئويلايمەن جىمجىت ئولتۇرۇپ ئازاپ ئىچىدە.
تاڭ سەھەر. مەڭزىمدىكى ياش دەرياسى ئېقىشتىن توختىدى. كۆزلىرىمگە چاقىرىلمىغان مېھمان سۈپىتىدە كەلگەن ياشلار قارچۇقۇمدا سىڭمەكتە. سىرتقا قارىدىم. ئەمدى قۇياشنىڭ ئالتۇنرەڭ نۇرلىرى زېمىن ئۈستىگە ياغماقتا ئىدى.
(4)

پويىز كېتىپ بارىدۇ. گۈدۈك ئاۋازى ئەتراپىمدا چوقان سالىدۇ. قەلبىمدە غەليان كۆتۈرگەن سېغىنىش مېنى بارغانچە جۈرئەتسىز قىلىپ كۆرسەتمەكتە. يامغۇر چاچلىرىمغا تامام سىڭىپ بولغان بولۇپ،  چاچلىرىمدىكى يامغۇرنىڭ پۇراقلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلماقتا. پويىز توختىدى. مەن ئولتۇرغان بۇ پويىز سەن ئولتۇرغان ھېلىقى پويىزنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. ئەمما پويىزنىڭ  گۈدۈك ئاۋازى مەندىن ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ...


(5)

مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان يۇلتۇزلارنى ساناۋاتىمەن. مەندىن يىراقلاشقا باشلىغىنى ئۆزۈمنىڭ قەلبىگە چۆككەن ئۆزەمنىڭ مۇھەببەتلىك تەقدىرى.
ئەمدىچۇ؟ ماڭا قالغىنى سېنىڭ سېغىنىش ئوتلىرىڭ بولدى. قەلبىم زارلىنىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتلاردا پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازىدىن باشقا ھىچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغۇسى يوق. بايا باش ئۈستۈمدە لەيلەۋاتقان شاماللار نازۇك ئاۋازدا ناخشا ئېيتماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۈرىكىم ئىككىگە بۆلۈندى. مەن قولۇمنى يۈرىكىمگە قويدۇم. خۇددى ئىككى يۈرەكنى بىر قول بىلەن تۇتقاندەك.

ئۆزۈمدىن يىراقلاپ كەتتىم


مەجنۇنتاللار باش ئۈستۈمدە ئاستا چايقىلىۋاتقاندا يۈرىكىمدە تۇيۇقسىز ئۇزاۋاتقان ئارمانلىرىمنى كۆرۈپ قالدىم، كۆل سۈيىگە قارىدىم، ئۇ داۋالغۇپ تۇرۇپ ئۆز مەردانىلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. مېنىڭمۇ قەلبىم ئۈنسىز داۋالغۇپ قالغان بۇ چاغدا ئۆز مەردانىلىقىنى پەقەت ئۆزۈمگە سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرمەكچىدەك ئاستا قەلىمىمگە قىيپاشلىدى.
مەن نېمىلەرنى كۈتكەن ئىدىم،  
بەلكىم كۈتۈشكە ئەمدى خاتىمە يېزىشىم كېرەكتۇ؟! ماڭا بەخشەندە بولغان تۇيغۇلىرىمدا ئۇيۇلۇشنى ھېچ بىلمىدىم.
خاتىرجەملىك بىر كېچىدە يۈرىكىمگە ئۈندۈرمە بولدى. شۇندىن بېرى تەنھالىق باياۋىنىغا ئېگىلىپ قاراپ باقمىدىم. ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۆز  مەيلىمگە قۇيۇپ بېرىپ باقتىم. ياق، جىممىدە سۈكۈتۈم ئارقىلىق ھەممىنى ئاشۇ بىر كېچىدىكىدەك ئۇنتىماقچى ئىدىم. بىراق سېنىڭ ماڭا بولغان چەكسىز مېھرىبانلىقىڭ  مېنى كىچىك بالىغا ئايلاندۇرالىدى. غېمىمنى يەيدىغان، مېنى ئۆزىدىن ئارتۇقراق ئاسرايدىغانلارغا ھەيران قالدىم. مەن كىملەرگە شۇنداق ھوقۇق بەرگەن. كىملەردىن شۇنداق ھوقۇق ئالغان، بۇنى ئۆزۈم ھېس قىلالمىدىم. بەلكىم مەڭگۈ مېنىڭ تۇيۇنمايدىغان قەلبىم ھېس قىلىشنى ئۆزىدىن بەكمۇ ئېگىز بىر يەرگە چۆرىۋەتكەندۇ؟!  

باش ئۈستۈمدە ئاستا – ئاستا ئۆز گۈزەللىكى بىلەن يېيىلىپ چايقىلىۋاتقان مەجنۇنتاللاردىن سوئال كۈتتۈم. «مېنىڭ كۈتكىنىم مۇشۇنداق خاتىرجەملىكمۇ؟!» سوئال قورۇق پېتى مېنىڭ خاتىرجەملىك باسقان يۈرىكىمگە چۈشتى. مەن ئەندىكتىم. ئۆزۈمنىڭ كۈتكىنىمنىڭ بۇ ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۆز - ئۆزۈمگە يالغان سۆزلەش ئۈچۈن ئۆزۈمدىن ئۇزاپ كەتتىم.

ئاشۇ تاڭنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!


مەن تاڭلارنىڭ ساپلىقىنى ساڭا سۇنغانتىم، سەن بىلەن بىرگە تاڭنىڭ سۈزۈك ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ گۈزەل بولغان بىر كۈننى خاتىرەمگە يايغانىدىم.
مانا ھەر تاڭلار ئېتىۋاتىدۇ، ھەر كېچىلەر ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەر كۈتۈشلەر سېقىلىپ ئاستا، مېنى تاشلاپ قېچىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۈمىد بىلەن تاڭلارغا يېزىلغان ھېكايىلاردىن ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىۋاتىمەن. ئېسەنگىرىگەن بۇ كېچىلەرنى جىمجىتقىنە ئۆز يۈرىكىمگە تىنىۋاتىمەن.
سەن كەلمىدىڭ، مەن بارمىدىم، ياكى تەقدىر ئىككىمىزنى ئۇچراشتۇرمىدى. مەن ئولتۇردۇم، سەن ماڭدىڭ. بەلكىم ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ مېڭىشىپ باقمىغان بولغۇيدۇقمۇ؟!
سەن «تاڭ ئېتىۋەرسۇن، قوياش چىقىۋەرسۇن. ئاي تولىۋەرسۇن. يۇلتۇز جىمىرلارپ يۈرەككە ئارمان يېزىۋەرسۇن» دەپ نالا قىلغانمىدىڭ ؟! مەن سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن جاراڭلىق بۇ سۆزلەرنى تەكرارلاپ باققان بولغۇيدۇممۇ ياكى تاڭلاردىكى كۈتۈشلىرىمنى يازغاندا تەقدىر بورانلىرى ئاڭلاپ قېلىپ قەھرى تۇتقان بولغۇيمىدى؟!
پىشانەمدىكى يول - يول سېزىقلارغا مۇجەسسەملەنگەن ئەقىدىدىن پۇرەكلىگەن گۈللەرنى سەن كۆرمەي ياكى پۇرالماي قالغانسەنمۇ؟!مەن ھازىر پەقەت ئاشۇ بىر تاڭدا سېنىڭ تاتلىق كۈلۈپ مېنى ئويغىنىتىشىڭنى سېغىنىپ قالدىم. سەن ئاشۇ تاڭنى سېغىنمىدىڭمۇ؟!



يىغلاۋاتىمەن يامغۇر بولۇپ

مەن يىغلاۋاتىمەن. دەرەخلەرگە چۈشكەن قار گۈلىنى قولۇمغا ئاۋايلاپ ئېلىپ، ئۇنىڭ مۇزدەك چوقانلىرىغا كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلارنى قوشىۋەتتىم. قار گۈلى ئىسسىق ئالقانلىرىمدا ئېرىشقا باشلاۋاتىدۇ. سېنىڭ باغرىمدا ئېقىۋاتقان ئاشۇ تۇنۇش سىمايىڭ مېنى قوچاقلاپ تۇرۇپ خوشلىشىۋاتىدۇ. قولۇمدىكى قار گۈللىرى تامام بىر تامچە سۇغا ئايلاندى. مەن قولۇمدىكى سۇنى يۈزلىرىمگە سۈرۈتتۈم. بۇ قار گۈلى خۇددى ئىككىمىزنىڭ ئەقىدىسىدەك ئالقىنىمدا ئېرىغاندى. سەن مېنىڭ مەڭزىمنى ئاشۇ ئالقانلىرىڭ بىلەن نەملىگەندەك ھاياجانلاندىم. شۇنداق، بىر كۈنلەردە سەن بىلەن بىرگە، توپ - توپ چۈشىۋاتقان قار گۈللىرىنى ئىسسىقىدە ئالقانلىرىمىز بىلەن بىر - بىرىمىزگە سوۋغا قىلىمىز. قار گۈللىرىدىن سوۋغا ئالىمىز. ئۇ چاغدا مېنىڭ كۆزلىرىمدە بەخت يېشى ئاقىدۇ. سەن لەۋلىرىڭدە بىزنىڭ تۈگىمەس قار گۈللىرىگە ئېيتقان ئاشۇ يالغۇزلۇقتىكى نىدالىرىمىزنى ئېيتىپ بېرىسەن. بىزگە ۋاقىتلىق ئاتا قىلغان يالغۇزلۇققا ئاشۇ تۇزلۇق ياشلىرىمىز بىلەن تاقابىل تۇرغانلىقىمىزدىن ئۇ كۈلىدۇ. كۈلكىسى ئىچىدە ئىككىمىز ئەڭ بەختلىك سېزىلىمىز.
مەن يىغلاۋاتىمەن. ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ مەن سېنىڭ كەڭ يەلكەڭگە بېشىمنى قۇيۇپ يىغلايمەن.  خوشاللىقىم مېنىڭ ياشلىرىم ئارقىلىق قار گۈللىرىگە تامچىلايدۇ. قار گۈللىرى ھاياجانلىنىپ يۈرىكىمگە قونىدۇ.



كۆپ چېكىت

مەن ئەزەلدىن كۆپ چېكىتكە ئامراق. ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. تۇنجى مەكتەپكە كىرىپ ساۋادىمنى چىقىرۋالغاندىن كېيىن، ساۋاقداشلار بىلەن قايسى تىنىش بەلگىسىگە ئامراقلىقىمىز توغرىسىدا تالاشقاندا. مەن«!؟» بىلەن «...»كە بەك ئامراقمەن دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. ھەم خاتىرەمگىمۇ شۇنداق يازغان. ئۇ چاغدا دادام بىلەن ئانام ياز كېلىشى بىلەن ئوقۇۋاتقان بىزلەرنى تاشلاپ تاققا چىقىپ كېتەتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سېغىنىشلىق ئازابلىرىغا چىدىماي دەپتەرلىرىمگە بىر خەتنىلا يېزىپ جىققىدە كۆپ چېكىت، كۆپ چېكىتنىڭ ئارقىسىدا ئۈندەشلىك سوئال قويۇپ قوياتتىم.  بۇ يىل ئوتتۇز ياشقا كىرگىلىۋاتىمەن، ھەربىر ئېغىز سۆزۈمنىڭ، خېتىمنىڭ ھەتتا باشقىلارغا بەرگەن جاۋابىمنىڭ ئارقىسىدا كۆپ چېكىت قويۇلغان. تۇرمۇش مۇساپەمنىڭ ئېگىز قىرلىرىدا كۆپ چېكىتنى تاشلىۋېتەي دېدىميۇ، يەنە تاشلىيالمىدىم.
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۆتكەنكى كۈننى، تۈنۈگىننى، بۈگۈننى، ئەتىنى، كېتىشنى، خوشاللىقنى، ئۇزۇتۇشىنى، كۈتۈشنى يېزىۋاتقىنىمدا، ھىجرانلىق قەلبىمدىن تۆكىلىۋاتقىنىنىڭ كۆپ چېكىت ئىكەنلىكىنى بىر ئۆزەملا بىلەلەيمەن. خالاس.
بەلكىم بۇ ئۆمرۈمدە نېمە ئۈچۈن مەن بۈگۈنىمنى خاتىرىلەپ تۇرۇپ يەنە كۆپ چېكىت بىلەن خوشلىشالمايمەن دەپ ئويلاپ قالارمەن. شۇنداق، بىرەر كىممۇ، مەندەك نۇرغۇن سۆزلەرنى يۈزەكىلا ئېيتالمىغىنىدا، كۆپ چېكىتكە ئامراق بولىدۇ. كېچە-كۈندۈزلەرنىڭ ئۇزۇنلىقىدا كۆپ چېكىتنى قۇيۇپ ماڭىدۇ.  
ھىجرانلىق تىۋىشلىرىغا بىرەر كىم قۇلاق سالمىغىنىدا ، كۆپ چېكىتنى سۆيۈپ قالىدۇ.
مەن قەلبىمدە غەليان كۆتۈرگەن كۆپ چېكىتلىرىمنى ئەنە ئاشۇنداق قويۇپ ماڭىمەن، كۆپ چېكىت ئىچىدە كۈرەش قىلىۋاتقان سوئال - جاۋابلىرىمغا خاتىرەمدە تېنىپ ماڭىمەن. كۆپ چېكىتلىرىم ئارىسىدىن بىر قەلىبنىڭ ھېكايىسىنى ئېتىپ قالىمەن. ئۇ ھېكايە مېنىڭ ئەمەس، سېنىڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەس، پەقەت شۇ كۆپ چېكىتنىڭ...

شىلدىر، شىلدىر..


شىلدىر، شىلدىر... تىللا تەڭگە تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈۋاتقان غازاڭلارنىڭ ئاۋازى مېنى ئەسىر قىلغان شۇ پەيتتە ئىككىمىزنىڭ ئەسلىمىسى سىڭگەن كۆل بويىدا ئولتۇراتتىم. سەن شۇ كۈنى، يەنى قەلبىمدە ئۆچمەس كۈي ياڭراتقان شۇ كۈنى قولۇڭدا بىر تال يۈرەك شەكىللىك قىزغۇچ يوپۇرماقنى پىلدىرلاتقىنىڭچە ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ. مەن ساڭا قارىمىغان بولساممۇ سەزگەن ئىدىم. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم... سەن يېنىمغا كەلگىلىۋاتاتتىڭ. ئەتراپ جىمجىت، ئانچىكى چىقىۋاتقان شامالدا مەجنۇنتاللارنىڭ شىۋىرلىغان ئاۋازى بىلەن يەردىكى غازاڭلارنىڭ شىرىقلىغان ئاۋازى قېتىلىپ مېنى ھاياجانلاندۇراتتى. سەن مەندىن ئون قەدەم نېرىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇردۇڭ. مەن يەردىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ساڭا قارىدىم. سەن يېنىڭدىكى ئورۇندۇقنىڭ بوش ئورنىغا قاراپ قويۇپ ماڭا تەلمۈردىڭ. بۇ كۆزلىرىڭ ئارقىلىق مېنى يېنىڭغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغىنىڭ ئىدى. مەن يەنەيەرگە قارىۋالدىم. ئايىغىم ئاستىدىكى يوپۇرماقلارغا ‹‹ئېغىزىدا دېيەلمەيدىغاندەك... نېمە ھاكاۋۇرلۇق بۇنىڭغا، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرسا بولمامدىكىنا؟›› دەپ پىچىرلىدىم. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئاشۇ ‹‹ھاكاۋۇر››لىقىڭنى ياقتۇراتتىم. مەن يەرگە قاراپ تۇرساممۇ، كۆڭۈل كۆزلىرىم سەندە ئىدى. بىراق سەن ماڭا قارىماستىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ھالقا چىقىرىپ چېكىشكە باشلىدىڭ. ‹‹ئەجەبمۇ چەكتى...›› ئىچىم پۇشتى. كۆل سۈيىگە چىلىشىپ تۇرغان مەجنۇنتاللارنىڭ ئىنچىكە شاخلىرىدىن ئەگىپ چۈشكەن يۇپۇرماقلار سۇ يۈزىدە شۇنداق گۈزەل كۆرۈنەتتى. بۇ گۈزەللىككە پەرۋايىڭ پەلەكتەك بايا يېنىمىزدىن قولتۇقلىشىپ ئۆتكەن تويى بولۇۋاتقان بىر جۈپ قىز – يىگىتكە قارايتتىڭ. مەنمۇ نەزەرىڭگە ئەگەشتىم. قىزنىڭ نازۇك قامىتىگە ياراشقان ئاپئاق توي كۆڭلىكى خۇددى ساداقەت نۇرىغا پۈرگەنگەن پەرىشتە قانىتىدەك لەرزان يەلپۈنەتتى. ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ پارلاق كەلگۈسىگە باشلاپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ ئاق كاستۇم – بۇرۇلكىسى، پارقىراق بەتىنكىسى تولىمۇ ياراشقانىدى. مەن ئۆزۈمگە قايتىشقا ئۈلگۈرەلمەي تۇرۇپ كۆزلىرىڭنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. سەن ماڭا تىكىلەتتىڭ، مەن ساڭا. نىگاھلىرىمىز قېنىشماي قارىشىۋاتقان ئاشۇ پەيتتە نەدىندۇر تۇيۇقسىز ناغرا – سۇناي ساداسى ياڭراپ قالدى. سەن بىرسى چاقىراۋاتقاندەك ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ – دە، ماڭا قاراپ – قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدىڭ. ئايىغىم ئاستىدىكى غازاڭلارنىڭ پىسىڭ – پىسىڭ كۈلكىلىرى ئىزتىراپلىق سېغىنىشمنى ئېلىپ ئارقاڭغا چۈشتى. ئاشۇ ۋاقىتتا بىرخىل نازاكەتنىڭ، بىرخىل ئېرىشىشنىڭ، بىرخىل يوقىتىشنىڭ مۇزىكىسى سىڭگەن باغچىدىن نۇرغۇن ئارماننى يۈدۈپ يېنىپ چىققان ئىدىم...
شىلدىر، شىلدىر... ئاشۇ كۈنى ماڭا ئەڭ ئۇزاق ھەم ئەڭ قىسقا تۇيۇلغان بىر كۈن ئىدى. ئاشۇ كۈننى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولارمۇ؟! كۆل بويىدىكى ئىككىمىز كۆزىمىز بىلەن شەرەتلەشكەن ئورۇندۇققا سەپسالدىم. ئورۇندۇققا، ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا، ئورۇندۇقنىڭ تۆۋىنىدىكى سۇغا چۈشكەن غازاڭلار شۇنداق سوغۇق. ئىككىمىزگە مەستلىكى كېلىپ سۈرەتكە تارتىپ قويغان ھېلىقى چەت ئەللىك زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ مۇنداق تۇرۇڭلار دەپ ئىشارەت قىلىپ ئىككىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ قويغاندا رىشتىمىز تۇتىشىپ كەتكەن ئىكەن. شۇ كۈنى مەن قىپقىزىل كۆڭلىكىمنىڭ كەڭ ئېتىكىگە يوشۇرۇپ ئەكەلگەن بىر تال ئەتىرگۈلنى ساڭا سۇنغان ئىدىم. سەن گۈلنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ‹‹بۇ گۈلنى ئەسلىي مەن سوۋغا قىلسام بولاتتى›› دېگەچ، ئۇنى يۈرىكىمنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ قويغان ئىدىڭ. بىلەمسەن، مەن ئاشۇ گۈلنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئاشۇ گۈلنى ئاينىتىپ ياشىغۇچى تۇرۇپ، نېمىشقا مەيۈسلۈك قاپلىغان بۇ كۆل بويىغا كېلىپ ئولتۇردۇم؟ زادى نېمىشقا؟ بايىلا بىر دوستۇڭنىڭ ‹‹ئۇ ئاققا ئۆگىنىپ قاپتۇ، شۇڭا سىزنى ئازابلىماسلىق ئۈچۈن سىزدىن يىراقلاشتى›› دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، ئېقىۋاتقان ياشلىرىمنىڭ ھەربىر تامچىسىدا سېنى ‹‹ئەسكى›› دەپ تىللىساممۇ دەردىم چىقماي بۇ يەرگە كەلگەنىدىم. مەنغۇ يىغلارمەن، سېنى ياخشى كۆرىدىغان، سېنى ھۆرمەتلەيدىغان، سېنى قەدىرلەيدىغان، سېنى ۋاي دەپ بېشىدا كۆتۈرۈپ ئەللەيلىتىدىغان ئاتا – ئاناڭ، دوست – بۇرادەر، ساۋاقداش ۋە قۇلۇم – قوشنىلىرىڭ نېمە دەر؟ نەزەرىدىكى ئوڭلۇق يىگىتنىڭ ئاشۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرگىنىنى كۆتۈرەلەرمۇ؟! قوبۇل قىلالارمۇ؟! ئاھ، تەقدىر دەپ يىغلىغاندا، ياق – ياق دەپ يەرگە قاتتىق – قاتتىق تەپكەندە، سېنىڭ بۇ نىجىسنى ھامىنى بىر كۈنى تاشلىيالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنەلەرمۇ؟!...
شىلدىر، شىلدىر... قۇلاق تۈۋىمدە ‹‹مەن ماڭا ساختا ئىچ ئاغرىتىدىغان، ساختا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئادەملەرگە ئۆچ. ئۇلار مېنى مۇشۇ يولغا باشلىغان. ئۇلار مېنىڭ ئۈچۈن ۋايىم يېمەي، ئۆزلىرىگە ئىنساب تىلىسۇن›› دېگەن گەپلىرىڭ ياڭرىماقتا. مەن قايمۇقماقتىمەن، غازاڭنىڭ شىلدىرلىغان ئاشۇ ئاۋازىغا سىڭگەن ئۆتمۈشتىكى كۈنلەرنى ئەسلىمەكتىمەن. سېنىڭ غالىبلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىڭ مېنى ئۈمىدلەندۈرمەكتە. ‹‹سەن قەلبىمدە مەڭگۈ مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم›› دەپ ۋارقىراشقا تىرىشماقتىمەن. قېنى قولۇڭنى بەر! ئەتەڭ ئۈچۈن، كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن، ئاشۇ نىجىسنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەمدەملىككە تەييارمەن! قوللىرىڭنى چىڭڭىدە تۇتۇپ ھېلىقى تويى بولغان قىز – يىگىتتەك داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەييارمەن! قېنى كەلگىن! مەن ئاشۇ باغچىدا، غازاڭلارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدە، مەجنۇنتاللارنىڭ كۆل سۈيىگە ساڭگىلاپ تۇرغان مۇلايىملىقىدا سېنى كۈتۈۋاتىمەن...


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-15 23:18:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت نۇسقىسىنى ئۆزگەرتىپ قويسا بولغىدەك ،مەندە نورمال كۈرۈنمىدى.

     مۇنىرەنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت، ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەمگۈل بارات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 00:08  


ۋاقتى: 2013-3-15 23:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرەگە مۇبارەك بولسۇن. ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-3-16 00:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرەنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-3-16 00:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەپ قويساممۇ يەنە شۇنداققۇ؟!!
باشقا باشقۇرغۇچىلارمۇ سىناپ بېقىڭلار، مەن ئۈچ نۆۋەت قايتا - قايتا تەھرىرلىسەممۇ خەت نۇسقىسىنى تونىمايۋاتىدۇ....


ۋاقتى: 2013-3-16 00:25:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى كۆرۈپ بېقىڭلار .نورمال بولغانمىكىن ....



ۋاقتى: 2013-3-16 00:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىرەنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق ، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن . نەسىرلىرىڭىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن .ھەربىر نەسىرىڭىزنىڭ قۇرلىرىغا ئىچكى ھىسىياتىڭىز زىچ سىڭىشىپ كەتكەن .

ۋاقتى: 2013-3-16 00:26:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 00:25
ئەمدى كۆرۈپ بېقىڭلار .نورمال بولغانمىكىن ....

شۇنداق ،ئەمدى نورمال كۈرۈندى . جاپا چەكتىڭىز ئۇكام .

ۋاقتى: 2013-3-16 00:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھازىر بىر تەھرىرلەپ چىقتىم بەت ھالىتى ۋە خەت نۇسقىسىنى.


مۇنىرە مەن چىن دىلىمدىن قايىل بولغان سەمىمىي ياش ئايال ئاپتۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى سەمىمىيلىك، سۈزۈك قەلىبنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇنىڭ بىر - بىرىدىن سەمىمىي نەسىرلىرىنى كۆرسەم كەيپىياتىم ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئائىلىسىگە چىن دىلىمدىن ئىزگۈلۈك تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-3-16 00:50:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرىمەن ،
يازغان نەسىرلىرى ئۆزىگە ئوخشاش مۇلايىم ھەم يىقىملىق ...

ۋاقتى: 2013-3-16 00:51:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ھەدە! سىزنىڭ سەمىمىي ۋە چىن، ئۈمىدكە تولغان تېنىمسىز ھالتىڭىزىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن.  

ۋاقتى: 2013-3-16 00:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا مۇنىرە،يېڭى-يېڭى ئەسەرلەر ئۈچۈن ئالغا...

ھە راسىت ئىللىق ئائىلىڭىزگە مۇبارەك بولسۈن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 00:33  


ۋاقتى: 2013-3-16 01:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-3-16 01:41:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق سىڭلىم مۇنىرەنىڭ يېقىشلىك نەسىرلىرىنى ئوقۇشقا خۇشتارمەن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە، تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت،ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-3-16 08:04:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەبدەبىلىك سۆز ئىبارىلەردىن خالىي ،سەمىيمىلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان موشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇش نەقەدەر ھوزۇر –ھە ! مۇنىرە قىرىندىشىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاللاھدىن ئۇنىڭغا يەنىمۇ بەخت ۋە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش